باھائىي

ئورنى Wikipedia

باھائىيلىك: (ڧارسچە: بهائیت\ Bahá'iyyat؛ ئەرەبچە: بهائية\ Bahá'iyya) ئىنسانىيەتنىڭ رۇھىي بىرلىكىگە مەركەزلەشكەن بىرخۇدالىق بىر دىن. تەئلىماتى ئۈچ ئاساسىي نوقتىغا يىغىنچاقلىنىدۇ: يارىتىلىشنىڭ مەنبەسى بولمىش تەڭرىنىڭ بىرلىكى، پۈتۈن مۇھىم دىنلارنىڭ بىر رۇھانىي مەنبئەدىن ۋە تەڭرىدىن كېلىشى بىلەن دىننىڭ بىرلىكى ۋە كۈللى ئادەمزاتنىڭ باراۋەر يارىتىلغانلىقى، كۆپ تۈرلەر ئىچرە بىرلىك پىرىنسىپى بويىچە ئىرق ۋە مەدەنىيەت پەرقلىرىنىڭ ئالقىشلىنىشى ۋە قەبۇل كۆرۈلۈش تەئلىمى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىكى. باھائىي تەئلىماتىچە ئىنسانىيەتنىڭ ۋەزىڧىسى دۇئا، ئۆز ئىچىگە قاراش ۋە ئىنسانىيەتكە خىزمەت بىلەن تەڭرىنى تونۇش ۋە سۆيۈشتۇر.