خەدىجە بىنت خۇۋەيلىد

ئورنى Wikipedia
خەدىچە بىنت خۇۋەيلىد
خديجة بنت خويلد
تۇغۇلۇشھ. بۇرۇن 68 /م. 555، مەككە
ۋاپاتىھ. بۇرۇن 3 / م. 620، مەككە
جۆرە(لەر)ئەتىق بىن ئائىد

ئەبى خالا مەلەك بىن نەباش

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ (595-619)
بالىلىرىھىند بىنت ئەتىق

ئابدۇللاھ بىن ئەتىق
خالا بىن ئەبى خالا
ھىند بىن ئەبى خالا
زەينەب بىنت ئەبى خالا
قاسىم بىن مۇھەممەد
ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد
زەينەب بىنت مۇھەممەد
رۇقىييە بىنت مۇھەممەد
ئۇممۇ گۈلسۈم بىنت مۇھەممەد

ڧاتىمە بىنت مۇھەممەد
ئاتا-ئانىسىخۇۋاەيلىد بىن ئەسەد
ڧاتىمە بىنت زائىدە


خەدىجە بىنت خۇۋەيلىد ياكى خەدىجەتۇل كۇبرا (ئەرەبچە: أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ خَدِيجَةُ بِنْتُ خُوَيْلِدِ بنِ أسد)، خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد ئىبنى ئەسەد ئەلقۇرەشىييە. (ھ. بۇرۇن 68 – ھ. بۇرۇن 3 / م. 555 – 620) «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى رەپىقىسى. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەمگۈزارى ۋە يۆلەنچۈكى بولغان. دانا، ئېسىل زات. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قاسىم، ئابدۇللاھ، زەينەب، رۇقىيە، ئۇممۇ كۇلسۇم ۋە فاتىمە قاتارلىق ئەۋلادلىرىنىڭ ئانىسى[1]. مۇسۇلمان بۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئىسمى تاھىرە ئىدى.

خەدىجە بىنت خۇۋەيلىدنىڭ يوق قىلىنغان مازارى. (مەككە)

ھەزرىتى خەدىجە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن توي قىلغاندا 40 ياشلاردا ئىدى. ئاتاسىنىڭ ئاتى خۇۋەيلىد، ئاناسىنىڭ ئاتى ڧاتىمە ئىدى. ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسىمى ۋەرەقە بىن نەۋڧەل ئىدى. ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ ئاتا تەرەپ ئەجدادى قۇسەي، ئانا تەرەڧ ئەجدادى لۇئەي سۇلالەسى بىلەن بىرلەشمەكتە.

ھەزرىتى خەدىجەنىڭ توغۇلغان ۋەقتى ئېنىق بىلىنمەيدۇ، ئەمما مىلادى 555 بولىشى مۇمكىن دەپ تەخمىن قىلىنىدۇ. زاتى قۇرەيىشلەردىندۇر. بۇرۇن ئىككى قېتىم توي قىلغان ۋە ئىككىنچى يولدىشى ئۆلگەندىن سوڭرە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىپ بىر ئادەم تەيىنلەشنى ئادەت قىلغانىدى. پۇل بىلەن ياللىغان ئادەملىرى شامغا تىجارەت كەرۋانلارى ئېلىپ باراتتى. تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تاجىرە دېيىلەتتى. شۇنداقلا تۇنجى بالىسىنىڭ ئىسمى ھىند بولغانلىقى ئۈچۈن كۈنيەسى ھەم ئۇممۇ ھىند ئېرۇر.

شامغا ئىبەرگەن كەرۋانلارنىڭ بىرىگە رەئىس سۈپىتىدە ياش مۇھەممەد (س.ئە) نى تەئيىن قىلغانىدى. ئادەتتە بىر قۇرەيىشلىككە بېرىلگەن پۇلنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرگەن. خەدىجە ر.ئە بىر كۈنى كېچە تۈشىدە كۆكتىكى ئاينىڭ خەدىجەنىڭ خانىسىگە كىرگەنلىكىنى ۋە كېيىنچە قوينىغا كىرگەنلىكىنىنى كۆرىدۇ. ئۇ تۈشىنى نەۋرە قېرىندىشى ۋەرەقەغە ئېيتىپ بېرىدۇ. ۋەرەقە بولسا ئۇنىڭغا كەلگۈسى سوڭغى پەيغەمبەرنىڭ زەۋجەسى بولاجاغى سۈيىنچىسىنى بەرگەن. كارۋاننىڭ قايتىشىدا مۇھەممەد (ئە.س) نىڭ يېنىدا بولغان خەدىجە (ر.ئە) نىڭ قۇلى، ياش مۇھەممەدنىڭ ئىككى تەرەپىدە ئىككى پەرىشتە كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خەدىجە ئانىمىز بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تۈشىنى يادىغا ئالىدۇ. مۇھەممەد (ئە.س) نىڭ كەلگۈسى سوڭغى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىپ ئۇنىڭغا توي تەكلىڧى قويغان. ھەزرىتى مۇھەممەد بۇ تەكلىڧنى قەبۇل قىلغاندىن كېيىن ئىككىسى ئۇنىڭغا نىكاھلانغان. مېھر ھەققىگە 20 تىشى تۆگە بېرىپ، ھەزرەتى خەدىجە بىلەن توي قىلغان.

خەدىجە ر.ئە ھەزرىتى مۇھەممەدتىن 2 ئوغۇل، 4 قىز بولۇپ 6 پەرزەنت كۆردى، ئەمما ئوغۇللارى كىچىك ياشتىلا ۋاپات بولغان. ئوغۇللارنىڭ ئىسمى قاسىم ۋە ئابدۇللاھ، قىزلارىنىڭ ئىسىملەرى؛ زەينەب، رۇقىيە، ئۇممۇ گۈلسۈم ۋە ڧاتىمەدۇر.[2][3]

خەدىجە ر.ئە ھەزرىتى مۇھەممەدكە ھەم رەڧىقە ۋەم ياخشى بىر دوست ھەمدە مەسلەھەتچىسى بولغان. تۇنجى مۇسۇلمان ئايال ۋە ئېرىنى ھېچقاچان يالغۇز قالدۇرمىغان بىر زاتتۇر.[4]

خەدىجە ر.ئە 619- يىلى ۋاپات تاپقاندا 64 ياشىتا ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى ھېچبىر زامان ئۇنۇتمىغان، دائىما ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەخلاقىنى تىلغا ئالاتتى.

خەدىجە ر.ئە ۋاپات تاپقان يىل "عام الحزن\قايغۇ يىلى" ئېلان قىلىنغان.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
  2. İbn Hişam, es-Siretü’n-Nebeviyye, I, 190.
  3. İbn Hişam, age., I, 190; İbn Sa’d, Tabakat, I, 133
  4. Ahmed b. Hanbel, el-Müsned, VI,117,118.