سامسۇڭ گۇرۇھى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

ئورنى Wikipedia
Content deleted Content added
قۇرۇلغان بەت 'قۇرۇلغان ۋاقتى: 1938-يىلى قۇرغۇچى: لى بىيۇڭ-چۇل باش شىركەتنىڭ ئورنى: جەنۇبىي كورىيە سىئۇلدىك...'
(پەرقى يوق)

19:40, 1 مارت 2014 تۈزەتكەن نەشرى

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1938-يىلى

قۇرغۇچى: لى بىيۇڭ-چۇل
باش شىركەتنىڭ ئورنى: جەنۇبىي كورىيە سىئۇلدىكى سىئوچو رايونى
تىجارەت رايونى: پۈتۈن يەر شارى
سانائىتى: ئېلىكتىرون، ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائىتى، پۇل-مۇئامىلە سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار.

ئومۇمىي كاپىتال: 843 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سانى: 257 مىڭ ئادەم (2008-يىلى)

تارماق شىركەتلىرى: سامسۇڭ ئېلىكتىرون شىركىتى، سامسۇڭ مۈلۈك شىركىتى، سامسۇڭ ھاياتلىق شىركىتى، سامسۇڭ SDI شىركىتى، سامسۇڭ SDS شىركىتى، سامسۇڭ ئېغىر سانائىتى، سامسۇڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى، سامسۇڭ كۆرسەتكۈچ ئېكرانى قاتارلىقلار بار.

تور بەت ئادىرسى: www.sumsung.com

بايراقدار تارماق شىركەتلىرى: سامسۇڭ ئېلىكتىرون شىركىتى، سامسۇڭ مۈلۈك شىركىتى، سامسۇڭ ھاياتلىق شىركىتى، سامسۇڭ SDI شىركىتى، سامسۇڭ SDS شىركىتى، سامسۇڭ ئېغىر سانائىتى، سامسۇڭ كۆرسەتكۈچ ئېكرانى، سامسۇڭ تورى، سامسۇڭ ئاكسىيىسى، سامسۇڭ كورنىڭ (Corning) شىركىتى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونلۇق ئەسۋاپلىرى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ شىركەت ئامىرىكا «بايلىق» ژۇرنىلى تەرپىىدىن دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك قاتارىغا تاللانغان.

1996-يىلى يەر شارى بويىچە 5 كۈچلۈك گۇرۇھ قاتارىغا كىرگەن، ھازىر كۆپلىگەن تارماق شىركەتلەرنى ۋە باشقا قانۇنىي ئىگە ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يېقىندا 70 نەچچە دۆلەت ۋە ئورۇندا 300 گە يېقىن قانۇنىي ئىگە ۋە ئىش بېجىرىش ئورنىنى قۇردى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 196 مىڭ ئادەم. نۆۋەتتە جەمئىي 62 تارماق شىركىتى بار، ئومۇمىي كاپىتالى 107 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، خىزمەتچىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 71 مىليون 300 مىڭ كورىيە ۋونى، سامسۇڭ كورىيە ئېكىسپورت قىممىتى 31 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنىڭ %18.1 نى ئىگەللەيدۇ، 2004-يىلى 59 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %20.7 نى ئىگەللىدى. 2003-يىلى كورىيە ھۆكۈمىتى باج ئىشلىرىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشىچە، سامسۇڭ باج پۇلىنىڭ %6.3 نى ئىگەللەيدىكەن. سامسۇڭ شۈبھىسىزكى كورىيەدىكى باشلامچى كارخانا، شۇنداقلا سامسۇڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى كورىيە ئىقتىسادىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2006-يىلى، سامسۇڭ دۇنيا بويىچە 35-ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ، ئەگەر دۆلەتلەر بويىچە تىزسا ئارگىنتىنادىن يوقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇبىي كورىيە ئامېرىكىدا تىزىملاتقان 8782 تۈرلۈك پاتنىتنىڭ ئىچىدە، 3611 تۈرىنى سامسۇڭ ئېلىكتىرونى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ئىگەللىگەن نىسبىتى %40 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. 1999-يىلىدىكى 3 مىليارد 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن، 2006-يىلىدىكى 16 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېشىش جەريانىدا، سامسۇڭ ماركىسىنىڭ قىممىتى بەش ھەسسىدىن كۆپرەك ئۆستى، 2002-يىلى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونىنىڭ بازاردىكى باشلامچىلىق قىممىتى ياپونىيە سونىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى، 4 يىلدىن كېيىن، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كۆتۈرۈلدى؛ 2009-يىلى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونىنىڭ بازاردىكى قىممىتى ئىنتېل (Intel Corporation) دىن ئېشىپ پۈتۈن يەرشارىدىكى بازار قىممىتى ئەڭ چوڭ بولغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقارغۇچىغا ئايلاندى. 2001-يىلنىڭ بېشىدىن 2010-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە، سامسۇڭنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تىجارىتى %355 دىن ئېشىپ كەتتى، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتۈپ، باشلامچى ئىنتېل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بازار ئىگەللەش نىسبىتى %4.1 لا پەرقلىنىدۇ. نۆۋەتتە سامسۇڭنىڭ 20 خىل مەھسۇلاتىنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى باشلامچى كارخانا.

تارىخى


1930-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان سامسۇڭ سودا ئۇيۇشمىسى1930-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان سامسۇڭ سودا ئۇيۇشمىسى 1938-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، سامسۇڭ گورۇھىنىڭ سابىق مۇدىرىيەت باشلىقى لى بىيۇڭ-چۇل، كورىيە تايگۇدا سامسۇڭ سودا گۇرۇھىنى قۇردى. ئۇنىڭ ئاساسلىق تىجارىتى كورىيەنىڭ قۇرۇق بېلىقى، سەي-كۆكتات، مېۋىلىرىنى جۇڭگوغا، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالىغا ئېكىسپورت قىلىش ئىدى.

1969-يىلى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى قۇرۇلدى.

1980-يىللىرى سامسۇڭ ئېلىكتىرونى توڭلاتقۇ سېتىشنى ئاساس قىلاتتى، 1986-يىلى لى بىيۇڭ-چۇل سامسۇڭ ئىقتىسادىي تەتقىقات ئورنىنى قۇردى.

1998- يىلى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى ئاسىيا قىتئەسى پۇل مۇئامىلە بورا-چاپقۇنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، پۈتۈن گورۇھ 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز بولۇپ قالدى، بىراق جەنۇبىيكورىيە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىشىدىن پايدىلىنىپ، شۇ ئارقىلىق بازارنى كېڭەيتىپ پىلازمىلىق كۆرسىتىش (PDP) تەتقىقاتىنى تەرەققى قىلدۇردى.

2000-يىلى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونىدا TFT-LCD غا مۇناسىۋەتلىك تىجارىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى.

2001-يىلى، سامسۇڭ يەرشارى ماكىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى يالىك-كېجىن «سونىي ماركىسى بەك ياڭراق، 2005-يىلى، بىز سونىيدىنمۇ بەكرەك ياڭراق بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سامسۇڭنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ماركا قىممىتى %22 ئۆرلىدى.

2002-يىلى، ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» سامسۇڭنى تەرىپلەپ: «بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كەتتى» دېدى، ئامېرىكا «سودا ھەپتىلىكى»: «سونىي سامسۇڭدىن ئۆگىنىشى كېرەك» دېدى، «دەۋر ژۇرنىلى» ئالدىن پەرەز قىلىپ: «ئۇزۇن ئۆتمەي سامسۇڭ ماركىسى سونىيدىن ئېشىپ كېتىدۇ» دېدى.

2003-يىلى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى، سونىي، TFT-LCDبىلەن ھەمكارلىق شىركىتى قۇردى، «سودا ھەپتىلىكى» سامسۇڭنى سۈپەتلەپ «ماركا قىممىتى ئۈزلىكسىز ئاشقان، ھاياتىي كۈچكە تولغان مودا تۇيغۇ»دېدى، شۇ يىلى سامسۇڭ ئېلىكتىرونىدىكى Anycall نىڭ ماركا قىممىتى 33 تىرىليون كورىيە ۋونىغا يەتتى.

2003-يىلى، سامسوڭ ماركىسى 12 مىليارد 500 مىليون ئامرىكا دوللىرىغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 21-ئورۇنغا ئۆتتى.

2005-يىلى، خەلقئارالىق داڭلىق ماركا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى InterBrand ۋە «سودا ھەپتىلىكى» ئېلان قىلغان 2005-يىلىدىكى يەرشارى خاراكتىرلىك ماركا قىممىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، سامسۇڭ ماركىسى 20- ئورۇنغا ئۆتتى، سونىي بولسا 28-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

2005-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سامسۇڭ 3 مىليارد 100 مىليون پايدىغا ئېرىشىپ، بۇلتۇر ئوخشاش ۋاقىت بىلەن سېلىشتۇرغاندا %50 كە يېققىن كەينىگە چېكىندى. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، LCD، يانفۇن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پايدىسى تۆۋەنلەپ كەتتى.

2005-يىلى 10-ئايدا، ئامېرىكا ئالما كومپىيۇتېرى سامسۇڭ بىلەن بىرلىكتە 3 مىليارد 800 مىليون مەبلەغ سېلىپ تېز سۈرئەتتە ئەستە ساقلاش ئۈزىكىنى ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ يىلى، سامسۇڭ Fortune تەرىپىدىن ئەڭ ھۆرمەتكە ئېرىشكەن كارخانا «يەر شارى All Star نىڭ 39-ئورۇن» غا تاللاندى.

2005-يىلى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى دۇنيادىكى 100 چوڭ ماركىنىڭ ئىچىدە 20-ئورۇنغا تىزىلدى، ئۇدا 5 يىلى يېتىلىشى ئەڭ تېز بولغان 5 ماركىنىڭ بىرى بولدى.

2005-يىلى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى 2007-يىلىدىن ئىلگىرى iPod مېدىيا قويغۇچ ساھەسىدە ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ئالما كومپىيوتۇرىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2006-يىلى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى يەر شارى LCD كۆرسەتكۈچ ئېكرانى بازىرىدا 6 مىليون 583 مىڭ دانە سېتىلىپ، پۈتۈن بازارنىڭ %56 تىنى ئىگەللەپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولدى.

2006-يىلى، سامسۇڭ ياپونىيە Panasonic شىركىتىدىن ئېشىپ چۈشۈپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ نېپىز ئېكرانلىق تېلىۋىزور بىلەن تەمىنلىگۈچىگە ئايلاندى، تا ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا.

2007-يىلىنىڭ 2-پەسلىدە، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى يانفۇن ساھەسىدە دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتۈپ، يانفۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان Motorola شىركىتىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىدى.

2008-يىلى، سامسۇڭنىڭ سودا ئوبروتى 3 تىرىليون NT$ دىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇچۇر شىركىتى ھەۋلەت-پەكارد تەرەققىيات شىركىتى (Hewlett-Packard Development Company) گە يىتىشىۋالايلا دەپ قالدى.

2009-يىلى 9-ئايدا، سامسۇڭ ئېلىكتىرونىنىڭ بازار قىممىتى ئىنتېل دىن ئېشىپ، 110 مىليار 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ئىنتېلغا سېلىشتۇرغاندا بازار قىممىتى 860 مىليون ئارتۇق بولۇپ، دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ يوقىرى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت بولۇپ قالدى. 2010-يىل 2-ئايدا، سامسۇڭ ئېلىكتىرونىنىڭ سودا ئوبروتى ھەۋلەت-پەكارد تەرەققىيات شىركىتىدىن ئېشىپ، سودىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

2010-يىلى 4-ئايدا،سامسۇڭ ئېلىكتىرونى 2020-يىلىنىڭ دەسلەپكى پەسلىدىكى سودىسىنىڭ ئومۇمىي پايدىسى 4 تىرىليون 410 مىليارد كورىيە ۋونى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 3-پەسىلدىكى 4 تىرىليون 220 مىلياردلىق سودا رېكوتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، %643 ئۆستى.

2010-يىلى 7-ئايدا، 2010-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۇنيا بويىچە 20 چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتىنى دەرىجىگە تۇرغۇرغاندا، سامسۇڭ ئىنتېلدىن كېيىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇردى.

2010-يىلى 10-ئايدا، سامسۇڭ ئېلىكتىرونىنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكى سودىسى %12 ئېشىپ 35 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، باجدىن كېيىنكى ساپ پايدىسى %17 ئېشىپ 39 مىليار 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، كەينى-كەينىدىن تارىختىكى ئەڭ يوقىرى رېكورتنى ياراتتى.

2010-يىلى 12-ئايدا،باش دېرىكتور لى كۇن-ھى (Lee Kun Hee) نىڭ ئوغلى لى يى-يوڭ (Lee Jae-yong) دېرىكتورلۇق ئورنىغا ئۆستى.

2011-يىلى 3-ئايدا، سامسۇڭ گورۇھى ئامېرىكا دورىگەرلىك شىركىتى كۇئىنتېنىس (Quintiles Transnational) ھەمكارلىشىپ، يېڭى بىئو-تېخنىكا دورىگەرلىكىنى قۇردى، كاپىتالى 300 مىليارد كورىيە ۋونىغا يېتىدۇ.

2011-يىلى 6-ئايدا، سامسۇڭ گوروھىنىڭ مەخسۇس زەمبىرەك ۋە كۈرەشچى ئايرۇپىلان ئىشلەپچىقىرىدىغان تارماق شىركىتى سامسۇڭ Techwin شىركىتىدە چىرىكلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. لى كۇن-ھى چىرىكلىشىشنىڭ سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يامراپ كەتكەنلىكىنى، پۈتكۈل گورۇھنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يوقىرى قاتلام رەھبەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

2011-يىلى 6-ئايدا، سامسۇڭ يەر شارى بويىچە 120 دۆلەتتە Galaxy S2 نى بازارغا سېلىشنى پىلانلىدى، بىرىنچى ئەۋلاد Galaxy S بىلەن سېلىشتۇرغاندا، Galaxy S2 نىڭ گەۋدىسى تېخىمۇ نېپىز، قېلىنلىقى پەقەت 8.5mm، ئېغىرلىقى 116 گرام، ئېكرانى 4.3 سۇڭلۇق Super AMOLED Plus، Android Gingerbreadمەشغۇلات سېستىمىسىنى ئورنىتىشقا بولىدۇ. سامسۇڭ ھەرىكەتچان خەۋەرلىشىش بۆلىمىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك پايدىسى 1 تىرىليون 430 مىليارد كورىيە ۋونى بولۇپ، پايدا نىسبىتى %13.5.

2011-يىلى 7-ئايدا، ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنى باھالىغاندا، سامسۇڭ گوروھى دۇنيا بويىچە 22-ئورۇنغا تىزىلدى.

2011-يىلى 7-ئايدا، يۈزەكى گۈللىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن، سامسۇڭ ئىككىنچى پەسىلدىكى پايدىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %26 ئازىيىپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. تېلىۋىزور ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنىڭ پايدىسى بەلكىم %53 كە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق ئەقلىي يانفون ساھەسىدە، سېتىلىش مىقدارى 4 ھەسسىلىنىپ، 10 مىليون 800 مىڭ دانىگە يەتتى.

2011-يىلى 7-ئايدا، بۇ يىللىق ئىككىنچى پەسىللىك ئەقلىي يانفوننىڭ بازارنى ئىگەللەش نىسبىتى %5 دىن ئېشىپ %18 كە يېتىپ، ئالمىدىن كېيىنكى ئورۇندىلا تۇرۇپ، يەر شارىدىكى ئەقلىي يانفونلار ئىچىدە 2-ئورۇنغا ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 15 يىلدىن بۇيان تۈنجى قېتىم توۋەنلەپ، 3-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

2011-يىلى 9-ئايدا، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى غەربىي ياۋروپادا تۈنجى قېتىم رەقىبى نوكىيادىن ئېشىپ، غەلبىلىك ھالدا ئەقلىي يانفون ۋە ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن يانفوننىڭ بازىرىنىڭ ئالدىنى ئىگەللەپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا غەربىي ياۋروپا بازىرىنىڭ %22 ۋە %33 نى ئىگەللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان يېڭى ئۈزەك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغانلىقىنى، ئۈسكىنىگە بولغان تەلەپنى كۈچەيتىپ، تېز سۈئەتتە بازا ئىگەللەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقنى جاكارلىدى. بۇ سامسۇڭنىڭ يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيانقى تۈنجى قېتىملىق يېڭى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈزەك ئىشلەپچىقىرىش تەنەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار، بەلكىم بازار ئېھتىياجىنى كۈچەيتىپ، كىچىك تىپتىكى رىقابەتچىلەرنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. سامسۇڭ 12 تىرىليون مەبلەغ سېلىپ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى پايتەخت سىئولنىڭ جەنۇبىدىكى ھۋاسېئوڭ (Hwaseong) غا قۇردى، ئىگەللىگەن ئورنى 28 پۇتبول مەيدانىغا باراۋەر كېلىدىغان بولۇپ، 2012-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك باشلاشنى مۆلچەرلىدى.

2011-يىلى 9-ئايدا، سامسۇڭ ئېلىكتىرونىنىڭ Q3 ئەقلىي يانفونىنىڭ سېتىلىش مىقتارى پەسىلدە 4 ھەسسىلىنىپ، 27 مىليون 800 دانىگە يېتىپ، پۈتۈن يەر شارى بازىرىنى ئىگەللەش نىسبىتى %23.8 كە يەتتى، ئالمىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەقلىي يانفوننىڭ باشلامچىلىق ئورنىنى ئىگەللىشىنى تالاشتى. ئالدىنقى پەسىلدە ھەرىكەتچان خەۋەرلىشىش ئىشلىرى تىجارىتى يىلىغا %37 ئۆسۈپ 14 تىرىليون 900 مىليارد كورىيە ۋونىغا يەتتى، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى تىجارىتىنىڭ پايدىسى ئۆسۈپ 2 تىرىليون 520 مىليارد كورىيە ۋونىغا يېتىپ، تارىختا يېڭى رېكوت ياراتتى. سامسۇڭنىڭ ئەڭ قەدىرلەيدىغىنى ئۈزەك كەسپى، 3-پەسىلدىكى سودىنىڭ پايدىسى ئۆتكەن يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 1 مىليارد 590 مىليون كورىيە ۋونى تۆۋەنلەپ كەتتى، ھەتتا يۈزلۈك تاختا كەسپى ئۇدا 3 پەسىل زىيان تارتتى، بەزىلەر ھەرىكەتچان خەۋەرلىشىش كەسپىنى سامسۇڭنىڭ شۇ پەسىلدىكى يېرىم ئۆتكۈرگۈچ ۋە يۈزلۈك تاختا كەسپىدە چېكىنىشىنى ئازايتىشتا تۆھپىسى بولىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى.

سامسۇڭ گوروھىغا تەۋە شىركەتلەر


سامسۇڭ گوروھىنىڭ باش شىركىتىسامسۇڭ گوروھىنىڭ باش شىركىتى
ئېلىكتىرون
سامسۇڭ ئېلىكتىرونى-ئاساسلىق تىجارىتى ئىستىمال شەكلىدىكى ئېلىكتىرون، DRAM ۋە NAND، Flash يەككە پىلاستىنكىلىق كومپىيۇتېر ۋە مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ، رادىئو ئالاقىسى ئۈزىكى ۋە كىرىستال ئايلانمىسىنى ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقىرىش بولۇپ سامسۇڭ گوروھىدىكى يېتەكچى شىركەت ھېساپلىنىدۇ.

سامسۇڭ ئېكرانى- دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆرسەتكۈچ ئېكران شىركىتى، ئاساسلىق كەسپى LCD ۋە AMOLED يۈزلۈك تاختىسى ۋە ئېكرانىنى ئىشلەپچىقىرىش، سامسۇڭ ئېلىكتىر يۈزلۈك تاختىسى بۆلىمى ۋە سامسۇڭ ھەرىكەتچان ئېكرانى (SMD) ھەم S-LCD بىرىككىشىدىن قۇرۇلغان شىركەت.

سامسۇڭ SDI- ئاساسلىقى قۇياش ئېنىرگىيەلىك باتارىيە، يېقىلغۇ باتارىيەسى، ئېنىرگىيە مەنبەسى ساقلىغۇچنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

سامسۇڭ SDS-ئاساسلىق تىجارىتى IT بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر، ICT مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

سامسۇڭ گېنېراتورى-ئاساسلىقى ئېلىكتىر زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

سامسۇڭ تورى-ئاساسلىق تىجارىتى تېلگىراف ئالاقىسىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر.

سامسۇڭ كورنىڭ (Corning) نەپىس ئەينىكى-ئاساسلىقى TFT-LCD ئەينەكنىڭ ئاساسلىق تاختىسى، تەڭ ئىئونلۇق سۈزگۈچ، كىنېسكوپ (تېلىۋىزورنىڭ ئېكرانى) ۋە ئەينەك ياسايدۇ.

سامسۇڭ ئاۋىئاتسىيىسى-ئاساسلىق تىجارىتى سامسۇڭ بېل (Bell) 427 نى ئىشلەپچىقىرىش، بېل، بئىن (BBIN) قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مېخانىزىم

سامسۇڭ ئېغىر سانائىتى-ئاساسلىقى پاراخوت ياسايدۇ.

سامسۇڭ مۈلۈكچىلىكى-ئاساسلىقى ئېلىكتىر ئۈسكىنىلىرى زاپچاسلىرى، قىسىم ئىشلىتىدىغان ئايروپىلاننىڭ زاپچاسلىرىنى ياسايدۇ.

سامسۇڭ قۇرۇلىشى-ئاساسلىق تىجارىتى قۇرۇلۇش، ئەڭ داڭلىق قۇرۇلىشى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز سودا ساراي-خەلىفە مۇنارى ۋە مالايسىيادىكى ئېگىز بىنا-قوش چوققىلىق مۇنار.

خىمىيە سانائىتى

سامسۇڭ total-ئاساسلىقى پلاستىك ماتىرىيال، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

سامسۇڭ نېفىت خىمىيەسى- ئاساسلىق تىجارىتى بولسا PTA.

سامسۇڭ ئالىي خىمىيەسى-ئاساسلىقى ئېلىكتىر خىمىيەسى ماتىرياللىرى، ئالىي خىمىيە مەھسۇلاتلىرىنى ياسايدۇ.

سامسۇڭ BP خىمىيەسى-ئاساسلىق ئىگىلىكى ئازوت كىسلاتاسى، H2، VAM ياساش.

پۇل-مۇئامىلە سۇغۇرتىسى

سامسۇڭ ھاياتلىق سۇغۇرتىسى-ئاساسلىق تىجارىتى ئۆمۈر سۇغۇرتىسى ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى.

سامسۇڭ ئوت ئاپىتى سۇغۇرتىسى- ئاساسلىق تىجارىتى ئۆمۈر سۇغۇرتىسى ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى.

سامسۇڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى-ئاساسلىق تىجارىتى ئىناۋەتلىك كارتا تىجارىتى، بانكا قەرزى، ئىجارە مۇلازىمىتى.

سامسۇڭ ئاكسىيىسى-ئاساسلىق تىجارىتى مال-مۈلۈك باشقۇرۇش، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى.

سامسۇڭ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش-ئاساسلىق تىجارىتى مەبلەغ سېلىش ھاۋالىسى.

سامسۇڭ ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى-ئاساسلىقى ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش تىجارىتى.

باشقا تارماقلار

سامسۇڭ 1-يۇڭ توقۇمچىلىق فابرىكىسى-ئاساسلىق تىجارىتى مودا كىيىم، توقۇلما بويۇملار، خىمىيە، ئېلىكتىر ماتىرىياللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بىرىنچى ئېلان-ئاساسلىق تىجارىتى ئېلان ۋاكالەتچىلىكى.

شىللا مېھماخانىسى (Hotel Shilla)-مېھماخانىغا مۇناسىۋەتلىك تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىدۇ.

سامسۇڭ ئەۋېرلەند (Everland) باغچىسى-گىيوڭگى-دو يونگىن ( Gyeonggi-do Yongin) شەھىرىگە جايلاشقان باغچا بولۇپ، كورىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى، ، ئەۋېرلەند (Everland) باغچىسى موتوتسىكىلىت مۇسابىقە مەيدانىدىن تۈزۈلگەن.

سامسۇڭ سىئۇل دوختۇرخانىسى

سامسۇڭ ئارىسلانى (توپ ئەترىتى)

سامسۇڭ ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى

سامسۇڭ ئۇنۋېرسال تېخنىكا ئىنىستىتوتى
سامسۇڭ ئادەم كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىنىستىتوتى
خو-ئام (hoam) مالىيە تەشكىلاتى
سامسۇڭ S1 شىركىتى
سامسۇڭ مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى
سامسۇڭ پاراۋانلىق فوندى جەمىئىيىتى
سامسۇڭ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى خەلق ئاممىسى پاراۋانلىق فوندى جەمىئىيىتى

Sweetmay

شېرىكلەشكەن شىركەتلەر

توشىبا ساقلىغۇچ پەن-تېخنىكا شىركىتى (Toshiba Samsung Storage Technology Corporation)-ياپونىيە توشىبا ۋە كورىيە سامسۇڭ ئېلىكتىرونى شېرىكلەشكەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرى شىركىتى، ئاساسلىقى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ ئىشلەپچىقىرىدۇ.

رېنائۇل سامسۇڭ ماشىنىسى (Renault Samsung Motors)-فرانسىيە رېنائۇل ماشىنىسى ۋە كورىيە سامسۇڭ ماشىنىسى شېرىكلەشكەن كارخانا، كورىيە بويىچە 3-چوڭ ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بولۇپ، بۇ شىركەت كورىيە دۆلەت ئىچىدىكى بازارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىرتقا ئېكىسپورت قىلىش مىقتارى ئاز، بۇ ماركا ياپونىيە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بىلەن ھەمكارلاشقاچقا، لاھىيىسىنىڭ ھەممىسى ياپونىيە ماشىنىلىرىنى ئاساسىي نۇسخا قىلغان. رېنائۇل سامسۇڭ ماشىنىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانى بولسا 2010-يىلى ئىشلەپچىقىرىش مىقتارىنى كۆپەيتىپ 500 مىڭ ماشىنىغا يەتكۈزۈش، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكىسپورت مىقتارىنى 250 مىڭ ماشىنىغا يەتكۈزۈش، نۆۋەتتە رېنائۇل ماشىنىسى بۇ شىركەتنىڭ %80 پېيىنى ئىگەللەيدۇ.