ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئورنى Wikipedia
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

Aziz Isa Elkun

Aziz Isa Elkun www.azizisa.org
Aziz Isa Elkun www.azizisa.org
1970-يىلى
شايار ناھىيىسى، تويبولدى بازىرى
ئۇيغۇر
لوندون، ئەنگىلىيە
يازغۇچى، ئاكادېمىك، تور مېدىئا مۇتەخەسسىسى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Aziz Isa Elkun) بولسا 1970-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيىسىدە توغۇلغان.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن (Aziz Isa Elkun) - تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا بويلىرىغا جايلاشقان قەدىمىي بوستانلىق يۇرت شايار ناھىيىسىدە 1970- يىلى تۇغۇلغان. 1991-ييىلى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ روس تىلى كەسپىنى پۈتتۇرگەن. ئۇىڭ بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇنلىغان شېئىر، نەسىر ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرى ئاقسۇ، ئۇرۇمچى, ئالمۇتا، بىشكېك ۋە لوندوندىكى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا يورۇق كۆرگەن. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەدەبىي ئەمگىكىنىڭ بىرى ”دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە“ ناملىق كىتابى 2011- يىلى ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈزكۆرۇشتى. ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى شېئىر، ئەدەبىي، تەرجىمە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تور سەھىپىسى www.azizisa.org» دە، ھەم ئەنگلىيىدە ئېنگلىز تىلىدا، دۇنيانىڭ باشقا دولەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىد ، تور بەتلەردە ئۇيغۇر تىلىدا داۋاملىق نەشىر قىلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ ئەنگلىيىدە 2005-يىلىدىن بۇيان ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى (London Uyghur Ensemble).

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنلا شۇغۇللۇنۇپ قالماستىن يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ 2011-يىلىدىن بۇيان بېرتانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردېمىگە ئېرىشكەن «خىتايدىكى ئىسلامىي ئاۋاز »(Sounding Islam China) ئىلمىي تەتقىقات ئىش تۈرىدە تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. بۇ يىللاردا ئۇنىڭ بىر قانچە نادىر ئىملىي تەتقىقات ئەمگەكلىرى غەرب ئەللىرىدە ۋە ئەنگىلىيىدىكى ئىلمىي ژۇرناللاردا نەشر قىلىندۇ.

ئۇ 2018- يىلى سېنتەبىردىن 2020- يىلى سېنتەبىرگىچە بېرتانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردېمىگە ئېرىشكەن «مەشرەپ» تەتقىقات تۈرى بويىچە لوندون ئۇنۋېرسىتېتى ئافىرقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 2011-يىلىدىن بۇيان خەلقىئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى. ئۇ 2017 – يىلى سېنتەبىردىن 2020-يىلى سېنتەبىرگىچە  ”خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى“ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. 2021- يىلى يانۋاردىن باشلاپ باش شىتابى لوندوندىكى خەلقىئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتىنىڭ ئىش تۈرى بويىچە «خەلقىئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى» نىڭ پروجېكىت مەسئۇلى ۋە «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» نىڭ كاتىپى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

چەتئەلگە چىقىشى[تەھرىرلەش]

باشقىلار[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

لاگېر شاھىتلىرى تىزىملىكى
ھازىرقى ئورنى شاھىتلار تىزىملىكى
شىمالىي ئامېرىكا: تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن|زۇمرەت داۋۇت |گۈلزىرە ئاۋۇلخان |مېھرىگۈل تۇرسۇن|ئانار سابىت|ئوۋالبېك تۇرداخۇن
ياۋروپا: گۈلباھار جېلىلوۋا|گۈلباھار خاتىۋاجى | قەلبىنۇر سىدىق| ئۆمەر بېكالى| سايراگۈل ساۋۇتباي

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى