فرانسۇز تىلى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

ئورنى Wikipedia
Content deleted Content added
ئازراقلا r2.5.1) (robot Removing: ksh:Franzüüsėsh (Shprooch)
ئازراقلا r2.5.5) (robot Adding: kbd:Фрэнджыбзэ
146 -قۇر: 146 -قۇر:
[[ka:ფრანგული ენა]]
[[ka:ფრანგული ენა]]
[[kab:Tafransist]]
[[kab:Tafransist]]
[[kbd:Фрэнджыбзэ]]
[[kg:Kifalanse]]
[[kg:Kifalanse]]
[[kk:Француз тілі]]
[[kk:Француз тілі]]

11:17, 24 مارت 2011 تۈزەتكەن نەشرى

فرانسۇز تىلى ۋە فىرانسىيە تىللىرى ئومۇمى ۋەكىللىك ئورگىنى فرانسۇز تىلى خىزمەت ئورگىنى (بېلگىيە) كېبەك فرانسۇز تىلى ئىدارىسى فرانسىيە، بېلگىيە ۋە كېبەك فرانسۇز تىلى يۇقىرى مەجلىسى
قوللىنىدىغان دۆلەتلەر
ئالجېرىيە، ئاندور، بېلگىيە، بېنىن، بۇرۇندى، بۇركىنا-فاسو، كانادا، كامېرون، كومور، ئېىۋارىيە تۇمشۇقى، جىبۇتى، فىرانسىيە، گابون، گىنىيە، ئېكۋاتور گىنىيىسى، ھايتى، لىۋان، لىيۇكسىمبۇرگ، ماداگاسكار، مالى، ماروك (ماراكەش)، مورىس، ماۋرىتانىيە، موناكو، نېگىر، كوڭگو دېموكىراتىك جۇمھۇرىيىتى، كوڭگو جۇمھۇرىيىتى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، رىۋاندا، سېنېگال، سېشەل، شىۋىتسارىيە، چاد، توگو، تۇنس، ۋانۇاتو
قوللىندىغان كىشى سانى200 مىليون (125 مىليون كىشى ئانا تىلى ئورنىدا قوللىنىدۇ)
دۇنيادىكى تەرتىپىھىندو-ياۋروپا ئائىلىسى
تىل سېستىمىسىرىم تىلى سېستىمىسىدىكى گالو-رىم تىل گۇرۇپى، ئويل تىلى كىچىك گۇرۇپى.
رەسمى ئەھۋالى
رەسمى تىل
دۇنيادا 29 دۆلەتتە دۆلەت ۋە نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رەسمى تىلى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك رەسمى ئورگانلار
تىل كودلىرى
ISO 639-1fr
ISO 639-2fra
ISO 639-3fra
ئىزاھات
دۇنيادا فرانسۇز تىلدا سۆزلىشىدىغان رايۇنلار.

[فرانسۇز تىلى رىم تىلىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى بولۇپ، ئاساسلىق فرانسىيە، كانادادا (ئاساسلىقى يېڭى بىرۇنسۋىك ۋە كېبەك رايونلىرىدا)، بېلگىيەدە (ۋالونى، بىريۇسسىل ۋە فلاندىرىيە رايونىنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە)، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا (بولۇپمۇ لۇئىزىيان ۋە مەن شىتاتلىرىدا)، شىۋتىسارىيەدە (ئۈچ ئاساسلىق دۆلەت تىلىنىڭ بىرى)قوللىنىلىدۇ.

فرانسۇزچە دۇنيادىكى باشقا بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردا ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى تىل قاتارىدا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، كوڭگو دېموكىراتىك جۇمھۇرىيىتى، فرانسۇز تىلى رايونىدىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق دۆلەت، شۇنداقلا فرانسۇز تىلى رەسمى تىل ياكى قوشۇمچە رەسمى تىل بولغان 29 دۆلەتنىڭ بىرى. غەربى ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ۋە يەنە مەغرىپ دۆلەتلىرىمۇ مۇشۇ قاتارغا كىرىدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى كونا فرانسۇز ۋە بېلگىيە مۇستەملىكىلىرى. ئافرىقىنىڭ ئىۋارىيە تۇمشۇقى ۋە گابونغا ئوخشاش بەزى دۆلەتلىرىدە، پۈتۈنلەي فرانسۇز تىلى قوللىنىلىدۇ.

فرانىسيەدە فرانسۇز تىلى دۆلەت مۇستەقىللىكىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلىرىدىن بىرى: جۇمھۇرىيەت تىلى فرانسۇز تىلى (1958-يىلىدىكى ئاساسى قانۇننىڭ ئىككىنچى ماددىسى)؛ يەنە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى فرانسۇز مەدەنىيىتى ۋە فرانسۇز ئىدىيىسىنىڭ ھەرىكەت كۈچى.

دۇنيادا 201مىليون كىشى تەرىپىدىن ھەقىقى ئاساسلىق تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان (دۇنيا فرانسۇز تىلى تەشكىلاتىنىڭ 2009-يىللىق سىتاتىسكىسى)، 309 مىليون كىشى تەرىپىدىن قوشۇمچە تىل ياكى چەتئەل تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغان فرانسۇز تىلى، دۇنيادا ئەڭ كۆپ سۆزلىنىدىغان تىللار ئىچىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەزكۇر تىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالتە رەسمى تىلى ۋە ئىككى خىزمەت تىلىنىڭ بىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش دۇنياۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەسمى ياكى خىزمەت تىلى ھېساپلىنىدۇ. كونا فرانسۇز رېجىمى، رۇسلارنىڭ چار پادىشاھى تاكى گىرمانىيە ۋە ئىسپانىيە پادىشاھلىرىغا قەدەر، فرانسۇز تىلى، ئېنگلىز ۋە ئىسپان تىللىرىنىڭ قاتارىدا ئاساسلىق دېپلوماتىيە تىلى بولۇپ كەلدى. ئەمما، خەلقئارا ئىقتىسادى ۋە ئىلمى تەتقىقات ساھەلىرىدە، بارغانسېرى ئېنگلىىز تىلى تەرىپىدىن بېسىلىپ كېتىۋاتىدۇ.

فرانسۇز تىلىنىڭ تەرەققىياتىدا فرانسۇز ئاكادېمىيىسى ۋە نۇرغۇن زىيالىيلارنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. بۇ تىل يەنە "ئاكادېمىك تىلى" دىيىلىدۇ. ئادەتتە، بۇ تىلنى تەرپلەش ئۈچۈن، فرانسۇز دىراماتورگى موللېرنىڭ ئىسمى بىلەن "موللېر تىلى" دەپ ئاتىلىدۇ.

تارىخ

شېۋە

گرامماتىكا

سۆزلۈك

يېزىق

فونولوگىيە

قاراڭ

سىرتقى ئۇلاش