ھىزب ئەتتەھرىر: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق
No edit summary |
No edit summary |
||
1 -قۇر: | 1 -قۇر: | ||
[[ھۆججەت:HizbTahrir_logo_main.jpg|link=Special:FilePath/HizbTahrir_logo_main.jpg|thumb|ھىزبۇتتەھرىرنىڭ لوگوسى]] |
[[ھۆججەت:HizbTahrir_logo_main.jpg|link=Special:FilePath/HizbTahrir_logo_main.jpg|thumb|ھىزبۇتتەھرىرنىڭ لوگوسى]] |
||
'''ھىزب ئەتتەھرىر''' ياكى '''ھىزبۇتتەھرىر''' |
'''ھىزب ئەتتەھرىر''' ياكى '''ھىزبۇتتەھرىر''' ئەلئىسلامىي (ئەرەبچە: حزب التحرير؛ [[ئىنگلىز تىلى|ئىنگ]]: Hizb ut-Tahrir) ئىسلامىي ئازادلىق پارتىيىسى دېگەن مەنىدە بولۇپ، سىياسى، ئىسلامىي پارتىيە بولۇپ، پەلەستىنلىك شەيخ [[مۇھەممەد تەقىييۇددىن نەبھانىي]] (ھ. 1326 - 1398 / م. 1909 - 1977) تەرىپىدىن ھ. 1372 / م. 1953 - يىلى قۇرۇلغان<ref name=":0" />. |
||
== نىشان == |
== نىشان == |
12:51, 19 يانۋار 2021 نىڭ نۆۋەتتىكى تۈزىتىلگەن نەشرى
ھىزب ئەتتەھرىر ياكى ھىزبۇتتەھرىر ئەلئىسلامىي (ئەرەبچە: حزب التحرير؛ ئىنگ: Hizb ut-Tahrir) ئىسلامىي ئازادلىق پارتىيىسى دېگەن مەنىدە بولۇپ، سىياسى، ئىسلامىي پارتىيە بولۇپ، پەلەستىنلىك شەيخ مۇھەممەد تەقىييۇددىن نەبھانىي (ھ. 1326 - 1398 / م. 1909 - 1977) تەرىپىدىن ھ. 1372 / م. 1953 - يىلى قۇرۇلغان[1].
نىشان[تەھرىرلەش]
ئىسلام تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش، خەلقنى ئىسلام چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا ئاقارتىش ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش، ئۆزگەرتىشتە پىكىرگە تايانغان ئاساستا ئىسلام خەلىپىلىكىنى تىكلەش ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەددىنى رۇسلاشنى نىشان قىلىدۇ[1].
پارتىيە تارىخىدا بىرقانچە قېتىم كۆپچىلىك ئالىملار تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇلار پارتىيە نىشانىدىن چەتنىگەن، دەپ قارالغان. مەسىلەن، ئەقىدە ۋە تەربىيە تەرەپلىرىگە سەل قاراپ، دىققەتنى پىكرىي ۋە سىياسىي تەرەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئەقىدە مەسىلىلىرىدە ۋە مۇسۇلمان كىملىكنى بەرپا قىلىشتا ئەقىلگە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىدىغان ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانغا قەدەر ئەمرىمەرۇپ، نەھيىمۇنكەرنى ئېسىپ قويۇش... قاتارلىقلار[1].
رەھبەرلەر[تەھرىرلەش]
شەيخ تەقىييۇددىننىڭ ۋاپاتى (1977) دىن كېيىن پارتىيە رەئىسلىكىگە ئابدۇلقەدىم زەللۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەتاﺋ خەلىل ئەبۇررىشتە (2003) چىققان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ پەلەستىن، لىۋان، ئىئوردانىيە، ھىندونېزىيە، مالايسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە پائالىيەتلىرى بار[1].