كۈرەش مەخسۇت

ئورنى Wikipedia

كۈرەش مەخسۇت، ئۇيغۇر، خوتەن گۇمىلىق، جوڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۆلچەپ سىزىش ئىنىستۇتىنى پۈتتۈرگەن. مەركىزى پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلىق(مەكتەپتە تۇرۇپ) ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 2018-يىلى 4-ئايدىن بۇيان جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىكنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتىكوم ئەزاسى.

ئىسمى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە: كۈرەش مەخسۇت.

ئۇيغۇرچە لاتىن: kuresh mehsut

خەنچە: 库热西·买合苏提

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

كۈرەش مەخسۇت، ئەر، ئۇيغۇر، 1960-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ گۇما ناھىيەسىدىن، 1977-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984-يىلى 1- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

1977-يىلى 1-ئايدا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى تەلىم-تەربىيە ئەترىتىنىڭ كۇرسانتى بولغان.

1977-يىلى 9-ئايدا، ئازادلىق ئارمىيە ئۆلچەش-سىزىش ئىنستىتۇتى ئاۋىياتسىيە ئۆلچەش فاكۇلتېتى ئاۋىياتسىيە ئۆلچەش ئىچكى كەسپى كەسپىدە ئوقۇغان.

1979-يىلى 2-ئايدا، ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى 2-ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى خەرىتە سىزىش ئەترىتىنىڭ ئۆلچەش- سىزىش خادىمى بولغان.

1980-يىلى 9-ئايدا، گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى ئاۋىياتسىيە ئۆلچەش ئىچكى كەسپى ئەترىتىنىڭ تېخنىكى بولغان.

1982-يىلى 2-ئايدا، ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى 2-ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى خەرىتە سىزىش ئەترىتى، ئاۋىياتسىيە ئۆلچەش ئىچكى ئىشلار ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1986-يىلى 7-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئىلمىي باشقارمىسى، كەسپىي مائارىپ باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان.

1988-يىلى 5-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە نازارىتى 3- باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان.

1992-يىلى 12-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە نازارىتى 3- باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1993-يىلى 2-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە 2- ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

1996-يىلى 1-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

1998-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان (1996-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 12- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان).

2000-يىلى 4-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان.

2003-يىلى 1-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (2001-يىلى 9- ئايدىن 2004-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان).

2007-يىلى 12-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

2008-يىلى 2-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2012-يىلى 2-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

2014-يىلى 3-ئايدا، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئۆلچەش-سىزىش-جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2018-يىلى 3-ئايدا، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

2018-يىلى 10-ئايدا، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى بولغان.

2020-يىلى 5-ئايدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. خەنچە ۋىكىپىدىيا