تاغتېشەر(ھايۋان)

ئورنى Wikipedia
فىلىپىن تاغتېشەر قاتتۇرمىسى بىر مۇزىيخانىدا

تاغتېشەرنىڭ پۈتۈن بەدىنى ناھايىتى قاتتىق قاسىراق بىلەن قاپلانغان بولۇپ، قارىماققا بەئەينى قەدىمكى زامانلاردىكى ساۋۇت كىيگەن پالىۋانغىلا ئوخشىشىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ مىجەزى ناھايىتى رايىش بولۇپ، ئەزەلدىن چوڭ ھايۋانلار بىلەن تۇتۇشۇپ قالمايدۇ، ئۇ پەقەت چۈمۈلە تۇتۇپ يېيىشكىلا ئامراق. ئۇ 2020 ۋۇخەن تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ (كىرونا ۋىرۇسى، ۋۇخەن ۋىرۇسى) ۋاستىلىك ئېلىپ يۈرگۈچىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تاغتېشەر
خەنزۇچە ئىسمى 穿山甲
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى تەڭگە قاسىراقلىقلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى تاغتېشەر ئۇرۇقدىشى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Pangolin
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى
ئائىلىسى تاغتېشەر ئائىلىسى
لاتىنچە نامى Manis
كەنجى سىنىپى ئەشلىكلەر كەنجى سىنىپى

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

تاغتېشەرنىڭ پۈتۈن بەدىنى ناھايىتى قاتتىق قاسىراق بىلەن قاپلانغان بولۇپ، قارىماققا بەئەينى قەدىمكى زامانلاردىكى ساۋۇت كىيگەن پالىۋانغىلا ئوخشىشىدۇ،

تاغتېشەر چۈمۈلە تۇتۇشقا تولىمۇ ماھىر. ئۇ چۈمۈلە ئۇۋىسىنى بايقاپ قالسا، ئىلمەكسىمان ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن ئۇۋىنى بولۇشىغا كولاپ بۇزۇۋېتىپ چۈمۈلىلەرنى ئۇۋىسىنىڭ سىرتىغا ھەيدەپ چىقىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ ئۇزۇن تىلىنى چىقىرىپ سۈپۈرۈپ يالماپ، بىر مۇنچە چۈمۈلىنى بىردەمدىلا قورسىقىغا سولاپ بولىدۇ.

تاغتېشەر دەرەختە چۈمۈلە ئىزدىمەكتە

بەزىدە، تاغتېشەر ئېرىنىپ قالسا، چۈمۈلە ئۇۋىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆلگەن بولۇپ يېتىۋالىدۇ ھەمدە بەدىنىدىكى قاسىراقچىلارنى ئېچىپ كۈچلۈك پۇراق چىقىرىپ چۈمۈلىلەرنى جەلپ قىلىدۇ، چۈمۈلىلەر بۇ پۇراققا گۆل بولۇپ، ئۇۋىسىدىن بەس-بەستە چىقىشىدۇ-دە، ئۆلگەن بولۇپ يېتىۋالغان تاغتېشەرنى كۆرۈپ، تاغدەك بىر دۆۋە گۆشكە ئېرىشىپتۇق دەپ تازا بىر مەززە قىلىپ يىمەكچى بولغاندا، تاغتېشەر بەدىنىنى قورۇپ قاسىراقچىلىرىنى جۈپلەپ، چۈمۈلىلەرنى قاسىراقچىلىرى ئارىسىغا قىسىۋالىدۇ، ئاندىن كۆلگە سەكرەپ چۈشۈپ بەدىنىنى ئىرغىتسا، چۈمۈلىلەرنىڭ ھەممىسى سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىپ تېپىرلاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاغتېشەر ئۇزۇن تىلىنى چىقىرىپ، سۇدا لەيلەپ قالغان چۈمۈلىلەرنى پاك-پاكىز يەۋېتىدۇ.

ھازىرقى ھالىتى[تەھرىرلەش]

ھىندىستان تاغتېشەرى

جۇڭيى دورىلىرنىڭ تەركىبىدە تاغتېشەرنىڭ قاسرىقى بار بۇلۇپ، جۇڭيى دورىلىرى تەرىپىدىن پايدىلنىش بىلەن بىرگە ياشاش مۇھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ سانى 20 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ئاخىرقى مەزگىللىرىدە تېز ئازىيىپ كەتتى. نۆۋەتتە تاغتېشەر  ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر بولۇپ قالدى. ھەمدە دۆلەتنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىردى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى