پاسكال

ئورنى Wikipedia

Blaise Pascal

خەنزۇچە:帕斯卡

پاسكال

پاسكال 1623-يىلىدىن 1662- يىلىغىچە ياشىغان. فرانسىيە ماتېماتىكى، فىزىكى، پەيلاسوپى، نەسىرچىسى. پاسكال 16 يېشىدا ئىنتايىن داڭلىق «پاسكال ئالتە تەرەپلىك تېئورېمىسى» : «بىرەر ئىككىنچى تەرتىپلىك ئەگرى سىزىققا ئىچتىن تېگىشكەن ئالتە تەرەپلىكنىڭ ئۈچ جۈپ قارشى تەرىپىنىڭ كېسىشىش نۇقتىلىرى سىزىقداش بولىدۇ» نى بايقىغان. «كونۇس كەسمىلىرى نەزەرىيىسى» نى يازغان. ئالگېبرادىكى ئىككى ئەزالىقلار يېيىلمىسىنىڭ كوئېففىتسېنتلىرىنىڭ قانۇنىيىتى (پاسكال ئۈچبۇلۇڭى) نى تەتقىق قىلغان. ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىنىڭ تەتقىقاتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. بىر خىل قوشقۇچنى لايىھىلىگەن ۋە ياسىغان. يەنە ھىم قاچىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ بېسىم تارقىتالايدىغانلىقى ھەققىدىكى قانۇن (پاسكال قانۇنى) نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ «تەپەككۇر خاتىرىلىرى»، «ياقا ئۆلكىلىكلەرگە يېزىلغان خەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى فرانسىيە نەسىرچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.