تاراز

ئورنى Wikipedia

تاراز (Тараз‎\Taraz) يېقىنقى ئون يىل ئەتراپىدىكى ئىسىمدۇر، 1997- يىلىدىن بۇرۇن جامبۇل (Жамбы́л‎) دەپ ئاتىلاتتى. 1938- يىلىغىچە مىرزويان، 1936- يىلىدىن بۇرۇن ئەۋلىيا ئاتا (Әулие́-Ата) دەپ ئاتىلاتتى. بۇگۈن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى جامبۇل ۋىلايىتىنىڭ باششەھىرى. قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تالاس دەرياسى بويىغا جايلاشقان، قىرغىزىستانغا يېقىن بىر شەھەردۇر. شەھەرنىڭ نۇپۇسى 352 مىڭ (2012) بولۇپ، ھاۋا مەيدانى، تۆمۈر يول ۋە ئاپتوبۇسلىرى باردۇر.