كۈلتۈر

ئورنى Wikipedia

كۈلتۈر (ئېنگلىزچە: Culture; ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 文化) ئىنسانىيە جەمىيىتىدە شەخسى ياكى كوللىكىتپ مەۋجۇت بولغان ئىجتىمائى ھالەت، قۇرۇلما، ئۆرپ-ئادەت، بىلىم، ئېتقاد، سەنئەت، قانۇن، تۆرە، ۋە ئادەت قاتارلىق بىر يۈرۈش خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى. كۈلتۈر ئادەتتە مەلۇم ئىنسانلار توپى ياكى رايوندا مەۋجۇت بولىدۇ. كۈلتۈر بىلەن مەدەنيەت ئوخشىمايدۇ. ھەر قانداق مىللەت ياكى ئۇلۇستا كۈلتۈر بولىدۇ، لېكىن مەدەنيەت بولۇشى ناتايىن. مەدەنيەت كۈلتۈرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئالى دەرىجىلىكى.