يالاڭ تورنىك
يالاڭ تورنىك تورنىكنىڭ بىر تۈرى، بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە بوشلۇقتا موللاق ئېتىپ يەنە قايتا تورنىكنى تۇتۇۋېلىشتەك ھەرىكەتلەر بار.
تارىخى كېلىپ چىقىشى
[تەھرىرلەش]يالاڭ تورنىك ھەرىكىتىنىڭ تارىخى1 مىليون يىل ئىلگىرىكى ئىپتىدائىي ئادەملەر دەۋرىگە تۇتىشىدۇ. ئەينى چاغدىكى ئىنسانلار مايمۇنسىمان ئادەم چېغىدىكى دەرەخ شاخلىرىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ پۇلاڭلاش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان.
دۇنيادىكى تۇنجى يالاڭ تورنىك 1812 - يىلىى غەربىي ياۋروپانىڭ سېرك ئويۇنى تەسىرىدىن بارلىققا كەلگەن. ئۇ چاغلاردىكى تورنىك ھەرىكىتى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، تورنىك ھەرىكىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقى پەقەت قانچە قېتىم پىرقىرىيالايدىغانلىقى بىلەن باھالانغان. كېيىن ھەر خىل تورنىكقا چىقىش ھەرىكەتلىرى بىلەن بەدەن بۇراش، رادىئۇسى ئۆزگىرىدىغان ئايلىنىش ۋە ھەر خىل ئۆرلەپ چىقىش، بوشلۇقتا موللاق ئېتىپ بەدەن بۇراشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەر بارلىققا كەلگەن.
يېقىنقى زامان گىمناستىكىسى-يالاڭ تورنىك
[تەھرىرلەش]يېقىنقى زامان گىمناستىكىسىدا ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغىنى يالاڭ تورنىك بولۇپ، ھازىر يالاڭ تورنىك ھەرىكەتلىرى تەرەققىي قىلىپ مىڭ نەچچە خىلغا يەتتى. پەقەت يالغۇز بىلەكتە ئايلىنىش ھەرىكىتىدىلا ئوڭ تۇتۇش، تەتۈر تۇتۇش، بىلەكنى تولغاپ تۇتۇشتەك كۆپ خىل ھەرىكەتلەر ھەمدە بىر تەرەپتىن بەدەن بۇراپ، بىر تەرەپتىن بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە بوشلۇقتا موللاق ئېتىپ يەنە قايتا تورنىكنى تۇتۇۋېلىشتەك ھەرىكەتلەر بار. ھازىرقى زامان يالاڭ تورنىكىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تولۇق، ئورنى يۇقىرى، بوشلۇقى كەڭتاشا بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىت بولغاچقا، تورنىكتىن چۈشۈش ھەرىكىتىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان بولدى.
جۇڭگونىڭ يالاڭ تورنىك ھەرىكىتى
[تەھرىرلەش]جۇڭگونىڭ يالاڭ تورنىك ھەرىكىتى ھەرىكەت دائىرىسى چوڭ، قىيىن، يېڭى، كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرارلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. تۇڭ فېي23-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يالاڭ تورنىك تۈرىدە چېمپىيون بولغان. 1989-يىل10-ئايدىكى25-نۆۋەتلىك دۇنيا گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگونىڭ يېڭى ماھىرى لى چۈنياڭ چېمپىيون بولغان.