روبوت چاتما رومانى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

ئورنى Wikipedia
Content deleted Content added
No edit summary
8 -قۇر: 8 -قۇر:


* ''پولات قەلئەلەر (1954 – يىلى يېزىلغان، The Caves of Steel)''
* ''پولات قەلئەلەر (1954 – يىلى يېزىلغان، The Caves of Steel)''

* ''يالىڭاچ قۇياش ( 1957 – يىلى يېزىلغان, The Naked Sun)''
* ''يالىڭاچ قۇياش ( 1957 – يىلى يېزىلغان, The Naked Sun)''

* ''سۈبھىدىكى روبوتلار (1983 – يىلى يېزىلغان, The Robots of Dawn)''
* ''سۈبھىدىكى روبوتلار (1983 – يىلى يېزىلغان, The Robots of Dawn)''


15 -قۇر: 17 -قۇر:


* ''روبوتلار ۋە ئېمپىرىيە (1985 – يىلى يېزىلغان, Robots and Empire)''
* ''روبوتلار ۋە ئېمپىرىيە (1985 – يىلى يېزىلغان, Robots and Empire)''



== ترىلوگىيەدىكى پېرسۇناژ ۋە ۋەقەلىكلەر ==
== ترىلوگىيەدىكى پېرسۇناژ ۋە ۋەقەلىكلەر ==

00:01, 11 فېۋرال 2010 تۈزەتكەن نەشرى

روبوت چاتما رومانى - داڭلىق ڧانتازىيە يازغۇچىسى ئامېرىكىلىق ئىسساك ئاسىموۋ(ئىنگىلىزچە: Isaac Asimov)نىڭ كەلگۈسى دۇنيادىكى ماشىنا ئادەم مەدىنىيىتىنى (روبوت مەدىنىيىتى)نى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يېزىپ چىققان بىر ترىلوگىيە ئەسىرىدۇر.


ترىلوگىيە

ئىسساك ئاسىموۋنىڭ "ماشىنا ئادەم" ترولوگىيىسى

* پولات قەلئەلەر (1954 – يىلى يېزىلغان، The Caves of Steel)
* يالىڭاچ قۇياش ( 1957 – يىلى يېزىلغان, The Naked Sun)
* سۈبھىدىكى روبوتلار (1983 – يىلى يېزىلغان, The Robots of Dawn)


بۇ ترىلوگىيەنىڭ داۋامى سۈپىتىدىكى تۆتىنچى كىتاب

* روبوتلار ۋە ئېمپىرىيە (1985 – يىلى يېزىلغان, Robots and Empire)

ترىلوگىيەدىكى پېرسۇناژ ۋە ۋەقەلىكلەر

باش قەھرىمان – ئەلىژاھ بەلېي، بىر رازۋېدچىك.

ر. دانېئىل ئولىۋاۋ – باش قەھرىماننىڭ شېرىكى، ۋە شۇنداقلا ئەڭ مۇكەممەل بىر ئىنسانلاشتۇرۇلغان روبوت.


  • ترولوگىيەدىكى ئۈچ قاتىللىق دېلوسى:

بىرىنچى كىتابتا – ئەڭ مۇكەممەل ئىنسانلاشتۇرۇلغان روبوتنىڭ لايھىيەلىگۈچىسىنىڭ ئۆلۈمى.

ئىككىنچى كىتابتا – سولارىيەدىكى قاتىللىق دېلوسى

ئۈچىنچى كىتابتا – ئاۋرورادىكى قاتىللىق دېلوسى. بۇ پلانېتتا ئۆلۈپ كەتكىنى ئىنسان بولماستىن بىر روبوت.


باش قەھرىمان ئەلېژاھ بەلېي تۇنجى قېتىمدا تاشقى پلانېتلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ قاتىللىق دېلوسىنى مۇۋاپپىقيەتلىك يېشىپ چىققاندىن كىيىن، سولارىيەدە يۈز بەرگەن بىر قاتىللىق دېلوسىنى پاش قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى قېتىمدا بولسا، ئۇنىڭ تەكلىپ قىلغۇچىسى ئاۋرورالىقلار بولۇپ چىقىدۇ. ۋە بەلېي كىيىنكى ئىككى قېتىملىق دېلونىڭ يېشىلىپ چىقىشىدىمۇ ئوخشاشلا مۇۋاپپىقيەت قازىنىدۇ. ئەلىژاھ بۇ دېلولارنى يېشىپ چىقىش جەريانىدا ئوخشاش بولمىغان پلانېتلارغا مېھمان بولۇپ بارىدۇ، ۋە ئۇ يەردىكى ئوخشىمىغان ھايات، ئوخشىمغان مەدەنىيەت، ۋە ئوخشىمىغان تەپەككۇرلار بىلەن يۈزلىشىدۇ. بۇ يۈزلىشىش ئوقۇرمەنلەرنى تاشقى پلانېتتا ئىنسانلارنىڭ ياراتقان ھايات ئۇسۇلى ۋە مەدىنىيىتى بىلەن يەرشارىدا قېلىپ قالغان ئىنسانلارنىڭ ھايات چۈشەنچىلىرىنى سېلىشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىتۈرىدۇ. چۈنكى ئاتالمىش تاشقى پلانېتلىقلار پەرقلىق بىر ئىنسان توپى بولماستىن، ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار بۇرۇن يەر شارىدىن كۆچۈپ بارغان يەرشارىلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئېدى.

تاشقى پلانېتىلىقلار


ئىسساك ئاسىموۋ قۇياش سېستىمىسىنىڭ سىرتىدىكى پلانېتلاردا بولۇش ئېھتىمالى بولغان تاشقى پلانېت جانلىقلىرىنى ياراتماي، بەلكى ئۇلارنى يەر شارىدىكى ئىنسانلار بىلەن ئوخشاش ئىنسان تىپى قىلىپ يارىتىپ چىققان. بۇ نۇقتىلار سېلىشتۇرما ئۈچۈن تولىمۇ مۇۋاپىق بىر مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن ئېدى. بۇ تاشقى پلانېتلىقلارنىڭ ئەجدادلىرى يەنىلا يەرشارىلىق ئىنسانلار ئېدى.