مەھمۇد قەشقىرى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

ئورنى Wikipedia
Content deleted Content added
ئازراقلاNo edit summary
ئازراقلا ←‏ھاياتى
12 -قۇر: 12 -قۇر:


== ھاياتى ==
== ھاياتى ==
قاراخانىلار سۇلالىسى موڭغۇل يايلاقلىرىدىن غەربكە كۆچكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، بۇ جايدا پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم قەبىلىلەر بىلەن قۇرۇپ چىققان خاندانلىق بولۇپ، خانلىقتا ياغما، قارلۇق قاتارلىق قەبىلىلەر بولغان. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، قاراخانىلار خانلىقىنى سۇتۇق بوغراخاننىڭ بوۋىسى بىلگە قادىرخان قۇرۇپ چىققان. (ئادەتتە تارىخشۇناسلار قاراخانىلار خاندانلىقى 9 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قۇرۇلغان دەپ قارىشىدۇ. كېيىن قاراخانىلار خاندانلىقى سۇتۇق بوغراخان دەۋرىدە كېڭىيىپ زور شۆھرەت قازاندى. بۇ خاندانلىق تارىخىي ئەسەرلەردە ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتالدى. مەسلەن: مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا بۇ خاندانلىق ‹‹خاقانىيە›› دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ قاراخانىلارنىڭ مەركىزى قەشقەر ئەتراپىنىلا كۆرسەتتى. ئەرەب تارىخچىسى ئىززەددىن ئەبۇلھەسەن ئەلى بىننى مۇھەممەد ئۆزىنىڭ ‹‹كامىلۇتتاۋارىخ›› دېگەن ئەسىرىدە تۇنجى قېتىم ‹‹ئەپراپسىياپ خانلىقى›› دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى مىلادىيە 10 – ئەسىردە ئىران يازغۇچىسى مىرزا ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى تەرىپىدىن يېزىلغان ‹‹شاھنامە›› دېگەن كىتابىدىكى ئەپراپسىياپ رىۋايەتلىرىدىن ئېلىنغان. ‹‹تابغاچ خانلىقى›› ۋە ‹‹ئىلىكخانلار›› دېگەن ناملار بولسا 11 – ئەسىردە ئۆتكەن ئىران ئالىمى ئەبۇ ناسىر مۇھەممەد تەرىپىدىن يېزىلغان ‹‹تارىخي ئەليەمىنى›› دېگەن ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. رايونىمىزدا چاغاتاي يېزىقىدا يېزىلغان ‹‹تەزكىرەئىي سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان››، ‹‹تەزكىرەئىي ئەبۇ ناسىر سامانى››، ‹‹تەزكىرەئىي ئەبۇ پەتتاھ›› ۋە باشقا ئەسەرلەردە بولسا ‹‹بۇغرا خانلىقى، بۇغراخانلار››دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. پەقەت فىرانسىيە ئالىمى يوسىف دېگۇيگىنەس ئۆزىنىڭ 1756 – يىلى يازغان ‹‹ھۇنلار، تۈركلەر، موڭغۇللار ۋە تاتارلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى›› دېگەن ئەسىرىدە، يۇقىرىقى ناملار ھەققىدە خېلى تەپسىلىي تەھلىل يۈرگۈزۈپ، بۇ خانلىقنىڭ نامىنى ‹‹قاراخانىلار سۇلالىسى›› دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ نام تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن ئومۇملاشقان. ‹‹قاراخان›› دېگەن سۆز ‹‹كۈچلۈك، باتۇر، ئۇلۇغ، ئالىي›› دېگەن مەنەلەرگە ئىگە) ھاكىمىيەت گۈللەنگەن مەزگىلدە ئۇنىڭ تېررىتورىيەسى ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمى، ئىلى ۋادىلىرى، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى، چۇ دەرياسى ۋادىسى ۋە ئىسسىق كۆل ئەتراپى، شۇنداقلا ماۋرائۇننەھىر رايونىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارغىچە يەتكەن. بىلگە قادىرخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئايرىم – ئايرىم ھالدا تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. چوڭ ئوغلى بازىر بالاساغۇننى پايتەخت قىلىپ (بۈگۈنكى قىرغىزىستاندىكى توقماقتا) ئارىسلان قاراخان دەپ ئاتىلىپ چوڭ خان بولدى. ئىككىنچى ئوغلى ئوغۇلچاق تالاستا تۇرۇپ ئۆزىنى بوغرا قاراخان دەپ ئاتاپ نايىپ خان بولدى. قەشقەر ئەتراپى ئۇنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولدى. مىلادى 893 – يىلى، قاراخانلار خانلىقىنىڭ نايىپ خانى ئوغۇلچاق سامانىيلار خانلىقى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ئامالسىز پايتەختنى قەشقەرگە كۆچۈردى.

بۇ دەۋردە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تاجىكلار قۇرغان سامانىيلار خاندانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خاندانلىقى بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى قاراخانىلار خانلىقى تېررىتورىيەسىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان. ئىسلام دىنىنى قاراخانىلارغا تارقاتقۇچى سامانىيلار خاندانلىقىنىڭ خان جەمەتلىرىدىن ناسىر بىننى سۇلايمان ئىسىملىك كىشى ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قۇرۇلغان سامانىيلار خاندانلىقىدا ئىچكى نىزا يۈز بېرىپ سامانىيلار خاندانلىقىنىڭ شاھزادىسى ناسىر بىننى سۇلايمان (ئەبۇ ناسىر سامانى) قېچىپ قاراخانىلار تېررىتورىيەسىگە كېلىپ ئوغۇلچاققا تەۋەلىك بىلدۈردى. ئوغۇلچاق ئۇنى ئاتاشنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئەبۇ ناسىر سامانى قاراخانىلارنىڭ نايىپ خانى ئوغۇلچاق بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ‹‹كالا تېرىسى ھىيلىسى›› نى ئىشلىتىپ، ئوغۇلچاقتىن بىر پارچە كالا تېرىسى چوڭلۇقتىكى يەرگە مەسچىت سېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوغۇلچاق ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. ناسىر سامانى ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال بىر سېرىق كالىنى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى ئىنچىكى تىلىپ بىر – بىرىگە ئۇلاپ چوڭ بىر پارچە يەرنى چۆرىدەپ، بۇ يەرگە چوڭ بىر مەسچىت سالغان. بۇ شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى مەسچىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى بۇ ھېكايە 14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جامال قارشى تەرىپىدىن يېزىلغان ‹‹مۇلھىقاتۇل سۇراخ›› دېگەن ئەسىرىدە قەيت قىلىنغان.

ناسىر سامانىي شۇنىڭدىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئوغۇلچاقنىڭ جىيەنى، يەنى كۆل بىلگە قادىرخاننىڭ نەۋرىسى سۇتۇقنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن. سۇتۇق قاراخانىلار خان جەمەتى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئىسلامغا كىرگەن كىشىدۇر. كېيىن سۇتۇق قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ تاغىسىنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، قەشقەر شەھىرىنى ئىگىلەپ ئۆزىنى ‹‹بۇغراخان›› دەپ ئاتىغان. بىرلىككە كەلگەن قۇدرەتلىك خانلىق قۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن سۇتۇق بۇغراخان ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز تېررىتورىيەسىدە ئىسلام دىنىنى مەجبۇرىي يولغا قويغان، ئۇلاپلا سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قانۇنلۇق دىن دەپ جاكالاپ شاھزادە ۋە ئاقسۆڭەكلەرنى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغان. مىلادىيە 10 – ئەسىردىن 11 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ‹‹غازات›› نامى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى قوشنىسى بۇددا ئېلى ئۇدۇنغا ھۇجۇم قىلىپ 40 يىللىق قانلىق ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ جايلارنى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدۇردى.

قاراخانىلارنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلار مانى دىنىغا، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغانىدى. تارىم ۋادىلىرىنىڭ ئىسلاملىشىشى غەربىي يۇرتنىڭ دىنىي ئېتىقاد تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى.

قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئىچكىرى جايلاردا سۇڭ، لياۋ، جىن قاتارلىق سۇلالىلەر قۇرۇلغان بولۇپ، قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ بۇ خانلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولغان. قاراخانىلار خانلىرى ئۆزلىرىنى ‹‹تابغاچ خان›› دەپ ئاتىدىغان، بۇ ‹‹جۇڭگو خانى›› دېگەن مەنەنى بىلدۈرگەن. قاراخانىلار دەۋرىدىكى مەشھۇر ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ ‹‹دىۋانى لۇغاتىت تۈرك›› دېگەن ئەسىرىدە ئەينى دەۋردىكى جۇڭگونى ‹‹يۇقىرى چىن››، ‹‹ئوتتۇرا چىن››، ‹‹تۆۋەن چىن›› دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلگەن. ئاتالمىش يۇقىرى چىن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنى، ئوتتۇرا چىن لياۋ سۇلالىسىنى، تۆۋەن چىن ئۆزىنىڭ يۇرتى قەشقەر رايونىنى كۆرسەتكەن. مىلادىيە 1009 – يىلى قاراخانىلار سۇلالىسى سۇڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇلپان تاپشۇرغان. قاراخانىلار دەۋرىدە يېزىلغان مەشھۇر ئەسەر ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› تە ‹‹تۇزۇتماس بولسا چاڭ قىتان كارۋىنى، قەيەردىن كېلەتتى تۈمەنخىل ئاغى›› دېگەن خاتىرىلەر بار بولۇپ، بۇ ئەينى دەۋردە قاراخانىلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خانلىقلىرىنىڭ زىچ سودا ئالاقىدە بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ۋە ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ۋە ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ئۇيغۇر يېزىقىدا پۈتۈلگەن چوڭ ھەجىملىك دىداكتىك داستان. ئاپتور يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1015 – 1016 – يىللاردا تۇغۇلغان) ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بالاساغۇندا (بۈگۈنكى قىرغىزىستاننىڭ توقماقتا) تۇغۇلۇپ كېيىنچە قەشقەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. قاراخانىلار دەۋرىدىكى ناھايىتى مەشھۇر ئالىمدۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەشقەردىكى مەزگىلىدە ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ مىلادى 1070 – يىلى بۇ بۈيۈك ئەسەرنى يېزىپ چىققان. ئەسەر 85 باب، 6645 بېيىت، 13مىڭ 290 مىسرا شېئىردىن تەركىب تاپقان. مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن ئىدىيە سىستېمىسىنى ئادالەت سىمۋولى كۈنتۇغدى (ھۆكۈمدار)، بەخت – سائادەت سىمۋولى ئايتولدى (ۋەزىر)، ئەقىل – پاراسەت سىمۋولى ئۆگدۈلمىش(ۋەزىرنىڭ ئوغلى)، قانائەت سىمۋولى ئودغۇرمىش (زاھىت) قاتارلىق تۆت پېرسوناژنىڭ دىراما سۆھبىتىگە سىڭدۈرۈپ جەمئىيەت ئەخلاق ئۆلچىمى، دۆلەتنىڭ سىياسىي پىرىنسىپى ھەم ئادەم بىلەن ئادەم، پۇقرا بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بايان قىلىنغان پەلسەپەۋى ئىدىيە بىلەن يۇغۇرۇلغان داڭلىق ئەسەردۇر. (‹‹قۇتادغۇبىلىك›› نىڭ ئەسلىي قوليازمىسىلا بولۇپ، قولدىن قولغا كۆچۈرۈلۈش بىلەن ئۈچ خىل نۇسخا بولۇپ قالغان. بىر خىل نۇسخىسى ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋېنادىكى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا ساقلانغان. شۇڭا بۇ نۇسخا ‹‹ۋېينا نۇسخىسى›› دەپ ئاتالغان. يەنە بىر نۇسخىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نەمەنگەندىن تېپىلغان بولۇپ، بۇ نۇسخىسى ‹‹نەمەنگەن نۇسخىسى›› دەپ ئاتالغان. يەنە بىر نۇسخىسى قاھىرەدىكى ھىدىۋ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقاچقا، بۇ ‹‹قاھىرە نۇسخىسى›› دەپ ئاتالغان. بۇ نۇسخىلارنى داڭلىق ئالىملاردىن رادۇلوف، رىشات رەھمىتى ئاراتلار سېلىشتۇرۇپ چىقىپ ھەرخىل تىلدا نەشر قىلدۇرغان. ھازىرچە قۇتادغۇبىلىك رۇسچە، نېمىسچە، ۋېنگىرىيەچە، تۈركچە قاتارلىق كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان). مەزكۇر ئەسەر تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۆچمەس ئابىدە ھېسابلىنىدۇ.


‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەرلىك مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەب تىلىدا يېزىپ چىققان بولۇپ، تارىخشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىباھا گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ.
‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەرلىك مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەب تىلىدا يېزىپ چىققان بولۇپ، تارىخشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىباھا گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ.
48 -قۇر: 36 -قۇر:
=== قەشقەرگە قايتىش ===
=== قەشقەرگە قايتىش ===
ئالىم 11- ئەسىرنىڭ80- يىللىرى ئەتراپىدا [[باغدات]]تىن [[قەشقەر]]گە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن . ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان . 96-97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان .
ئالىم 11- ئەسىرنىڭ80- يىللىرى ئەتراپىدا [[باغدات]]تىن [[قەشقەر]]گە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن . ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان . 96-97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان .

== ئەسەرلىرى ==
== ئەسەرلىرى ==



14:44, 25 ئىيۇن 2014 تۈزەتكەن نەشرى

مەھمۇد قەشقەرى/ مەھمۇد كاشغەرى مىلادى 11-ئەسىرلەردە ياشيغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى،ئىسىكىپىلۇدىك،ئۇنيڭ دۇنياغا مەشھۇر بولغان ئەسيرى [[«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) دۇرلەر.مەھمۇد كاشغەرىي مىلادى 1008-يىلى بۇگۈنكى قەشقەرشەھىرى ئوپال يېزىسى ئازىغ كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، قاراخانىيلار خان جەمەتى ئەۋلادىدۇر.ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك ئالىم، ئەدىب، دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى. تەقرىبەن مىلادى 1008-يىلى توغۇلۇپ 1105-يىلى 97 يېشىدا ۋافات قىلغان. ھايىتىدا نۇرغۇن تالىپ ۋە شاگىرت يېتىشتۈرۈپ چىققان. مىلادى 1072-1074- يىللار ئارىسىدا ئابباسىيلار خەلىپىلىگى پايتەختى باغداد سەھرىدە دۇنياۋىي بۈيۈك ئەسىرى دىۋانۇ لۇغەتەت تۈركنى تاماملىغان. « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى »، قىسقارتىلىپ، ب د ت تەرىپىدىن 2008- يىلى دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى قىلىپ بېكىتىلگەن.

ھۆججەت:مەھمۇد كاشىغەرى.jpg
مەھمۇد كاشىغەرى




ھاياتى

قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ۋە ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەرلىك مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەب تىلىدا يېزىپ چىققان بولۇپ، تارىخشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىباھا گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىي قەشقەرلىك بولۇپ، قاراخانىلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولغاچقا، سىستېمىلىق مەدەنىيەت تەربىيەسىگە ئىگە بىر ئۆلىما. مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەب تىلىنىڭ ئەينى دەۋردە قاراخانىلار زېمىنىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركىي تىلىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە، ئەرەب تىلىدا ئىزاھلانغان تۈركچە لۇغەت تۈزۈپ چىقىش قارارىغا كەلگەن. شۇڭا ئۇ غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋملەر زېمىنىدا ئون نەچچە يىل قىدىرىپ تەكشۈرۈش قىلىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال ۋە ئۇچۇرلارنى تولۇق ئىگىلەپ، 1074 – يىلى باغدادتا ‹‹دىۋان لۇغاتىت تۈرك›› دىن ئىبارەت سەككىز بۆلەكلىك بۇ بۈيۈك ئەسەرنى تاماملىغان. ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا خاتىرىلەنگەن سۆز 7500 دىن ئارتۇق بولۇپ، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى تارىخى، جۇغراپىيەسى، مىللىتى، مەدەنىيىتىگە ئائىت مول مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر ئەسەردىكى ھەربىر سۆز ئەرەب تىلىدا ئىزاھلانغان بولۇپ، قاراخانىلار دەۋرىدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بۈيۈك قامۇستۇر. (مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ھازىرغىچە تېپىلغىنى يوق، ئۇنىڭ ئەڭ بۇرۇن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى ئىرانلىق مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ بەكرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن، ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتىدۇ) بۇ ئەسەرنىڭ بىردىنبىر نۇسخىسى تۈركىيەدە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولۇپ، 1914 – 1916 – يىللىرى نەشر قىلىنغان. كېيىن ئۇنىڭ مىخ مەتبە نۇسخىسى، فاكسىمىلى، نېمىسچە ئىندىكىسى، تۈركچە، ئۆزبېكچە تەرجىمە نۇسخىلىرى نەشر قىلىنغان. ھازىر بۇ ئەسەر كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. 1981 – يىلى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۈچ توملۇق قىلىپ نەشر قىلغان.

نەسەبى

مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق قولىمىزدىكى دىۋانۇ لۇغاتتىن تۈركنىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك مەلۇماتلاردىن باشقا بىر نەرسە يوق [1].بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەھمۇدنىڭ « ئۆز قەۋمىنىڭ ( يەنە تۈركلەرنىڭ ) ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسىگە مەنسۇب »[2]ئىكەنلىكى ، دادىلىرىنىڭ يەنى ئەجدادىنىڭ[3] تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن ئالغان ” [4]لىقى ۋە ئاخىرىدا دادىسى ھۆسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي – جەنۇبىي ساھىلىدا تېپىلغان بارىسخان شەھەرى بىلەن يېقىن باغلىنىشى بار ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن .[5] بۇلارغا قارىغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىغا مەنسۇب ئىكەنلىكى ۋە ئەجدادىنىڭ بۇ سۇلالىنىڭ بىر مەشھۇر ئەزاسى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . بۇ ئەجداد كىم ؟ بۇ يەردە مەھمۇدنىڭ ئەجدادى دەپ مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدىغان ئىككىلا شەخس بار . بۇلار ماۋەرا ئۇننەھرى دەستلەپ بويسۇندۇرغان ، ئۇنۋانى بۇغراخان دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992 م) سامانى ئوغۇللىرىنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئالغان ھارۇن ( ھاسان ) بىن سۇلايمان ياكى بولمىسا ئۇنۋانى ئارسلان ئىلىگ دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 389 – يىلى ( 999 م) غەزنەۋىلىك مەھمۇد بىلەن بىرلىكتە سامانى دۆلىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان ناسىر بىن ئەلى[6]. ھالبۇكى ناسىربىن ئەلىنىڭ سۇلالىنىڭ غەربىي تارمىغىدىن ئىكەنلىكى ۋە مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن بايان قىلىنغان قەشقەرنىڭ ھامان سۇلالىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلسە ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەجدادى دەپ يالغۇز ھارۇن بىن سۇلايماننى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.[7] [8]

بىر تەسادىپىي ئېسىل يالداما ئورنىدا قولىمىزدا بارىسخاندا بېسىلغان ھېجىرىيە 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىغا ( تەخمىنەن 1048 – 1058 ) تەۋە بەزى تەڭگىلەر ساقلانماقتا[9]. ئەپسۇسكى بۇ تەڭگىلەردىكى يەزىقلاردا شۇ دەۋردىكى بارىسخان ئەمىرلىرىنىڭ يالغۇز ئىسلامى لەقەملىرى ۋە تۈركىئۇنۋانلىرىلا ئەكس ئېتىلگەن : شەمسىد دۆلە ئارسلان ئىلىگ . بۇ يەردە مەشھۇر قادىرخان بىن ھارۇننىڭ ئوغلى ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسى ھارۇن بىن سۇلايماننىڭ نەۋرىسى « بۇغراخان » مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ ھۆكۈمدار ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ ( يۇقىرىغا قاراڭ ) . قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتىدا ئارسلان ئىلىگ ئۇنۋانى ( بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن ) قاغانلىق ئورتاقلىغىدا بىر قەدەم تۆۋەندە تۇرىدىغان ئادەملەرگە بېرىلەتتى[10] . ئىبن ئەسىرىدىن بىلىشىمىزچە مۇھاممەت يۈسۈپنىڭ يېنىدا چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەت ( ھېجىرىيە 444 – يىلىدىن يەنى 1056 -1057_ يىللىرىدا ھۈسەيىن بىن مۇھاممەتنىنب ئارسلان ئىلىگ بولۇپ بارىسخاندا ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى تەخمىنەن قىلىشقا بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا ، ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسىنىڭ نەۋرىسى بولغان بارسخان ئەمرى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن بىر مۇھەممەتتىن باشقا كىشى ئەمەسلىكى ئېنىق . بۇ شەخس بارىسخان بىلەن ناھايىتى زىچ ئالاقىدار ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ سۇلالىسىگە مەنسۇپ ئىدى .[11]

قەشقەردىن ئايرىلىش

ھاياتى ناھايىتى خۇپىيانە توختالغان مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ باغدادقا قانداق سەۋەبلەر بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئوچۇق دېمەيدۇ . تۈرك ئەللىرىدە كۆزگە بىرمۇنچە ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبىنىمۇ سۆزلىمەيدۇ . ئەگەر كېلىپ چىقىشىى توغرىسىدىكى تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولغان تەقدىردە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىمۇ مەيدانغا چىقىدۇ . ئۇ روشەنكى بىر سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى ) ئىدى . شەرقىي قاراخانىلار دۆلىتىدە ھېجىرىيىنىڭ 448 – 449 يىللىرىدا ( 1056-1057 _ 1057-1058 ) قورقۇنۇچلۇق ھادىسىلەر پەيدا بولدى . ئالدى بىلەن چوڭ خاقان ( ئارسلان خان ) سۇلايمان بىن يۈسۈپ ئىنىسى ۋە خاقانلىق ھەمرىيى ( بۇغراخان ) مۇھاممەت بىن يۈسۈپكە قارشى ھەرىكەت قوزغايدۇ ۋە “ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ . ئېلىپ بېرىلغان جەڭدە ئارسلانخان سۇلايمان بىن يۈسۈپ يېڭىلىپ قالىدۇ . بۇغراخان مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ئۇنى زىندانغا تاشلاپ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ ”[12] .

ئىبىن ئەسىرى يەنە خاب ئائىلىسىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ : « دۆلىتىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن1گە بېرىدۇ[13] ۋە ئۇنى ۋەلى ئەھد دەپ ئېلان قىلىدۇ . بىراق بۇغراخاننىڭ ( يەنى ھازىرقى ئارسلانخان مۇھاممەت بىن يۈسۈپنىڭ ) ئىككىنچى بىر خوتۇنى بار ئىدى ۋە بۇ خوتۇنىدىن چوڭ ئوغلىدىن باشقا يەنە بىر كىچىك ئوغلى بولغان . خوتۇن ھۈسەيىننىڭ تەيىنلىشى بىلەن تۇغۇلغان نەپرەت بىلەن بۇغراخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) غا يېقىنلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىرمۇنچە ئازالىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ ؛ ئۇنىڭ ئىنىسى قادىرخاننىڭ ئوغلى ئارىسلانخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) مۇ ئۆلتۈرىلىدۇ »[14] .

تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولسا مۇھەممەت بىن ھۈسەيىن يەنى مەھمۇد قەشقەرى ، بۇ چوڭ قىرغىندىن قانداقتۇر بىر ئۇسۇلدا قۇتۇلۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بىر نەچچە كىشىنىڭ بىرى ۋە قېچىشقا مەجبۇر بولغان . ئالدى بىلەن ، ئېھتىمال خوشنا تۈرك ئەللىرىگە بارغان ، ئون يىل قەدەر ئايلانغاندىن كېيىن ئاخىرى باغداتقا كەلگەن ۋە بۇ يەردە سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى) بولۇپ تۇرۇپ قالغان . مەھمۇد قەشقەرى بۇ ئۇزۇن مۇساپە داۋامىدا تۈرك دۇنياسى بىلەن كوپ يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ، بۇ چاغدا ( 1057-447) سالچۇقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان باغداتتا تۈركلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزاھلىغان بىر ئەسەرگە ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋە ئۇنى شۇ زاماندىكى ئابباسىلار خەلىپىسىگە (مۇقتەدى بىللا 1075-1094 ، 467-487 ) تەقدىم قىلغان . بۇنداق بىر تەشەببۇسنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاشقا ياردىمى بولۇشى ئېنىق گەپ .

قەشقەرگە قايتىش

ئالىم 11- ئەسىرنىڭ80- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن . ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان . 96-97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان .

ئەسەرلىرى

مەشھۇر ئېنىسكلوپېدىك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى مىلادىيە 1011-يىلى ئوپالدا تۇغۇلغان . دادىسى ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ،بارسقان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان . ئەمما مىلادىيە 1058-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسى مالىمانچىلىقتا دادىسى ئۆلتۈرۈلگەن .

ئالىمنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرى باغداتتا مىلادىيە 1072-يىلدىن 1074-يىلغىچە يېزىپ تاماملانغان . 1076-يىلى ئالىم ئۇنى قايتا تۈزىتىپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27- خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان.


ئېچىنىشلىق ئائىلە پاجىئەلىرىگە باغلىماسلىق ئۈچۈن ئۇ ئەسىرىدە ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى تىلغا ئالمايدۇ . شۇ تەرىزىدە بۇ سۇلالىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆز دەۋرىدە ھوكۇم سۈرگەن قاراخانىلار ھۆكۈمدارلىرى ۋە شۇ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرمەسلىكى چۈشۈنىشلىك . بىزنىڭ تەخمىنىلىرىمىز مۇشۇلاردىن ئىبارەت . ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ يېشىنى تەتقىق قىلىش زۆرۈر .

ھارۇن (ھاسان ) بىن سۇلايمان ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992) ئۆلگەن ؛ ئوغلى يۈسۈپ «قادىرخان» بۇ چاغدا ھېچ بولمىغاندا 20 ياشتا بولىشى كېرەك ؛ يۈسۈپ باشلىق بىر ئادەم بولۇپ ھېجىرىيە 423 – يىلى (1032 ) ئۆلگەن . ئۆزىنى 60 ياشلاردا ئۆلگەن دەپ ھېسابلىساق تۇغۇلغان ۋاقتى 360 – يىللار ( 971- 980 ) بولۇشى لازىم . بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇنىڭ ئۇزۇن جەڭلەردىن كېيىن ئەڭ ئاخىرى دىگەندە ھېجىرىيە 396 – يىلى ( 1005 – 1006 ) خوتەننى ئىشغال قىلغانلىقىنى بىلىمىز[15]) ؛ ئۇ قەشقەردە ناسىر دولە قادىرخان دېگەن ئاتاق بىلەن تەخمىنەن ھەجىرىيە 396 – يىلىدىن ( 1005 – 1006) ئېتىبارەن ھوكۇم سۈرگەن[16] .

چوڭ ئوغلى سۇلايمان بىن يۈسۈپ تەخمىنەن ھېجىرىيە 407 – يىلىدىن ( 1016 – 1017 ) ئېتىبارەن يەركەنتتە ھوكۇم سۈرگەن[17] . ئىككىنچى ئوغلى مۇھاممەت بىن يۈسۈپ ئېنىقكى سۇلايمان بىن يۈسۈپتىن كۆپ كىچىك ئەمەس ئىدى . يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك ، مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ھېجىرىيە ، 449 – يىلى ( 1057 – 10058 ) چوڭ ئوغلى ئۈچۈن تەختتىن چۈشمەكچى بولغان . بۇ بىر نوقتىدىن مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ 380 – يىللاردا ( 991 – 999 ) تۇغۇلغانلىقىنى قوبۇل قىلالايمىز . بۇنىڭغا قارىغاندا ، ھۈسەيىن ھېجىرىيە 400 – يىللاردا ( 1010 – 1019 ) دۇنياغا كەلگەن بولۇشى مۈمكىن . مۇشۇنداق بولغاندا ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئوغلى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى دەپ ھېجىرىيە 420 – يىللارنى ( 1029 – 1038 ) بىر تەخمىن دەپ ئېلىشقا بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھېجىرىيە 470 – 464 يىللاردا ( 1072 – 1078 )(18) . مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان ۋاقىتلاردا قىرىق ياكى ئەللىك ياشلاردىكى ۋاقتى بولۇپ ، بۇ ئېھتىمالغا بەك يېقىن كېلىدۇ .[18]

مەنبەلەر

  1. مەھمۇت قەشقەرى ھەققىدە ئەڭ مۇھىم بولغان تەتقىقاتلار: ۋ.ۋ. بار تولد: «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىي ھەققىدە دەسلەر»، (تۈركچە)، 1927- يىلى، 85- 83- بەتلەر؛ (گېرمانچە)، 1935- يىلى، 95- 92- بەتلەر. فۇئات كۆپرۈلۈ:» دىۋان لۇغاتىت تۈرك» (تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقاتلار)، ئىستانبۇل، 1934- يىلى، 34- 33- بەتلەر، (تۈركچە). ئەخمەت زەكى ۋەلىدى تۇغان: «دىۋان لۇغاتىت تۈركنىڭ يېزىلغان يىلى ھەققىدە» (ئاتسىز مەجمۇئە)، 16- سان، 1932- يىلى، 78- 77- بەتلەر؛ «مەھمۇت قەشقەرىگە ئائىت نوتلار»، (ئاتسىز مەجمۇئە)، 17- سان، 1932- يىلى، 136- 133- بەتلەر، (تۈركچە). رىفات بىلگە كىلىسلى: «دىۋان لۇغاتىت تۈرۈكنىڭ يېزىلىش تارىخىي»، (تۈركىيات مەجمۇئەسى)، 6- سان، 39-1938- يىللىق، ئىستانبۇل، 1939- يىلى، 360- 358- بەتلەر(تۈرۈكچە). بېسىم ئاتالاي:«دىۋان لوغاتىت تۈرك ۋە تەرجىمىسى ئۈستىدە نوتلار- كىتابنى يازغان شەخىس؛ كىتابنىڭ يېزىلغان تارىخى؛ كىتاب نەدە يېزىلغان» (دىۋان لوغاتىت تۈرۈك تەرجىمىسى)، 1- توم، ئەنقەرە 1939- يىلى، 16- 11- بەتلەر، (تۈرۈكچە). ئەخمەت جاپەر ئوغلى: «تۈرۈك تىلى تارىخى نوتلىرى»، 1- بۈلۈم. ئىستانبۇل، 1943- يىلى، 43- 42- بەتلەر، (تۈرۈكچە). م. شاكىر ئۈلكۈتاشىر: «بۈيۈك تۈرك تىلچىسى مەھمۇت قەشقەرى»، ئىستانبۇل، 1946- يىلى، (تۈرۈكچە).
  2. «كىتاب دىۋان لوغاتىت تۈرك» كىلىسلى مۇئەللىم رىفات بىلگە باسمىسى، I، ئىستانبۇل، 1334(1917). 3= فاكسىمىلى: بېسىم ئاتالاي: «دىۋان لوغاتىت تۈرك فاكسىمىلى» ئەنقەرە، 1941- يىلى.
  3. قارالسۇن: بارتولد: 94- بەت، توغان: (ئاتسىز مەجمۇئە)، 17- سان. 136- 133 بەتلەر.
  4. دىۋان، تۈركچە تەرجىمە 1- توم، 101- بەت= فاكسىمىلى 69- بەت.
  5. بارسخاننىڭ ئورنى ھەققىدىكى شەخسى تەتقىقاتى: ئا.ن.بېرنىشىتام: «شىمالىي قىرغىزىستان ئارخىلوگىيەسىگە كىرىش»، فرۇنزى، 1941- يىلى، 82- 80- بەتلەر، (روسچە).
  6. دىۋان III توم، ئىستانبۇل، 1335 (1919)، 312- بەت = فاكسىمىلى، 62- بەت.
  7. سۇلايمان ئوغلى ھارۇن ۋە ئەلىي ئوغلى ناسىر ھەققىدە: ۋ. بار تولد: «مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىكى تۈركستان» 1928- يىلى، لوندۇن، 266- 257، 274- 271، (ئېنگىلىزچە). ۋ. ئى. بىلايىۋ: «13- 11 ئەسىردىكى تۈركمەن ۋە تۈركمەن تارىخىغا دائىر ئەرەپچە مەنبەلەر»، (تۈركمەن ۋە تۈركمەن تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار، 1- توم، موسكۇۋا لېلىنگراد، 1939- يىلى، 81- بەت، روسچە)، ئاپتۇر ماقالىسىدا قەشقەرىنى ئۆز ئىپادىسىگە ئاساسەن (4- نوتقا قاراڭ) ناسىر بىن ئەلىنىڭ نەۋرىسى دەپ ھېسابلايدۇ.
  8. ھىجىرىيە 5- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئىككى تارماق ئارىسىدا شەكىللەنگەن ھاڭنىڭ نەتىجىسىدە «غەربىي قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ شەرق قىسمىدا خاتىرجەم ياشاش ئانچىۋالا مۇمكىن ئەمەس بۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇ خۇسۇسىدا مىنىڭ ئېسلا ئېنىسكلوپىدىيىسىگە ئاتاپ يازغان ماقالەمگە قاراڭ.
  9. رىچارد ۋاسمىر: «قاراخانىلار تەڭگىللىرى»، بېرلىن، 1930- يىلى (گېرمانچە) بۇ تەنگىلەردىكى ۋاقىتلارنىڭ ئاخىرقى رەقەملىرى كۆپ ئۇپرىغان. پەرق ئېتىشكە بولىدىغان يەرلەردە سەككىز رەقىمى كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ تەڭگىلەرنىڭ 448- يىلى (7/1056) يۈسەيىن بىن مۇھەممەدنىڭ ۋەل ئەھىدلىككە چىقىرىلغان يىلدا بېسىلغانلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ.
  10. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىنىڭ «قارىخانىلار تەتقىقاتى» (ئارگىنال) ئاتلىق ئەسىرىمنىڭ «قاراخانىلاردىكى دەرىجە پەرقلىرى ھەققىدە» دىگەن قىسمىغا قاراڭ.
  11. س. ج. تورنبېرگ نەشىرى، 11-، لېيدىن، 1963- يىلى، 211- بەت.
  12. ئىبىن ئەسىر، 9-، 211- بەت.
  13. قاغانلارنىڭ چوڭ كىچىكلىرى يىرتقۇچ ھايۋان ئاتلىرىنى ئۇنۋان قىلىشتىن ئاۋۋال يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ ئاتلىرىنى قوللىناتتى، مەسىلەن، چاغرى تىگىن. بۇ ھەقتە قاراڭ: 1- يۈسۈپ قادىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ 412- 407 يىللاردا (1021- 1016) يەركەنتتە باستۇرغان تەڭگىلىرى؛ ئا. ك. ماركوۋ: «ئېرمىتاژ موزىيىدىكى مۇسۇلمان تەڭگىلىرىنىڭ كاتالوگى»، پىتر بورگ، 1904- 1893 يىل، 195- 193 بەتلەر، 7- نۇمۇر. (40- 30)؛ 2- ھاسان بىن سۇلايماننىڭ چوڭ ئوغلى ھارۇن (ئەھمەت). بۇ توغرۇلۇق بار تولد نەشىر قىلدۇرغان (?) 474=(?) 1082- يىلىغا ئائىت يەركەنت ۋەسىقىسىگە قاراڭ: ۋ. ۋ. بارتولد: «قۇتادغۇ بىلىگتە تىلغا ئېلىنغان بۇغراخان»، III BsOs، (25- 1923)، 156- بەت، (ئېنگىلىزچە). بۇنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى؛ راغىپ خولوسى: (تۈركيات مەجمۇئەسى)، 1- توم، ئىسانبۇل، 224- 223 بەتلەر. بۇنىڭدىن باشقا قۇلىمىزدا چاغرىتىگىن ئۇنۋانىدا ئاتالغان يۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ×44 يىللىرىغا ئائىت بىر تەڭگىسىمۇ بار. (يۈزى ئۇپرىغان، قاراڭ: ماركوۋ، كاتالوگ، 429- نۇمۇر، 261- 260 بەتلەر).
  14. ئىبىن ئەسىر، 9-، 211- بەت.
  15. مىنىڭ «قارلۇقلاردىن قاراخانىلارغىچە» (ZDMG، 101، ۋىسبادىن، 2951- يىلى 295- بەت ۋە 3- نۇمۇر) دېگەن ئەسىرىمگە قاراڭ.
  16. رىچارد ۋاسمىر، 93- بەت.
  17. (13) نوتقا قاراڭ
  18. دىۋاننىڭ يېزىلغان تارىخى ھەققىدە نوتقا قاراڭ

http://www.tiztap.com

http://www.uyghurmail.com