Wikipedia:Tor Jamiyeti: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

ئورنى Wikipedia
Content deleted Content added
ئازراقلا ←‏تەرجىمە
152 -قۇر: 152 -قۇر:


==تەرجىمە==
==تەرجىمە==
ۋىكىپېدىيە بىزدىن بەزى نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلشىمىزنى تەلەپ قىلدۇ،
ۋىكىپېدىيە بىزدىن بەزى نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلشىمىزنى تەلەپ قىلدۇ، <big><big>'''بىزگە ياردەملىشىپ تەرجىمە قىلىپ بىرىڭ'''</big></big> دەپ چىققان يەرنى ئاچساق تەرجىمە قىلشىمىز لازىم بولغان بەتلار چىقىدۇ، بۇلارنى تەرجىە قىلغاندا ئەگەر كومپىيوتېر ۋە تورغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تەرجىمە قىلغاندا مىكروسوفىتنىڭ تىل لوغىتىنى ئاساس قىلساق.
'''بىزگە ياردەملىشىپ تەرجىمە قىلىپ بىرىڭ'''دەپ چىققان يەرنى ئاچساق تەرجىمە قىلشىمىز لازىم بولغان بەتلار چىقىدۇ، بۇلارنى تەرجىە قىلغاندا ئەگەر كومپىيوتېر ۋە تورغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تەرجىمە قىلغاندا مىكروسوفىتنىڭ تىل لوغىتىنى ئاساس قىلساق.


https://www.microsoft.com/Language/en-us/default.aspx
https://www.microsoft.com/Language/en-us/default.aspx

14:01, 13 فېۋرال 2014 تۈزەتكەن نەشرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيە تور جەمئىيىتىگە خۇش كېلىپسىز. بۇ يەردە ۋىكىپېدىيەگە نىسپەتەن ھەر قانداق تەكلىپ، پىكىر، سۇئاللىرىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ. نۆۋەتتە بار بولغان ئەزالارمۇ ئورتاق مۇنازىرىلەرنى بۇ يەردە ئېلىپ بارساق بولىدۇ. مەلۇم تېمىغا خاس مۇنازىرىنى شۇ تېمىنىڭ مۇنازىرە بېتىدە ياكى بۇ يەردە ئېلىپ بارساقمۇ بولىدۇ.


دىققەت قىلىدىغان ئۈچ نۇقتا بار:

  1. كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، سۇئال ياكى جاۋابىڭىزنىڭ ئاخىرىغا توت دانە دولقۇنسىمان بەلگە (~~~~) قويۇشنى ئۇنتىماڭ. بەت ساقلانغاندىن كېيىن بۇ بەلگە ئاپتوماتىك ھالدا سىزنىڭ ئىمزايىڭىز ۋە چىسلاغا ئۆزگىرىدۇ.
  2. ئەگەر سىز مەلۇم بىر سۇئالغا جاۋاپ بەرمەكچى بولسىڭىز شۇ سۇئال بار بولغان ئابزاسنىڭ ئاخىرىدىكى «تەھرىر» ئۇلىنىشىنى بېسىپ ئابزاس تەھرىرىگە كىرىڭ. تەھرىرلەش رامكىسىدا پەقەت شۇ سۇئالغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلا كۆرۈنىدۇ، تەھرىرلىشىڭىز ئاسان بولىدۇ. ئەگەر بەت ئۈستىدىكى «تەھرىر» ئۇلىنىشىدىن كىرسىڭىز، تەھرىرلەش رامكىسىدا بارلىق مەزمۇن كۆرۈنۈپ، تەھرىرلەش ئاۋارىچىلىق بولىدۇ.
  3. ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەكچى بولسىڭىز قۇرنىڭ بېشىغا قوش چېكىت بەلگىسى (:) دىن بىرنى ئارتۇق قوشۇڭ، ئالدىدىكى سۇئال ياكى جاۋاپنىڭ قۇر بېشىدا (:) بەلگىسى بولمىسا بىرنى قويۇڭ؛ ئەسلىدە بىرسى بولسا ئىككىنى قويۇڭ؛ ئەسلىدە ئىككىسى بولسا ئۈچنى قويۇڭ. شۇ بويىچە كۆپەيتىپ ماڭسىڭىز بولىدۇ.


سۇئال ياكى تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىز بولسا قېنى بۇ يەردىن باشلاڭ

كونا ئارخىپلار: < 2013- يىلىدىن بۇرۇنقى مەزمۇنلار >

بارلىق ئەزالارغا تەكلىپ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيەدىكى بارلىق ئەزالار. ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيەدە گەرچە ئەزالار ئاز بولسىمۇ، شۇ ئاز ئەزالارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئاكتىپ ئەزالىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيە تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى. ۋەتەندە بۇ تور ئېچىلماس بولۇپ قالغاندىن بېرى بەزى ئەزالار بۇ تورغا دائىم كىرەلمەي قالدى ۋە بۇ تورنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ يەنە بەزى ئەزالىرىمىز تام ئاتلاپ، بەزىلىرىمىز ئىشىمىزنى تاشلاپ، بۇ يەردە كېلىپ تۇرىۋاتىمىز. مەن ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيەنىڭ تەرەققياتىغا كۈچ قوشقان بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى بارلىق ئەزالارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم، ئىلگىرى ئاساسەن پارتىزانلارچە، ھەممىمىز ئۆز ئالدىمىزغا ئىش قىلدۇق. بەزى ئەمگەكلىرىمىز قايتىلىنىپ كەتتى، بەزى ئەمگەكلىرىمىز ئېتىبارسىز قالدى. بەزى پايدىلىق ياكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى بىر قىسىملىرىمىز بىلگەن بولساق، يەنە بىر قىسىملىرىمىز بىلمىدۇق. ۋىكى نەشرىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بەزى ئىقتىدارلار شاللىنىپ قالدى، بەزى ئىقتىدارلاردا ئۆزگىرىش بولدى، ۋە بەزى يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى. بىر ئۇچۇرنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ۋە ياكى بىرەر سۇئال سوراش ئۈچۈن، ھەممە ئەزالارنىڭ مۇنازىرە بېتىگە بېرىشكە توغرا كەلدى. باشقا تىلدىكى ۋىكىلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق، ئىش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقۇرى. گەرچە بىزدە ئەزالار ئاز، باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، پىلانلىق، تەرتىپلىك ئىش قىلساق، ئىش ئۈنۈمىمىزنىڭ ئېشىشىدا گەپ يوق. شۇڭا بۇ يەردە مەن بەزىبىر ئويلىغانلىرىمنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچى.

  1. «ئىجتىمائىي رايون» (ئورنى باش بەت ئۇلىنىشنىڭ ئاستىدىلا 2-ئۇلىنىش) يەنى بۇ بەتتە ۋىكىپېدىيە توغرىلىق سۇئال-جاۋاپ، تەكلىپ-پىكىر، ئۆز-ئارا مۇنازىرە، ۋە كېيىنكى پىلانلارنى ئېلىپ بارساق. (مەن ئىلگىرىكى سۇئال-جاۋاپلارنىڭ ھەممىنى كونا ئارخىپلارغا يۆتكەپ قويدۇم، باشقا تىللاردا ئادەتتە بىر ئايدا بىر قېتىم ئارخىپلاشتۇرىدۇ. ھازىرچە بىزدە ئۇنچىلىك جىق ئۇچۇرمۇ يوق، بىز ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بۇ يەردىكى مەزمۇنلار كۆپىيىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە يەنە ئارخىپلاشتۇرساق بولىدۇ.)
  2. «نۆۋەتتىكى ھادىسە» (ئورنى 3-ئۇلىنىش) بۇ بەتتە بىز يېقىندا كىرگۈزمەكچى ياكى قىلماقچى بولغان مەزمۇنلىرىمىزنىڭ تىزىملىگىنى چىقىرىپ قويساق، شۇنىڭغا قاراپ، پىلان قانچىلىك ئورۇندالدى، يەنە قانچىلىك قالدى دىگەنلەرنى بىلسەك.
  3. ھەر قېتىم ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيەگە كىرگەندە، باش بەت ئۇلىنىشىنىڭ ئاستىدىكى،«ئىجتىمائىي رايون» ۋە «نۆۋەتتىكى ھادىسە» گە كىرىپ تۇرساق. ھىچبولمىسا بۇ بەتنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى بىلىپ تۇرساق.
  4. يېڭىدىن مەزمۇن كىرگۈزگەندە چوقۇم ئابزاسلارغا بولۈپ كىرگۈزسەك، (ئادەتتە بەتنىڭ تېمىسى ئاپتوماتىك ھالدا بىرىنچى دەرىجىلىك تېما بولىدۇ.) مەزمۇننىڭ ئىچىدىكى چوڭراق تېما بولسا ئىككى دانە تەڭلىك بەلگىسى == نىڭ ئارىسىغا، ئۇنىڭدىن كىچىكرەك تارماق تېما بولسا ئۈچ دانە === نىڭ ئارىسىغا ئېىلىپ تۇرۇپ كىرگۈزسەك. بۇنداق بولغاندا، بەتمۇ رەتلىك، مۇندەرىجە بىلەن كۆرۈنىدۇ. كېيىن تەھرىرلىمەكچى بولغانلار، شۇ ئابزاس ياكى بۆلەكنىلا تەھرىرلىيەلەيدۇ.
  5. ئەسلىدە بار مەزمۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسەك، ۋە ياكى يېڭىدىن مەزمۇن كىرگۈزسەك چوقۇم مەزمۇننىڭ (بەلكىم بىر ئابزاس، بەلكىم بىر جۈملە) كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالمىساق. (مەنبە بېرىش ئۇسۇلىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)
  6. بەتلەرگە مۇۋاپىق قېلىپ، ئۇسلۇپلارنى ياسىساق ۋە ئىشلەتسەك. بەتلەر كۆپىنچە تونۇشتۇرۇش ياكى چۈشەندۈرۈش شەكلىدە (مەسىلەن: مەلۇم بىر شەخسنى تونۇشتۇرۇش، مەلۇم دۆلەت ياكى ئورۇننى تونۇشتۇرۇش، مەلۇم ناخشا پىلاستىنكىسىنى تونۇشتۇرۇش،مەلۇم بىر خىل ئۆسۈملۈكنى ياكى ھايۋاننى تونۇشتۇرۇش .... ۋەھاكازالار ) ياكى خەۋەر شەكلىدە (مەلۇم بىر ئىشنى ياكى ۋەقەلىكنى خەۋەر قىلىش) ۋە ياكى باشقىچە شەكىللەردە مەۋجۇت. بىز بۇنىڭدىكى ئورتاقلىققا ئىگە بولغان مەزمۇنلارغا ئورتاق قېلىپ ئىشلىتىشىمىز كېرەكمۇ يوق؟ كېرەك بولسا قانداق قىلىمىز؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇزاكىرىلەشسەك بولىدۇ. بۇمۇ بەك مۇھىم ئىشنىڭ بىرسى. بۇلارنى قېلىپلاشتۇرغاندا، ئوخشاش تۈردىكى بەتلەرنىڭ ئۇسلۇبى، تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، ھەر خىل ئىستاتىستىكا قىلىنىشلار ئاسانغا توختايدۇ. (مەسىلەن: مەلۇم بىر شەخسنى مىسالغا ئالساق، رەسىمى، تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ئورنى، ۋاپات بولغان ۋاقتى ۋە ئورنى، مىللىتى، بىلىدىغان تىللىرى، ياشىغان جايلىرى، قىلغان ئىشلىرى، ئۇرۇق تۇققانلىرى، .... قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى مۇمكىن. بۇنىڭدىكى قايسى مەزمۇننى قايسى ئورۇنغا قويۇشنى قېلىپ ئارقىلىق قىلساق. يەنە بۇلارنى ئاپتوماتىك ئىستاتىستىكا قىلدۇرغاندا، شۇ ئوخشاش مەزگىلدە يەنە كىملەر تۇغۇلغان ياكى ۋاپات بولغان، ياكى ئوخشاش ئورۇندا نېمە ئىشلار بولغان .... قاتارلىق نۇرغۇن بىلىملەردىن تەڭ كۆرۈپ پايدىلىنالايمىز)

قېلىپ شەكلى

ئەگەر مەلۇم قېلىپ كۆپچىلىكنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە، ۋە مەلۇم تۈردىكى ماقالىلاردا پايدىلىنىلسا، كېيىنكى كىرگۈزگۈچىلەرمۇ شۇ تۈردىكى ماقالىلارنى كىرگۈزگەندە شۇ خىل قېلىپنى ئىشلەتسە، ۋە ئۇسلۇپنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلىسا. مەن دائىم ئىنگلىز تىلىدىكى ۋىكىدىن مەزمۇنلارنى كۆرىمەن. بۇلارنىڭ بېتىدىكى ئۇسلۇپ بىردەكلىكى ۋە ئىزچىللىقى ئىنتايىن يۇقۇرى، قېلىپلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بۇرۇنقىلار ئۆز ئىشىدىن خاتىرە قالدۇرغان (يەنى ياردەم، مۇنازىرىلەر بەك ئېنىق) ۋە يېڭى كىرگۈزگۈچىلەر بۇرۇنقىلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان. ھەتتا ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بەزى مەزمۇنلارنى مىسالغا ئالساقمۇ، مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتكەن ھالدا، ئىنتايىن تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرۇلغان. 100 ئادەم تەھرىرلىگەن بەت، خۇددى بىر ئادەم قىلغاندەكلا شۇنچىلىك رەتلىك، ھەممە نەرسىلەر ئۆز جايىدا.

مېنىڭ تەۋسىيە قىلدىغان قېلىپ شەكىللىرىم تۆۋەندىكچە:

دۆلەت

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


دۆلەت ئىسمى
دۆلەت گىمىنى
پايتەختى [[ ]]
ئەڭ چوڭ شەھرى [[]]
رەسمى تىلى [[]]
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى جۇمھۇرىيەت
رەئىس جۇمھۇر [[]]
باش مىنىستىر [[]]
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى [[]]
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى

خەرىتەدىكى ئورنى دۆلەت بايرىقى

تەۋسىيە قىلغان شەكلىم--Aturantekin 12:58, 12 فېۋرال 2014 (UTC)

مىللەت

كىشى

كىشى ياكى كىشىلەر دەپ ئىشلىتەيلى، شەخىس(ئەرەپچە، فارىسچە) دېگەننى چىقىرۋىتەيلى.

دۆلەت، مىللەت، كىشى .... قاتارلىقلارنى بىزمۇ ئىنگلىزچە ۋىكىگە ئوخشاش قىلساق قانداق بولار؟ قارىسام، خەنچە قاتارلىق نۇرغۇن تىللار شۇنى ئوخشاش قوللىنىپتۇ. مەسىلەن: w:en:Module:Infobox ۋە w:en:Template:Infobox دىن پايدىلىنىپ، بارلىق دۆلەت، كىشى .... قاتارلىقلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ چىقىرىپتۇ. بۇنىڭ ئالاھىدىلىگى كەلگۈسىدىكى يېڭىچە بىر خىل بەتكىمۇ خالىغانچە ماس كەلتۈرۈپ كېڭەيتكىلى بولىدىكەن. سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار. بۇ بەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قېلىپنىڭ كېڭەيتىلمىسى w:en:Special:WhatLinksHere/Template:Infobox سىلەرچە قانداق؟ --Oyunqi (سۆزلىشىش) 00:18, 13 فېۋرال 2014 (UTC)[جاۋاب]

ھوقۇق ئىلتىماسى

ھەر خىل ھوقۇق ئىلتىماسى (مەسىلەن، باشقۇرغۇچى، كىرگۈزگۈچى، ماشىنا ئادەم .... ) ئۇچۇرلىرىنىمۇ بۇ يەردە تارقاتساق. سايلام باشقا بەتلەردە ئېلىپ بېرىلسىمۇ، شۇنداق سايلامنىڭ بولىنىۋاتقانلىقى، ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى بۇ يەردە بەرسەك ۋە ھەممەيلەن خەۋەردار بولۇپ تۇرساق. شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئۇچۇرنى بۇ يەردە تارقاتساق.

قوللايمەن--Aturantekin 13:14, 11 فېۋرال 2014 (UTC)

بەت ئۇسلۇبى

بەتنىڭ ئۇسلۇبىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۇسلۇب بېتىدىلا ئۆزگەرتسەك. بەتنىڭ مەزمۇن ئىچىگە، قالايمىقان ئۇسلۇپ كودلىرىنى قوشمىساق.

قوللايمەن--Aturantekin 13:14, 11 فېۋرال 2014 (UTC)

ئۇيغۇرچە ياردەم بېتى

ئۇيغۇرچە ياردەم بېتىنى چوقۇم ياسىساق، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەزالار ئۈچۈن ۋە ئۇيغۇرچە بەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيەگە خاس بىر ياردەم بەتلىرنى ياساپ كېڭەيتسەك.

بۇنىڭ خىزمەت تاقسىماتىنى قىلايلى، مەن ئۆزۇمنىڭ زىممىسگە چۈشكەننى قىلىشقا تەييار.--Aturantekin 13:08, 11 فېۋرال 2014 (UTC)
ۋىكىپىدىيەنى ئىشلىتىش داۋامىدا بايقىغان ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا يوللاپ تۇرساق. --بىلگە (سۆزلىشىش) 18:02, 12 فېۋرال 2014 (UTC)[جاۋاب]
بەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ياردەمگە ئايرىم بەت ياسىلىپ ياردەملەر شۇ يەرگە يىغىلدى.--بىلگە (سۆزلىشىش) 18:48, 12 فېۋرال 2014 (UTC)[جاۋاب]
بولىدۇ، خىزمەتنى تەقسىملەپ تەڭ قىلايلى. ياردەمنى بىر يەرگە يىغىپ ئەكەلگىنىڭىز ياخشى بولدى، جاپا چەكتىڭىز. يېڭىدىن ياسايدىغان ياردەم بېتىنىڭ تېمىسىغا «ياردەم: » دېگەن گەپنى قوشۇپ قويايلى، بۇنداق بولغاندا بىرلا بۇيرۇق {{Special:AllPages/Help:}} بىلەن بۇلارنى بىراقلا چاقىرىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن:

--Oyunqi (سۆزلىشىش) 01:06, 13 فېۋرال 2014 (UTC)[جاۋاب]

تۈرلەر ۋە تەڭشەش

ھازىرغىچە كۆپلىگەن تۈرلەرنى قاتتىم، لىكىن بۇلارنىڭ كۆپى خەنچىدىن ئەكەلگەن، بولسا تۈرلەرنى ئاددىيلاشتۇرساق بولىدىغان ئوخشايدۇ. بولمىسا يوللايدىغان مەزمۇننى قەيەرگە يوللاشنى بىلەلمەي قىلىشىمىز مۇمكىن.--بىلگە (سۆزلىشىش) 19:02, 12 فېۋرال 2014 (UTC)[جاۋاب]

جىق كۈچ چىقاردىڭىز. مەن تېخى بۇ تۈرلەرنى قايسى بىر كىتاپتىن پايدىلىنىپ كىرگۈزىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن دەسلەپتە. بۇ تۈرلەر ئۇيغۇرچىغا ماس كېلىشىمۇ مۇمكىن، بىراق ھازىرچە بىزدە كۆپ مەزمۇن يوق. شۇڭا قالغاننى ئەمەلىي مەزمۇنغا قاراپ تۈرلەرگە بۆلەرمىز. مەخسۇس تۈرگە ئايرىش قائىدىسى بار ئىكەن، بىراق مەن تەپسىلاتىنى كۆرۈپ باقمىدىم. --Oyunqi (سۆزلىشىش) 01:11, 13 فېۋرال 2014 (UTC)[جاۋاب]
ئۆزبەكچە ۋىكىگە قارىسام، تۈرلەرنى بەك كۆپ قىلماپتۇ، مەزمۇننى كۆپ قىلىپتۇ. بىر قىسىم تۈرلەرنى تەڭشەپ، ئازايتىپ قىلساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.--بىلگە (سۆزلىشىش) 03:04, 13 فېۋرال 2014 (UTC)[جاۋاب]

قېلىپ، ئۇسلۇپ، مودېل

قېلىپ، ئۇسلۇپ، مودېل قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانساق. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا سەل يۇقۇرى سەۋىيە كېتىدۇ. لېكىن ھەممەيلەن بۇنىڭغا تەكلىپ-پىكىر بېرەلەيمىز مېنىڭچە.

يېزىق شەكلى

نۆۋەتتە قازاقچە، ئۆزبەكچە، خەنزۇچە قاتارلىق تىللار دۆلەت، رايون بويىچە، يېزىق شەكلى بويىچە تۈرلەرگە بۆلۈنگەن ھەم بۇ يېزىق شەكلى بويىچە ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان. ئۇيغۇرچە بەتنىمۇ شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇيغۇرچە يېزىق قايسى رايونلاردا قايسى خىل شەكلىدە مەۋجۇت. بۇنى قانداق قىلىمىز، مەسلىھەتلەشسەك بولىدۇ. بۇنىڭ ئوچۇق كودىنىمۇ كۆرۈپ باقتىم. مۇرەككەپچىلىك يوقكەن. ئەگەر قوشۇش زۆرۈر بولسا، ئۇلارغا ئىلتىماس سۇنۇشتىن بۇرۇن قايسى خىل يېزىق، رايونلارنى قوشىمىز، ئۆزىمىز چوقۇم ئوبدان مۇنازىرىلىشىشىمىز كېرەك. بولمىسا ئەينى يىللاردا يۇنىكود جەدۋىلىگە ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئۈچۈن كود ئىلتىماس قىلغاندا، ھەرپ چۈشۈپ قالغاندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ. چوقۇم ئالدىن ياخشى ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك.

ئورتا ئاسيادا كىرىل يېزىقى قوللىندۇ، قالغان جايلار ئاساسەن كونا يېزىقنى ئىشلىتدۇ، كومپىيوتېر يېزىقىنى كونا يېزىق بىئەپ بولغان ئەھۋالدا ئىشلىتىۋاتمىز، بۇنىڭغا ئورتا ئاسيادىكى قېرىنداشلىرمىزنىڭ پىكىرى قانداقتۇ؟--Aturantekin 13:05, 11 فېۋرال 2014 (UTC)

مەن ئۆزبەكچە، قازاقچە كودىنى كۆردۈم، بولۇپمۇ قازاقچىنىڭ بەتنىڭ ئاساسى سىلاۋيەنچە، يېزىق تاللاشتىن لاتىنچە، ئەرەپچە ئاساسىدىكى يېزىق بويىچە كۆرۈنىدىكەن. قازاقچە بەت بىلگە (سۆزلىشىش) 15:58, 11 فېۋرال 2014 (UTC)[جاۋاب]

ئۆزبەكچىسىمۇ شۇنداق ئىكەن، لاتىنچە، سىلاۋيانچە، سىلاۋيان/لاتىن دەپ ئايرىلىدىكەن. --بىلگە (سۆزلىشىش) 18:20, 12 فېۋرال 2014 (UTC)[جاۋاب]

ئۇنداقتا بىز كونا يېزىقنى ئاساس قىلساق ياخشى بولغۇدەك، چۈنكى كونە يېزىقنىڭ ئملاسى تۇرالىق، ھەم نۇرغۇن ماتېرياللارنى تاپقىلى بولىدۇ.--Aturantekin 12:53, 12 فېۋرال 2014 (UTC)

شۇنداق قىلايلى، كونا يېزىق بويىچە قىلايلى.--بىلگە (سۆزلىشىش) 18:18, 12 فېۋرال 2014 (UTC)[جاۋاب]
مېنىڭچىمۇ كونا يېزىقنى ئاساس قىلساق توغرا بولىدۇ دەپ قارايمەن. ئۇندىن باشقا قازاقچىسىغا قارىساڭلار يېزىق بويىچە ئايرىلغاندىن سىرت، رايون بويىچىمۇ ئايرىلغان. خەنچىدىمۇ شۇنداق. ئۇيغۇرچىنى ۋەتەن ئىچىدە كونا يېزىقنى ئاساس قىلىمىز، ئىمكان بولمىغاندا ULY ئىشلىتىمىز. ئۇنىڭمۇ ھازىر ئىككى خىل شەكلى مەۋجۇت. دەسلەپ «ئې» نى é بىلەن ئىپادىلىگەن بولسا، كېيىن تىل يېزىق كومىتىدىكىلەر قېلىپلاشتۇرغاندا «ئې» نى ë بىلەن ئىپادىلىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، ۋەتەن سىرتىدا ھەر خىل شەكىلدە مەۋجۇت. مەسىلەن: ياۋروپا تور كۈتۈپخانىلىرىنىڭ (لاتىنچە) ئۇيغۇرچىسى ھازىرقى ULY بىلەن ئازراق پەرق قىلىدۇ. قازاقىستاندا سىرىلچە (كىرىلچە) ئىشلەتكەندىن سىرت، لاتىنچىمۇ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر ئاۋازى تورى. بۇ لاتىنچىنىڭ بەزى ھەرپلىرى تۈركچىدىكى ھەرپلەرگە، بەزىلىرى يېڭى يېزىققىمۇ ئوخشاپ قالىدىكەن. بۇ يەردە گوللاندىيىدىن تارقىتىلغان «بۇ دۇنيا» نامىدىكى بىر CD پىلاستىنكىسى بار. بۇلار ئىشلەتكەن لاتىنچە يەنە ئوخشاپ كەتمەيدىكەن. «ش»، «چ» قاتارلىق ھەرپلىرى تۈركچىنىڭ دەل ئەكسىكەن. بۇلارنىڭ قايسىلىرى بىر قەدەر كەڭ قوللىنىلىۋاتقاندۇ؟ --Oyunqi (سۆزلىشىش) 00:41, 13 فېۋرال 2014 (UTC)[جاۋاب]
  • كونا يېزىق بويىچە ئېلىپ بارايلى. باشقا يېزىق ئۆلچىمى بويىچە قىلىش .ئۈچۈن بىرسى ۋىكى سىستېمىسىغا يېزىق ئالماشتۇرغۇچ قوشۇش. يەنە بىرى JS تىن پايدىلىنىپ، ئالماشتۇرۇش. مەن كىيىنكى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ خەنچە ۋىكىپىدىيەگە مۇرەككەپ، ئاددىينى ئالماشتۇرۇش كودىنى قوشۋالغانىدىم. خەنچە ۋىكىدىكى common.js . --بىلگە (سۆزلىشىش) 03:01, 13 فېۋرال 2014 (UTC)[جاۋاب]

ۋىكى ئائىلىسى

ھازىر بىر قانچە خىل ۋىكى ئائىلىسىنىڭ (ۋىكىپېدىيە، ۋىكىلۇغەت ... ) ئۇيغۇرچە نۇسخىسى مەۋجۇت. ئەگەر مەلۇم مەزمۇن مۇشۇ بىر قانچە خىل ۋىكىلاردا تەڭ مەۋجۇت بولسا، مەزمۇن ئىچىگە « ... غىمۇ قاراڭ » دەيدىغان بىر ئۇلىنىش قوشۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ يوق؟ (ئەلۋەتتە بۇنى ئاپتوماتىك ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ)

ئەگەر ئاپتۇماتىك ئىشقا ئاشۇرغىنى بولسا بۇنى قىلايلى، تېخىمۇ قوللىنىشچان بولىدۇ. --Aturantekin 13:01, 11 فېۋرال 2014 (UTC)

ئەمىلىيەتتە ئىشلارنى تۈرلەرگە بۆلسەم، بۇنىڭدىنمۇ جىق بولۇپ كېتىدۇ. مەن ھازىر بۇ تەكلىپنى، بۇ يەردىكى ئەزالار چېچىلىپ كەتمەي، بىر يەرگە يىغىلساق دىگەن مەقسەت بىلەن يازدىم. بىر يەرگە كەلگەندىن كىيىن، بۇ ۋىكىنىڭ كەلگۈسىنى بىرلىكتە بېكىتىپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرسەك بولىدۇ. بۇ ئىشلارنى بىز بېكىتمىسەك ياكى بىر ئورتاقلىق بولمىسا، باشقىلار بىز ئۈچۈن قىلىپ بەرمەيدۇ. قالغان باشقا ئىشلار بىر يەرگە كەلگەندىن كىيىن ئۆزىلا چىقىدۇ.

ۋىكىپېدىيە نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇسلۇق، ئەڭ چوڭ ئەركىن بىلىم ئامبىرى بولۇپ قالدى. كىشىلەر بۇ يەردىكى مەزمۇنلارنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ سۆزلەيدىغان، ماقالىلىرىنى تاماملايدىغان بولدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ نوپۇسىمۇ بۇ يەردىكى مەزمۇنىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالدى. شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ يەرگە كىرگۈزگەن ئۇچۇرىڭىز ھەرگىز زايا بولۇپ كەتمەيدۇ ئاللاھ خالىسا. ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيەنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئۆز ئانا تىلىنى سۆيىدىغان بارلىق قېرىنداشلار، ئەلۋەتتە بۇ ئىشلارنى بىر ئادەم، ياكى بىر قانچە ئادەم قىلىپ كېتەلمەيدۇ. بۇ ئىشلارنى قىلىۋەرسەكمۇ تۈگىمەيدۇ. لېكىن بىز ھەممىمىزنىڭ ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلار ئوتتۇرىسىدا بىلىم، تارىخ يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىمىز بار. بۇلار پەقەتلا مېنىڭ شەخسىي ئويۇم. سىزمۇ ئۆز تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز. ياكى ئۈستىدىكى مەلۇم تۈرگە باشقىچىرەك ئويىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز. ھەممىمىز بىرلىكتە مۇنازىرە ئېلىپ بارساق.

«ئىنساندىن نېمە قالۇر قالغۇسى پەقەت، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مانا شۇ خاتىر» --Oyunqi (سۆزلىشىش) 03:39, 31 يانۋار 2014 (UTC)[جاۋاب]

ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنى بېرىپسىز، ئۈچ يىل بۇرۇن ئۇيغۇرچىسى 80-ئورۇندا تۇراتتى، بۇگۈن قارسام 174-ئورۇنغا چۇشۇپ قاپتۇ. سان ۋەياكى سۇپەت جەھەتتىن بىراز كۆپەيتمىسەك ياخشى بولمىغۇدەك. "يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس، دېڭى چىقسا چېڭى" دەپتىكەن، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ بەزى نەرسىلەرنى قىلايلى. --Aturantekin 12:57, 11 فېۋرال 2014 (UTC)
مەن ھازىر ئاساسلىقى تۈرلەرنى تەڭشەۋاتىمەن، خەنچە بەتتىكى تۈر بويىچە تۈرلەرنى تەڭشەۋاتىمەن، ئاساسلىق تۈرلەر ئاساسەن تەڭشىلىپ بولدى.--بىلگە (سۆزلىشىش) 16:03, 11 فېۋرال 2014 (UTC)[جاۋاب]

ئورتاق نىشان

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەممەيلەننىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقىپ، بەك ياخشى بولدى. مەن ھەممە ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ چىقتىم. بىلگە، كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىسىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. مەنمۇ بەزى ئويلىغانلىرىمنى شۇ ئابزاسنىڭ ئاخىرىغىلا قوشۇمچە قىلاي --Oyunqi (سۆزلىشىش) 00:03, 13 فېۋرال 2014 (UTC)[جاۋاب]

تەرجىمە

ۋىكىپېدىيە بىزدىن بەزى نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلشىمىزنى تەلەپ قىلدۇ، بىزگە ياردەملىشىپ تەرجىمە قىلىپ بىرىڭ دەپ چىققان يەرنى ئاچساق تەرجىمە قىلشىمىز لازىم بولغان بەتلار چىقىدۇ، بۇلارنى تەرجىە قىلغاندا ئەگەر كومپىيوتېر ۋە تورغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تەرجىمە قىلغاندا مىكروسوفىتنىڭ تىل لوغىتىنى ئاساس قىلساق.

https://www.microsoft.com/Language/en-us/default.aspx

--Aturantekin 13:59, 13 فېۋرال 2014 (UTC)