Jump to content

زەردۇشتىلىك

ئورنى Wikipedia

زەردۇشتىلىك (خەنچە: 祆教، :ئىنگ Zoroastrainism) ﺯﻩﺭﺩﯗﺷﺖ ﺩﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺗﻪﺷﭙﻪﺭﻩﺳﺘﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﻭﺭﻭﺋﺎﺳﺘﯩﺮ ﺩﯨﻨﻰ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﯨﻲ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﻭﺭﻭﺋﺎﺳﺘﯩﺮ ﺩﯨﻨﻰ, ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﻧﻪﺯﯨﺮ ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﻮﺕ ﻳﯧﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﭼﯜﺭﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﻪﺵ ﺩﯨﻨﻰ, ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺳﺎﻣﺎ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﻰ «袄» ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﺟﻪﻧﯘﺏ- ﺷﯩﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ« ﻳﯜ ﭘﯜﺗﯜﻛﻠﯩﺮﻯ»ﺩﻩ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺨﺘﯩﺮﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ, ﺩﯦﻴﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 

ﺯﻭﺭﻭﺋﺎﺳﺘﯩﺮﺍ ﺩﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 6-ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺮﺍﻧﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ-ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻼﮪﻰ ﺋﺎﺭﺧﯘﺭﺍ ﻣﺎﺯﺩﺍﺩﯗﺭ. ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 4-ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﭘﺎﺭﯨﺴﻼﺭﻧﯩﯔ (ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ) ﺋﺎﺧﻤﯧﻨﺪﻯ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯘ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺯﻩﺭﺩﻭﺷﺖ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﭘﺎﺭﯨﺲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ ﺯﻩﺭﺩﯗﺷﺖ ﺩﯨﻨﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ, ﺋﯘﺩﯗﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺯﻩﺭﺩﯗﺷﺖ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯧﯟﯨﺮﻏﯘﻝ (ﻗﯘﻣﯘﻝ) ﺩﺍ ﺯﻩﺭﺩﯗﺷﺖ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯧﺰﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﻩﺳﯩﻘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺯﻩﺭﺩﯗﺷﺖ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﯘ ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺗﻪﺩﯨﺮﯨﺠﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻤﯘ ﺯﻩﺭﺩﯗﺷﺖ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]