جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىركەت قانۇنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىركەت قانۇنى
2004- يىل 8- ئايدىكى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى
1993- يىل 12- ئاينىڭ 29- كۈنى 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5- سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1999 – يىل12- ئاينىڭ 25- كۈنى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13- سانلىق يىغىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1- قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، 2004- يىل 8- ئاينىڭ 28- كۈنى 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11- سانلىق يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غائاساسەن 2- قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.
1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1- ماددا بۇ قانۇن زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش، شىركەت تەشكىلى ۋە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شىركەتنىڭ، پايچىكلارنىڭ ۋە ھەقدالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.
2- ماددا بۇ قانۇندا دېيىلگەن شىركەت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن جۇڭگو زېمىنىدا تەسىس قىلىنغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى ۋە پاي چەكلىك شىركەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
3- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە پاي چەكلىك شىركىتى – كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە.
چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكلىرى ئۆزلىرى چىقارغان مەبلەغ سوممىسىنى چەك قىلىپ، شۇ شىركەت ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شىركەتنىڭ قەرز مەسئۇلىيىتىنى شۇ شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق مۈلكى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ.
چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ بارلىق كاپىتالى تەڭ سوممىلىق پايغا بۆلىنىدۇ، پايچىك ئۆز ئىلكىدىكى پاينى چەك قىلىپ شىركەت ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شىركەتنىڭ قەرز مەسئۇلىيىتىنى شۇ شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق مۈلكى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ.
4- ماددا شىركەتنىڭ پايچىكلىرى مەبلەغ چىقارغۇچى سۈپىتى بىلەن، شىركەتكە سالغان كاپىتالىنىڭ مىقدارى بويىچە ئىگىدارغا خاس مۈلۈكتىن مەنپەئەت ئېلىش، چوڭ تەدبىر كۆرۈش، باشقۇرغۇچىلار تاللاش قاتارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
شىركەت پايچىكلانىك مەبلەغ سېلىشى بىلەن شەكىللەنگەن بارلىق قانۇنىي ئىگىلىك مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
شىركەتنىڭ دۆلەت مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى دۆلەتكە مەنسۇپ بولىدۇ.
5- ماددا شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق قانۇنىي ئىگىلىك مۈلكى بىلەن، قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدۇ، پايدا – زىيانغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ.
شىركەت دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش ئاساسىدا، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەتنى بازار ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆز ئالدىغا ئۇيۇشتۇرىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش، مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
6- ماددا شىركەتتە ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق ئايرىلغان، باشقۇرۇش ئىلمىي بولغان، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەش بىرلەشتۈرۈلگەن ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ.
7- ماددا دۆلەت كارخانىسىنى شىركەتكە ئۆزگەرتىشتە، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەلەپ بويىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىش، قەدەممۇ قەدەم مۈلۈك ئېنىقلاش – مەبلەغ بېكىتىش، مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دائىرسىنى بەلگىلەش، ھەقدارلىق ۋە قەرزدارلىقنى ئېىنقلاش، مۈلۈكنى باھالاش، قېلىپلاشقان ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى قۇرۇش كېرەك.
8- ماددا تەسىس قىلىنىدىغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، پاي چەكلىك شىركىتى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى پاي چەكلىك شىركىتى، دەپ تىزىمغا ئېلىنىدۇ؛ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى پاي چەكلىك شىركىتى، دەپ تىزىمغا ئېلىشقا بولمايدۇ.
قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا شىركەت تەسىس قىلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش شەرت، دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن ئىلگىرى قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك.
9- ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىركەتنىڭ نامىغا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دېگەن سۆزنى يېزىشى كېرەك.
مۇشۇ قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان پاي چەكلىك شىركىتى شىركەتنىڭ نامىغا پاي چەكلىك شىركىتى دېگەن سۆزنى يېزىشى كېرەك.
10- ماددا شىركەت ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشقان جاينى ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى قىلىدۇ.
11- ماددا شىركەت تەسىس قىلىشتا، مۇشۇ قانۇن بويىچە شىركەتنىڭ نىزامنامىسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. شىركەتنىڭ نىزامنامىسى شىركەت، پايچىك، مۇدىر، نازارەتچى، دىرېكتورلار ئۈچۈن چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.
شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ ۋە قانۇن بويىچە تىزىغا ئېلىنىدۇ. شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىدىكى تۈرلەرنىڭ قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا چەك قويۇلىدىغانلىرى قانۇن بويىچە تەستىقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.
شىركەت تىجارەت ئىشلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرغان تىجارەت دائىرىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. شىركەت قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە شىركەتنىڭ نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ ھەمدە شىركەت تىزىملاش ئورگىنى ئارقىلىق تىزىمنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۆزىنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى ئۆزگەرتسىمۇ بولىدۇ.
12- ماددا شىركەت باشقا چەكلىك مەسئۇلىيە شىركەتلىرىگە، پاي چەكلىك شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالسا بولىدۇ ھەمدە سالغان مەبلىغىنى چەك قىلىپ، ئۆزى مەبلەغ سالغان شىركەت ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
شىركەت گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەبلەغ سېلىش شىركىتى ۋە پاي چېكىنى كونترول قىلىش شىركىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىگە، پاي چەكلىك شىركەتلىرىگە سالغان مەبلەغنىڭ جەمئىي مىقدارى ئۆز شىركىتىنىڭ ساپ مۈلكىنىڭ 50 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، مەبلەغ سالغاندىن كېيىن، مەبلەغ سېلىنغان شىركەتنىڭ پايدىدىن ئاشقان كاپىتالىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭ قوشۇلما سوممىسى بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ.
13- ماددا شىركەت شۆبە شىركەت تەسىس قىلسا بولىدۇ، شۆبە شىركەت كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى شىركەت ئۈستىگە ئالىدۇ. شىركەت بالا شىركەت تەسىس قىلسا بولىدۇ، بالا شىركەت كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدۇ.
14- ماددا شىركەت تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ۋە جامائەتچىلىكنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى شەرت.
شىركەتنىڭ قانۇنى ھوقۇق – مەنپەئىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ، دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ.
15- ماددا شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى، ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇشى شەرت.
شىركەت كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسىپ تەربىيىسىنى ۋە ئىش ئورنىدا تەربىيىلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.
16- ماددا شىركەتنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى قانۇن بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. شىركەت ئۆز شىركىتىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا زۆرۈر پائالىيەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
دۆلەت شېرىكىسىز شىركىتىنىڭ ۋە ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەت كارخانىسىنىڭ ياكى دۆلەت ئىلىكىدىكى ئىككىدىن ئارتۇق مەبلەغ سالغۇچى باشقا سۇبيېكتنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاساسىي قانۇندىكى ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ئارقىلىق ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.
17- ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىركەتتىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
18- ماددا چەتنىڭ سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىق قىلىنىدۇ، جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار، جۇڭگو – چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار، چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسا، ئۇلارغا شۇ بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
2-باب چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى
1- پاراگراف تەسىس قىلىش
19- ماددا چەكىلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى تەسىس قىلىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك:
(1) پايچىكلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن بولۇش؛
(2) پايچىك چىقارغان مەبلەغ كاپىتالنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چېكىگە يەتكەن بولۇش؛
(3) پايچىكلار شىركەتنىڭ نىزامنامىسىنى بىرلىكتە تۈزگەن بولۇش؛
(4) شىركەتنىڭ نامى بولۇش، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن تەشكىلىي ئاپپارات قۇرۇلغان بولۇش؛
(5) مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئورنى ۋە زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت شارائىتى بولۇش.
20- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىككىدىن ئارتۇق 50 تىن ئاز پايچىكنىڭ بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن تەسىس قىلىنىدۇ.
دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتى ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماق دۆلەتنىڭ شېرىكسىز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىپ تەسىس قىلسا بولىدۇ.
21- ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى تەسىس قىلىنغان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەسىس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى بىرلا مەبلەغ سالغۇچى سۇبيېكت بولسا، مۇشۇ قانۇن بويىچە دۆلەتنىڭ شېرىكسىز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلسا بولىدۇ؛ كۆپ مەبلەغ سالغۇچى سۇبيېكت بولسا، ئالدىنقى ماددىنىڭ 1- تارمىقىدا بەلگىلەنگىنىدەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلسا بولىدۇ.
دۆلەت كارخانىسىنى شىركەت قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنىڭ قەدەم – باسقۇچىنى ۋە كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
22- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ نىزامنامىسىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
(1) شىركەتنىڭ نامى ۋە تۈرۇشلۇق جايى؛
(2) شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى؛
(3) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى؛
(4) پايچىكلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى؛
(5) پايچىكلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى؛
(6) پايچىكلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى ۋە چىقارغان مەبلەغ مىقدارى؛
(7) پايچىكلارنىڭ چىقارغان مەبلىغىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش شەرتى؛
(8) شىركەت ئاپپاراتى ۋە ئۇنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى، ھوقۇقى، كېڭىشىش قائىدىسى؛
(9) شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى؛
(10) شىركەتنى تارقىتىۋېتىش سەۋەبى ۋە ھېسابات ئېنىقلاش چارىسى؛
(11) پايچىكلار بەلگىلەشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان باشقا ئىشلار.
پايچىكلار شىركەتنىڭ نىزامنامىسىگە ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى كېرەك.
23- ماددا شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تىزىمغا ئالغان بارلىق پايچىكلار چىقىرىپ ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى بولىدۇ.
چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى تۆۋەندىكى ئەڭ تۆۋەن چەكتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك:
(1) ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتى ئاساس قىلىدىغان شىركەتنىڭكى 500 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى؛
(2) تاۋارنى توپ سېتىشنى ئاساس قىلىدىغان شىركەتنىڭكى 500 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى؛
(3) پارچە سېتىش سودىسىنى ئاساس قىلىدىغان شىركەتنىڭكى 300 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى؛
(4) پەن تېخنىكا كەشىپ قىلىش، مەسلىھەتچىلىك، مۇلازىمەتچىلىك خاراكتېرىدىكى شىركەتنىڭكى 100 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى.
ئالاھىدە ساھەلەرنىڭ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن چەكتىن ئاشۇرۇشقا توغرا كەلسە، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.
24- ماددا پايچىكلار پۇلنى مەبلەغ ئورنىدا چىقارسا بولىدۇ، ماددىي نەرسىنى، سانائەت مۈلۈك ھوقۇقىنى، پاتېنتسىز تېخنىكىنى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى پۇلغا سۇندۇرۇش يولى بىلەن مەبلەغ چىقارسىمۇ بولىدۇ. مەبلەغ ئورنىداچىقىرىلىدىغان ماددىي نەرسىنى، سانائەت مۈلۈك ھوقۇقىنى، پاتېنتسىز تېخنىكىنى ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مەبلەغ ئورنىداچىقىرىشتا، باھالاپ پۇلغا سۇندۇرۇش، مۈلۈكنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، يۇقىرى باھالاپ ياكى تۆۋەن باھالاپ پۇلغا سۇندۇرۇشقا بولمايدۇ. يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى باھالاپ پۇلغا سۇندۇرۇش قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
سانائەت مۈلۈك ھوقۇقىنى، پاتېنتسىز تېخنىكىنى پۇلغا سۇندۇرۇش يولى چىقارغان مەبلەغنىڭ سوممىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ 20 ىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا ئالاھىدە بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىد%ا.
25- ماددا پايچىكلار شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن، ئۆزلىرى تاپشۇرۇشقا يېزىلغان مەبلەغنى تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك. پايچىكلار پۇلنى مەبلەغ ئورنىدا چىقارغان بولسا، مەبلەغ ئورنىداچىقىرىلغان پۇلنى تەسىس قىلىنىدىغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بانكىدا ئاچقان ۋاقىتلىق ھېسابىغا تولۇق ئامانەت قويۇشى كېرەك؛ ماددىي نەرسە، سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنتسىز تېخنىكا ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مەبلەغ ئورنىدا چىقارغان بولسا، قانۇن بويىچە ئۆزلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.
پايچىكلار تاپشۇرۇشقا يېزىلغان مەبلەغنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرمىسا، چىقىرىدىغان مەبلەغنى تولۇق تاپشۇرغان پايچىكلار ئالدىدا توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
26- ماددا پايچىكلار چىقىرىدىغان مەبلەغنى تولۇق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەبلەغ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى مەبلەغنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ئىسپات بېرىشى شەرت.
27- ماددا پايچىكىلار چىقارغان بارلىق مەبلەغنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەبلەغ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بارلىق پايچىكلار كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى ئورتاق ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى ئارقىلىق شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا تەسىس قىلىشنى تىزىمغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، شىركەتنى تىزىمغا ئېلىش ئىلتىماسى، شىركەت نىزامنامىسى، مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تاپشۇرىدۇ.
قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، تەسىس قىلىشنى تىزىمغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تەستىق ھۆججەتنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
شىركەت تىزىملاش ئورگىنى مۇشۇ قانۇندابەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى تىزىمغا ئالىدۇ، ئۇلارغا شىركەت تىجارەت كىنىشكىسى بېرىدۇ؛ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى تىزىمغا ئالمايدۇ.
شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسگە ئىمزا قويۇلغان كۈن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغان كۈن بولىدۇ.
28- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەبلەغ ئورنىدا چىقىرىلغان ماددا نەرسە، سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنتسىز تېخنىكا ۋە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ئەمەلىي باھا سوممىسى شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بېكىتىلگەن باھا سوممىسىدىن خېلىلا تۆۋەن بولۇپ قالغانلىقى سېزىلسە، مەبلەغ چىقارغان شۇ پايچىك ئۇنىڭ كەم قىسمىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك، شىركەت قۇرۇلغان چاغدىكى باشقا پايچىكلار ئۇنىڭ ئۈچۈن چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
29- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەسىس قىلىنىش بىلەن بىللە شۆبە شىركەتمۇ تەسىس قىلىنغان بولسا، تەسىس قىلىنغان شۆبە شىركەتنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىش، تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىش كېرەك.
چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تەسىس قىلىنغان شۆبە شىركەتلەر شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئارقىلىق شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىشى، تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىش كېرەك.
30- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پايچىكلارغا مەبلەغ چىقارغانلىق گۇۋاھنامىسى بېرىشى لازىم.
مەبلەغ چىقارغانلىق گۇۋاھنامىسىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
(1) شىركەتنىڭ نامى؛
(2) شىركەتنىڭ تىزىمغا ئېلىنغان ۋاقتى؛
(3) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى؛
(4) پايچىكنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى، تاپشۇرغان مەبلىغىنىڭ مىقدارى، مەبلەغ چىقارغان ۋاقتى؛
(5) مەبلەغ چىقارغانلىق گۇۋاھنامىسىنىڭ رەت نومۇرى ۋە تەكشۈرۈپ بېرىلگەن ۋاقتى.
مەبلەغ چىقارغانلىق گۇۋاھنامىسىگە شىركەت تامغا باسىدۇ.
31- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پايچىكلار رويخېتىنى تەييارلاپ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئىشلار يېزىشى كېرەك:
(1) پايچىكنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛
(2) پايچىك چىقارغان مەبلەغنىڭ مىقدارى؛
(3) مەبلەغ چىقارغانلىق گۇۋاھنامىسىنىڭ رەت نومۇرى.
32- ماددا پايچىك پايچىكلار يىغىنىنىڭ يىغىن خاتىرىسىنى ۋە شىركەتنىڭ مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتىنى كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق.
33- ماددا پايچىكلار چىقارغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى بويىچە تەقىسىم قىلىنىدىغان پايدىن بەھرىمان بولىدۇ، شىركەتنىڭ كاپىتالى كۆپەيتىلگەندە، پايچىكلار چىقىرىدىغان مەبلەغنى تاپشۇرۇشقا ئاۋۋال تىزىملاتسا بولىدۇ.
34- ماددا شىركەت تىزىمغا ئېلىنغاندىن كېيىن، پايچىكلار چىقارغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالسا بولمايدۇ.
35- ماددا پايچىكلار ئۆزلىرى چىقارغان مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى بىر – بىرىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ.
پايچىكلار ئۆزلىرى چىقارغان مەبلەغنى پايچىكتىن باشقا كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولغاندا، بارلىق پايچىكلارنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش شەرت؛ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قوشۇلمىغان پايچىكلار ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان شۇ مەبلەغنى سېتىۋېلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇلار ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان شۇ مەبلەغنى سېتىۋالمىسا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قوشۇلدى، دەپ قارىلىدۇ.
پايچىكلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان مەبلەغنى ئوخشاش شەرت ئاستىدا باشقا پايچىكلار ئاۋۋال سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
36- ماددا پايچىك ئۆزىنىڭ چىقارغان مەبلىغىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن، شىركەت ئۆتكۈزۈۋالغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى، تۇرۇشلۇق جايى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن مەبلەغ مىقدارىنى پايچىكلار رويخېتىگە خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.
2- پاراگراف تەشكىلىي ئاپپارات
37- ماددا چەكىلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكلار يىغىنى بارلىق پايچىكلاردىن تەركىب تاپىدۇ، پايچىكلار يىغىنى شىركەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى بولۇپ، مۇشۇ قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
38- ماددا پايچىكلار يىغىنى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) شىركەتنىڭ تىجارەت فاڭجېنى ۋە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى بەلگىلەيدۇ؛
(2) مۇدىرلارنى سايلايدۇ ۋە ئالماشتۇرىدۇ، مۇدىرلارنىڭ ئىش ھەققىگە ئالاقىدار ئىشلارنى بەلگىلەيدۇ؛
(3) پايچىكلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولىدىغان نازارەتچىلەرنى سايلايدۇ ۋە ئالماشتۇرىدۇ، نازارەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە ئالاقىدار ئىشلارنى بەلگىلەيدۇ؛
(4) مۇدىرىيەتنىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛
(5) نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ ياكى نازارەتچىنىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛
(6) شىركەتنىڭ يىللىق مالىيە خام چوت لايىھىسى ۋە نەق چوت لايىھىسىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛
(7) شىركەتنىڭ پايدا تەقسىم قىلىش لايىھىسى ۋە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش لايىھىسىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛
(8) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛
(9) شىركەت زايومىنى تارقىتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛
(10) پايچىكلار چىقارغان مەبلەغنى پايچىكتىن باشقا كىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدا قارا چىقىرىدۇ؛
(11) شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، شىركەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، شىركەتنى تارقىتىۋېتىش، ھېساباتنى ئېنىقلاش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛
(12) شىركەت نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ.
39- ماددا پايچىكلار يىغىنىنىڭ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى ۋە ئاۋاز بېرىش رەسمىيىتى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
پايچىكلار يىغىنى شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش، شىركەتنى ئايرىش، قوشۇۋېتىش، تارقىتىۋېتىش ياكى شىركەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا چىقارغان قارار ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن كۆپرەكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پايچىكلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت.
40- ماددا شىركەت نىزامنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزسە بولىدۇ. شىركەتنىڭ نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن كۆپرەكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پايچىكلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت.
41- ماددا پايچىكلار يىغىنىدا پايچىكلار چىقارغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
42- ماددا تۇنجى قېتىملىق پايچىكلار يىغىنىنى ئەڭ كۆپ مەبلەغ چىقارغان پايچىك چاقىرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
43- ماددا پايچىكلار يىغىنى قەرەللىك يىغىن ۋە قەرەلسىز يىغىن دەپ ئايرىلىدۇ.
قەرەللىك يىغىن شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆز قەرەلىدە چاقىرىلىدۇ. ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ تۆتتىن بىرىدىن كۆپرەكىگە ۋەكللىك قىلىدىغان پايچىكلار، ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئارتۇق مۇدىرلار ياكى نازارەتچىلەر قەرەلسىز يىغىن ئېچىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.
چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە مۇدىرىيەت تەسىس قىلىنغان بولسا، پايچىكلار يىغىنىنى مۇدىرىيەت چاقىرىدۇ. يىغىنغا باش مۇدىر رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، باش مۇدىر ئالاھىدە سەۋەب بىلەن ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرالماي قالغاندا، باش مۇدىر كۆرسەتكەن مۇئاۋىن باش مۇدىر ياكى باشقا مۇدىرلار رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
44- ماددا پايچىكلار يىغىنىنى چاقىرىشتا، يىغىن چاقىرىلىشتىن 15 كۈن ئىلگىرى بارلىق پايچىكلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.
پايچىكلار يىغىنىدا قارىلىدىغان ئىش توغرىسىدىكى قارار ھەققىدە يىغىن خاتىرىسى يېزىلىشى، يىغىنغا قاتناشقان پايچىكلار يىغىن خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.
45- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە مۇدىرىيەت تەسىس قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەر ئۈچتىن 13 كىچە بولىدۇ.
ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەت كارخانىسىنىڭ ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئىككىدىن ئارتۇق باشقا مەبلەغ سالغۇچى سۇبيېكتنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتى تەركىبىگە شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەكىلى كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. مۇدىرىيەت تەركىبىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىلى شىركەت ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلىمى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
مۇدىرىيەت بىر باش مۇدىر قويۇلىدۇ، بىردىن ئىككىگىچە مۇئاۋىن باش مۇدىر قويۇلسىمۇ بولىدۇ. باش مۇدىر، مۇئاۋىن باش مۇدىرلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ.
باش مۇدىر شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ.
46- ماددا مۇدىرىيەت پايچىكلار يىغىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) پايچىكلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ چاقىرىدۇ ۋە پايچىكلار يىغىنىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ؛
(2) پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ؛
(3) شىركەتنىڭ تىجارەت پىلانى ۋە مەبلەغ سېلىش لايىھىسىنى بەلگىلەيدۇ؛
(4) شىركەتنىڭ يىللىق مالىيەخام چوت لايىھىسى ۋە نەق چوت لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
(5) شىركەتنىڭ پايدا تەقسىم قىلىش لايىھىسى ۋە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
(6) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
(7) شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، شىركەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، شىركەتنى تارقىتىۋېتىش لايىھىسىنى تەييارلايدۇ؛
(8) شىركەتنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ؛
(9) شىركەتنىڭ دىرېكتورى (باش دىرېكتور) (تۆۋەندە قىسقارتىپ دىرېكتور دېيىلىدۇ) نى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ، دىرېكتورنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، مالىيە مەسئۇلىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىگە دائىر ئىشلارنى بەلگىلەيدۇ؛
(10) شىركەتنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
47- ماددا مۇدىرلارنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى شىركەت نىزامىنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ، لېكىن ھەرنۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. مۇدىرلار ۋاكالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق سايلانسا، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.
مۇدىرلارنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى، پايچىكلار يىغىنى ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن سەۋەبسىز ئېلىۋەتسە بولمايدۇ.
48- ماددا مۇدىرىيەت يىغىنىنى باش مۇدىر چاقىرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ؛ باش مۇدىر ئالاھىدە سەۋەب بىلەن ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرالماي قالغاندا، باش مۇدىر كۆرسەتكەن مۇئاۋىن باش مۇدىر ياكى باشقا مۇدىرلار چاقىرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. مۇدىرلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى مۇدىرىيەت يىغىنىنى چاقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.
49- ماددا مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى ۋە ئاۋازغا قويۇش رەسمىيىتى شىركەت نىزامنامسىدە بەلگىلىنىدۇ، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
مۇدىرىيەت يىغىنىنى چاقىرىشتا، يىغىن چاقىرىشتىن ئون كۈن ئىلگىرى بارلىق مۇدىرلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.
مۇدىرىيەت يىغىنىدا قارالغان ئىشلار توغرىسىدىكى قارار ھەققىدە يىغىن خاتىرىسى يېزىلىشى، يىغىنغا قاتناشقان مۇدىرلار يىغىن خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.
50- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە دىرېكتور قويولىدۇ، دىرېكتورنى مۇدىرىيەت ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ. دىرېكتور مۇدىرىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) شىركەتنىڭ ئىشلەپچقىرىش – ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مۇدىرىيەت قارارلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ؛
(2) شىركەتنىڭ يىللىق تىجارەت پىلانى ۋە مەبلەغ سېلىش لايىھىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ؛
(3) شىركەتنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
(4) شىركەتنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
(5) شىركەتنىڭ كونكرېت قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
(6)شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، مالىيە مەسئۇلىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش ياكى ۋەزىپىسىدىن بوشىتىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنىدۇ؛
(7) مۇدىرىيەت ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدىغان ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرىدىغانلاردىن باشقا مەسئۇل باشقۇرغۇچى خادىملارنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشتىدۇ؛
(8) شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ۋە مۇدىرىيەت بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.
دىرېكتور مۇدىرىيەت يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ
51- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكلىرى ئازراق ۋە كۆلىمى كىچىكرەك بولسا، مۇدىرىيەت تەسىس قىلىنماي، بىر ئىجرائىي مۇدىر قويۇلسا بولىدۇ. ئىجرائىي مۇدىر شىركەتنىڭ دىرېكتورلۇقىنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولىدۇ.
ئىجرائىي مۇدىرنىڭ خىزمەت ھوقۇقى مۇشۇ قانۇننىڭ 46- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ.
چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە مۇدىرىيەت تەسىس قىلىنمىغان بولسا، ئىجرائىي مۇدىر شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ.
52- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تىجارەت كۆلىمى چوڭراق بولسا، نازارەتچىلىك ھەيئىتى تەسىس قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەر ئۈچتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. نازارەتچىلىك ھەيئىتى ئۆزىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملاردىن بىر رىياسەتچى كۆرسىتىشى كېرەك.
نازارەتچىلىك ھەيئىتى پايچىكلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇۋاپىق نىسبەتتىكى ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، كونكرېت نىسبەت شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ. نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلىمى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكلىرى ئازراق ۋە كۆلىمى كىچىكرەك بولسا، بىردىن ئىككىگىچە نازارەتچى قويۇلسا بولىدۇ.
مۇدىر، دېرىكتور ۋە مالىيە مەسئۇلى نازارەتچىلىكنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ.
53- ماددا نازارەتچىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ. نازارەتچى ۋاكالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، داۋاملىق سايلانسا، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.
54- ماددا نازارەتچىلىك ھەيئىتى ياكى نازارەتچى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) شىركەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى تەكشۈرىدۇ؛
(2) مۇدىرلارنىڭ، دىرېكتورنىڭ شىركەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتىدا قانۇن ۋە نىزاملارغا ياكى شىركەت نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلغان ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛
(3) مۇدىرلارنىڭ ۋە دىرېكتورنىڭ ھەرىكىتى شىركەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەندە، مۇدىرلارنىڭ ۋە دىرېكتورنىڭ تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ؛
(4) پايچىكلانىڭ قەرەلسىز يىغىنىنى چاقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ؛
(5) شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقاخىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.
نازارەتچى مۇدىرىيەت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ.
55- ماددا شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى، پاراۋانلىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە تاقىلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىش ۋاقتىدا، ئالدى بىلەن شىركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى ھەمدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى ياكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى ئالاقىدار يىغىنلارغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشى كېرەك.
- ماددا شىركەت ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەتكە دائىر چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ قارار چىقىرىش، مۇھىم قائىدە – تۈزۈملەرنى تۈزۈش ۋاقتىدا، شىركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىشى كېرەك.
57- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنىڭ شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، دىرېكتورى بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ:
(1) ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىسا، ياكى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن بولسا؛
(2) خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلىش، مۈلۈكنى ئىگىلىۋېلىش، مۈلۈكنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن جىنايى جازاغا تارتىلغان، ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشقىنىغا بەش يىل بولمىغان ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان، ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشقىنىغا بەش يىل بولمىغان بولسا؛
(3) ئىگلىكى ياخشى باشقۇرۇلماي ۋەيران بولۇش ھېساباتى ئېنىقلانغان شىركەتلەرنىڭ، كارخانىلارنىڭ مۇدىرى ياكى زاۋۇت باشلىقى، دىرېكتورى بولغان ھەمدە شۇ شىركەتلەرنىڭ، كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىدا شەخسىي جاۋابكارلىقى بولغان، شۇ شىركەتلەر، كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇپ ھېساباتى ئېنىقلانغىنىغا ئۈچ يىل توشمىغان بولسا؛
(4) قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تىجارەت كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنغان شىركەتلەرنىڭ، كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولغان ھەمدە شەخسىي جاۋابكارلىقى بولغان، شۇ شىركەتلەر، كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنغىنىغا ئۈچ يىل توشمىغان بولسا؛
(5) ئارتىلىپ قالغان شەخىسىي قەرز سوممىسى كۆپرەك بولۇپ، ئۆز قەرەلىدە قايتۇرۇپ بولمىغان بولسا.
شىركەت ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمگە خىلاپ قىلىپ، مۇدىرنى، نازارەتچىنى سايلىغان، تەيىنلىگەن ياكى دىرېكتورنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلغان بولسا، شۇ سايلاش، تەيىنلەش ياكى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش ئىناۋەتسىز بولىدۇ.
58- ماددا دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ شىركەتنىڭ مۇدىرلىقى، نازارەتچىلىكى ۋە دىرېكتورلۇقىنى قوشۇمچە ئۆتۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
59- ماددا مۇدىرلار، نازارەتچىلەر، دىرېكتورلار شىركەت نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىشى، ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئاتقۇرۇشى، شىركەت مەنپەئىتىنى قوغدىشى، شىركەتتىكى ئورنى ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلماسلىقى كېرەك
مۇدىرلار، نازارەتچىلەر، دىرېكتورلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىشىغا ياكى باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن تاپاۋەت قىلىشىغا، شىركەتنىڭ مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.
60- ماددا مۇدىرلارنىڭ، دىرېكتورلارنىڭ شىركەت مەبلىغىنى ئىشلىتۋېلىشىغا ياكى شىركەت مەبلىغىنى باشقىلارغا قەرز بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
مۇدىرلارنىڭ، دىرېكتورلارنىڭ شىركەت مۈلكىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي نامىدا ياكى باشقا شەخسلەرنىڭ نامىدا ھېساب ئېچىپ ساقلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مۇدىرلار، دىرېكتورلار شىركەتنىڭ مۈلكى ئارقىلىق شۇ شىركەت پايچىكلىرىنىڭ ياكى باشقا شەخسلەرنىڭ قەرزىگە كېپىللىك قىلسا بولمايدۇ.
61- ماددا مۇدىرلارنىڭ، دىرېكتورلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ياكى باشقىلار ئۈچۈن ئۆزلىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان شىركەتنىڭكىگە ئوخشاش تىجارەت بىلەن ياكى ئۆز شىركىتىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. يۇقىرىدىكى تىجارەت ياكى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ تاپاۋەت قىلغان كىرىمى شىركەتنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. مۇدىرلارنىڭ، دىرېكتورلارنىڭ ئۆز شىركىتى بىلەن توختام تۈزۈشىگە ياكى سودا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەنلىرى ياكى پايچىكلار يىغىنى قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
62- ماددا مۇدىرلار، نازارەتچىلەر ۋە دىرېكتورلارنىڭ شىركەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرى ياكى پايچىكلار يىغىنى قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
63- ماددا مۇدىرلار، نازارەتچىلەر، دىرېكتورلار شىركەتتە ۋەزىپە ئاتقۇرغاندا، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا ياكى شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، شىركەتكە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
3- پاراگراف دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى
64- ماددا بۇ قانۇندا دېيىلگەن دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتنىڭ ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى كۆرستىىدۇ.
گوۋۇيۈەن ئالاھىدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن شىركەت ياكى ئالاھىدە ساھەگە تەۋە بولغان شىركەت دۆلەتنىڭ شېرىكسىز شەكلىنى قوللىنىشى كېرەك.
65- ماددا دۆلەت شېركسىز شىركىتىنىڭ نىزامنامىسىنى دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماق مۇشۇ قانۇن بويىچە تۈزۈپ چىقىدۇ ياكى مۇدىرىيەت تۈزۈپ، دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتقا ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ.
66- ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىدە پايچىكلار يىغىنى تەسىس قىلىنمايدۇ، دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماق شىركەت مۇدىرىيىتىگە پايچىكلار يىغىنىنىڭ بىر قىسىم خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، شىركەتنىڭ چوڭ – چوڭ ئىشلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزۈشكە ھوقۇق بېرىدۇ، لېكىن شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، تارقىتىۋېتىش، كاپىتالنى كۆپەيتىش – ئازايتىش ۋە شىركەت زايومى تارقىتىشنى دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماق بەلگىلىشى شەرت.
67- ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركتىنىڭ نازارەتچىلىك ھەيئىتى ئاساسەن گوۋۇيۈەن تەمىنلىگەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات، تارماق تەيىنلىگەن خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا شىركەت ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەكىلى قاتناشتۇرۇلۇشى لازىم. نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ئۈچتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. نازارەتچىلىك ھەيئىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 54- ماددا 1- تارمىقىنىڭ (1)، (2) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ.
نازارەتچى مۇدىرىيەت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ.
مۇدىر، دىرېكتور ۋە مالىيە مەسئۇلى نازارەتچىلىكنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ.
68- ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىدە مۇدىرىيەت تەسىس قىلىنىدۇ، مۇدىرىيەت مۇشۇ قانۇننىڭ 46-، 66- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. مۇدىرىيەتنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ.
شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزالىرى ئۈچتىن توققۇزغىچە بولىدۇ، ئۇلارنى دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماق مۇدىرىيەتنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى بويىچە تەيىنلەيدۇ ياكى ئالماشتۇرىدۇ، مۇدىرىيەتنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇشى كېرەك. مۇدىرىيەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلىمى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
مۇدىرىيەتتە بىر باش مۇدىر قويۇلىدۇ، ئېھتىياجغا قاراپ مۇئاۋىن باش مۇدىر قويۇلسىمۇ بولىدۇ. باش مۇدىر، مۇئاۋىن باش مۇدىرنى دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماق مۇدىرىيەت ئەزالىرىدىن بەلگىلەيدۇ. باش مۇدىر شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ.
69- دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىدە دىرېكتور قويۇلىدۇ، ئۇنى مۇدىرىيەت ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ، دىرېكتور مۇشۇ قانۇننىڭ 50- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
مۇدىرىيەتنىڭ ئەزالىرى دۆلەتل مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتنىڭ ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن دىرېكتورلۇقنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولىدۇ.
70- ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، مۇئاۋىن باش مۇدىرى، مۇدىرلىرى، دىرېكتورلىرىنىڭ دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتنىڭ ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، باشقا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى، پاي چەكلىك شىركەتلىرى ياكى باشقا تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۆتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
71- ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تەستىقلىتىش ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماق بېجىرىدۇ.
72- ماددا ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەل، تىجارەت ئەھۋالى ياخشىراق بولغان چوڭ تىپتىكى دۆلەت شېرىكسىز شىركەتلىرىگە گوۋۇيۈەن مۈلۈك ئىگىسىگە خاس ھوقۇقنى يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بەرسە بولىدۇ.
3- باب پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋەتەشكىلي ئاپپاراتى
1- پاراگراف تەسس قىلىش
73- ماددا پاي چەكلىك شىركىتىنى تەسىس قىلىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:
(1) تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولۇش؛
(2) تەشەببۇس قىلغۇچىلار تاپشۇرۇشقا يېزىلغان ۋە جەمئىيەتتىن ئاشكارا توپلانغان پاي دەسمايىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن كاپىتال مىقدارىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىگە يەتكەن بولۇش؛
(3) پاي تارقىتىش، قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇش؛
(4) تەشەببۇس قىلغۇچىلار شىركەت نىزامنامىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى شىركەت قۇرۇش يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش؛
(5) شىركەتنىڭ نامى بولۇش ۋە چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن تەشكىلىي ئاپپارات قۇرۇش؛
(6) مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئورنى ۋە زۆرۈر ئىشلەپچقىرىش – تىجارەت شارائىتى بولۇش.
74- ماددا پاي چەكلىك شىركىتىنى تەسىس قىلىشتا، تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق تەسىس قىلىش ئۇسۇلى ياكى پاي توپلاش ئارقىلىق تەسىس قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلسا بولىدۇ.
تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق تەسىس قىلىش تەشەببۇس قىلغۇچىلار شىركەت تارقىتىشقا تېگىشلىك بارلىق پاي چېكىنى سېتىۋېلىشقا خېرىدار بولۇش يولى بىلەن شىركەت تەسىس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
پاي توپلاش ئارقىلىق تەسىس قىلىش تەشەببۇس قىلغۇچىلار شىركەت تارقىتىشقا تېگىشلىك پاي چېكىنىڭ بىر قىسمىنى سېتىۋېلىشقا خېرىدار بولۇش، قالغان قىسمىغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش يولى بىلەن شىركەت تەسىس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
75- ماددا پاي چەكلىك شىركىتى تەسىس قىلىشنى بەشتىن ئارتۇق كىشى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك، تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ جۇڭگۇ زېمىنىدا تۇرۇشلۇق جايى بولۇشى شەرت.
دۆلەت كارخانىسىنى پاي چەكىلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتا، تەشەببۇس قىلغۇچىلار بەشتىن ئاز بولسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭدا پاي توپلاش ئارقىلىق تەسىس قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
76- ماددا پاي چەكلىك شىركىتىنى تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆزى سېتىۋېلىشقا تىگىشلىك پاي چېكىنى سېتىۋېلىشى ۋە شىركەت قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئىشىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
77- ماددا پاي چەكلىك شىركىتىنى تەسىس قىلىشتا، گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
78- ماددا شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تىزىمغا ئالغان، نەق تاپشۇرۇۋېلىنغان ئومۇمىي پاي سوممىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالى بولىدۇ.
پاي چەكىلىك شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 10 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ. پاي چەكلىك شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى يۇقىرىدا بەلگىلەنگەن چەكتىن ئاشۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۇ قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.
79- ماددا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ نىزامنامىسىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
(1) شىركەتنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛
(2) شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى؛
(3) شىركەت تەسىس قىلىش ئۇسۇلى؛
(4) شىركەتنىڭ ئومۇمىي پاي سانى، ھەر بىر پاينىڭ سوممىسى ۋە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالى؛
(5) تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى سېتىۋالغان پاي چېكىنىڭ سانى؛
(6) پايچىكلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى؛
(7) مۇدىرىيەتنىڭ تەشكىل قىلىنىشى، خىزمەت ھوقۇقى، ۋاكالەت
مۇددىتى ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش قائىدىسى؛
(8) شىركەتنىڭ قانۇنى ۋەكىلى؛
(9) نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى، خىزمەت ھوقۇقى، ۋاكالەت مۇددىتى ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش قائىدىسى؛ (10) شىركەتنىڭ پايدا تەقىسىم قىلىش چارىسى؛
(11) شىركەتنى تارقىتىۋېتىش سەۋەبى ۋە ھېسابات ئېنىقلاش چارىسى؛
(12) شىركەتنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە ئېلان چىقىرىش چارىسى؛
(13) پايچىكلار يىغىنى بەلگىلەشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان باشقا ئىشلار.
80- ماددا تەشەببۇس قىلغۇچىلار پۇلنى مەبلەغ ئورنىدا چىقارسا بولىدۇ، ماددىي نەرسە، سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنتسىز تېخنىكا ۋە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى باھاغا سۇندۇرۇش يولى بىلەن مەبلەغ چىقارسىمۇ بولىدۇ. مەبلەغ ئورنىدا چىقىرىلغان ماددىي نەرسە، سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنتسىز تېخنىكا ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى باھالاپ پۇلغا سۇندۇرۇش، مۈلۈكنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە پايغا سۇندۇرۇش شەرت. يۇقىرى باھالاپ ياكى تۆۋەن باھالاپ پۇلغا سۇندۇرۇشقا بولمايدۇ. يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى باھالاپ سۇندۇرۇش ئىشى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىلىدۇ.
تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنتسىز تېخنىكىنى پۇلغا سۈندۇرۇش يولى بىلەن چىقارغان مەبلەغنىڭ سوممىسى پاي چەكلىك شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ 20 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرە%ك.
81- ماددا دۆلەت كارخانىسىنى پاي چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتا، دۆلەت مۈلكىنى تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرۇش، تۆۋەن باھادا سېتىش ياكى شەخسلەرگە ھەقسىز بۆلۈپ بېرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
82- ماددا پاي چەكلىك شىركىتى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق قىلغۇچىلار شىركەت نىزامنامىسىدە تارقىتىش بەلگىلەنگەن پاي چېكىنى تولۇق ئېلىشقا يازما خېرىدار بولغاندىن كېيىن، پاي سوممىسىنى دەرھال تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك؛ ماددىي نەرسە، سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنتسىز تېخنىكا ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى باھاغا سۈندۇرۇلۇپ، پاي پۇلى قىلىنغان بولسا، ئۇلار قانۇن بويىچە ئۆزىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.
تەشەببۇس قىلىغۇچىلار مەبلەغنى تولۇق چىقارغاندىن كېيىن، مۇدىرىيەت ۋە نازارەتچىلىك ھەيئىتىنى سايلىشى كېرەك. مۇدىرىيەت شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا شىركەت تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى تەستىق ھۆججەت، شىركەت نىزامنامىسى، مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى يوللاپ، تەسىس قىلىشنى تىزىمغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.
83- ماددا پاي چەكلىك شىركىتى پاي ئارقىلىق تەسىس قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەسىس قىلىنغان بولسا، تەشەببۇس قىلغۇچىلار سېتىۋېلىشقا يېزىلغان پاي چېكى شىركەت ئومۇمىي پېيىنىڭ 35 ىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك، پاينىڭ قالغان قىسمىنى جەمئىيەتتىن ئاشكارا توپلاش كېرە%ك.
84- ماددا تەشەببۇس قىلغۇچىلار جەمئىيەتتىن ئاشكاراپاي توپلىغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكىسىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا پاي توپلاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشى ۋە تۆۋەندىكى ئاساسلىق ھۆججەتلەرنى يوللىشى كېرەك:
(1) شىركەت تەسىس قىلىش تەستىقلانغان ھۆججەت؛
(2) شىركەت نىزامنامىسى؛
(3) تىجارەت مۆلچەرنامىسى؛
(4)تەشەببۇس قىلىغۇچىلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى، تەشەببۇس قىلغۇچىلار سېتىۋېلىشقا يېزىلغان پاي چېكىنىڭ سانى، چىقارغان مەبلەغنىڭ تۈرى ۋە مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى؛
(5) پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى؛
(6) پاي پۇلىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالىدىغان بانكىنىڭ نامى ۋە ئادرېسى؛
(7) سېتىپ بەرگۈچى ئاپپاراتنىڭ نامى ۋە ئالاقىدار كېلىشىملەر.
تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ گوۋۇيۈەن ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز جەمئىيەتتىن ئاشكارا پاي توپلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
85- ماددا پاي چەكلىك شىركىتى گوۋۇيۈەن ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، چېگرا سىرتىدىن ئاشكارا پاي توپلسا بولىدۇ، ئۇنىڭ كونكرېت چارىسى توغرىسىدا گوۋۇيۈەن ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.
86- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغان پاي توپلاش ئىلتىماسىنى تەستىقلايدۇ؛ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولمىغان پاي توپلاش ئىلتىماسىنى تەستىقلىمايدۇ.
ئىلگىرىكى تەستىقنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى سېزىلسە، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. پاي توپلاشنى توختىتىش كېرەك؛ پاي توپلىنىپ بولغان بولسا، پاي چېكىگە خېرىدار بولغانلار تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن تاپشۇرغان پاي پۇلىنى ھەمدە ئۇنىڭغا بانكىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمى بويىچە قوشۇلىدىغان ئۆسۈم بىلەن قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
87- ماددا پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسىگە تەشەببۇس قىلغۇچىلار تۈزۈپ چىققان شىركەت نىزامنامىسىنى قوشۇپ قويۇش ۋە تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك:
(1) تەشەببۇس قىلغۇچىلار سېتىۋېلىشقا يېزىلغان پاي چېكىنىڭ سانى؛
(2) ھەربىر پاي چېكىنىڭ يېزىلغان سوممىسى ۋە تارقىتىش باھاسى؛
(3) ئىسمسىز پاي چېكىنىڭ ئومۇمىي تارقىتىلىش سانى؛
(4) پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچىنىڭ ھوقۇق – مەجبۇرىيىتى؛
(5) شۇ قېتىملىق پاي توپلاشنىڭ باشلىنىش – ئاخىرلىشىش مۆھلىتى ۋە پاي مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتكۈچە تولۇق توپلانمىغاندا، پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچىنىڭ پاي چېكىگە بولغان خېرىدارلىقتىن يېنىۋېلىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىزاھات.
88- ماددا تەشەببۇس قىلغۇچىلار جەمئىيەتتىن ئاشكارا پاي توپلاشتا، پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسىنى ئېلان قىلىشى، پاي خېرىدار نامىسىنى ئىشلەپ چىقىشى لازىم. پاي خېرىدارنامىسىگە ئالدىنقى ماددا كۆرسىتىلگەن ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى، پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچى ئۆزى خېرىدار بولغان پاي چېكىنىڭ سانى، سوممىسى، ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىنى تولدۇرۇشى ھەمدە ئىمزا قويۇپ تامغا بېسىشى كېرەك. پاي چىكىگە خېرىدار بولغۇچى خېرىدار بولغان پاي چېكىنىڭ سانى بويىچە پاي پۇلى تاپشۇرىدۇ.
89- ماددا تەشەببۇس قىلغۇچىلار جەمئىيەتتىن ئاشكارا پاي توپلىغاندا، قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاكسىيە تىجارەت ئاپپاراتى سېتىپ بېرىشنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىشى كېرەك.
90- ماددا تەشەببۇس قىلغۇچىلار جەمئىيەتتىن ئاشكارا پاي توپلىغاندا، بانكا بىلەن پاي پۇلىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىشى كېرەك.
پاي پۇلىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالىدىغان بانكا پاي پۇلىنى كېلىشىم بويىچە ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىشى ۋە ساقلىشى، پاي چېكىگە خېرىدار بولغانلاردىن پاي پۇلىنى تاپشۇرغانلارغا پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ھۆججىتى بېرىشى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار ئالدىدا پۇلنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى توغرىسىدا ئىسپات بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
91- ماددا تارقىتىلغان پاي چېكىنىڭ پۇلى تولۇق تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەبلەغ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى مەبلەغنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ئىسپات بېرىشى كېرەك. تەشەببۇس قىلغۇچى 30 كۈن ئىچىدە ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىنى ئېچىشى كېرەك. شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچىلاردىن تەركىب تاپىدۇ.
تارقىتىلىدىغان پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسىدە بەلگىلەنگەن ئاخىرقى مۆھلەتتىن ئۆتۈپ كەتكۈچە
تولۇق توپلانمىغان ياكى تارقىتىلغان پاي چېكىنىڭ پۇلى تولۇق تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن تەشەببۇس قىلغۇچى 30 كۈن ئىچىدە شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىنى ئاچمىغان بولسا، پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچىلار تەشەببۇس قىلغۇچىدىن ئۆزلىرى تاپشۇرغان پاي پۇلىنى ۋە ئۇنىڭغا بانكىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمى بويىچە قوشۇلىدىغان ئۆسۈم بىلەن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
92- ماددا تەشەببۇس قىلغۇچى شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ئېچىلىشتىن 15 كۈن ئىلگىرى يىغىنىنىڭ ۋاقتىنى پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇشى ياكى شۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىشى كېرەك. شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىنى پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي پاي سانىنىڭ ئىككىدىن بىرىدىن كۆپرەكىگە ۋەكىلىك قىلىدىغانلىرى قاتناشسا، ئاندىن ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ.
شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ شىركەت قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ؛
(2) شىركەت نىزامنامىسىنى ماقۇللايدۇ؛
(3) مۇدىرىيەت ئەزالىرىنى ساقلايدۇ؛
(4) نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىنى ساقلايدۇ؛
(5) شىركەت قۇرۇش راسخوتىنى تەكشۈرىدۈ؛
(6) تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ پاي پۇلى قىلىنغان مۈلكىنىڭ پۇلغا سۈندۇرۇلۇشىنى تەكشۈرىدۇ؛
(7) يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەب ياكى تىجارەت شارائىتىدا شىركەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان زور ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن بولسا، شىركەت قۇرماسلىق توغرىسىدا قارار چىقارسا بولىدۇ.
شىركەت قۇرۇلۇش يىغىنىدا ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئىشلار توغرىسىدا چىقىرىلىدىغان قارار پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچىلاردىن يىغىنغا قاتناشقان، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئىگە بولغانلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.
93- ماددا تەشەببۇس قىلغۇچىلار، پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچىلار پاي پۇلىنى تاپشۇرغاندىن ياكى پاي پۇلىغا سۇندۇرۇش يولى بىلەن چىقارغان مەبلىغىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، پاي دەسمايىسىنى قايتۇرۇۋالسا بولمايدۇ، پاي ئۆز قەرەلىدە تولۇق توپلانمىغان، تەشەببۇس قىلغۇچى شىركەت قۇرۇش يىغىنىنى ئۆز قەرەلىدە ئاچمىغان ياكى شىركەت قۇرۇش يىغىنى شىركەت قۇرماسلىقنى قارار قىلغان ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.
94- ماددا مۇدىرىيەت شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى يوللاپ، تەسىس قىلىشنى تىزىمغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك:
(1) ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ تەستىق ھۆججىتى؛
(2) شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش يىغىن خاتىرىسى؛
(3) شىركەت نىزامنامىسى؛
(4) شىركەت قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە دائىر مالىيە – ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى؛
(5) مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى؛
(6) مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ، نازارەتچىلىك ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛
(7) قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، تۇرۇشلۇق جايى.
95- ماددا شىركەت تىزىملاش ئورگىنى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەسىس قىلىشنى تىزىمغا ئېلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تىزىمغا ئېلىش – ئالماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك. مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولسا، تىزىمغا ئېلىپ، شىركەت تىجارەت كىنىشكىسى بېرىشى، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولمىسا، تىزىمغا ئالماسلىقى كېرەك.
شىركەتنىڭ تىجارەت كىنشكىسىغا ئىمزا قويۇلغان كۈن شىركەتنىڭ قۇرۇلغان كۈنى بولىدۇ. شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېلان چىقىرىشى كېرەك.
پاي چەكلىك شىركىتى تىزىمغا ئېلىنىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، پاي توپلاش ئارقىلىق تەسىس قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا، پاي توپلاش ئەھۋالىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
96- ماددا پاي چەكلىك شىركىتى تەسىس قىلىنىش بىلەن بىللە شۆبە شىركەتمۇ تەسىس قىلىنغان بولسا، تەسىس قىلىنغان شۆبە شىركەتنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش، تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىش كېرەك.
پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۆبە شىركەت تەسىس قىلىنغان بولسا، شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى، تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك.
97- ماددا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەشەببۇس قىلغۇچىلىرى تۆۋەندىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك:
(1) شىركەتنى قۇرغىلى بولمىغان چاغدا، تەسىس قىلىش ھەرىكىتىدىن كېلىپ چىققان قەرزدارلىقنىڭ ۋە راسخوتنىڭ چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛
(2) شىركەتنى قۇرغىلى بولمىغان چاغدا، پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچىلار تاپشۇرغان پاي پۇلىنى ۋە ئۇنىڭغا بانكىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمى بويىچە قوشۇلىدىغان ئۆسۈم بىلەن قايتۇرىدىغان چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛
(3) شىركەت قۇرۇش جەريانىدا تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىدىن شىركەتنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، شىركەت ئالدىدا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
98- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتنىڭ پاي چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىش ئىشى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە مۇشۇ قانۇندىكى پاي چەكلىك شىركىتى تەسىس قىلشقا ئالاقىدار رەسمىيەت بويىچە بېجىرىلىشى كېرەك.
99- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش ئارقىلىق پاي چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەتىلگەندە، سۇندۇرۇپ ھېسابلانغان ئومۇمىي پاي سوممىسى شىركەتنىڭ ساپ مۈلۈك سوممىسىغا باراۋەر بولۇشى كېرەك. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش ئارقىلىق پاي چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، كاپىتالنى كۆپەيتىش ئۈچۈن جەمئىيەتتىن ئاشكارا پاي توپلاشتا، مۇشۇ قانۇندىكى جەمئىيەتتىن ئاشكارا پاي توپلاشقا دائىر بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.
100- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قانۇن بويىچە پاي چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىلگەن بولسا، ئەسلىدىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قەرز ھوقۇقى ۋە قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى پاي چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالىدۇ
101- ماددا پاي چەكلىك شىركىتى شىركەت نىزامنامىسى، پايچىكلارنىڭ رويخېتى، پايچىكلار يىغىنىنىڭ خاتىرىسى ۋە مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ئۆز شىركىتىدە تەييارلاپ قويۇشى كېرەك.
2- پاراگراف پايچىكلار يىغىنى
102- ماددا پاي چەكلىك شىركىتىدە پايچىكلاردىن پايچىكلار يىغىنى تەشكىل قىلىنىدۇ. پايچىكلار يىغىنى شىركەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى بولۇپ، مۇشۇ قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
103- ماددا پايچىكلار يىغىنى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) شىركەتنىڭ تىجارەت فاڭجېنى ۋە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى بەلگىلەيدۇ؛
(2) مۇدىرلارنى سايلايدۇ ۋە ئالماشتۇرىدۇ، مۇدىرلارنىڭ ئىش ھەققىگە ئالاقىدار ئىشلار قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛
(3) پايچىكلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولىدىغان نازارەتچىلەرنى سايلايدۇ ۋە ئالماشتۇرىدۇ، نازارەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە ئالاقىدار ئىشلارنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛
(4) مۇدىرىيەتنىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛
(5) نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛
(6) شىركەتنىڭ يىللىق مالىيە خام چوت لايىھىسى ۋە نەق چوت لايىھىسىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛
(7) شىركەتنىڭ پايدا تەقسىم قىلىش لايىھىسى ۋە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش لايىھىسى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛
(8) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش توغرىسىدا قاراپ چىقىرىدۇ؛
(9) شىركەت زايومىنى تارقتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛
(10) شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، تارقىتىۋېتىش، ھېسابات ئېنىقلاش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛
(11) شىركەت نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ.
104- ماددا پايچىكلار يىغىنى ھەر يىلدا بىر قېتىم يىللىق يىغىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. تۆەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، ئىككى ئاي ئىچىدە پايچىكلارنىڭ قەرەلسىز يىغىنىنى ئېچىش كېرەك:
(1) مۇدىرلارنىڭ سانى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا يەتمىگەن ياكى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىگە يەتمىگەندە؛
(2) شىركەتنىڭ ئورنى تولدۇرۇلمىغان زىيىنى ئومۇمىي پاي سوممىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يەتكەندە؛
(3) شىركەت پېيىنىڭ10 ىدىن كۆپرەكىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان پايچىك تەلەپ قىلغاندا؛
(4) مۇدىرىيەت زۆرۈر تاپقاندا؛
(5) نازارەتچىلىك ھەيئىتى ئېچىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەند%ە.
105- ماددا پايچىكلار يىغىنىنى مۇدىرىيەت مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەسئۇل بولۇپ چاقىرىدۇ، يىغىنغا باش مۇدىر رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. باش مۇدىر ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرالماي قالغاندا، باش مۇدىر كۆرسەتكەن مۇئاۋىن باش مۇدىر ياكى باشقا مۇدىرلار رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. پايچىكلار يىغىنىنى ئېچىشتا، يىغىندا قارىلىدىغان ئىشلارنى يىغىن چاقىرىلىشتىن 30 كۈن ئىلگىرى پايچىكلارغا ئۇقتۇرۇش كېرەك. پايچىكلارنىڭ قەرەلسىز يىغىنى ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلمىگەن ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقارسا بولمايدۇ.
ئىسىمسىز پاي چېكى تارقىتىلىدىغان بولسا، يىغىن چاقىرىلىشتىن 45 كۈن ئىلگىرى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئىشلار توغرىسىدا ئېلان چىقىرىش كېرەك.
ئىلكىدە ئىسىمسىز پاي چېكى بارلار پايچىكلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولسا، يىغىن چاقىرىلىشقا بەش كۈن قالغان كۈندىن تارتىپ پايچىكلار يىغىنى يېپىلغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت ئىچىدە پاي چېكىنى شىركەتكە ساقلاپ قويۇشقا بېرىشى كېرەك.
106- ماددا پايچىكلار يىغىنىغا قاتناشقان پايچىكلارنىڭ ئىلكىدىكى ھەر بىر پاي بىر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
پايچىكلار يىغىنىدا چاقىرىلىدىغان قارار يىغىنغا قاتناشقان، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئىگە بولغان پايچىكلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. پايچىكلار يىغىندا شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش ياكى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا چىقىرىلىدىغان قارار يىغىنغا قاتناشقان، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن كۆپرەكىگە ئىگە بولغان پايچىكلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.
107- ماددا شىركەت نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پايچىكلار يىغىنىغا قاتناشقان، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن كۆپرەكىگە ئىگە بولغان پايچىكلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
108- ماددا پايچىكلار ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچىسىگە پايچىكلار يىغىنغا قاتىنشىشنى ھاۋالە قىلسابولىدۇ، ۋاكالەتچى شىركەتكە پايچىكنىڭ ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسىنى تاپشۇرۇشى ھەمدە بېرىلگەن ھوقۇق دائىرىسىدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.
109- ماددا پايچىكلار يىغىنىدا قارالغان ئىشلار توغرىسىدىكى قارار ھەققىدە يىغىن خاتىرىسى يېزىلىشى، يىغىنغا قاتناشقان مۇدىرلار ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشى كېرەك. يىغىن خاتىرىسىنى يىغىنغا قاتناشقان پايچىكلار ئىمزا قويغان دەپتەر ۋە ۋاكالىتەن قاتنىشىش ھاۋالىنامىسى بىلەن بىللە ساقلاش كېرەك.
110- ماددا پايچىك شىركەت نىزامنامىسى، پايچىكلار يىغىنىنىڭ خاتىرىسى ۋە مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە، شىركەتنىڭ تىجارىتى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە ياكى سۇئال سوراشقا ھوقۇقلۇق.
111- ماددا پايچىكلار يىغىنىنىڭ، مۇدىرىيەتنىڭ قارارلىرى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ بولۇپ، پايچىكلارنىڭ قانۇن ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكەن بولسا، پايچىكلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇنغا خىلاپ بۇ ھەرىكەتنى ۋە دەخلى – تەرۇز قىلىش ھەرىكىتىنى توختىتىش توغرىسىدا ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
3- پاراگراف مۇدىرىيەت، دىرېكتور
112- ماددا پاي چەكىلىك شىركىتىدە مۇدىرىيەت تەسىس قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرى بەشتىن 19 غىچە بولىدۇ.
مۇدىرىيەت پايچىكلار يىغىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) پايچىكلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ چاقىرىدۇ ۋە پايچىلار يىغىنىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ؛
(2) پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارلىرىنى ئىجىرا قىلىدۇ؛
(3) شىركەتنىڭ تىجارەت پىلانى ۋە مەبلەغ سېلىش لايىھىسىنى بەلگىلەيدۇ؛
(4) شىركەتنىڭ يىللىق مالىيە خام چوت لايىھىسى ۋە نەق چوت لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
(5) شىركەتنىڭ پايدا تەقسىم قىلىش لايىھىسى ۋە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
(6) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش لايىھىسى ۋە شىركەت زايومى تارقىتىش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
(7) شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش ۋە تارقىتىۋېتىش لايىھىسىنى تەييارلايدۇ؛
(8) شىركەتنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ؛
(9) شىركەتنىڭ دىرېكتورىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ. دىرېكتورنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورلىرىنى، مالىيە مەسئۇلىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىگە دائىر ئىشلارنى بەلگىلەيدۇ؛
(10) شىركەتنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
113- ماددا مۇدىرىيەت بىر باش مۇدىر قويۇلىدۇ. بىردىن ئىككىگىچە مۇئاۋىن باش مۇدىر قويۇلسىمۇ بولىدۇ . باش مۇدىر بىلەن مۇئاۋىن باش مۇدىر مۇدىرىيەت يىغىنىدا بارلىق مۇدىرلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ سايلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
باش مۇدىر شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ.
114- ماددا باش مۇدىر تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) پايچىكلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مۇدىرىيەت يىغىنىنى چاقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛
(2) مۇدىرىيەت يىغىنى قارارلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ؛
(3) شىركەتنىڭ پاي چېكىگە، شىركەت زايومىغا ئىمزا قويىدۇ.
مۇئاۋىن باش مۇدىرنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ، باش مۇدىر خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەي قالغاندا، باش مۇدىر كۆرسەتكەن مۇئاۋىن باش مۇدىر ئۇنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.
115- ماددا مۇدىرلارنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ، لېكىن ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. مۇدىرلار ۋاكالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، داۋاملىق سايلانسا، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.
مۇدىرلارنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى، پايچىكلار يىغىنى ئۇنى سەۋەبسىز ۋەزىپىسىدىن قالدۇرسا بولمايدۇ.
116- ماددا مۇدىرىيەت يىغىنى ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم چاقىرىلىدۇ. ھەر قېتىملىق يىغىن چاقىرىلىشتىن ئون كۈن ئىلگىرى بارلىق مۇدىرلارغا يىغىن ئېچىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.
مۇدىرىيەت قەرەلسىز يىغىن چاقىرماقچى بولسا، مۇدىرىيەت يىغىنىنى چاقىرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى ۋە ئۇقتۇرۇشنىڭ مۆھلىتىنى ئايرىم بەلگىلىسە بولىدۇ.
117- ماددا مۇدىرىيەت يىغىنىنى مۇدىرلارنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى قاتناشسا، ئېچىشقا بولىدۇ. مۇدىرىيەت يىغىنىدا چىقىرىلىدىغان قارار مۇدىرلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۇشى شەرت.
118- ماددا مۇدىرىيەت يىغىنىغا مۇدىرلارنىڭ ئۆزى قاتنىشىشى كېرەك. مۇدىرلار بىرەر سەۋەب بىلەن يىغىنغا قاتنىشالمىسا، باشقا مۇدىرغا يىغىنغا ئۆزىگە ۋاكالىتەن قاتنىشىشنى يازما ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، ھاۋالىنامىگە بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ دائىرىسى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.
مۇدىرىيەت يىغىنىدا قارالغان ئىشلار توغرىسىدىكى قارار ھەققىدە يىغىن خاتىرىسى يېزىلىشى، يىغىنغا قاتناشقان مۇدىرلار ۋە خاتىرە يازغۇچى يىغىن خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.
مۇدىرلار مۇدىرىيەتنىڭ قارارلىرى ئالدىدا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. مۇدىرىيەتنىڭ قارارلىرى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا ياكى شىركەت نىزامنامىسىگە خىلاپ بولۇپ، شىركەتنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، قارار چىقىرىشقا قاتناشقان مۇدىرلار شىركەت ئالدىدا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمما قارار ئاۋازغا قويۇلغاندا باشقىچە پىكىردە بولغانلىقى ۋە شۇ پىكىر يىغىن خاتىرىسىگە يېزىلغانلىقى ئىسپاتلانغان مۇدىرلار جاۋابكارلىقتىن خالاس قىلىنسا بولىدۇ.
119- ماددا پاي چەكلىك شىركىتىدە دىرېكتور قويۇلىدۇ، ئۇنى مۇدىرىيەت ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ. دىرېكتور مۇدىرىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مۇدىرىيەت قارارلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ؛
(2) شىركەتنىڭ يىللىق تىجارەت پىلانى ۋە مەبلەغ سېلىش لايىھىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ؛
(3) شىركەتنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش لايىھىسىنى تەييارلايدۇ؛
(4) شىركەتنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تەييارلايدۇ؛
(5) شىركەتنىڭ كونكرېت قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
(6) شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دېركتورلىرىنى، مالىيە مەسئۇلىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنىدۇ؛
(7) مۇدىرىيەت ۋەزىپىدىن بوشىتىشقا تېگىشلىك بولغانلاردىن باشقا مەسئۇل باشقۇرۇش خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ؛
(8) شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ۋە مۇدىرىيەت بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ؛
دىرېكتور مۇدىرىيەت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ.
120- ماددا شىركەت ئېھتىياجىغا قاراپ، مۇدىرىيەت باش مۇدىرغا مۇدىرىيەت يىغىنلىرى يېپىق مەزگىلىدە مۇدىرىيەتنىڭ بىر قىسىم ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بەرسە بولىدۇ.
شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ قارارى بىلەن، مۇدىرىيەت ئەزالىرى دىرېكتورلۇقنى قوشۇمچە ئۆتسە بولىدۇ.
121- ماددا شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى، پاراۋانلىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە تاقىلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ قارار چىقىرىشتا، ئالدى بىلەن شىركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىشى ھەمدە ئىشچىلارئۇيۇشمىسىنىڭ ياكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەكللىرىنى ئالاقىدار يىغىنلارغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشى كېرەك.
122- ماددا شىركەت ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەتكە دائىر چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ قارار چىقىرىش، مۇھىم قائىدە – تۈزۈملەرنى تۈزۈش ۋاقتىدا، شىركەتتىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىشى كېرەك.
123- ماددا مۇدىرلار، دىرېكتورلار شىركەت نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىشى، ۋەزىپىنى سادىقلىق بىلەن ئاتقۇرۇشى، شىركەت مەنپەئىتىنى قوغدىشى، شىركەتتىكى ئورنى ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلماسلىقى لازىم.
مۇشۇ قانۇننىڭ 57- ماددىسىدىن 63- ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردىكى مۇدىرىلىق، دىرېكتورلۇق ۋەزىىپسىنى ئۆتكەشكە بولمايدىغانلىق توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋە مۇدىرلارنىڭ، دىرېركتورلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، جاۋابكارلىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرلىرىغا، دىرېكتورلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.
4- پاراگراف نازارەتچىلىك ھەيئىتى
124- ماددا پاي چەكلىك شىركىتىدە نازارەتچىلىك ھەيئىتى تەسىس قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەر ئۈچتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. نازارەتچىلىك ھەيئىتى ئۆزىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملاردىن بىر رىياسەتچى كۆرسىتىشى كېرەك.
نازارەتچىلىك ھەيئىتى پايچىكلار ۋەكىلى ۋە شىركەت ئشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇۋاپىق نىسبەتتىكى ۋەكىلىدىن تەركىب تاپىدۇ، كونكرېت نىسبەت شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ. نازارەتچىلىك ھەيئىتىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىلى شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلىمى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
مۇدىر، دىرېكتور ۋە مالىيە مەسئۇلى نازارەتچىلىكنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ.
125- ماددا نازارەتچىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ. نازارەتچى ۋاكالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، داۋاملىق سايلانسا، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.
126- ماددا نازارەتچىلىك ھەيئىتى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) شىركەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى تەكشۈرىدۇ؛
(2) مۇدىرنىڭ، دىرېكتورنىڭ شىركەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتىدا قانۇن، نىزاملارغا ياكى شىركەت نىزامنامىسىگە خىلاپ ھەرىكىتى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛
(3) مۇدىر ۋە دىرېكتورلارنىڭ ھەرىكىتى شىركەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەندە، مۇدىر ۋە دىرېكتورلاردىن ئۇنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛
(4) قەرەلسىز پايچىكلار يىغىنىنى چاقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ؛
(5) شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.
نازارەتچىلىك مۇدىرىيەت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ.
127- ماددا نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى ۋە ئاۋازغا قويۇش رەسمىيىتى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ.
128- ماددا نازارەتچى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە شىركەت نىزامنامىسى بويىچە سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشى كېرەك.
مۇشۇ قانۇننىڭ 57- ماددىسىدىن 59- ماددىسىغىچە، 62- ماددىسىدىن 63- ماددىسىغىچە بولغان ماددىلارنىڭ نازارەتچى بولۇشقا بولمايدىغانلىق توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ۋە نازارەتچىنىڭ مەجبۇرىيىتى، جاۋابكارلىقى توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلمىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ نازارەتچىلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.
4- باب پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پاي تارقىتىشى ۋە
ئۆتۈنۈپ بېرىشى
1- پاراگراف پاي تارقىتىش
129- ماددا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كاپىتالى پايغا بۆلۈنىدۇ، ھەر بىر پاينىڭ سوممىسى تەڭ بولىدۇ.
شىركەت پېيىدا پاي چېكى شەكلى قوللىنىلىدۇ. پاي چېكى شىركەت ئىمزا قويۇپ تارقاتقان، پايچىك ئىلكىدىكى پاينى ئىسپاتلايدىغان دوكۇمېنت.
130- ماددا پاي تارقىتىشتا ئاشكارا بولۇش، ئادىل بولۇش، خالىس بولۇش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ، تەڭ پاي تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇش، تەڭ پايغا تەڭ پايدا بېرىش كېرەك.
بىر قېتىمدا تارقىتىلغان ھەر بىر پاي چېكىنىڭ تارقىتىش شەرتى ۋە باھاسى ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس سېتىۋالىدىغان ھەر بىر پاي ئۈچۈن ئوخشاش باھادا پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك.
131- ماددا پاي چېكىنىڭ تارقىتىش باھاسى پاي چېكىگە يېزىلغان سومما بويىچە بولسا بولىدۇ، پاي چېكىگە يېزىلغان سوممىدىن ئېشىپ كەتسىمۇ بولىدۇ، لېكىن پاي چېكىگە يېزىلغان سوممىدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا بولمايدۇ.
پاي چېكىنى يېزىلغان سوممىسىدن ئاشۇرۇپ تارقىتىش ئارقىسىدا باھا ئۆرلىتىش يولى بىلەن تاپقان ئۆرلمە باھا پۇلى شىركەت كاپىتالىنىڭ جامائەت جۇغلانما فوندى قىسمىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
پاي چېكىنى ئۆرلىگەن باھادا تارقىتىشنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
132- ماددا پاي چېكىدە قەغەز چەك شەكلى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن باشقا شەكىللەر قوللىنىلىدۇ.
پاي چېكىگە تۆۋەندىكى ئاساسىي ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
(1) شىركەت نامى؛
(2) شىركەت تىزىمغا ئېلىنىپ قۇرۇلغان ۋاقىت؛
(3) پاي چىكىنىڭ تۈرى، يېزىلغان سوممىسى ۋە ۋەكىللىك قىلىدىغان پاي سانى؛
(4) پاي چېكىنىڭ رەت نومۇرى.
پاي چېكىگە باش مۇدىر ئىمزا قويىدۇ، شىركەت تامغا باسىدۇ.
تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ پاي چېكىگە تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ پاي چېكى دېگەن خەتلەر يېزىلىشى كېرەك.
133- ماددا شركەت تەشەببۇس قىلغۇچىلاغا، دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتقا، قانۇنىي ئىگىلەرگە تارقىتىدىغان پاي چېكى ئىسىمىلىك پاي چېكى بولۇش كېرەك ھەمدە ئۇنىڭغا شۇ تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ، ئاپپاراتنىڭ ياكى قانۇنىي ئىگىنىڭ نامى يېزىلىشى كېرەك، باشقىدىن نام قويۇشقا ياكى ۋەكىللىك قىلغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنى يېزىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
جامائەتچىلىككە تارقىتىلىدىغان پاي چېكى ئىسىمىلىك پاي چىكى بولسىمۇ، ئىسمسىز پاي چېكى بولسىمۇ بولىدۇ.
134- ماددا شىركەت ئىسىملىك پاي چېكى تارقاتقان بولسا، پايچىكلار رويخېتى تەييارلىشى ۋە ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئىشلار يېزىلىشى كېرەك:
(1) پايچىكلارنىڭ ئىسىم – فاملىسى ياكى نامى، تۇرۇشلۇق جايى؛
(2) پايچىكلارنىڭ ئىلكىدىكى پاي سانى؛
(3) پايچىكلار ئىلكىدىكى پاي چېكىنىڭ رەت نومۇرى؛
(4)پايچىكلارنىڭ پايغا ئىگە بولغان ۋاقتى.
ئىسىمسىز پاي چېكى تارقىتىلغان بولسا، شىركەت ئۇنىڭغا پاي چېكىنىڭ سانى، رەت نومۇرى ۋە تارقىتىلغان ۋاقتىنى يېزىپ قويۇشى كېرەك.
135- ماددا گوۋۇيۈەن شىركەتنىڭ مۇشۇ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پاي چېكىدىن باشقا خىلدىكى پاي چېكىنى تارقىتىشى توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.
136- ماددا پاي چەكلىك شىركىتى تىزىمغا ئېلىنىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن پايچىكلارغا دەرھال رەسمىي پاي چېكى بېرىشى كېرەك. شىركەت تىزىمغا ئېلىنىپ قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى پايچىكلارغا پاي چېكى بەرسە بولمايدۇ.
137- ماددا شىركەت يېڭى پاي تارقاتماقچى بولسا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
(1) ئالدىنقى قېتىمدا تارقىتىلغان پاي تولۇق توپلانغان ھەمدە ئارىدىن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولۇش؛
(2) شىركەت يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئۇدا پايدا ئالغان ۋە پايچىكلارغا پاينىڭ پايدىسىنى بەرگەن بولۇش؛
(3) شىركەت يېقىنقى ئۈچ يىللىق مالىيە – بوغالتىرلىق ھۆججىتىدىن يالغان مەلۇمات چىقمىغان بولۇش؛
(4) شىركەتنىڭ كۆزلىگەن پايدا نىسبىتى شۇ مەزگىلدىكى بانكا ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىگە يەتكەن بولۇش.
شىركەت شۇ يىللىق پايدىدىن يېڭى پاي تارقاتسا، ئالدىنقى تارماقتىكى (2) تارماقچىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
138- ماددا شىركەت يېڭى پاي تارقاتسا، پايچىكلار يىغىنى تۆۋەندىكى ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك:
(1) يېڭى پاينىڭ تۈرى ۋە ئۇنىڭ سانى – سوممىسى؛
(2) يېڭى پاينىڭ تارقىتىش باھاسى؛
(3) يېڭى پاي تارقىتىشنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتى؛
(4) ئەسلىدىكى پايچىكلارغا تارقىتىلىدىغان يېڭى پاينىڭ تۈرى، سانى – سوممىسى.
139- ماددا پايچىكلار يىغىنى يېڭى پاي تارقىتىش توغرىسىدا قارار چىقارغاندىن كېيىن، مۇدىرىيەت گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماق ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلىتىشى كېرەك جەمئىيەتتىن ئاشكارا پاي توپلاشقا ياتىدىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك.
140- ماددا شىركەت تەستىق ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارا يېڭى پاي تارقاتقاندا، يېڭى پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى، مالىيە – بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلى ۋە قۇشۇمچە تەپسىلىي جەدۋەللەرنى ئېلان قىلىشى ۋە پاي چېكىگە خېرىدار بولۇش گۇۋاھنامىسىنى ئىشلەپ چىقىشى كېرەك.
شىركەت جەمئىيەتكە ئاشكارا يېڭى پاي تارقاتسا، قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاكسىيە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئاپپارات سېتىپ بېرىشنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە سېتىپ بېرىشنى ئۈستىگە ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالىشى كېرەك.
141- ماددا شىركەت يېڭى پاي تارقاندا، ئۇنىڭ باھا لايىھىسىنى شىركەتنىڭ ئۇدا پايدا ئېلىش ئەھۋالى ۋە مۈلۈك قىممىتىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتسە بولىدۇ.
142- ماددا شىركەت يېڭى پاي تارقىتىپ پاي پۇلىنى تولۇق يىغىۋالغاندىن كېيىن، شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ تىزىمنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى ۋە بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىشى كېرەك.
2- پاراگراف پاي ئۆتۈنۈپ بېرىش
143- ماددا پايچىكلار ئۆز ئىلكىدىكى پاينى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ.
144- ماددا پايچىكلار ئۆزىنىڭ پېيىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىشىنى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاكسىيە بىر ژىسىدا ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
145- ماددا ئىسىمىلىك پاي چېكىنى پايچىك ئارقا ئىمزا قويۇپ ئۇسۇلى بىلەن ياكى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ.
ئىسىملىك پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، شىركەت قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايىنى پايچىكلار رويخېتىگە يېزىپ قويىدۇ.
پايچىكلار يىغىنى چاقىرىلىش ئالدىدىكى 30 كۈن ئىچىدە ياكى شىركەت پاي پايدىسىنى تەقىسىم قىلىشنى قارار قىلغان ئۆلچەملىك كۈندىن ئىلگىرىكى بەش كۈن ئىچىدە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن پايچىكلار رويخېتىدىكى تىزىمنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
146- ماددا ئىسىمسىز پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە پايچىكلار قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاكسىيە بىر ژىسىدا شۇ پاي چېكىنى قوبۇل قىلغۇچىغا بەرگەندىن كېيىن ئۆتۈنۈپ بېرىش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
147- ماددا تەشەببۇس قىلغۇچى ئۆز شىركىتىنىڭ ئۆز ئىلكىگە ئۆتكەن پاي چېكىنى شىركەت قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ.
شىركەتنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى، دىرېكتورلىرى شىركەتكە شۇ شىركەتنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى پېيىنى مەلۇم قىلىشى ھەمدە ۋاكالەت مەزگىلىدە ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىكى كېرەك.
148- ماددا دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ئۆز ئىلكىدىكى پاينى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ، باشقا پايچىكلارنىڭ ئىلكىدىكى پاي چېكىنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى سېتىۋېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى، باشقۇرۇش چارىسى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.
149-ماددا شىركەت ئۆز شىركىىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالسا بولمايدۇ، لېكىن شىركەتنىڭ كاپىتالىنى ئازايتىش ئۈچۈن پاينى ھېسابتىن چىقىرىۋەتكەنلەر ياكى ئىلكىدە شۇ شىركەتنىڭ پاي چېكى بولغان باشقا شىركەتلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا.
شىركەت ئۆز شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئون كۈن ئىچىدە پاينىڭ شۇ قىسمىنى ئىناۋەتسىز قىلىشى، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملار بويىچە تىزىمنى ئۆزگەرتىشى ھەمدە شۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىشى شەرت.
شىركەت ئۆز شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى رەنىگە قويۇش ھوقۇقىنىڭ نىشانى ئورنىدا قوبۇل قىلسا بولمايدۇ.
150-ماددا ئىسىملىك پاي چېكى ئوغرىلانسا، يېتىپ كەتسە ياكى يوقالسا، پايچىك ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاشكارا سۈيلەش رەسمىيىتى بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ شۇ پاي چېكىنىڭ كۈچتىن قالغانلىقىنى جاكارلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ئاشكارا سۈيلەش رەسمىيىتى بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ پاي چېكىنىڭ كۈچتىن قالغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، پايچىك شىركەتكە پاي چېكىنى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
3-پاراگراف پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەت
151-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەت تارقىتىدىغان پاي چېكى گۇۋۇيۈەننىڭ ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئاكسىيە بىرژىسىدا سودىغا سېلىنىدىغان پاي چەكلىك شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ.
152-ماددا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۆز پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ئىلتىماسى تۆۋەندىكى شەرتلەرەە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:
(1) پاي چېكى گوۋۇيۈەن ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن جەمئىيەت ئاشكارا تارقىتىلغان بولۇش؛
(2) شىركەت پاي دەسمايىسىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 50 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاز بولماسلىق؛
(3) تىجارەت باشلىغان ۋاقتى ئۈچ يىلدىن ئاشقان، يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئۇدا پايدا ئالغان بولۇش؛ ئەسلىدىكى دۆلەت كارخانىسىنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىپ قۇرۇش يولى بىلەن تەسىس قىلىنغان ياكى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يېڭىدىن قۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئاساسىي تەشەببۇسچىلىرى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەت كارخانىسى بولغان بولسا، ۋاقتىنى ئۇلاپ ھېسابلاشقا بولىدۇ؛
(4) ئىلكىدىكى پاي چېكىنىڭ يېزىلغان قىممىتى 1000 يۈەن خەلق پۇلىدىن ئارتۇق بولغان پايچىكلارنىڭ سانى 1000 دىن ئاز بولماسلىق، جەمئىيەتكە ئاشكارا تارقىتىلغان پاي چېكى شىركەت ئومۇمىي پاي سانىنىڭ 25 ىدىن ئاشقان بولۇش؛ شىركەت پاي دەسمايىسىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 400 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاشقانلارنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارا تارقىتىدىغان پاي چېكىنىڭ نىسبىتى 15 تىن يۇقىرى بولۇش؛
(5) شىركەتتە يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئېغىر دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش يۈز بەرمىگەن بولۇش، مالىيە بوغالتىرىيىسى دوكلاتىدىن يالغان مەلۇمات چىقمىغان بولۇش؛
(6) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا شەرتلە%ر.
153- ماددا پاي چەكلىك شىركىتى ئۆزىنىڭ پاي چېكىنى سودىغا سېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، گوۋۇيۈەنگە ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرەن ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىشى، ئالاقىدار قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئالاقىدا ھۆججەتلەرنى يوللىشى كېرەك.
گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى پاي چېكىنى سودىغا سېلىش ئىلتىماسىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغانلىرىنى تەستىقلايدۇ؛ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەر گە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى تەستىقلىمايدۇ.
پاي چېكىنى سودىغا سېلىش ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، پاي چېكىنىڭ بازارغا سېلىنىشى تەستىقلانغان شىركەت ئۆزىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلىش ھۆججىتىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويۇپ جامائەتكە كۆرسىتىشى كېرەك.
154-ماددا پايچېكىنىڭ بازارغا سېلىنىشى تەستىقلانغان شىركەتنىڭ پاي چېكى ئالاقىدار قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملار بويىچە سودىغا سېلىنىدۇ.
155- ماددا شىركەت پاي چېكىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، چېگرا سىرتىدا بازارغا سالسا بولىدۇ، ئۇنىڭ كونكرېت چارىسى توغرىسىدا گوۋۇيۈەن ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.
156-ماددا پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەت ئۆزىنىڭ مالىيە ئەھۋالى ۋە تىجارەت ئەھۋالىنى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قەرەللىك ئاشكارىلاپ تۇرۇشى، ھەربىر بوغالتىرىيە يىلىنىڭ يېمىدا مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتىنى بىر قېتىم ئېلان قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
157 – ماددا پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلىدۇ:
(1) شىركەت پاي دەسمايىسىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى، پاي ھوقۇقىنىڭ ئىگىلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆگىرىش كۆرۈلۈپ بازارغا سېلىش شەرتىنى يوقاتقان بولسا؛
(2) شىركەت ئۆزىنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلاپ تۇرمىغان ياكى مالىيە _ بوغالتىرلىق دوكلاتىدىن يالغان مەلۇمات چىققان بولسا؛
(3) شىركەت قانۇنغا خىلاپ زور قىلمىش سادىر قىلغان بولسا؛
(4) شىركەت يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئۇدا زىيان تارتقان بولسا.
158-ماددا پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتتە ئالدىنقى ماددىنىڭ (2)، (3) تارماقلىرىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ياكى ئالدىنقى ماددىنىڭ (1)، (4) تارماقچىلىرىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، سۈرۈك ئىچىدە تۈگىتىلمىگەن، پاي چېكىنى بازارغا سېلىش شەرتى ھازىرلانمىغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنى توختىتىشنى قارار قىلىدۇ.
شىركەت تارقىلىپ كېتىشنى قارار قىلغان، مەمۇرىي مەسئۇل تارماق تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تاقىۋېتىشكە بۇيرۇلغان ياكى ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنى توختىتىشنى قارار قىلىدۇ.
شىركەت تارقىلىپ كېتىشنى قارار قىلغان، مەمۇرىي مەسئۇل تارماق تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تاقىۋېتىشكە بۇيرۇلغان ياكى ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنى توختىتىشنى قارار قىلىدۇ.
5- باب شىركەت زايومى
159- ماددا پاي چەكلىك شىركىتى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەت كارخانىسى ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئىككىدىن ئارتۇق باشقا مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت مەبلىغى توپلاش ئۈچۈن، مۇشۇ قانۇن بويىچە شىركەت زايومى تارقاتسا بولىدۇ.
160- ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان شىركەت زايومى شىركەت قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە تارقىتىدىغان، مەلۇم مۇددەت ئىچىدە دىرىنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇش توغرىسىدا پۈتۈشكەن ئاكسىيىنى كۆرسىتىدۇ.
161- ماددا شىركەت قەرز چېكىنىڭ تارقىتىلىشى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:
(1) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ساپ مۈلۈك سوممىسى 30 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاز بولماسلىق، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ساپ مۈلۈك سوممىسى 60 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاز بولماسلىق؛
(2) تارقىتىلىدىغان زايومنىڭ جەمئىي سوممىسى شىركەتنىڭ ساپ مۈلۈك سوممىسىنىڭ 40 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛
(3) يېقىنقى ئۈچ يىللىق تەقسىم قىلغىلى بولىدىغان ئوتتۇرىچە پايدا شىركەت زايومىنىڭ بىر يىللىق ئۆسۈمىنى تۆلەشكە يېتىدىغان بولۇشى؛
(4) توپلانغان مەبلەغنىڭ سېلىنىش يۆنىلىشى دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇش؛
(5) زايومنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ئۆسۈم نسبىتىنىڭ سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇش؛
(6) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر.
شىركەت زايومى تارقىتىش ئارقىلىق توپلانغان مەبلەغنى تەستىقلىغۇچى ئورگان تەستىقلىغان ئورۇنغا ئىشلىتىش كېرەك، زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ياكى غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى چىقىم ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولمايد%ۇ.
162- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شىركەت زايومىنى يەنە تارقىتىشقا بولمايدۇ:
(1) ئالدىنقى قېتىم تارقىتىلغان شىركەت زايومىنىڭ پۇلى تېخى تولۇق يىغىلمىغان بولسا؛
(2) تارقىتىلغان شىركەت زايومى ياكى ئۇنىڭ قەرز جەھەتتە ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىنغان ياكى دىرىنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىشىش ھالىتىدە تۇرغان بولسا.
163- ماددا پاي چەكلىك شىركىتى، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىركەت زايومى تارقاتماقچى بولغاندا، مۇدىرىيەت لايىھە تۈزىدۇ، پايچىكلار يىغىنى قارار چىقىرىدۇ.
دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى شىركەت زايومى تارقاتماقچى بولغاندا، ئۇنى دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماق قارار قىلىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قارار چىقىرىلغان ياكى قارار قلىنغاندىن كېيىن، شىركەت گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىشى كېرەك.
164- ماددا شىركەت زايومىنىڭ تارقىتىلىش كۆلىمىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى شىركەت زايومىنىڭ تارقىتىلىش كۆلىمىنى تەستىقلىغاندا، ئۇنى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن كۆلەمدىن ئاشۇرۇۋەتسە بولمايدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى شىركەت زايومىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئىلتىماستىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىنى تەستىقلايدۇ؛ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى تەستىقلايدۇ.
تەستىق چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى سېزىلسە، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. شىركەت زايومى تارقىتىلمىغان بولسا، تارقتىشنى توختىتىش كېرەك؛ شىركەت زايومى تارقىتىلغان بولسا، تارقاتقۇچى شىركەت زايوم سېتىۋالغان كىشلەرگە تاپشۇرغان پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشى ھەمدە بانكىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمى بويىچە ئۆسۈم قوشۇپ بېرىشى كېرەك.
165- ماددا شىركەت گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا شىركەت زايومى تارقىتىشنى تەستىقلاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
(1) شىركەتنىڭ تىزىمغا ئېلىنىش ئىسپاتى؛
(2) شىركەت نىزامنامىسى؛
(3) شىركەت زايومى بىلەن مەبلەغ توپلاش چارىسى؛
(4) مۈلۈكنى باھالاش دوكلاتى ۋە مەبلەغنى تەكشۈرۈش دوكلاتى.
166- ماددا شىركەت زايومىنى تارقىتىش ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، شىركەت زايومى بىلەن مەبلەغ توپلاش چارىسىنى ئېلان قىلىش كېرەك.
شىركەت زايومى بىلەن مەبلەغ توپلاش چارىسىدە تۆۋەندىكى ئاساسىي ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
(1) شىركەتنىڭ نامى؛
(2) زايومنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ۋە زايومنىڭ يېزىلغان سوممىسى؛
(3) زايومنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى؛
(4) دىرىنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇش مۆھلىتى ۋە ئۇسۇلى؛
(5) زايوم تارقىتىشنى باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى؛
(6) شىركەتنىڭ ساپ مۈلۈك سوممىسى؛
(7) تارقىتىلغان، تېخى قەرەلى توشمىغان شىركەت زايومىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى؛
(8) شىركەت زايومىنى سېتىپ بەرگۈچى ئاپپارات.
167- ماددا شىركەتلەر شىركەت زايومىنى تارقاتقاندا، زايومغا شىركەتنىڭ نامى، زايومنىڭ يېزىلغان سوممىسى، ئۆسۈم نىسبىتى، قايتۇرۇش مۆھلىتى قاتارلىق ئىشلارنى ئېنىق يېزىشى ھەمدە ئۇنىڭغا باش مۇدىر ئىمزا قويۇشى، شىركەت تامغا بېسىشى شەرت.
168- ماددا شىركەت زايومى ئىسمىلىك زايوم ۋە ئىسىمسىز زايوم دەپ ئايرىلىدۇ.
169- ماددا شىركەتلەر شىركەت زايومى تارقاتقاندا، شىركەت زايومىنىڭ كۆتەك دەپتىرىنى تەييارلاپ قويۇشى كېرەك.
ئىسىملىك شىركەت زايومى تارقىتىلسا، شىركەت زايومىنىڭ كۆتەك دەپتىرىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
(1) زايومنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛
(2) زايومنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىنىڭ زايومنى قولغا ئالغان ۋاقتى ۋە زايومنىڭ رەت نومۇرى؛
(3) زايومنىڭ ئومۇمىي سوممىسى، زايومنىڭ يېزىلغان سوممىسى، زايومنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى، زايومنىڭ دىرىنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇش مۆھلىتى ۋە ئۇسۇلى؛
(4) زايوم تارقىتىلغان ۋاقىت.
ئىسىمسىز شىركەت زايومى تارقىتىلسا، شىركەت زايومىنىڭ كۆتەك دەپتىرىگە زايومىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى، ئۆسۈم نىسبىتى، قايتۇرۇش مۆھلىتى ۋە ئۇسۇلى، زايومىنىڭ تارقىتىلغان ۋاقتى ۋە رەت نومۇرى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.
170- ماددا شىركەت زايومىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ. شىركەت زايومىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىشى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاكسىيە بىر ژىسىدا ئېلىپ بېرلىشى كېرەك.
شىركەت زايومىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن قوبۇل قىلغۇچى پۈتۈشىدۇ.
171- ماددا ئىسىمىلىك قەرز چېكى قەرز چېكىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچى ۋېكسېلگە ئىمزا قويۇش يولى بىلەن ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا يوللار بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ.
ئىسىملىك زايومنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، شىركەت شۇ زايومنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايىنى شىركەت زايومىنىڭ كۆتەك دەپتىرىگە يېزىپ قويىدۇ.
ئىسىمسىز زايومنى شۇ زايومنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاكسىيە بىر ژىسىدا قوبۇل قىلغۇچىغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئۆتۈنۈپ بېرىش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
172- ماددا پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەت پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارى ئارقىلىق پاي چېكىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومىنى تارقاتسا بولىدۇ ھەمدە شىركەت زايومى بىلەن مەبلەغ توپلاش چارىسىدە ئالماشتۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى بەلگىلەيدۇ.
پاي چېكىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومىنى تارقىتىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىش كېرەك. شىركەت زايومىنى پاي چېكىگە ئالماشتۇرۇشتا، شىركەت زايومىنى تارقىتىش شەرتلىرى ھازىرلانغاندىن باشقا، ئۇ پاي چېكى تارقىتىش شەرتلىرىگىمۇ ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
پاي چېكىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومىنى تارقىتىشتا، شىركەت زايومىنىڭ ئۈستىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومى، دېگەن سۆزنى ئېنىق يېزىپ قويۇش ھەمدە شىركەت زايومىنىڭ كۆتەك دەپتىرىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەر زايومىنىڭ سانى – سوممىسىنى ئېنىق يېزىپ قويۇش كېرەك.
173- ماددا پاي چېكىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومى تارقاتقان شىركەت ئۆزىنىڭ ئالماشتۇرۇش چارىسىگە ئاساسەن زايومنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىغا پاي چېكىنى ئالماشتۇرپ بېرىشى كېرەك، لېكىن زايومنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچى پاي چېكىگە ئالماشتۇرۇش ياكى پاي چېكىگە ئالماشتۇرماسلىقنى تاللاپ ھوقۇقىغا ئىگە.
6- باب شىركەت مالىيىسى ۋە شىركەت بوغالتىرلىقى
174- ماددا شىركەت قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيگە مەسئۇل تارمىقىنىڭ مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئۆز شىركىتىنىڭ مالىيە – بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
175- ماددا شىركەت ھەربىر بوغالتىرىيە يىلى ئاخىرلاشقاندا، مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتى تەييارلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتى تۆۋەندىكى مالىيە – بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋەللىرىنى ۋە قوشۇمچە تەپسىلىي جەدۋەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؛
(1) مۈلۈك قەرزدارلىق جەدۋىلى؛
(2) پايدا – زىيان جەدۋىلى؛
(3) مالىيە ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىش جەدۋىلى؛
(4) مالىيە ئەھۋالى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرمە؛
(5) پايدا تەقسىم قىلىش جەدۋىلى.
176 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن مۆھلەت بويىچە، مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ھەر قايسى پايچىكلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتى پايچىكلارنىڭ يىللىق يىغىنى چاقىرىلىشتىن 20 كۈن ئىلگىرى شىركەتتە تەييارلىنىپ، پايچىكلارنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا بېرىلىشى كېرەك.
پاي توپلاش ئارقىلىق تەسىس قىلىش ئۇسۇلى بىلەن قۇرۇلغان پاي چەكلىك شىركىتى ئۆزىنىڭ مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى شەرت.
177- ماددا شىركەت شۇ يىللىق باج تاپشۇرۇلغاندىن كېيىنكى پايدىنى تەقسىم قالغاندا، پايدىنىڭ 10 ىنى ئاجرىتىپ، شىركەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت جۇغلانما فۇندى ھېسابىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە پايدىنىڭ 5 ىدىن 10 ىگىچە بولغان قىسمىنى ئاجرىتىپ، شىركەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت پاراۋانلىق فوندى ھېسابىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. شىركەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت جۇغلانما فوندىنىڭ جەمئىي سوممىسى شىركەت رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ50 ىدىن ئاشقان بولسا، يەنە جامائەت جۇغلانما فوندى ئاجرىتىلمىسىمۇ بولىدۇ.
شىركەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت جۇغلانما فوندى شىركەتنىڭ ئالدىنقى يىللىق زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا يەتمىسە، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت جۇغلانما فوندى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت پاراۋانلىق فوندىنى ئاجرىتىپ قېلىشتىن ئىلگىرى، زىياننىڭ ئورنىنى ئالدى بىلەن شۇ يىللىق پايدا بىلەن تولدۇرۇش كېرەك.
شىركەت باج تاپشۇرۇلغاندىن كېيىنكى پايدىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت جۇغلانما فوندىنى ئاجراتقاندىن كېيىن، پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن ئىختىيارىي جامائەت جۇغلانما فوندىنى ئايرىپ قالسا بولىدۇ.
شىركەتنىڭ زىيىنى قاپلانغان ۋە جامائەت جۇغلانما فوندى، قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت پاراۋانلىق فوندى ئايرىپ ئېلىنغاندىن كېيىن، ئاشقان پايدىنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پايچىكلار چىقارغان مەبلەغنىڭ نىسبىتى بويىچە، پاي چەكلىك شىركىتى پايچىكلارنىڭ ئىلكىدىكى پاينىڭ نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ.
پايچىكلار يىغىنى ياكى مۇدىرىيەت ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شىركەت زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت جۇغلانما فوندى، قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت پاراۋانلىق فوندىنى ئايرىپ ئېلىشتىن ئىلگىرى، پايچىكلارغا پايدىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن بولسا، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەقسىم قىلىنغان پايدىنى شىركەتكە قايتۇرۇپ بېرىشى شەر%ت.
178- ماددا پاي چەكلىك شىركىتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پاي چېكىنى يېزىلغان سوممىسىدىن ئارتۇق باھادا تارقىتىش ئارقىسىدا باھانى ئۆرلىتىش يولى بىلەن تاپقان ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيىگە مەسئۇل تارمىقى كاپىتالنىڭ جامائەت جۇغلانما فوندى قىسمىغا كىرگۈزۈشنى بەلگىلىگەن باشقا كىرىمنى شىركەت كاپىتالىنىڭ جامائەت جۇغلانما فوندى قىسمىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
179- ماددا شىركەتنىڭ جامائەت جۇغلانما فوندى شىركەتنىڭ زىيىنىنى قاپلاشقا، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىنى كېڭەيتىشكە ياكى شىركەتنىڭ كاپىتالىنى كۆپەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
پاي چەكلىك شىركىتى پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن جامائەت جۇغلانما فوندىنى كاپىتال ھېسابىغا يۆتكىگەندە، پايچىكلارغا ئەسلىدىكى پېيىنىڭ نىسبىتى بويىچە يېڭى پاي قوشۇپ بېرىدۇ ياكى ھەر بىر پاي چېكىنىڭ يېزىلغان قىممىتىنى ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. لېكىن قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت جۇغلانما فوندىنى كاپىتال ھېسابىغا يۆتكىگەندە، قالدۇرۇپ قويۇلغان شۇ جامائەت جۇغلانما فوندى رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالنىڭ 20 ىدىن كەم بولماسلىقى كېرە%ك.
180- ماددا شىركەت ئايرىپ قالغان قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت پاراۋانلىق فوندى شۇ شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ كوللېكتىپ پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.
181- ماددا شىركەت قانۇندا بەلگىلەنگەن بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىدىن باشقا، ئايرىم بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى تۇتسا بولمايدۇ.
شىركەت مەبلىغىنى ھەر قانداق شەخسنىڭ نامىدا ھېسابات ئېچىپ ساقلاشقا بولمايدۇ.
7- باب شىركەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى ۋە ئايرىلىشى
182- ماددا شىركەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى ياكى ئايرىلىشى توغرىسىدا، شىركەتنىڭ پايچىكلار يىغىنى قارار چىقىرىشى كېرەك.
183- پاي چەكلىك شىركەتلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ياكى ئايرىلىشىنى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ ياكى ئۆلكە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش شەرت.
184- ماددا شىركەتلەر قوشۇلۇشتا، قوبۇل قىلىش يولى بىلەن قوشۇلۇش ۋە يېڭىدىن تەسىس قىلىش يولى بىلەن قوشۇلۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىل قوللىنىلسا بولىدۇ.
بىر شىركەت باشقا شىركەتنى قوبۇل قىلسا، بۇ قوبۇل قىلىش يولى بىلەن قوشۇلۇش بولىدۇ. قوبۇل قىلىنغان شىركەت تارقىتىۋېتىلىدۇ. ئىككىدىن ئارتۇق شىركەتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن يىڭى بىر شىركەت تەسىس قىلىنغان بولسا، بۇ يېڭىدىن تەسىس قىلىش يولى بىلەن قوشۇلۇش بولىدۇ، قوشۇلغان تەرەپلەر تارقىتىۋېتىلىدۇ.
شىركەتلەر قوشۇلۇشتا، قوشۇۋېتىلگەن تەرەپلەر قوشۇلۇش كېلىشىمى ئىمزالىشى ھەمدە ئاكتىپ - پاسسىپ جەدۋىلى ۋە مۈلۈك تىزىمىنى ئىشلەپ چىقىشى كېرەك. شىركەت قوشۇلۇش توغرىسىدا قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە 30 كۈن ئىچىدە گېزىتتە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ھەقدارلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغان بولسا، بىرىنچى قېتىم ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە، شىركەتتىن قەرزنى تۆلەپ بېرىشنى ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. قەرز تۆلەنمىگەن ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بېرىلمىگەن بولسا، شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
شىركەتلەر قوشۇلغاندا، قوشۇۋېتىلگەن تەرەپلەرنىڭ ھەقدارلىقى ۋە قەرزدارلىقىغا قوشۇلغاندىن كېيىنكى شىركەت ياكى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان شىركەت ئۈستىگە ئالىدۇ.
185- ماددا شىركەت ئايرىلغاندا، ئۇلارنىڭ مۈلكىمۇ مۇناسىپ بۆلۈنىدۇ.
شىركەت ئايرىلغاندا، ئاكتىپ – پاسسىپ جەدۋىلى ۋە مۈلۈك تىزىمىنى ئىشلەپ چىقىش كېرەك. شىركەت ئايرىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە 30 كۈن ئىچىدە گېزىتتە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ھەقدارلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغان بولسا، بىرىنچى قېتىم ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە، شىركەتتىن قەرزنى تۆلەپ بېرىشنى ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. قەرز تۆلەنمىگەن ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بېرلىمىگەن بولسا، شىركەتنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ.
شىركەت ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى قەرزدارلىقنى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بويىچە ئايرىلغاندىن كېيىنكى شىركەتلەر ئۈستىگە ئالىدۇ.
186- ماددا شىركەت رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى ئازايتىشقا توغرا كەلگەندە، ئاكتىپ – پاسسىپ جەدۋىلى ۋە مۈلۈك تىزىمىنى ئىشلەپ چىقىشى كېرەك.
شىركەت رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى ئازايتىش توغرىسىدا قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە 30 كۈن ئىچىدە گېزىتتە ئازدېگەندە ئۈچ قېتىم ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ھەقدار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغان بولسا، بىرىنچى قېتىم ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە شىركەتتىن قەرزنى تۆلەپ بېرىشنى ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
شىركەتنىڭ كاپىتالى ئازايتىلغاندىن كېيىن رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چەكتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.
187- ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالىنى كۆپەيتكەندە، پايچىكلار يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كاپىتال ئۈچۈن مەبلەغ چىقارماقچى بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەسىس قىلىنغاندا چىقىرىلىدىغان مەبلەغنى تاپشۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.
پاي چەكلىك شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، يېڭى پاي چېكى تارقاتقاندا، پايچىكلار يېڭى پاي چېكىنى سېتىۋېلىشقا يېزىلسا، مۇشۇ قانۇننىڭ پاي چەكلىك شىركىتى تەسىس قىلىنغاندا پاي پۇلى تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.
188- ماددا شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىش ياكى ئايرىش مۇناسىۋىتى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئىشلار ئۆزگەرگەن بولسا، قانۇن بويىچە شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ تىزىمنى ئۆزگەرتىش رەسمىيتىنى بېجىرىش كېرەك؛ شىركەت تارقىتىۋېلسە، قانۇن بويىچە شىركەتنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك؛ يېڭى شىركەت تەسىس قىلىنسا، قانۇن بويىچە شىركەت تەسىس قىلىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك.
شىركەت رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالىنى كۆپەيتمەكچى ياكى ئازايتماقچى بولسا، قانۇن بويىچە شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ تىزىمنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.
- باب شىركەتنىڭ ۋەيران بولۇشى، تارقىتىۋېتىلىشى
ۋە ھېساباتىنىڭ ئېنىقلىنىشى
189- ماددا شىركەت قەرەلى توشقان قەرزنى تۆلىيەلمەي، ۋەيران بولغانلىقى قانۇن بويىچە جاكارلانسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، پايچىكلار، ئالاقىدار ئورگانلار ۋە ئالاقىدار كەسپىي خادىملاردىن ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ۋەيران بولغان شىركەتنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلايدۇ.
190- ماددا شىركەتتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلگەن بولسا، ئۇنى تارقىتىۋېتىشكە بولىدۇ:
(1) شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تىجارەت مۇددىتى توشقان ياكى تارقىتىۋېتىشنىڭ شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا سەۋەبلىرى كۆرۈلگەن بولسا؛
(2) پايچىكلار يىغىنى تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلغان بولسا؛
(3) قوشۇلۇش ياكى ئايرىلىش تۈپەيلىدىن شىركەتنى تارقىتىۋېتىش زۆرۈر بولۇپ قالسا.
191- ماددا شىركەت ئالدىنقى ماددىنىڭ (1) ۋە (2) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تارقىتىۋېتىلمەكچى بولغاندا، 15 كۈن ئىچىدە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەشكللىشى كېرەك، چەكلىك مەسئۇلىيە شىركىتىنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى پايچىكلاردىن تەشكىل قىلىنىدۇ، پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەركىبىگە كىرىدىغانلارنى پايچىكلار يىغىنى بەلگىلەيدۇ؛ مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكۈچە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىنماي، ھېسابات ئېنىقلانمىغان بولسا، ھەقدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار خادىملارنى بەلگىلەپ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھېسابات ئېنقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ئىلتىماسنى قوبۇل قلىشى ھەمدە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنى ۋاقتىدا بەلگىلەپ ھېساباتنى ئېنىقلىشى كېرەك.
192- ماددا شىركەت قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە تاقىۋېتىشكە بۇيرۇلغان بولسا، ئۇنى تارقىتىۋېتىش كېرەك، ئۇنىڭ ھېساباتىنى ئالاقىدار مەسئۇل ئورگان پايچىكلار، ئالاقىدار ئورگانلار ۋە ئالاقىدار كەسپىي خادىملاردىن ھېسابات ئېنىقلاش گورۇپپىسى تەشكىللەپ ئېنىقلىشى كېرەك.
193- ماددا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ھېسابات ئېنىقلاش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) شىركەتنىڭ مۈلكىنى ئېنىقلاپ، ئاكتىپ – پاسسىپ جەدۋىلى ۋە مۈلۈك تىزىمىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ؛
(2) ھەقدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ ياكى بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىدۇ؛
(3) شىركەتنىڭ ھېسابات ئېنىقلاشقا ئالاقىدار بولغان، ئاياغلاشمىغان كەسپىي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
(4) ئارتىلىپ قالغان باج پۇلىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرىدۇ؛
(5) ھەقدارلىق ۋە قەرزدارلىقنى ئېنىقلايدۇ؛
(6) شىركەتنىڭ قەرز تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
(7) شىركەتكە ۋاكالىتەن ھەق تەلەپ دەۋا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.
194 – ماددا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە 60 كۈن ئىچىدە گېزىتتە ئاز دېگەندە ئۈچ كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان بولسا، بىرىنچى قېتىم ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىغا ئۆزىنىڭ قەرز ھوقۇقىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.
ھەقدار ئۆزىنىڭ قەرز ھوقۇقىنى مەلۇم قىلغاندا، قەرز ھوقۇقىغا دائىر ئىشلار توغرىسىدا ئىزاھات بېرىشى ھەمدە ئىسپات ماتېرىياللىرىنى بېرىشى كېرەك. ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قەرز ھوقۇقىنى تىزىملىشى كېرەك.
195 - ماددا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى شىركەتنىڭ مۈلۈكىنى ئېنىقلاپ، ئاكتىپ – پاسىسپ جەدىۋىلى ۋە مۈلۈك تىزىمىنى ئىشلەپ چىققاندىن كېيىن، ھېسابات ئېنىقلاش لايىھىسىنى تۈزۈشى ھەمدە ئۇنى پايچىكلار يىغىنىغا ياكى ئالاقىدار مەسئۇل ئورگاننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا يوللىشى كېرەك.
شىركەتنىڭ مۈلكى شىركەتنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە يەتسە، دوكىلاتى تەييارلاپ، ئۇنى پايچىكلار يىغىنى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل ئورگەننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا يوللىشى ھەمدە شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا يوللاپ، شىركەتنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى، شىركەتنىڭ ئىشتىن توختىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. شىركەتنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىلتىماس قىلىنمىسا، شىركەت تىزىملاش ئورگىنى شۇ شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ ھەمدە شۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىدۇ.
198 – ماددا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆز ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.
ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىشىغاياكى باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن تاپاۋەت قىلىشىغا، شىركەتنىڭ مۈلۈكىنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قەستەنلىك ياكى زور سەۋەبلىك بىلەن شىركەتكە ياكى ھەقدارغا زىيان يەتكۈزسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
9 – باب چەت ئەل شىركىتىنىڭ شۆبە ئاپپاراتى
199 – ماددا چەت ئەل شىرىكىتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جۇڭگو زېمىنىدا شۆبە ئاپپارات تەسىس قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.
بۇ قانۇندا دېيىلگەن چەت ئەل شىركىتى چەت ئەل قانۇنى بويىچە جۇڭگو چېگرىسى سىرتىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلۇپ قۇرۇلغان شىركەتنى كۆرسىتىدۇ.
200 – ماددا چەت ئەل شىركىتى جۇڭگو زېمىنىدا شۆبە ئاپپارات تەسىس قىلىشتا، جۇڭگونىڭ مەسئۇلى ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە ئۆز شىركىتىنىڭ نىزامنامىسى، ئۆزى تەۋە دۆلەتنىڭ شىركەت تىزىملاش گۇۋاھنامىسى قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى، تەستىقلانغاندىن كېيىن، شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ قانۇن بويىچە تىزىملاش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك.
چەت ئەل شىركىتى شۆبە ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
201 – ماددا چەت ئەل شىركىتى جۇڭگو زېمىنىدا شۆبە ئاپپارات تەسىس قىلىشتا، جۇڭگو زېمىنىدا شۇ شۆبە ئاپپاراتقا مەسئۇل بولىدىغان ۋەكىل ياكى ۋاكالەتچى بەلگىلىشى ھەمدە شۇ شۆبە ئاپپاراتقا ئۇنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان تىجارەت پائالىيەتلىرىگە يارىشا مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.
چەت ئەل شىركىتى شۆبە ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت مەبلىغى توغرىسىدا ئەڭ تۆۋەن چەك بەلگىلەشكە توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
202 – ماددا چەت ئەل شىركىتىنىڭ شۆبە ئاپپاراتى ئۆز شىركىتىنىڭ نامىغا شۇ چەت ئەل شىركىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە مەسئۇلىيەت شەكلىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.
چەت ئەل شىركىتىنىڭ شۆبە ئاپپاراتى ئۆز ئاپپاراتىدا شۇ چەت ئەل شىركىتىنىڭ نىزامنامىسىنى تەييارلاپ قويۇشى كېرەك.
203 – ماددا چەت ئەل شىركىتى چەت ئەللىك قانۇنىي ئىگىنىڭ تەۋەلىكىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ جۇڭگو زېمىنىدا تەسىس قىلغان شۆبە ئاپپاراتى جۇڭگونىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولمايدۇ.
چەت ئەل شىركىتى ئۆزىنىڭ شۆبە ئاپپاراتى جۇڭگو زېمىنىدا ئېلىپ بارغان تىجارەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
204 – ماددا چەت ئەل شىركىتىنىڭ تەستىق بىلەن تەسىس قىلىنغان شۆبە ئاپپاراتى جۇڭگو زېمىنىدا كەسپىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا، جۇڭگونىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت، جۇڭگونىڭ جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلغايدۇ، ئۇنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى جۇڭگونىڭ قانۇنى بىلەن قوغدىلىدۇ.
205 – ماددا چەت ئەل شىركىتى ئۆزىنىڭ جۇڭگو زېمىنىدىكى شۆبە ئاپپاراتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندا، قانۇن بويىچە قەرزنى تۆلەپ تۈگىتىشى، مۇشۇ قانۇننىڭ شىركەتنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلاش رەسمىيىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ھېساباتنى ئېنىقلاش رەسمىيىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ھېسابات ئېنىقلىشى شەرت. قەرزنى تۆلەپ بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ شۇ شۆبە ئاپپاراتىنىڭ مۈلكىنى جۇڭگو چېگرىسى سىرتىغا يۆتكىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
10 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
206 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، شىركەتنى تىزىملىتىش ۋاقتىدا رويخەتكە ئالدۇرۇلدىغان كاپىتالنى يالغان مەلۇم قىلىش، يالغان گۇۋاھلىق ھۆججىتى تاپشۇرۇش ياكى باشقا ساختىپەزلىك ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ مۇھىم پاكىتلارنى يوشۇرۇش يولى بىلەن شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۋالغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، كاپىتالىنى يالغان مەلۇم قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرغان شىركەتكە يالغان مەلۇم قىلىش يول بىلەن رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنىڭ5 ىدىن يۇقىرى، 10 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ يالغان گۇۋاھلىق ھۆججىتى تاپشۇرۇش ياكى باشقا ساختىپەزلىك ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىش يولى بىلەن مۇھىم پاكىتلارنى يۇشۇرغان شىركەتكە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، شىركەت تىزىمدىن ئۆچۈرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىد%ۇ.
207 – ماددا پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىشنىڭ يالغان چۈشەندۈرمىسى، پاي چېكىنىڭ يالغان خېرىدارنامىسى، شىركەت زايومى بىلەن مەبلەغ توپلاشنىڭ يالغان چارىسى ئارقىلىق پاي چېكى ياكى شىركەت زايومى تارقاتقانلار تارقىتىشىنى توختىتىشقا، توپلىغان مەبلىغىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا قانۇنسىز توپلىغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ 1 ىدىن يۇقىرى، 5 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىد%ۇ.
208 – ماددا شىركەت قۇرۇشنى تەشەببۇش قىلغۇچىلار، پايچىكلار پۇل، ماددىي نەرسە تاپشۇرماي ياكى مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەي، مەبلەغ چىقارغان بولۇۋېلىپ، ھەقدارلارنى ۋە جامائەتنى ئالدىسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا يالغاندىن چىقارغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ 5 ىدىن يۇقىرى، 10 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىد%ۇ.
209 – ماددا شىركەت تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار، پايچىكىلار شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆزى چىقارغان مەبلەغنى ئېلىۋالغان بولسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا چىقارغان مەبلىغىدىن ئېلىۋالغان سوممىنىڭ 5 ىدىن يۇقىرى، 10 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىد%ۇ.
210 – ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي، ئۆز ئالدىغا پاي چېكى ياكى شىركەت زايومى تارقاتقانلار تارقىتىشنى توختىتىشقا، توپلىغان مەبلىغىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ. ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ تولىغان مەبلىغىنىڭ 1 ىدىن يۇقىرى، 5 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
211 – ماددا شىركەت مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىدىن باشقا ئايرىم بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى تۇتقان بولسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ. ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، جىنايەت شەكىللەنگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
شىركەت مۈلۈكىنى ھەرقانداق شەخىسنىڭ نامىدا ھېساب ئېچىپ ساقلىغالار نىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، جىنايەت سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
212 – ماددا شىركەت پايچىكلارنى ۋە جامائەتچىلىكنى يالغان مالىيە – بوغالتىرلىق دۇكلاتى ياكى مۇھىم پاكىتلار يوشۇرۇلغان مالىيە – بوغالتىرلىق دۇللاتى بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكار باشقا خادىملارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
213 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مۈلكى تۆۋەن باھادا ياكى ھەقسىز بۆلۈپ بېرىلىگەن بولىسا، ئۇنىڭغا بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
214 – ماددا مۇدىرلار، نازارەتچىلەر، دىرېكتورلار خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئالغان، باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن تاپاۋەت قىلغان ياكى شىركەتنىڭ مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان بولسا، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلار شىركەتنىڭ مۈلكىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ، شىركەت ئۇلارغا چارە كۆرىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
مۇدىرلار، دىرېكتورلار شىركەتنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغان ياكى شەركەتنىڭ مەبلىغىنى باشقىلارغا بۇيرۇلىدۇ، شىركەت ئۇلارغا چارە كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ تاپاۋەت قىلىغان كىرىمى شىركەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۇرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
مۇدىرلار، دىرېكتورلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز شىركىتىدىكى پايچىكلارنىڭ ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ قەرزىگە شىركەتنىڭ مۈلكى بىلەن كېپىل بولغان بولسا، كېپىللىكنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. قانۇنسىز يول بىلەن كېپىل بولۇشتىن تاپاۋەت قىلىنغان كىرىم شىركەتنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا شىركەت چارە كۆرىدۇ.
215 – ماددا مۇدىرلار، دىرېكتورلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان شىركەتتىكىگە ئوخشاش تىجارەت بىلەن ئۆز ئالدىغا شۇغۇللانسا ياكى باشقىلار ئۈچۈن شۇغۇللىنىپ بەسە، ئۇنىڭ تاپاۋەت قىلغان كىرىمى شىركەتنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن باشقا، شىركەت ئۇلار غا چارە كۆرسىمۇ بولىدۇ.
216 – ماددا شىركەت قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت جۇغلانما فوندى بىلەن قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت پاراۋانلىق فوندىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ قالمىسا، ئېلىپ قېلىشقا تېگىشلىك پۇلنى تولۇق ئېلىپ قېلىشقا بۇيرۇلىدۇ ھەمدە شىركەتكە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.
217 – ماددا شىركەت قوشۇلۇش، ئايرىلىش، رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپتالىنى ئازايتىش ياكى ھېسابات ئېنىقلاش ۋاقتىدا، ھەقدارلارغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇقتۇرۇش قىلمىغان ياكى بۇ ھەقتە ئېلان چىقارمىغان بولسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، شىركەتكە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
شىركەت ھېسابات ئېنىقلاش ۋاقتىدا، مۈلۈكنى يوشۇرغان، ئاكتىپ – پاسىسپ جەدۋىلى ياكى مۈلۈك تىزىمىنى ساختىلىق بىلەن تولدۇرغان، ياكى قەرزنى تۆلەپ تۈگىتىشتىن ئىلگىرى شىركەتنىڭ مۈلكىنى تەقسىم قىلىۋەتكەن بولسا، تۈزىتىشككە بويرۇلىدۇ، شىركەتكە يوشۇرغان مۈلۈك سوممىسىنىڭ ياكى قەرزنى تۆلەپ تۈگىتىشتىن ئىلگىرى تەقسىم قىلىۋېتىلگەن مۈلۈك سوممىسىنڭ 1 ىدىن يۇقىرى، 5 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇلى خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكار باشقا خادىملارغا 10 مىڭ يۈەن دىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىد%ۇ.
218 – ماددا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا ھېسابات ئېنىقلاش دوكىلاتنى يوللىمىغان بولسا ياكى يوللىغان ھېسابات ئېنىقلاش دوكىلاتىدا مۇھىم پاكىتلارنى يوشۇرغان ياكى مۇھىم مەلۇمەتلارنى چۈشۈرۈپ قويغان بولسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ.
ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغان ياكى شىركەتنىڭ مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان بولسا، شىركەتنىڭ مۈلكىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
219 – ماددا مۈلۈك باھالاش، مەبلەغ تەكشۈرۈش ياكى ئىسپاتلاشنى ئۈستىگە ئالغان ئاپپاراتلار يالغان گۇۋاھلىق ھۆججەتلىرىنى بەرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە شۇ ئاپپاراتلارنى ئىشتىن توختاشقا بۇيرۇسا، بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئىناۋەتسىز قىلسا بولىدۇ. جىنايەت شەكللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
مۈلۈك باھالاش، مەبلەغ تەكشۈرۈش ياكى ئىسپاتلاشنى ئۈستىگە ئالغان ئاپپاراتلار سەۋەنلىك بىلەن مۇھىم مەزمۇن چۈشۈپ قالغان دوكلاتنى بەرگەن بولسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلارغا تاپاۋەت قىلغان كىرىمىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە شۇ ئاپپاراتلارنى ئىشتىن توختاشقا بۇيرۇسا، بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئىناۋەتسىز قىلسا بولىدۇ.
220 – ماددا گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شىركەت تەسىس قىلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان ياكى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پاي چېكى تارقىتىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىملىرىغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكار باشقا خادىملىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
221 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پاي توپلاش، پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ۋە زايوم تارقىتىش توغرىسىدا سۇنۇلغان ئىلتىماسنى تەستىقلىغان، قىلمىشى ئېغىر بولغان بولسا، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇلى خادىملىرىغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكار باشقا خادىملىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. جىنايەت شەكللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋانكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلدۇ.
222 – ماددا شىركەت تىزىملاش ئورگانلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تىزىملاش ئىلتىماسىنى تىزىمغا ئالغانلىرىدىن، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىملىرىغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكار باشقا خادىملىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈلىدۇ.
223 – ماددا شىركەت تىزىملاش ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تارمىقى شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تىزىملاش ئىلتىماسىنى تىزىمغا ئېلىشنى مەجبۇرىي بۇيرۇغان ياكى قانۇنسىز يول بىلەن تىزىمغا ئېلىنغانلارنى قانات ئاستىغا ئالغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرلىدۇ.
224 – ماددا قانۇن بويىچە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى پاي چەكلىك شىركىتى دەپ تىزىمغا ئالدۇرۇلمىغان، ئەمما چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى پاي چەكلىك شىركىتى دېگەن نامنى سۈيئىستېمال قىلغانلار تۈزىتىشكە ياكى شىركەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ ھەمدە ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
225 – ماددا شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن ئالتە ئايدىن ئاشقۇچە تىجارىتىنى باشلىمىغان ياكى تىجارىتى باشلانغاندىن كېيىن تىجارەتنى ئۆزلۈكىدىن ئۇدا ئالتە ئايدىن ئارتۇق توختىتىپ قويغان بولسا، شىركەت تىزىملاش ئورگىنى شۇ شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ.
شىركەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئىشلىرى ئۆزگەرگەندە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تىزىملىتىشقا بۇيرۇلىدۇ. سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكۈچە تىزىملاتمىغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
226 – ماددا چەت ئەل شىركىتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگو زېمىنىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن شۆبە ئاپپارات تەسىس قىلغان بولسا، تۈزىتىشكە ياكى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
227 – ماددا مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدىغان ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن ئىلتىماسنى تەستىقلىمىسا ياكى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن ئىلتىماسنى تىزىمغا ئالمىسا، ئالاقىدار تەرەپ قانۇن بويىچە قايتىدىن قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.
228 – ماددا شىركەت مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ۋە جەرىمانە، شتراف تاپشۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، ئۇنىڭ مۈلكى تۆلەشكە چىقىش قىلمىسا، ئالدى بىلەن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
11 – باب قۇشۇمچە پرىنسىپ
229 – ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملار، يەرلىك نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى تۈزگەن «چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر »، « پاي چەكلىك شىركەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر » بويىچە تىزىملاش ئېلىنىپ قۇرۇلغان شىركەتلەر داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىدۇ، بۇ شىركەتلەرنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلىغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە يېتىشى كېرەك، بۇنىڭ كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
يۇقىرى – يېڭى تېخنىكا دائىرسىگە كىرىدىغان پاي چەكلىك شىركەتلىرىدە، تەشەببۇش قىلغۇچىلار سانائەت مۈلۈك ھوقۇقىنى، پاتېنتسىز تېخنىكىنى پۇلغا سۇندۇرۇش يولى بىلەن چىقارغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ شىركەت رويخەتكە ئالدۇرۇغان كاپىتالدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى، شىركەتلەرنىڭ يېڭى پاي چېكى تارقىتىش، پاي چېكىنى بازارغا سېلشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
230 – ماددا بۇ قانۇن 1994 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. .