ئىدرىس ئەلەيھىسسالام

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


ئىدرىس ئەلەيھىسسالام

قىسسەسۇل ئەنبىيادىكى ئىدرىس ئە.س نىڭ جەننەت ۋە جەھەننەمنى زىيارەتى تەسۋىرلەنگەن پارس مىنياتۇرى

توغۇلغان يېرى بابىل
ئاتا-ئاناسى يەرد (Yerd) ۋە مەھلائىل (Mehlail)
ئۆمۈر يولداشى ئآداناھ (Aadanah)
ئەۋلادلىرى مەتۇسەلاھ (Methuselah)

ھەزرىتى ئىدرىس (ئەرەبچە: إدريس) ياكى باشقا ئىسمى بىلەن كەنئان I ۋە ياكى سىرۇس قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەردىن بىرى ۋە ھەزرىتى شىسنىڭ ئوغلىدۇر ھەمدە كەنئان ئېلىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە كەنئان ئېلىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەجدادىدۇر. تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىنسانلارنىڭ ھايۋان تېرىسى كىيىشنى تاشلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندۇ. رەختنى كەشپ قىلغانلىقى ۋە يېزىقنى تەرەققىي قىلدۇرغان دېيىلىدۇ. تاناھتىكى ئەنوك (ئىبرانىچە: חנוך) بىلەن بىر كىشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. قەدىمىي يۇنان ئەڧسانىلىرىدىكى ھېرموسنىڭ ۋە قەدىمىي مىسىر ئەڧسانىلىرىدىكى توت (Thot) نىڭ قۇرئاندىكى ئىدرىس ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر كىشى ئىكەنلىكى ۋە م.ب 14000 يىللار ئەتراپىدا ياشىغانلىقى پەرەز قىلىنىدۇ[1].





















ئىسلامدا ئىدرىس پەيغەمبەر[تەھرىرلەش]

ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەمئىدرىس

نۇھھۇدسالىھ

ئىبراھىملۇت

ئىسمائىلئىسھاق

يەئقۇبيۇسۇڧ

ئەييۇبشۇئەيب

مۇساھارۇن

داۋۇدسۇلايمان

زۇلكېڧىليۇنۇسئىلياس

ئەليەسەزەكەرىيا

يەھيائىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

قۇرئان كەرىم سۇرە مەريەمنىڭ 56 ۋە 57- ئەيەتلىرىدە ئاللاھ شۇنداق دەيدۇ: وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِدْرِيسَ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَبِيًّا وَرَفَعْنَاهُ مَكَانًا عَلِيًّا
كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىدرىس (قىسىسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى (56)ئۇنى بىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق(57)


مەنبئەلەر[تەھرىرلەش]

  1. تۇرغۇت گۈرسان، دۇنيانىڭ مەخپىي تارىخى، 1. بۆلۈم، ئىستانبۇل، پېگاسۇس نەشرىياتى، 1. باسمىسى، ISBN 978-605-5943-49-3