بارىش مانچو

ئورنى Wikipedia
ھۆججەت:بارىش مانچو.jpg

تۈركىيە داڭلىق ناخشا چولپىنى:( Barış Manço)بارىش مانچو

تۈركىيە دۆلەت ئاتىسى مۇستافا  كامال سىياسىتىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن تۈركىيەدە نەچچە ئەۋلات كىشىلەرگە تەسىر قىلىپ كەلگەن بولسا بارىش مانچو ئۆزىنىڭ كۈيلىرىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە تەسىر قىلغان. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىباپ كۈيلىرىگىمۇ تەسىر قىلىپ كەلگەن،خۇددى ئۇنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش«بارىش=تىنچلىق»كۈيلىرى ئارقىلىق تىنچلىققا بولغان ئارزۇيىنى ئىپادىلەپ كەلگەن.

ھاياتى:[تەھرىرلەش]

بارىش مانچو 1943-يىلى1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۈسكىدار رايونىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئانىسى رىكات خانىم 1940- يىللاردىكى داڭلىق ناخشىچى. ئۇنىڭ ئاكىسى 2- جاھان ئۇرۇش مەزگىلىدە تۇغۇلغان بولغاچ، ئۇنىڭغا تۈركچە ساۋاش«ئۇرۇش» دەپ ئىسىم قويۇلغان، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىپ، تىنچلىقنى تەبىرىكلەپ ئۇنىڭغا تىنىچلىق مەنىسىدىكى بارىش ئىسمىنى قويغان. ئۇنىڭ ئىسمى تۈركىيەدە كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقان. ئۇ گالاتاساراي ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقىۋاتقان مەزگىلدە مەكتەپتە «دوستلار كۇلۇبى»نى قۇرغان، كىيىن 62-63-يىلى«گارمون كۇلۇبى»نى قۇرغان. ئۇ شۇ دەۋرلەردە ئېيتقان ئامېرىكا ناخشىلىرى ۋە قايتا قاپلىما قىلىپ ئېيتقان تۈركىيە خەلق ناخشىلىرى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۇ مۇشۇ ئاساستا تۈركىيە خەلق مۇزىكىلىرى بىلەن روكنى بىرلەشتۈرگەن، بۇ ئانادولۇ روك ھەركىتىنىڭ باشلىنىشىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان. 1963-يىلى بارىش مانچو تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ياۋوپاغا بارغان، ئۇ يەرلەردىكى مۇزىكانىتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يىغقان، مۇھىمى ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە ھەم تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساياھەت قىلغان. 1967- يىلى ئۇنىڭ مۇزىكا ئەتىرىتى گېرمانىيە ،بېلگىيە ، فىرانسىيە، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا ئويۇن قويغان. 1967- يىلى بىر قېتىملىق ئېغىر قاتناش ھادىسىگە ئۇچىرىغاندىن كىيىن، ئۇ ئۇزۇن ساقاللىرى ئارقىلىق ھادىسىدە قېلىپ قالغان تارتۇقىنى يېپىۋالىشقا باشلىغان. 1970- يىلى بارىش مانچو تۈنجى پىلاستىنكىسى تاغلار تاغلارنى چىقارغان ، بۇ پىلاستىنكىسى بېلگىيەدە 700 مىڭ نۇسخا سېتىلغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى يەنىلا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىدىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى .

1999-يىلى1-ئاينىڭ31-كۈنى بارىش مانچو تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن قازا قىلغان. ئۇ قازا قىلغان كۈنى تۈركىيە تۇيۇقسىز جىمىپ كەتكەندەك سۈكۈتكە چۆمگەن، مىليونلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرغان، ئون مىليونلارچە كىشلەر ئۇنىڭ دەپتە مۇراسىمىغا قاتناشقان.

بارىش مانچو 1943-يىل 1-ئاينىڭ2-كۈنىدىن —1999-يىل1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ياشىغان تۈركىيەلىك داڭلىق ناخشىچى، داڭلىق كومپوزىتور،تېلىۋىزىيە پىروگىرامما تەھرىرى ھەمدە داڭلىق شەخىس ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىجات قىلغان ئەسەرلىرى 200 دىن ئاشىدۇ ھەمدە ئارىسىدىكى كۆپ ناخشىلىرى  باشقا تىللاردا تەرجىمە قېلىنىپ،كەڭ خەلىق ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە،مەسىلەن:گىرىك تىلىدا،بولغارىيە تىلىدا،رۇمىنىيە تىلىدا،پارىس تىلىدا،ئەرەپ تىلىدا ۋە ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمە قىلىنىپ ئېيتىلغان.

بارىش مانچو ھەرقانداق چاغدا تۈركىيەدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىدىغان كومپوزىتور ھىساپلىنىدۇ. ئۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە كۈي ئەترىتى بىلەن بىللە ئانادولۇ ھەركىتىنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئەنئەنىۋى تۈرك خەلق كۈيى بىلەن روك كۈيىنى راۋاجلاندۇرۇپ،كېيىنكى داڭلىق كومپىزوتور بولۇشىقا ئاساس سالغان.

«Mancoloji» مانچولوجى بولسا بارىش مانچونىڭ ئەڭ داڭلىق ئالبومىنىڭ بىرسى بۇلۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل تەجىرىبە خاراكتىرلىق كۈيى بىلەن ئېلىكتىرونلۇق كۈيلىرى 80 يىللارنىڭ كەينىگە قوشقان تۆھپىسى ھىساپلىنىدۇ.

پىلاستىنكىلىرى:[تەھرىرلەش]

تۈنۈگۈندىن بۈگۈنگىچە(1972-يىل)

2023(1975-يىل)

ھۆكۈمەت قاقشال دەۋرگە كىردى (1976-يىل)

يېڭى بىر كۈن (1979-يىل)

20 سەنئەت يىلى (1980-يىل)

سۆزۈمنىڭ چىشىڭغا تىگىش مەنىسى يوق(1981-يىل)

تەكەللۇپ قىلماڭ...تەكشۈرۈش ئىدارىسى نىمە( 1983-يىل)

30 سەنئەت يىلى(1988-يىل)

كەچۈرۈڭلار بالىلار(1995-يىل)

مانچولوجى(1999-يىل)

مەنبە:[تەھرىرلەش]

http://news.bashlan.com/t_s/2014/02_06/2978.html