ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺑﻮﻧﺎﭘﺎﺭﺕ
ھاياتى
[تەھرىرلەش]ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﯧﺮﺍﺗﻮﺭﻯ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ (1) 1769- ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻮﺭﯨﺴﻜﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻛﺴﯩﺌﻮ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺑﻮﻧﺎﭘﺎﺭﺕ . ﺋﯘ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ 15 ﺋﺎﻱ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻛﻮﺭﯨﺴﻜﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻛﻮﺭﯨﺴﻜﺎﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﻓﺮﺍﻧﺴﻮﺯﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺯﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﺪﻯ . 1785- ﻳﯩﻠﻰ 16 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻼﺩﺷﯩﻲ ﻟﯧﻴﺘﯩﻨﺎﻧﺘﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ 1793-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻟﯘﻥ ﻣﯘﮬﺎﺳﯩﺮﻩ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ( ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻥ . ) ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘ ﺗﻮﭘﭽﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ( ﺑﯘ ﭼﺎﻏﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘ ﻛﻮﺭﯨﺴﻜﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﻮﺯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ) ﺗﯘﻟﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ ﺑﯩﺮﯨﮕﺎﺩﺍ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . 1796- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻘﺎ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . 1796-1797-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﺐ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ . ﭘﺎﺭﯨﮋﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .
سىياسى ھاياتى
[تەھرىرلەش]1798-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﺘﺎ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﮬﻪﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﺍ ﻧﺎﺭﺳﻮﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﻓﻠﻮﺗﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻓﻠﻮﺗﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﻯ . 1799-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯﻯ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ . ﺑﯘ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻣﯩﺴﺴﺌﻮﻧﯧﺮ ﺳﯩﺌﺎﻳﺸﯩﻞ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ﻳﯧﯖﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻤﻤﯘﺗﻠﻪﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻘﺎﺑﻰ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺧﺎﻻﺱ . ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺘﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻙ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ .
ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﮬﯘﻗﯘﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ . 1793-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘﻥ ﻣﯘﮬﺎﺳﯩﺮﻩ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ، ﺋﯘ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻧﺎﻣﻰ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻥ 24 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻞ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ، ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ 30 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ، ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﺋﺎﻻﻳﻠﯘﻕ ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ، ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ . ﮬﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ . ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻼﺭ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ، ﻳﻪﻧﻰ " ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ " ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ . ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﻜﯧﺮﯨﺘﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ، ﺋﺎﻻﻳﻠﯘﻕ ، ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ، ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ . ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ، ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ، ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ، ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻼ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ( ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ " ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ " ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ " ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ " ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻻﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ) ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭙﻼ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ .
ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﺘﻪ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، 1804- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﯧﻤﭙﯧﺮﺍﺗﻮﺭﻯ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ . ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ، ﺑﯘ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐﺎ ﺋﯜﺯﯛﻝ - ﻛﯧﺴﯩﻞ ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯩﺪﻯ .
1802- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺋﺎﻣﻴﯧﻨﺴﺪﺍ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﺪﻯ . ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻱ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﯩﻼ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ . ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻨﻼ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ، 1805- ﻳﯩﻠﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺗﺮﺍﻓﺎﻟﮕﺎﺭ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﻓﻠﻮﺗﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﻴﻪ ﺩﯦﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﯧﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﯞﺍﻟﺪﻯ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﺮﺍﻓﺎﻟﮕﺎﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ( ﺋﻮﺳﺘﯧﺮﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻰ < ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﺋﯘﺳﺘﯧﺮﻟﯧﺘﯩﺲ ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ، ﻟﯩﻒ ﺗﻮﻟﺴﺘﻮﻳﻨﯩﯔ " ﺋﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ " ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﺋﯘﺳﺘﯧﺮﻟﯧﺘﯩﺲ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ - ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ) ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﺍﻟﻤﯩﺪﻯ .
1808- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﯩﺒﯧﺮﯨﻴﻪ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺪﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻳﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰ ﺋﯩﺪﻯ . 1807 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﭼﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ " ﺗﯩﻠﺰﯦﺖ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ " ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ، ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﯞﻩﺩﯨﻠﻪﺷﺘﻰ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ، 1812- ﻳﯩﻠﻰ 6- ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ . ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ، 9- ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﺪﻯ . ﺭﻭﺳﻼﺭ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﯞﻩﺗﺘﻰ . ﻣﻮﺳﻜﯩﯟﺍﺩﺍ ﺑﻪﺵ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ( ﺋﯘ ﺭﻭﺳﻼﺭ ﺳﯜﻟﮭﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ ) ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯧﭽﯩﻜﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ ﮬﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ، ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﮬﺮﯨﺘﺎﻥ ﺳﻮﻏﯘﻗﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺶ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ . " ﺯﻭﺭ ﻗﻮﺷﯘﻥ " ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺍﻥ 10 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻼ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ - ﺋﯧﺴﻪﻥ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ . ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ، ﭘﺮﻭﺳﺴﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . 1813- ﻳﯩﻠﻰ 10- ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻟﯧﻴﯩﭙﺴﯧﮓ ﺟﯧﯖﯩﺪﻩ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺗﻪﺧﺘﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻠﺒﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .
1815- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺋﯧﻠﺒﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯘ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ 100 ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﯞﺍﺗﯧﺮﻟﻮ ﺟﯧﯖﯩﺪﻩ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯞﺍﺗﯧﺮﻟﻮ ﺟﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻳﻨﯩﺖ ﺧﯧﻠﯩﻨﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . 1821- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻻﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺷﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻨﻼ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﻪ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺋﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ، ﺋﯘ ﭘﺎﺕ -ﭘﺎﺗﻼ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍﺗﯩﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ؟ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ، ﺑﯩﺮ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﻩ . ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯦﺮ ، ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯧﻤﯘﺭﻟﻪﯕﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻼﺳﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘ 1815- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ 1789- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﻨﻘﻼﺑﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .
ﺷﻪﻙ - ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ . ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﮔﯧﺘﻠﯩﺮﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﺎﺭ . ﮔﯧﺘﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ - ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﺗﯩﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ؛ ﮔﯧﺘﻠﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﭙﻪﺭﻩﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻕ - ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﯩﻐﺎﻥ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﻧﺎﺗﺴﯩﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺟﺎﺯﺍ ﻻﮔﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺷﺎﻥ - ﺷﯚﮬﺮﯨﺘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯦﺮ ﻣﺎﻛﯧﺪﻭﻧﯩﺴﻜﯩﻴﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮔﯧﺘﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺗﯚﯞﻩﻥ . ( ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﺍ 500000 ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﮬﺎﻟﺪﺍ ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ 8 ﻣﯧﻠﻴﻮﻥ ﻧﯧﻤﯩﺲ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ . ) ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﮔﯧﺘﻠﯩﺮﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺗﯚﯞﻩﻥ .
باھالار
[تەھرىرلەش]ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯦﺮ ﻣﺎﻛﯧﺪﻭﻧﯩﺴﻜﯩﻴﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮔﯧﺘﻠﯧﺮﺩﯨﻦ ﻣﯘﮬﯩﻤﺮﺍﻕ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﺳﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺋﻮﻥ ﻳﻪﺗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺟﻪﮬﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺗﯚﯞﻩﻥ . ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺑﯘﺭﮊﯗﺋﺎﺯﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻻﮔﯧﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ . 1815- ﻳﯩﻠﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﻛﻮﻧﺎ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . 1799- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ، ﻛﻮﻧﺎ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﭖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﺪﺍ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﻪﻙ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻻﺗﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ ﻻﺗﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﯩﻴﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﻻﺗﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﺪﻯ .
ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ، ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭ ، ﻳﻪﻧﻰ 1803- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﺋﯘ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﯘﻝ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻟﯘﺋﯩﺴﺌﺎﻧﺎ ﺷﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻳﻪﺭ - ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﺑﯘ ﺷﯩﺘﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻟﯘﺋﯩﺴﺌﺎﻧﺎ ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻜﻰ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﺩﻩﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻟﯘﺋﯩﺴﺌﺎﻧﺎﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﭼﻮﯓ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﻻﻣﺘﻰ - ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻣﺘﻰ ؟ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﻟﯘﺋﯩﺴﺌﺎﻧﺎﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺸﺘﻪ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺷﯜﺑﮭﻪ ﻳﻮﻕ . ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﭘﺎﺋﺎﻝ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﻮﺩﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻟﯘﺋﯩﺴﺌﺎﻧﺎﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻳﻠﯩﭽﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﮬﯚﻛﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .