شەيخ سەئدى

ئورنى Wikipedia
شەيخ سەئدى


شەيخ سەئدى شىرازى (فارسچە: ابومحمد مصلح‌الدین بن عبدالله شیرازی، تولۇق ئىسمى: ئەبۇ مۇھەممەد مۇسلىھىددىن بىن ئابدۇللاھ شىرازى)، تەخمىنەن 1203- يىلى ئۆپچۆرىسىدە ئىراننىڭ شىراز شەھرىدە ئۇتتۇرا قاتلامغا مەنسۇب ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. تەخمىنەن 20 ياش ۋاقتىدا ئوتتۇرا شەرقنىڭ مەدەنىيەت مەركەزى بولمىش قەدىمىي شەھەر باغدادقا بېرىپ، مەشھۇر نىزامىيە مەدرەسەسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان. شائىر كىچىك چاغىدىلا ئۆز ۋەتەنىدىن كۆپ قېتىم سەفەرگە چىقىپ، چەت مەملەكەتلەردە، بولۇپمۇ شەرقنىڭ نۇرغۇن مۇھىم شەھەرلەرىدە ساياھەتتە بولغان. ئكمرىدە 14 قېتىم ھەج قىلغان؛ غەربتە شىمالىي ئافرىقاغا قەدەر بارغان، ئەرەب سەھرالارىنى كەزگەن. مىسىر، ھەبەشسىتان، تۈركىيە قاتارلىق مەملەكەتلەردە بولغان. دەمەشىق، ئېراسالىم، تىرىپولى، ھەلەب قاتارلىق شەھەرلەرنى كۆرگەن؛

ئەسەرلىرىدىن: بۇ 1257-يىلى يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ يېرىم ئەسىىرلىك تۇرمۇش تەجرىبىسى ئاساسىدا ئاۋۋال «بوستان»ناملىق شېئىرىي ھىكايىلەر توپلىمىنى ،ئۇنىڭدىن بىر يىل كىيىن (1258-يىلى باھاردا) «گۈلىستان» ناملىق ئۆلمەس ئەسىرىنى ياراتقان .