كەڭلىك

ئورنى Wikipedia

كەڭلىك (φ) (ئىنگىلىزچە:Latitude، خەنچە: 纬度) يەر شارى يۈزىدىكى شىمال بىلەن جەنۇب ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنگەن ئارىلىق گىرادۇسلىرى. ئېكۋاتوردىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپلارغىچە، ھەر قايسى 90 گرادۇسقا بۆلۈنىدۇ. شىمال تەرەپتىكىسى شىمالىي كەڭلىك، دېيىلىدۇ. جەنۇب تەرەپتىكىسى جەنۇبىي كەڭلىك، دېيىلىدۇ.[1] ئېكۋاتورغا يېقىن بولغانلىرى تۆۋەن كەڭلىك: ئىككى قۇتۇپقا يېقىن بولغانلىرى يۇقىرى كەڭلىك دېيىلىدۇ. ئىككىسى ئارىسىدىكى 45 گرادۇس ئەتراپىدىكىسى ئوتتۇرا كەڭلىك دېيىلىدۇ. يەر يۈزىدىكى مەلۇم ئورۇندىن ئۆتكەن پاراللېل بىلەن ئېكۋاتور ئارىسىدىكى مەلۇم گرادۇس سانى شۇ ئورۇننىڭ كەڭلىكى بولىدۇ; دۇنيا خەرىتىسىدىكى ئوخشاش كەڭلىككە ئىگە نوقتىلارنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ھاسىل بولغان مەۋھۈم چەمبەرلەرگە پارالېل دېيىلىدۇ.[2]

گلوبۇس ئۈستىدىكى كەڭلىك[تەھرىرلەش]

ئالاھىيدىلىكلەر[تەھرىرلەش]

  • ئېكۋاتورنىڭ جەنۇبىدا 90، شىمالىدا 90، توپلام 180 پارالېل باردۇر.
  • 0 گرادۇس پارالېلى ئېكۋاتوردۇر.
  • 90 گرادۇس شىمال پارالېلى شىمالىي قۇتۇب نوقتىسىدۇر.
  • 90 گرادۇس جەنۇب پارالېلى جەنۇبىي قۇتۇب نوقتىسىدۇر.
  • 66 گرادۇس شىمال پارالېلى شىمالىي قۇتۇب دائىرىسىدۇر.
  • 66 گرادۇس جەنۇب پارالېلى جەنۇبىي قۇتۇب دائىرىسىدۇر.
  • ھەر پارالېل ئارىلىقى بىر كەڭلىك دەرىجىسىدۇر.
  • پۈتۈن پارالېل دائىرەلەرىنىڭ ئاراسىداكى ئۇزاقلىق بىر بىرىگە تەڭدۇر.
    • 1 گرادۇس پارالېل = تەخمىنەن 111 كىلومېتر.
    • 1 مېنۇت پارالېل = تەخمىنەن 1.85 كىلومېتر.
    • 1 سېكۇنت پارالېل = تەخمىنەن 0.39 كىلومېتر.
  • پارالېللەر ھېچقاچان بىر بىرى بىلەن كېسىشمەس.
  • ئېكۋاتوردىن باشقا، ھەر بىر چەمبەردىكى پارالېلدىن - بىرى شىمالىي يېرىم شاردا، يەنە بىرى جەنۇبىي يېرىم شاردا بولۇپ - ئىككى دانە باردۇر.
  • پارالېللەرنىڭ ئەتراپ ئۇزۇنلۇقى دۇنيانىڭ شەكلىگە كۆرە ئېكۋاتوردىن قۇتۇپلارغا قاراپ بارغانسېرى قىسقىرايدۇ.
  • باشلانغۇچ پارالېل ئېكۋاتوردۇر. ئېكۋاتور دۇنيانى شىمالىي يېرىم شار ۋە جەنۇبىي يېرىم شار دەپ ئىككى تەڭداش پارچىغا بۆلىدۇ.
  • كەڭلىك (پارالېللەر)نىڭ ئۇزۇنلۇقلارى بارغانسېرى قىسقىراپ بارىدۇ.

ئالاھىيدە نام بېرىلگەن كەڭلىكلەر[تەھرىرلەش]

شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى 39″ 33′ 66° N
شىمالىي تروپىك سىزىقى 21″ 26′ 23° N
جەنۇبىي تروپىك سىزىقى 21″ 26′ 23° S
جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرى 39″ 33′ 66° S

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. Latitude and Longitude Worldatlas.com ئۇلىنىش: 2012- يىل 5- ئۆكتەبىر
  2.  "parallel." Dictionary.com. ئۇلىنىش: 2012- يىل 5- ئۆكتەبىر