كارلوس فۇئېنتېس

ئورنى Wikipedia
Carlos Fuentes (2002)

كارلوس فۇئېنتېس 1928- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى مېكسىكىدا بىر دېپلوماتىيە ئەمەلدارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ھازىرقى مېكسىكىنىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك يازغۇچىسى، شۇنداقلا ئىسپان تىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق يازغۇچى ۋە نەسرچىلەرنىڭ بىرى، « مېكسىكا تىل دېپلوماتىيە ئەمەلدارى ».

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :كارلوس فۇئېنتېس


دۆلەت تەۋەلىكى :مېكسىكا

يۇرتى :پاناما

تۇغۇلغان ۋاقتى :1928- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :2012- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى

كەسپى :يازغۇچى

ئىنگلىزچە نامى :Carlos Fuentes

شەخسلەر ئانكىتى[تەھرىرلەش]

كارلوس فۇئېنتېسكارلوس فۇئېنتېس 1928- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى مېكسىكىدا بىر دېپلوماتىيە ئەمەلدارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپ ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بارغان، كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى تەربىيە قۇبۇل قىلغان، ئۇنىڭ غەربنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشىنىشى بىر قەدەر چوڭقۇر. لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى سەۋەب توغۇرلۇق بىر قەدەر چوڭقۇر ئىزدەنگەن، ياۋروپا - ئامېرىكا يۇقىرى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن  لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى پەرىقنى كۆرۈپ، ئۆز ۋەتىنىگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئەندىشە ئېڭى پەيدا بولغان. ئۇ يازغۇچى بولغاندىن كېيىن، دائىم ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق مېكسىكا جەمئىيەتىدىكى چۈشكۈنلۈكنى تەنقىد قىلغان، مېكسىكا خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە مېكسىكا مىللىتىنىڭ يىلتىزىنى قېزىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرغان.

2015- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى - يىلى مېكسىكا شەھىرىدە ۋاپات بولغان، مېكسىكا دۆلەتلىك تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • شەخسلەر ئانكىتى
  • ئىجادىيەت ھاياتى
  • ئەسەرلىرى
  • ئىجادىيەت ئۇسلۇبى
  • شان-شەرەپلىرى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئىجادىيەت ھاياتى[تەھرىرلەش]

كارلوس فۇئېنتېس مېكسىكا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئوتتو تاۋىئو پاستىن كېيىنكى ئەڭ ئاتاقلىق ئەدىب.  شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسپان تىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە يازغۇچىسى ۋە يازغۇچىلارنىڭ بىرى.

پانامادا تۇغۇلغان، دادىسى بىر مېكسىكا دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، شۇڭا ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا ئايلىنىپ يۈرۈپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن شۋېتسارىيە ئىلىم تەھسىل قىلغان، ياۋروپا - ئامېرىكا مەدەنىيىتى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ ۋە چوڭقۇر ئىگەللىگەن. كىتو، مونتىۋېدىيو، رىئودې ژانېيرو، ۋاشىنگتون، سانتىياگو ۋە ئايرىسلارنى ئايلىنىپ قارتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى ھەمدە بىر قاتار ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان.

5پارچەكارلوس فۇئېنتېسھاياتىدا 60 نەچچە پارچە ئەسەر يازغان، نەچچە يىلدىن بېرى ساداسى ناھايىتى كۈچلۈك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

كارلوس فۇئېنتېسنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى 1962- يىلى ئېلان قىلغان «ئارتىمۇ. كروس ئۆلۈمى »، بۇ ئەسەر لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن، بۇ « ئەڭ ئەتراپلىق، ئەڭ مۇكەممەل بولغان، نەتىجىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان رومان. شۇڭا ئۇ « مېكسىكا تىل دېپلوماتىيە ئەمەلدارى » دەپ ئاتالغان. ئۇ  دۇنيادىكى ئىسپان تىلىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇكاپات، ئەدەبىيات مۇكاپاتى، ۋېنسۇئېلا گاللېگوس مۇكاپاتى، مېكسىكا رىيىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، سېرۋانتېس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، لۇ تىلى دارىئونىڭ مەدەنىيەت مۇستەقىللىق ئوردېنىغا، ئىسپانىيە مېنېدېز. پېرايو خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، چىلى ئەلا سۈپەتلىك ئوردېن ھەمدە ئىسپانىيە ئاستۇرىيە شاھزادە ئەدەبىيات مۇكاپاتى قاتارلىقلارغىمۇ ئىرىشكەن.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

كارلوس فۇئېنتېسنىڭ «چۈمپەردىلەر كۈنلەر »، « ئەڭ يورۇق ۋە پاكىز رايون »، « ئارتىمو . كروس ئۆلۈمى »، « كىرىستونات. رونات » ( 1987 - يىلى )، « ئامېرىكىلىق » ( 1985 - يىلى )، تارىخىي رومان « جەڭ » ( 1990 )، تۆت قىسقا «بەختسىز ئايال ، لاس لوماس، مەھبۇس ۋە مېنىڭ نام - شۆھرەتىم، ئەقىل بىلەن كىشىلەر ) ھېكايە توپلىمى، « يۈزى ئېچىلمىغان قىز  ۋە باشقا بىرنەچچە پارچە ھېكايە » ( 1990 )، « دەپنە قىلىنغان ئەينەك » ( 1992 - يىلى )، بەش ھېكايە ( ئىككى قىرغاق ، غالىب بالىلار ، ئىككى نومانسىيە ، ئاپوللو ۋە پاھىشە، ئىككى ئامېرىكا قىتئەسى ) دىن تەركىب تاپقان ھېكايىلەر توپلىمى « ئاپېلسىن دەرىخى » ( 1993 )، دىئاننا بەرداشلىق بەر، يالغۇز ئايال ئوۋچى » ( 1994 )، « لورا دياس بىلەن بىللە ئۆتكەن كۈنلەر » ( 1999 )، « مېكسىكىدىكى بەش كۈن » ( 2000 )، « باتۇر يېڭى قۇرۇقلۇق » نەسىرلەر توپلىمى، « ھېكايە زېمىنى » قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئىجادىيەت ئۇسلۇبى[تەھرىرلەش]

چۈنكى ياۋروپا ، ئامېرىكا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قالاق ھازىرقى ھالىتىنى بىلىش، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئەندىشە ئېڭى مەۋجۇت. ئۇ قەلەمنى قورال قىلىپ ئەسەردە مېكسىكا جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە قاراڭغۇ تەرىپىنى ئېلىپ، چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇنى پاش قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇستازى پاسقا ئوخشاش، ئەسەرلىرى ئىچىدە مېكسىكىنىڭ ئۆز مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە مىللىي مەنبەسىدە چىڭ تۇرغان.

شان-شەرەپلىرى[تەھرىرلەش]

كارلوس فۇئېنتېس دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدە نۇرغۇن شان - شەرەپكە ئېرىشكەن:

1967-يىلى ئىسپانىيە قىسقىچە توپلام ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1977 - يىلى ۋېنسۇئېلا گاللېگوس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1979 - يىلى مېكسىكا رىيىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1987 - يىلى سېرۋانتېس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1988 - يىلى نىكاراگۇئا زۇڭتۇڭى لۇ تىلى دارىئونىڭ مەدەنىيەت مۇستەقىللىق ئوردېنىغا ئېرىشكەن.

1992 - يىلى ئىسپانىيە مېنېدېز. پېرايو خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1993 - يىلى چىلى ئەلا سۈپەتلىك ئوردېنى بىلەن ئامېرىكا لوس كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بەرگەن ئوردېننغا ئېرىشكەن.

1994- يىلى ئىسپانىيە ئاستۇرىيە  شاھزادە ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.