مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى

ئورنى Wikipedia

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ (ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 全国人民代表大会؛ ئېنگلىزچە: National People's Congress) دائىمىي ئاپپاراتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بولۇپ، ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى

全国人民代表大

Quánguó Rénmín Daibiǎo Dàhuì

ھازىر ۋەزىپىدە: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى
تىپ
تىپ تاق پالاتا (بەزى ئەلدە قوش پالاتتا بار، مەسلەن يۇقىرى ۋە تۆۋەن دىگەندەك)
تارىخ
قۇرۇلدى 1954
ئالدىن تەييارلانغان مىللەت مەجلىسى

قانۇن تۇرغۇزۇش قۇرۇلتىپى

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ( ئەمەللى ھوقوق)

رەھبەرلىك
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئىتى (ۋاقىتلىق ،

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن سايلىنىدۇ

ۋە ھەر قېتىملىق يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سايلىنىدۇ)

2018-يىلى 4-مارتتىن باشلاپ (مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ

13-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا)

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىك رەئىسى ئەركىن ئېمىرباقى ۋە باشقىلار
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ چېن ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى

2018-يىلى 4-مارتتىن باشلاپ (مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ

13-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا)

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى لى جەنشۇ ، ج ك پ

2018-يىلى 17-مارتتىن باشلاپ

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ ، جۇڭگو كومپارتىيىسى

2018-يىلى 17-مارتتىن باشلاپ

ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە رەھبىرى شى جىنپىڭ (جوڭگو كوممۇنىستك پارتىيەسى)

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

13-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي سىياسىۋى پارتىيە باغلىنىشلىق تارقالما دىئاگرامىسى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى − جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى. ئۇ دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، نېگىزلىك قانۇننى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛ دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، ھەربىي ئورگىنى مەسئۇللىرىنى سايلاش ۋە بەلگىلەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ كىشىلەرنى قالدۇرۇۋېتىش ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزەلەيدۇ؛ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئۆلچەم قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ تۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە چوڭ-چوڭ مەسىلىلىرىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە قارار قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىسىنى قارار قىلىدۇ. دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، ھەربىي ئورگىنى، شۇنىڭدەك باشقا دۆلەت ئورگانلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەر بەش يىلدا نۆۋەت ئالماشتۇرىدۇ، ھەر يىلى بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ.

دائىمى ئاپپاراتى[تەھرىرلەش]

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ئاپپاراتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بولۇپ، ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

ھوقوقى[تەھرىرلەش]

ئۇنىڭ(خىزمەت) ھوقۇقى ئاساسلىقى ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش؛ قانۇنلارنى ئىزاھلاش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلىدىغان قانۇنلاردىن باشقا قانۇنلارنى چىقىرىش ۋە تۈزىتىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى قاراپ چىقىش ۋە تەستىقلاش، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىش؛ ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى بەلگىلەش ۋە تەيىنلەش-قالدۇرۇش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشنى قارار قىلىش؛ چەت ئەللەر بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامە ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنى تەستىقلاش ۋە بىكار قىلىشنى قارار قىلىش؛ ھەربىيلەر ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ۋە باشقا مەخسۇس ئۇنۋان تۈزۈملىرىنى بەلگىلەش؛ پەۋقۇلئاددە كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلىش؛ ئۇرۇش ھالىتىنى جاكارلاشنى قارار قىلىش؛ مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەر قىلىش ياكى قىسمەن سەپەرۋەر قىلىشنى قارار قىلىش؛ مەملىكەت بويىچە ياكى ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىش، ۋەھاكازا.

كومىتىتلار[تەھرىرلەش]

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا يەنە ئېھتىياجغا قاراپ بىر قاتار مەخسۇس كومىتېتلار قۇرۇلىدۇ، بۇ كومىتېتلار مەلۇم جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. 1993-يىلى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا جەمئىي سەككىز مەخسۇس كومىتېت قۇرۇلدى. ئۇلار: مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، قانۇن كومىتېتى، ئىچكى ئىشلار-ئەدلىيە كومىتېتى، مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ-ئىلىم، پەن-مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتى، مۇھىت ئاسراش كومىتېتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ كومىتېتلار دائىمىي ئاپپارات بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

تۇنجى قۇرۇلتاي[تەھرىرلەش]

1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1954-يىلى9-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىن ليۇ شاۋچىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىدى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى: سۇڭ چىڭلىڭ، لىن بوچۈ، لى جىشېن، جاڭ لەن، لو رۇڭخۇەن، شېن جۈنرۇ، گو مورو، خۇاڭ يەنپېي، پېڭ جېن، لى ۋېيخەن، چېن شۇتۇڭ، دالاي لاما، دەنزېڭ جياسو، سەيپىدىن ئەزىزى، چېڭ چيەن (1958-يىلى تولۇقلانغان) قاتارلىقلار، باش كاتىپ پېڭ جېن. ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەر بەش يىلدا نۆۋەت ئالماشتۇرىدۇ، ھەر يىلى بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. تور دۇنياسى