زاھا ھادىد

ئورنى Wikipedia
زاھا ھادىد باكۇدا

زاھا ھادىد (Zaha Hadid) خانىم 1950-يىلى باغداتتا تۇغۇلغان، ئىراقلىق پۇشتىدىن بولغان ئەنگلىيەلىك ئايال ئارخىتېكتور (قۇرۇلۇش لاھىيەلىگۈچى ) بولۇپ، 2004-يىلى پرىزنىك بىناكارلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. لىۋاندا ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، 1972-يىلى لوندۇندىكى بىناكارلىق بىرلەشمىسى ئىنىستۇتىدا (AA school) بىناكارلىق ئىلمىنى ئۆگەنگەن، 1977-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ (AA Diploma) بىناكارلىق ئىتتىپاقى ئىنىستوتىنىڭ تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى زاھا ھادىد خانىم مىئامىدىكى بىر دوختۇرخانىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن 66 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

زاھا خانىم 1950-يىلى ئىراق پايتەختى باغداتتىكى بىر باي، تەرەققىيپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى مائارىپنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، قىزىغا نۇرغۇن ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى باغلىغان ئىدى. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ بىر قەدىناس دوستىنىڭ ئوغلى داڭلىق قۇرۇلۇش لاھىيەلىگۈچى بولۇپ، بۇ قوشنا ئاكىسىنىڭ كىچىككىنە زاھاغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئانىسىنىڭ پەزىلىتىمۇ زاھاغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئانىسى دائىم ئۆيدە «چوڭ كۆچۈش» قىلاتتى، يەنى ئاپىسى دائىم ئۆزگىچە يېڭى ئۆي جاھازلىرىنى سېتىۋالاتتى، ئۆينى قايتىدىن چۇۋۇپ، قايتىدىن ياساپ چىقاتتى.

زاھا خانىم 18 ياشتا لىۋان پايتەختى بېيرۇتتا ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 22 ياشقا كىرگەندە پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئۇنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن لوندونغا كۆچۈپ كەلگەن، ئۇ داڭلىق بىناكارلىق بىلىم يۇرتى-بىناكارلىق ئىتتىپاقى ئىنىستوتىدا ئوقۇشقا باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۇستازى گوللاندىيەلىك داڭلىق قۇرۇلۇش لاھىيەلىگۈچى رېم كۇلخاس ئىدى. شۇ چاغلاردا زاھا مىجەزىنىڭ چۇس ۋە ئاچچىقى يامانلىقى بىلەن ناھايىتى داڭلىق ئىدى، لېكىن بۇ دەل ئۇستازى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ سەۋەبى ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ مۇشۇنداق «شىددەتلىك كۈچ» بار ئىدى.

1977-يىلى زاھا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن (OMA) ئىش بېجىرىش ئورنىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئىككى يىل ئوقۇغۇچى ۋە ئالتە ئاي ھەمكارلاشقۇچى بولغان، كېيىن شەخسىي ئىشخانا قۇرۇپ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە كۆپلەپ قاتنىشىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ لايىھەسىدە ئۇچلۇق مۈڭگۈز چوققا، يىپەك ياغلىققا ئوخشاش ئۇزۇن ياي ئەگرى سىزىقى پەيدا بولۇپ، كۆپچىلىككە مىسلىسىز كۆرۈش سېزىمى ئېلىپ كەلدى.

زاھا خانىمنىڭ نام چىقىرىش يولى تىكەنگە تولغان، گەرچە ئۇ خېلى بۇرۇنلا «قۇرۇلما يېشىش ئۇستىسى» دەپ ئاتالغان، گېئومېتىرىيىلىك قۇرۇلمىنى دادىل قوللىنىپ چوڭ-كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ھەتتا بەزىدە بىر يىلدا تۆت تۈرگە مەسئۇل بولۇشقا يېتىشكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ غەلىتە لايىھەسىنى قوبۇل قىلالمىغان. داڭلىق ئاساسىي ئېقىم بىناكارى روبېرت ئادام كەسكىن قىلىپ: «ئۇ پولنىڭ چۈشۈش پەرقىنىڭ ئىنتايىن چوڭ بولۇشىنى، تاملارنىڭ قىيسىيىپ قېلىشىنى، ئۆگزىنىڭ ساڭگىلاپ قېلىشىنى ئەسلا ئويلاشمايدۇ، بۇ تۇرمۇشتا ۋە خىزمەتتە كىشىلەرگە قانداق قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدىغىنىغا ئەسلا ئېتىبار بەرمەيدۇ، بوشلۇق ئۇنىڭ قولىدىكى كاۋچۇك لايغا ئوخشايدۇ، پەقەت بالىلىرىدەك كۆڭۈللۈك ئوينىشىنىلا قاندۇرالايدۇ خالاس» دەپ تەنقىد قىلغان. زاھا خانىمنىڭ ئەسەرلىرى خىيالىي سىزىقلارغا تولغان.

باھا[تەھرىرلەش]

«دەۋر ژۇرنىلى»: زاھا كۈچلۈك ھېسسىي خاراكتېرىگە ئىگە مۆجىزىۋىي بىر ئايال، ئۇ ئۆزىنىڭ لايىھىسى بىلەن كىشىلەرگە بۇنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئاياللارمۇ ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلسا بولىدۇ. ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ھاياتىنى مۆجىزە تۈسىگە ئىگە قىلدى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا تالاش-تارتىشنى يەتكۈچە تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەسىرى ھېچ گۇمانسىز ھالدا دۇنياغا يەنە بىر خىل گۈزەللىك قوشتى، دەپ باھا بەرگەن.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرودورومى

ۋە باشقىلار

مەنبە[تەھرىرلەش]

نۇر تورى https://web.archive.org/web/20190926163108/https://www.nur.cn/news/2019/09/6499013.shtml {{|url=https://web.archive.org/web/20190926163108/https://www.nur.cn/news/2019/09/6499013.shtml |date=2019-09-26 }}