ئابدۇسالام ئابدۇرېشىت

ئورنى Wikipedia

ئابدۇسالام ئابدۇرېشىت بولسا ھازىر شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئۇچار يولۋاس كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى. ئۇ 2018-يىلى دۆلەت كوماندىسىغان تاللانغان. ئۇ بىر مەزگىل ئېن ب ئادا توپ ئويناپ مەشىق قىلغان بولسىمۇ ھازىرغىچە ئېن ب ئاغا كىرەمىدى.

ئابدۇسالام ئابدۇرېشىت
14-نومۇر - شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسى
ئورنى ھۇجۇمچى
بىرلەشمە س ب ئا(جوڭگو ۋاسكىتبول بىرلەشمىسى)
شەخسىي ئۇچۇرلار
تۇغۇلغان ئاينىڭ 20 1996-يىلى (يېشى 23)

جوڭگو، شىنجاڭ، ئالتاي

دۆلەت تەۋەلىكى جوڭگو
تىزىملىك ​​بوي ئېگىزلىكى 2.03 مىتىر (6 فوت 8 ئىنچ)
تىزىملىك ​​ئېغىرلىقى 85 كىلوگىرام (187 قاداق)
كەسىپ ئۇچۇرى
NBA تاللانما 2018 / تاللانمىغان
كەسپىي ھاياتى 2015 - ھازىر
خىزمەت تارىخى
2015 - ھازىر شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسى
كەسىپتىكى يارقىن نۇقتىلار ۋە مۇكاپاتلار
  • س ب ئا چېمپىيونى ( 2017 )
  • س ب ئا ئەڭ ياخشىلانغان قويغۇچ ( 2019 )
  • FIBA ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى ( 2016 )

نام ئاتىلىشى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە: ئابدۇسالام ئابدۇرېشىىت

ئېنگلىزچە: Abdusalam Abdurishit

خەنچە: 阿不都沙拉木·阿不都热西提

ھاياتى[تەھرىرلەش]

1996-يىلى ، ئابدۇسالام جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدىكى كىچىك ئالتاي شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرىدە ئابدۇسالام كىچىكىدىنلا بويى ئېگىز ئىدى. بالىلىق دەۋرىدە ئابدۇسالام ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەت پۇتبول ئىدى. 2009-يىلى ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەن ئابدۇسالام ۋاسكېتبول بىلەن رەسمىي ئالاقىلىشىپ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە مەكتەپ كوماندىسىغا كىرگەن. 2012-يىلى ، ئابدۇسالام شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئالتاي ئوتتۇرا مەكتىپىدە توپ تەپكەن. ئويۇننى ئوينىغاندىن كېيىن ، ئۇ گۇاڭخۇي كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۈچ كوماندىغا بېرىپ سىناق مەشىقىگە تەكلىپ قىلىنغان ، ھەمدە 12 كۈنلۈك سىناق مەشىقىدىن كېيىن شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۈچ كوماندىسىغا كىرگەن. 2013-يىلى 4-ئايدا ، ئابدۇسالام شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئىككىنچى كوماندىسىغا ئۆستۈرۈلدى.

تەنتەربىيە ھاياتى[تەھرىرلەش]

2015-يىلى ئابدۇسالام شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ئۆستۈرۈلدى.

2015 -يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۆز مەيدانىدا جياڭسۇ تۇڭشى ۋاسكېتبول كۇلۇبى بىلەن ئوينىدى . ساھىبخان كوماندىنىڭ بالدۇر يېتەكلىشى سەۋەبىدىن ، ئابدۇسالام تۆتىنچى چارەك مۇسابىقىدە توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شەخسىي س ب ئا مۇسابىقىسىنى تاماملىدى. پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە ، ئابدۇسالام 4 مىنۇت 16 سېكۇنتتا 4 نومۇر ، 3 گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

2015-2016 مۇسابىقە پەسلىدە ، ئابدۇسالام شىنجاڭ گۇاڭخۇيغا ۋاكالىتەن 8 مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى ، ھەر مەيدان مۇسابىقىدە 6.9 مىنۇتتا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4 نومۇر ، 1.6 گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 0.5 ياردەم توپ بەردى.

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي لىۋاندىكى ئاليادىنى مەغلۇپ قىلىپ ، 2016-يىللىق ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. ئابدۇسالام 7 توپتا 19 نومۇر ئالدى. بۇ مۇسابىقىدە ، ئابدۇسالام 7 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ئوينىدى ، 14.6 مىنۇتتا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 9.4 نومۇر ، 4.4 گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 1 ياردەم توپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇ توپنىڭ% 75 نى ، ئۈچ نومۇرلۇق توپنىڭ% 66.7 نى ياراتتى.

باھا[تەھرىرلەش]

ئابدۇسالام بولسا جوڭگو كەسپى ۋاسىكىتبولچىلار بىرلەشىمىسىنىڭ (س ب ئا )شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان ئۇيغۇر كەسپى توپچى. ئۇنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بولسا ئالتاي شەھىرى. ئۇ 1996 - يىلى 20 ماي تۇغۇلغان. ئابدۇسالام ئالتاي شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇغان. ئۇنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىتكى تالانتى بۇرۇنلا بايقىلشقا باشلانغان. ئابدۇسالام تەنتەربىيە تالانىت ئۇقۇغۇچىسى بۇلۇپ، مەكتەپتە ئۇقۇغان دەۋىرىدىلا مەكتەپكە ۋاكالەتەن نۇرغۇن مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان ھەمدە شەرەپلەر قۇچقان. ئۇنىڭ تالانىتى بايقالغاندىنى كىيىن ، ئۇ شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس ۋاسكىتبول كوماندىسىغا كىرىپ چېنىققان. 2014-يىلى لىنىڭ مەمىلكەتلىك مۇسابىقىسىدە ئۇ تۇرغان كوماندا چىمپىيون بولغان. شۇ سەۋەپلىك ئۇ "ئەڭ قىممەتلىكى توپچى" شۇنداقلا "گار خانى" بۇلۇپ تاللانغان. ئابدۇسالام 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىدىدا، ئامىرىكىغا كىلىپ چېنىقىشقا قاتناشقان، لىكىن ن ب ئا كوماندىسىغان تاللىنالمىغان، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ داۋامىلىق تۈردە دۆلەت كوماندىسى بىلان بىللە مەشىق قىلىپ 2018-يىلى ھىندونىزىيەنىڭ جاكارتا شەھىردە ئۆتكۈزۈلدىغان ئاسىيا تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىقى قىلغان. 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ئىران كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان ھەمدە ئۈزى يالغۇز 20 نۇمۇر ئالغان. ئابدۇسالامنىڭ كوماندىسى بۇ مۇسابىقىدە چىمپىيون بولۇپ 8-يىلىدىن بۇيانقى ئاسىيا تەنھەركەت مۇسابىقىسدە جوڭگو كوماندىسى چىمپىيىون بولالماسىلىقتەك رىۋايەنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئابدۇسلام ھازىر دۆلەت ئىچىدىكىك تاراتقۇلار ۋە مۇتەخەسسىلەر تەرىپىدىن " يېقىنچى يىللاردىكى ئەڭ قالتىش توپچى"، "كەلگۈسى چولپان" دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئۇ بەلكىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان ن ب ئادا توپ ئوينايدىغان تۇنجى توپچى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ ھازىرغا قەدەر كۆلچىلەر كوماندىسى قاتارلىق 8 ن ب ئا كوماندىسىنىڭ مەشىق چاقىرىقىنى قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ ، قارار چىقىرىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

ئۇزۇن ئىسىمى مۇنازىرىسى[تەھرىرلەش]

ئاندۇسالامنىڭ ئىسىمنىڭ پاسپورتىكى يېزىلىشى بىۋاست ھالدا خەنچە تەرجىمىسنىڭ لاتنىچە يېزىلىشى بولغاچقا، Abudushalamu Abudurexiti دەپ يېزىلاتىى، لىكىن بۇ ئىسىم ھەدىىدىن زىيادە ئۇزۇن ھەمدە ئوخشاش ھەرىپ ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ئامىرىكىدىكى چېنىقىىش ھەم مۇسابىقە جەريانىدا، تېلۋىزىيە چۈشەندۈرگۈچىلىرى ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇقۇشتا قىينلانغان. ھەتتە چەت ئەللىك تورداشلارمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى ن ب ئا دىكى ئەڭ قىيىن ئىسىمنى بېسىپ چۈشىدىكەن دېيىشكەن.

كەسپى ھاياتى[تەھرىرلەش]

2014-يىلى ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى ئۇتقاندىنى كىيىن ، 2015-2016 يىللىق س ب ئا پەسىللك مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئۇچار يولۋا كوماندىسىدا ئۆزنىڭ كەسپى ھاياتىنى باشلىدى.

2018-9 ھىندونىزىيەدىكى ئاسيا تەنھەركەت مۇسابىقىسى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە، جوڭگو كوماندىسى چىمپىيون بولغان. ئابدۇسالام كوماندا بۇيىنچە ئەڭ يۇقىرى 20 نۇمۇرنى ئالغان.

س ب ئا ئوتتۇرچە نەتىجىلىرى[تەھرىرلەش]

س ب ئا

يىلنامە

كوماندا مەيدانقا

چىقىش سانى

ۋاقىت ئالغان نۇمۇرى 2 نۇمۇر 3 نۇمۇر جازا توپ گاردىن قايتىش گار ئالدىدىن گار ئارقىسدىن ياردەمچى ھۇجۇم توپنى ئېلىۋېلىش گارنى بېسىش يۇقىردىن بسىش خاتالىق قائىدىگە خىلاپ
15-16 شىنجاڭ 8 6.9 4.0 82% 0% 57% 1.6 0.1 1.5 0.5 0.3 0.1 0.4 0.9 0.9
16-17 شىنجاڭ 34 9.1 3.1 56% 25% 59% 1.6 0.6 0.9 0.3 0.4 0.1 0.1 0.6 1.0
17-18 شىنجاڭ 42 18.6 6.8 57% 32% 78% 4.1 1.3 2.9 0.7 0.6 0.0 0.3 0.7 1.5

دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسى[تەھرىرلەش]

مۇسابىقە كوماندا مەيدانغا چىقىش

سانى

ۋاقىت ئالغان نۇمۇرى 2 نۇمۇر 3 نۇمۇر جازا توپ گاردىن قايتىش گار ئالدىدىن گار ئارقىسدىن ياردەمچى ھۇجۇم توپنى ئېلىۋېلىش گارنى بېسىش يۇقىردىن بسىش خاتالىق قائىدىگە خىلاپ
2018 جاكارتا ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنى جوڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى 5 23.9 14.0 69% 53% 65% 7.8 2.4 5.4 1.0 0.6 0.0 0.2 0.2 0.6

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. بەيدۇ قامۇسى
  2. تور دۇنياسى