مېڭە ئاپوپلېكسىيەسى
مېڭە ئاپوپلېكسىيەسى بىر يۈرۈش مېڭىنىڭ قان يېتىشمەسلىك ۋە قاناش خاراكتېرلىك زەخمىلىنىشنى ئاساسلىق كىلىنكىنىڭ ئىپادىسى قىلغان كېسەللىك.
ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
[تەھرىرلەش]ئۇيغۇرچە نامى :مېڭە ئاپوپلېكسىيەسى
باشقا نامى :مېڭە سەكتىسى
كېسەللىك ھەققىدە
[تەھرىرلەش]3پارچەمېڭە ئاپوپلېكسىيەسىمېڭە ئاپوپلېكسىيەسى بىر يۈرۈش مېڭىنىڭ قان يېتىشمەسلىك ۋە قاناش خاراكتېرلىك زەخىملىنىشنى ئاساسلىق كىلىنىڭ ئىپادىسى قىلغان كېسەللىك، مېڭە سەكتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ياكى مېڭە قان تۇمۇر تاساددىبىلىقى، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۆلۈش نىسبىتى ۋە مېيىپ بولۇش نىسبىتى، ئاساسلىقى قاناش مەنبەلىك مېڭە سەكتىسى ( مېڭە قاناش ياكى ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە ئاستى بوشلۇقى قاناش ) ۋە قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان مېڭە سەكتىسى ( مېڭە تىقىلمىسى ، مېڭە قان نوكچىسى شەكىللىنىدۇ ) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ، مېڭە تىقىلمىسى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.
مۇندەرىجە
[تەھرىرلەش]- قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
- ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
- كېسەللىك ھەققىدە
- كېسەللىك ئالامىتى
- دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
- سەۋەبى
- غىزا بىلەن داۋالاش
- ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋاش
- سۈرەتلەر
- قامۇس باشبېتى
كېسەللىك ئالامىتى
[تەھرىرلەش]7پارچەمېڭە ئاپوپلېكسىيەسىباش ئاغرىش : مەيلى مېڭىگە قان چۈشۈش ياكى مېڭە توسۇلۇشتا باش ئاغرىش ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدىغان، يەنە بىر مۇھىم بولغان مېڭە سەكتىسىنىڭ ئالامەتلىرى ۋە سىگنالى.
قۇسۇش : ئادەتتە باش ئاغرىشقا ئەگىشىپ پەيدا بولغان، ناھايىتى كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كۆپىنچە پۈركۈش شەكىللىك قۇسۇش. قۇسقان سۇيۇقلۇق قەھۋە رەڭ ( جاڭيۇ ) نۇسخا ياكى قارا قوڭۇر بولىدۇ، بۇنىڭدا كېـسـەلـلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر.
باش قېيىش : باش قېيىش، قۇسۇش ياكى قۇلاق غۇڭۇلداش كۆپ كۆرۈلىدۇ، مېڭە سەكتىسىنىڭ ئالامەتلىرى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.
بىر تەرەپتىكى پۇت ۋە يۈز سېزىمى نورمالسىزلىنىش
تاسادىپىي كۆرۈش سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش : سول ياكى ئوڭ كۆزى كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، جىسىمغا بولغان كۆرۈش سېزىمى كەمتۈك بولۇشتەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
[تەھرىرلەش]بىمارنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرىنى كۆزىتىش، جىددىي ئىستانىسىدىكى نېرۋا بۆلۈمىدىكى دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىش.
بىمار يىقىلغان يەر ئۆز جايىدا قۇتقۇزۇش، ئەگەر چوقۇم ھەرىكەت قىلغاندا بەك ئېھتىيات قىلغىن.
پۇت-قولى پالەچلىنىش، تىلى توسالغۇغا ئۇچراش، كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلار مېڭە سەكتىسىنىڭ ئالدىنقى بىشارىتى. ئۇنى بالدۇر بايقاش ۋە بالدۇر داۋالاش.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
[تەھرىرلەش]بىمارنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرىنى كۆزىتىش، جىددىي ئىستانىسىدىكى نېرۋا بۆلۈمىدىكى دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىش.
بىمار يىقىلغان يەر ئۆز جايىدا قۇتقۇزۇش، ئەگەر چوقۇم ھەرىكەت قىلغاندا بەك ئېھتىيات قىلغىن.
پۇت-قولى پالەچلىنىش، تىلى توسالغۇغا ئۇچراش، كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلار مېڭە سەكتىسىنىڭ ئالدىنقى بىشارىتى. ئۇنى بالدۇر بايقاش ۋە بالدۇر داۋالاش.
سەۋەبى
[تەھرىرلەش]مېڭە سەكتىسى مېڭە قىسمىدىكى قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبىدىن قىسمەن نېرۋا ئىقتىدارى يوقىلىشنى ئالاھىدىلىك قىلغان كېسەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مېڭە سەكتىسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى :
1. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ۋە ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى، مېڭە سەكتىسىنىڭ سەۋەبى ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.
2. يۈرەك كېسىلى — مېڭە سەكتىسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. رېۋماتىك، يوقىرى قان بېسىم خاراكتېرلىك، تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى ۋە سۇس ئۆتكۈر باكتېرىيىلىك يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دىۋارىغا چاپلاشقان قان نوكچىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، يۈرەك زەئىپلىشىش ياكى دالانچە تىترەشنىڭ يۈز بەرگەن چاغدا، قان نوكچىسى يەنە مېڭە ئارتېرىيىسى توسۇلۇش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن.
3. باش ئىچى قان تومۇرلىرى تەرەققىياتىدا ئارتېرىيە ئۆسمىسى نورمالسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئارتېرىيە-ۋېنا غەيرىيلىكى — ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە ئاستى بوشلۇقى قاناش ۋە مېڭىگە قان چۈشۈش كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك سەۋەبى ھەمدە كۆپىنچە كۆپ قېتىم يېرىلىپ قاناش سەۋەبلىك يۈز بېرىدۇ.
4. بەزى مېڭە پەردە ياللۇغىنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىشى، مېڭە قان تومۇرلىرى ياكى يالغۇز دەخلى-تەرۇز قىلىش، مېڭە قان تومۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان مېڭە ئارتېرىيە ياللۇغى، مەسىلەن، يىرىڭلىق، تۇبېركۇليوز خارەكتىرلىك، زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش ۋە رېماتىزم كېسىلى بارلاردا مېڭە قان تومۇر كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. قان كېسىلى مەسىلەن، قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ، قىزىل قان ھۆجەيرىسى كۆپۈيۈپكىتىش كېسىلى، ئاق قان كېسىلى، دائىم قاناش خاراكتېرلىك مېڭە قان تومۇر كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاز ساندىكى قان يېتىشمەسلىك مەنبەلىك مېڭە قان تومۇر كېسىلى يۈز بېرىدۇ.
6. ئالمىشىش كېسىلى مەسىلەن، دىئابېت كېسىل، يۇقىرى ياغلىق قان كېسىلى قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار.
7. ھەر خىل زەخىملىنىش، زەھەرلىنىش، مېڭە ئۆسمىسى، مېڭە ئۆسمىسى رادىئو ئاكتىپلىق داۋالاش، بېشىغا قان يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك ياكى قاناشچان مېڭە قان تومۇر كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، مۇھىت، كەيپىيات ئۆزگىرىشى، ئارتۇقچە جىددىيلىشىش، چارچاش قاتارلىقلار مېڭە سەكتىسىنىڭ سەۋەبى. تاماكا چېكىش، ھەددىدىن زىيادە ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەرنىڭ سەكتە يۈز بېرىش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى.
غىزا بىلەن داۋالاش
[تەھرىرلەش]مېڭە سەكتىسى ئىجتىمائىي بايلىقنى ئەڭ كۆپ سەرپ قىلىنىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يېمەك-ئىچمەك ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش مەقسىتى پۈتۈن بەدەنلىك ئوزۇقلۇق، مېڭە ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياخشى. يېمەك-ئىچمەك، ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، كۆپ مەنبەلىشىش، يەنى بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ بار-يوقلۇقى، نورمال يېمەك-ئىچمەك، ھەزىم قىلىش، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بەدەن ئېغىرلىقى، قان يېغى، قان شېكىرى، ئېلېكترولىت قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئوزۇقلۇقى داۋالاش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىلدى.
ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋاش
[تەھرىرلەش]1. سەكتە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئوتتۇرا ياش ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىت. بۇ مەزگىلدە سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، ماي مىقدارى يۇقىرى بولغان گۆشلەرنى يېمەسلىك كېرەك. مايسىز، تۇزسىز، پىششىق، يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بېرىشى. كەيپىياتىنى تۇراقلىق تۇتۇش، تۇرمۇشى رىتىملىك بۇلۇش، بولۇپمۇ چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چۈنكى دائىم قەۋزىيەت بولدىغان كىشلەردە ھەزىمنىڭ ياخشى بولماسلىغى، چىقىرىندى ماددىلارنىڭ جوغلىنىپ قېلىشى بىلەن ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللەر پەيدا بۇلۇپ ئەسلىدىكى كېسەل ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.
2. جىددى قوزغالغان مەزگىلدە كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشى كېرەك، يۆتكىلىشكە،بولۇپمۇ باش تەرىپى يۆتكەلسە قەتئىي بولمايدۇ.
3. سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا يېرىم پالەچ كۆپ كۆرۈلىدۇ. پالەچ بولغاندىن كىيىن پۇت-قولنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقاندىن كىيىنكى داۋالاش ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىت بۇلۇپ ،بۇ مەزگىلدىكى داۋالاشتا ئۇۋىلاپ بېرىش،ئىمكانىيىتىچە پۇت قوللارنى ھەركەتلەندۇرۇش، تەرتىپلىك، قەرەللىك چېنىقتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە فىزىكىلىق داۋالاش، يىڭنە سانجىشنى بىرگە ئېلىپ بارسىمۇ بۇلىدۇ. تەرتىپ بۇيىچە قەدەممۇ-قەدەم پۇت-قولىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى ئېلىپ بېرىش،بۇ ئارقىلىق سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، كىيىن ئۆزلىگىدىن ئاستا-ئاستا ھەرىكەت قىلىپ، مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
4. يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاپ، سەكتە كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
5. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ماسلىشىش، تىرشىپ ھەركەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ خىل ھەركەت ۋە مەشىقنىڭ سەكتە كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇغۇزۇش بەك مۇھىم.