مۇھەممەترەھىم كېرىمى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

ئورنى Wikipedia
Content deleted Content added
قۇرۇلغان بەت '{{شەخسلەر رامكىسى |ئىسىم-فامىلىسى = مۇھەممەترەھىم كېرىم |رەسىمى = |تۇغۇلغان-ۋاقتى = {{تۇغۇلغ...'
(پەرقى يوق)

03:23, 27 فېۋرال 2014 تۈزەتكەن نەشرى

مۇھەممەترەھىم كېرىمى
مىللىتىئۇيغۇر
خىزمىتىتەرجىمان

مۇھەممەترەھىم كېرىمى شىنجاڭدا پېشقەدەم ئەدەبىي تەرجىمانلارنىڭ بىرى، ئۇ 1928- يىلى 10- ئايدا قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردە ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭدا كادىرلار كۇرسلىرىدا ئوقۇغان. 1950- يىلىدىن تارتىپ قەشقەر جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، سابىق ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك كادىرلار مەكتىپى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. 1961- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. ئۇ ھازىرغا قەدەر «ماركس، ئېنگىلىس، لېنىن، سىتالىن ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش»، «4- ماي دەۋرىدىكى يېڭى ئەدەبىيات» قاتارلىق سىياسىي نەزەرىيەگە ئائىت كىتابلارنى، «ھولمىسنىڭ دېلو رازۋېد قىلىشى»، «ئاللاھنىڭ زېمىنى» قاتارلىق رومانلارنى ۋە يىگىرمە نەچچە پارچە ھېكايە، پوۋېست تەرجىمە قىلغان. «يۇنان ئەپسانىلىرى ۋە رىۋايەتلىرى»، «گراف مۇنتې- كرستوف»، «دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كرۇزو»، «گپرىيو بوۋاي»، «ئۇلۇغبەگە خەزىنىسى»، «ئانا»، «چامباشچىلار جاسارىتى»، «باھادىر شاھ لى زىچىڭ(2- قىسىم 3- كىتاب)»، «شياڭزى تۆگە» قاتارلىق رومانلارنىڭ ۋە «بۇلۇتلار خوجىسى»، «يەنئەن ئۇرۇقى»، «شېلىسپىر دراممىلىرىنىڭ ھېكايىلىرى»، «شياڭياڭ ھويلىسى ھەققىدە ھېكايە»، «لياۋ جەي رىۋايەتلىرىدىن تاللانما»، «ئونىنچى ئوق ئىزى»، «ئاز سانلىق مىللەت ئاقىللىرىنىڭ لەتىپىلىرى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئۇ يەنە چوڭ تىپتىكى ئەدەبىي تەرجىمە ژۇرنىلى بولغان «دۇنيا ئەدەبىياتى» نى تەسىس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بىر مەزگىل مەزكۇر ژۇرنالنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مەزگىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمە ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ نەشرىياتتىكى كۆپ ۋاقتى ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ مەسئۇل تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى قىلىش بىلەن ئۆتكەن.

ئۇنىڭ «يەنىلا شۇ كۈز» دېگەن تەرجىمىسى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ 82-، 89- يىللىق مۇنەۋۋەر تەرجىمە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ 1983- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئۇنۋان باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن كاندىدات ئالىي تەرجىمان بولۇپ باھالانغان. ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1991- يىللىق 4- سان