ئىبنى كەسىر

ئورنى Wikipedia

ئىبنى كەسىر (ئەرەبچە: ابن كثير) ـ كاتتا ئالىم ۋە مەشھۇر مۇپەسسىر.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

ئىسلام دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئىجتىھاتلىق، ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان كاتتا ئالىم ئىبنى كەسىرنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇلفىدا ئىمادۇددىن ئىسمائىل ئىبنى ئۆمەر ئىبنى كەسىر قۇرەشىي بولۇپ، ھىجرىيەنىڭ 701  يىلى سۈرىيەنىڭ بۇسرا شەھىرى، مىجدەل يېزىسىدىكى بىر دىندار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى شۇ يېزىدىكى مەسجىدنىڭ ئىمامى ھەم خاتىبى ئىدى. ئۇ ئەمدىلا تۆرت ياشقا كىرگەندە ئاتىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئاكىسى ئابدۇلۋاھھاب ئۆز تەربىيىسىگە ئالغان ۋە باشلانغۇچ ئىلىملەرنى ئۆزى ئۆگەتكەن. ئۇ بەش ياشقا كىرگەندە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە سۈرىيەنىڭ ھازىرقى پايتەختى دەمەشىققە كۆچۈپ كەلگەن.

ئەينى ۋاقىتتا دەمەشق ئىلىم  مەرىپەت بۆشۈكىكە ئايلانغان بولۇپ، ھەر قايسى پەن ۋە ھەر قايسى ساھادە يېتىشكەن نۇرغۇنلىغان كاتتا ئالىم ئۆلىمالار شۇ يەردە ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە ئىدى. كاتتا ئالىم ئىبنى كەسىر مۇشۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئىلىم ئىگەللەش نېسىۋىسىگە تولۇق ئېرىشكەن.

ئۇ تېخى ئون ياشقا تولماي تۇرۇپ قۇرئان كەرىمنى پۇختا ياد ئېلىپ بولغان. ئۇ، بۇرھانۇددىن ئىبراھىم ئىبنى ئابدۇرراھمان فەزارى، ئىسا ئىبنى مۇتئىم، ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئىبنى ھەججار، باھائۇددىن قاسىم ئىبنى مۇزەففەر ئىبنى ئەساكىر، ئىبنى شىيرازى، ئىسھاق ئىبنى يەھيا ئامىدىي، مۇھەممەد ئىبنى زەرراد، جامالۇددىن يۈسۈف ئىبنى زەكىي، شەيخۇلئىسلام تەقىيۇددىن ئىبنى تەيمىيە، شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئوسمان ئىبنى قايماز قاتارلىق ئاتاغلىق ئالىملاردىن تەپسىر ۋە قۇرئان ئىلىملىرى، ھەدىس ۋە ھەدىس ئىلىملىرى، فىقھى ۋە فىقھى ئۇسۇللىرى، تارىخ، ماتىماتىكا، گىراماتىكا، ئەدىبىيات... قاتارلىق پەنلەردە تىرىشىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، ئەستە تۇتۇش ۋە مەسىلىلەرگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ھەممىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ، ئەلا دەرىجىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن.

ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھاياتىنىڭئ اخىرىغىچە پەتىۋاچىلىق، مۇدەررىسلىك ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ مۇڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمى، سەلىبلەرنىڭ ھۇجۇمى، ھوقۇقدارلارنىڭ ئۆزئارا ھوقۇق تالىشىشلىرى، ئاچارچىلىق قاتارلىق ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بۇ ئىشلار ئۇنىڭ ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولغان ئىرادىسىنى قىلچە بوشاشتۇرالمىغان. ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ مەسىلىلەرگە تېز دەلىل كەلتۈرەلەيدىغان ئالىم ئىدى. ئۇنىڭ يازغان كىتابلىرى ھايات ۋاقتىدىلا شەھەر  شەھەرلەرگە تارقىغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان.»

تارىخشۇناس، مەشھۇر ئالىم ئەبۇلمەھاسىن جامالۇددىن يۈسۈف ئىبنى سەيفۇددىن مۇنداق دەيدۇ:

«ئىمام ۋە كاتتا ئالىم ئىبنى كەسىر ھاياتىنى ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە يېزىش ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇ فىقھىشۇناسلىق، تەپسىرشۇناسلىق، ھەدىسشۇناسلىق ساھالىرىدە ۋايىغا يەتكەن. ئۇ مۇدەررىسلىك قىلاتتى، ھەدىس توپلايتتى، مۇپتىلىق قىلاتتى ۋە ھەرقايسى پەنلەردە كىتاب يازاتتى. ئۇ تارىخ، ھەدىس ۋە تەپسىر ئىلمى ساھاسىدە كامالەتكە يەتكەن ئىدى.»

ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ تولىسى تەكرار  تەكرار بېسىلىپ ئىسلام دۇنياسىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان، بىر قىسمى يوقاپ كەتكەن، بىر قىسمى تاكى ھازىرغىچە قول يازما پېتى ساقىلىنىپ كېلىنمەكتە. ئۇنىڭ بېسىلىپ تارقىغان كىتابلىرىدىن بىرى قولۇڭىزدىكى “تفسير القرآن العظيم” (قۇرئان كەرىم تەپسىرى) ناملىق ئالتە توملۇق تەپسىر بولۇپ، رىۋايەتكە ئاساسلىنىپ يېزىلغان تەپسىرلەر ئىچىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە مۆتىۋەر تەپسىر دەپ شۆھرەت قازانغان. يەنە بىرى “البداية والنهاية” (ئەلبىدايە ۋەننىھايە) ناملىق، 14 توملۇق تارىخ كىتابى بولۇپ، ئۇ بۇ كىتابتا دۇنيانىڭ يارىتىلىشىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى ھىجىرىيىنىڭ 768  يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە “اختصار علوم الحدث” (قىسقىچە ھەدىس ئىلىملىرى)، “اختصار علوم الحدث” (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى)، “أحاديثا لتوحيد والرد عليا لشرك” (تەۋھىدنى بىلدۈرۈش ۋە شىرككە رەددىيە بېرىش) ناملىق كىتابلىرى ۋە باشقا كىتابلىرى بېسىلىپ تارقىغان.

ئۇنىڭ قوليازما ھالىتىدە ساقلىنىۋاتقان كىتابلىرىدىن بىرى “الهدى والسنن في أحاديث والمساند والسنن” ناملىق، سەككىز توملۇق كىتابى بولۇپ، ئۇ بۇ كىتابتا مۇسنەدى ئىمام ئەھمەد، مۇسنەدى بەززار، مۇسنەدى ئەبۇ شەيبە، مۇسنەدى ئىبنى ئەبۇ شەيبە قاتارلىق ھەدىس كىتابلىرىنى ۋە ئالتە سەھىھ ھەدىس كىتابلىرىنى توپلىغان. بۇ كىتابنىڭ مەلۇم قىسمى بېسىلغان بولسىمۇ، كۆپ قىسمى قول يازما پېتى ساقلىنىپ كېلىنمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ نۇرغۇن كىتابلىرى بولۇپ، بەزىلىرى يۈتۈپ كەتكەن، بەزىلىرى قول يازما پېتى ساقلانماقتا.

ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ئىلىمگە بېغىشلاپ، ئىسلام دۇنياسىغا ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ ئاخىرقى ئۆمرىدە كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا، ھىجرىيەنىڭ 774- يىلى شەئبان ئېيىنىڭ 26  كۈنى دەمەشقتە لله نىڭ دەرگاھىغا ئىنتىقال قىلغان. پۈتۈن دەمەشق خەلقى ئۇنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ قەبرىستانلىققىچە ئەگىشىپ چىققان. ئۇ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.[1]

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئۇيغۇرچە PDF نۇسخادىن