ئەھمەد شەۋقىي

ئورنى Wikipedia
ئەھمەد شەۋقىي
تۇغۇلۇشھ. 1285/م. 186، مىسىر
ۋاپاتىھ. 1351 /م. 1932
ئەھمەد شەۋقىي

ئەھمەد شەۋقىي (أحمَد شَوقِي بنُ عَلِيٍّ بنِ أحمَد شَوقِي): ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەھمەد شەۋقىي. (ھ. 1285 – 1351 / م. 1868 – 1932) مىسىرلىق ئەدىب ۋە شائىر.[1] يېقىنقى ئەسىرلەردىكى ئەرەب شېئىرىيىتىنى ياشارتقۇچى، ئەرەب شېئىرىي شېئىرىي دراماچىلىقىنىڭ باشلامچىسى ۋە ئەرەب شائىرلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى ھېسابلىنىدۇ. 1927 - يىلى ئەرەب شائىرلىرى ئۇنىڭغا «شائىرلارنىڭ ئەمىرى» دەپ بەيئەت قىلغان. شېئىرلىرىدا ۋەتەن ۋە ئىسلامنى كۆيلىگەچكە «ئىسلام شائىرى» دەپمۇ نام ئالغان. «شەۋقىييات» (شېئىرلار توپلىمى 6 توم)، «ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام بۈيۈكلىرى(دول العرب وعظماء الإسلام)» (1726 بېيىتلىك داستان) يەنە «كلىيوپاترانىڭ ئۆلۈمى»، «لەيلا - مەجنۇن»، «ئورمان قانۇنى» قاتارلىق شېئىرىي درامالارنى، «ئاخىرقى پىرئەۋن» ۋە «ھىندىستان قىزى» قاتارلىق رومانلارنى ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

  1. Esat Ayyıldız, “Ahmet Şevki’nin Mısır İstiklalinin Müdafaası İçin Sömürge Yöneticisine Hitaben Nazmettiği Lâmiyye’sinin Tahlili”, Arap Edebiyatında Vatan ve Bağımsızlık Mücadelesi, ed. Ahmet Hamdi Can – İhsan Doğru (Ankara: Nobel Bilimsel Eserler, 2021), 1-26.