شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئورنى Wikipedia
‎Uyghur Latin Yéziqi.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

新疆维吾尔自治区
Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەرىتە
أصل التسمية 新 = xīn = يېڭى
疆 = jiāng= تېررىتورىيە
"يېڭى تېررىتورىيە"
مەمۇرىي رايون تىپ ئاپتونوم رايون
مەركەز ئۈرۈمچى شەھىرى
رايونلۇق كومىتېت شۇجى جاڭ چۈنشيەن
رەئىس نۇر بەكرى
يۈز 1,660,000 كۋادرات كىلومېتىر (الـ1)
كىشى (2002-يىل)
 - الكثافة السكانية
19,050,000 (الـ24)
11.5/كۋادرات كىلومېتىر (الـ29)
ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش (2002-يىل) 159.8 ياكى ¥ (الـ25)
نوپۇس قۇرۇلمىسى (2000-يىل) ئۇيغۇر - 45%
خەنزۇ - 41%
قازاق - 7%
خۇيزۇ - 5%
قىرغىز - 0.9%
مۇڭغۇل - 0.8%
دوڭشىياڭ - 0.3%
تاجىك - 0.2%

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (خەنزۇچە: 新疆维吾尔自治区، ئىنگىلىزچە: Xinjiang Uyghur Autonomous Region) جۇڭگونىڭ يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بۆلىكى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلىشى تەڭرىتاغلىرى تەرىپىدىن شىمالدا جوڭغارىيە ئويمانلىقى ۋە جەنۇپتا تارىم ئويمانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايۇندىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا يەر يۈزىدىن 155 مىتىر تۆۋەن بولغان تۇرپان ئويمانلىقىدۇر (تۇرپان ئويمانلىقى جوڭگۇ بويىچىمۇ ئەڭ تۆۋەن نۇقتا ۋە دۇنيادىكى ئۆلۈك دېڭىزدىن قالسا ئىككىنچى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ). ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى بولسا يەر يۈزىدىن 8611 مىتىر ئېگىز بولغان پامىر چوققىسىدۇر.

شىنجاڭ-قىرغىزىستان چىگىرىسى تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئۈستىگە توغرا كىلىدۇ. تورغا ئېغىزى (3752 مىتىر ئىگىزلىكتە) بۇ چىگىرىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان.

قاراقۇرۇم يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولى پاكىستاننىڭ ئىسلاماباد شەھرى بىلەن قەشقەر شەھرىنى «خونجىراپ ئېغىزى» ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

خوشنىلىرى تۆۋەندىكىدەك:

ئۆلكىلەر: تىبەت (شىزاڭگەنسۇ (كەڭسۇ)، چىڭخەي دۆلەتلەر: موڭغۇلىيە، روسسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان.

نوپۇس قۇرۇلمىسى (دېموگرافىيىسى)[تەھرىر]

Urumqi panorama.jpg

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز،ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق تۈرۈك تىل سىستېمىسىدىكى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ماكانىدۇر. يۇقىرىقى مىللەتلەردىن باشقا يەنە موڭغۇل، خەنزۇ، خۇيزۇ، مانجۇ، داغۇر، شىبە، دوڭشىياڭ، روس قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ئەھۋالى، 2012-يىللىق مەئلۇماتقا كۆرە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس پىرسەنتى
مىللەتلەر نوپۇس پىرسەنتى
ئۇيغۇر 12,345,62 45.21
خەنزۇ 7,489,919 40.58
قازاق 1,245,023 6.74
خۇيزۇ 839,837 4.55
قىرغىز 158,775 0.86
مۇڭغۇل 149,857 0.81
دوڭشىياڭ 55,841 0.30
تاجىك 39,493 0.21
خىبې 34,566 0.19
مانجۇ 19,493 0.11
تۇجىيا 15,787 0.086
ئۆزبېك 12,096 0.066
روس 8935 0.048
مىياۋ 7006 0.038
تىبەت 6153 0.033
جۇئاڭ 5642 0.031
داغۇر 5541 0.030
تاتار 4501 0.024
سالار 3762 0.020

تارىخ[تەھرىر]

Karakorum-kirguiz-d01.jpg

شەرقىي تۈركىستان ئاپتونوم رايونى، قىسقارتىپ شەرقىي تۈركىستان دېيىلىدۇ، ئاسىيا - ياۋروپاقۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان، ئومۇمىيكۆلىمى 1 مىليون 664 مىڭ كۋادرات كېلومېتىر، ئەتراپتا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان،تاجىكىستان، پاكىستان، موڭغۇلىيە، ھىندىستان، ئافغانىستان، جۇڭگودىن ئىبارەت 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ؛ قۇرۇقلۇق چېگرىسى 5600 كىلومېتىردىن ئارتۇقبولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ 4 تىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن،چېگرلىنىدىغان دۆلەت ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون.شىنجاڭ قەدىمدە غەربىي دىيار دەپ ئاتالغان ، قەدىمدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماسبىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138 - يىلى، خەن ۋۇدى جاڭچيەننى غەربىي دىيارغا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن، غەربىي خەنسۇلالىسى ھاكىمىيىتى بىلەن غەربىي دىياردىكى ئەللەر ئالاقە ئورناتقان.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 - يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى ئۇرلى(ھازىرقى بۈگۈر چېگرىسى)دا غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىسقىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەربىي دىيار خەن سۇلالىسىنىڭ تېررىتورىيىسىگەكىرگۈزۈلگەن. چىڭ ھۆكۈمىتى چيەن لوڭنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە غەربىي يۇرتدېگەن نامنى شىنجاڭ دەپ ئۆزگەرتكەن، 1884 - يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭئۆلكىسىنى تەسىس قىلغان، ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچى بولغان. 1949 - يىلىشىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان، 1955 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان، مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى بولغان(موڭغۇلچىدىكى مەنىسى گۈزەل يايلاق). شىنجاڭ دېڭىز - ئوكيانلاردىن يىراق، 4ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. شىنجاڭ تەۋەسىدە قاتمۇقات مۇزلۇقچوققىلار، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار، بىپايان يايلاقلار، يۇلتۇزدەكتارقالغان بوستانلىقلار بار. 3 تاغ 2 ئويمانلىقنى ئوراپ تۇرىدۇ. شىمالدائالتاي تېغى، جەنۇبتا قاراقۇرۇم تېغى بار، تەڭرىتاغ شىنجاڭنى جەنۇب ۋەشىمالغا ئايرىپ تۇرىدۇ. تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى جەنۇبىي شىنجاڭ، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى شىمالىي شىنجاڭ دېيىلىدۇ، قۇمۇل، تۇرپان بۆلىكى شەرقىيشىنجاڭ دېيىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى 530 مىڭكۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ.تارىم ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 330 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكىئەڭ چوڭ، دۇنيادىكى 2 - چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنىكېسىپ ئۆتىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2100 كىلومېتىربولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا ھېسابلىنىدۇ. شىمالىيشىنجاڭدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 380 مىڭ كۋادراتكىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى 2 - چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ. جۇڭغارئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان گۈربانتۈڭگۈت قۇملۇقىنىڭ كۆلىمىتەخمىنەن 48 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئۇ جۇڭگودىكى 2 - چوڭ قۇملۇق.شىنجاڭدا كۆل جىق، سۇ دائىرىسى كۆلىمى 5 مىڭ 505 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭئىچىدە باغراش كۆلىنىڭ دائىرىسى 980 كۋادرات كىلومېتىر ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭچوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى. شىنجاڭنىڭ شەرقىدىكى تۇرپانئويمانلىقىغا جايلاشقان ئايدىڭكۆل دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن بولۇپ،بۇ جاي جۇڭگودىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئەڭ تۆۋەن جايى ھېسابلىنىدۇ.شىنجاڭنىڭ كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى تىپىك مۆتىدىل كىلىماتقا تەۋە ،2007 - يىلى ئوتتۇرىچە تېمپۇراتورىسى 10.9 سېلسىيە گرادۇس، يىللىقئوتتۇرىچە تەبىئىي ھۆل يېغىن مىقدارى 165.6 مىللىمېتىر بولغان. تاغلاردىنئېرىگەن قار سۇلىرى نۇرغۇن دەريالارنى ھاسىل قىلغان ، بوستانلىقلارئويمانلىقلارنىڭ چېتىگە ۋە دەريا ۋادىلىرىغا جايلاشقان، بوستانلىق ئومۇمىيكۆلىمى ئاپتونوم رايونىمىز كۆلىمىنىڭ %5 ىنى ئىگىلەيدۇ، تىپىك بوستانلىقئىكىلوگىيىسى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى مەملىكەت بويىچەسۇ بايلىقىنىڭ %3 ىنى ئىگىلەيدۇ، چوڭ - كىچىك دەريا جەمىئي 570تىن ئاشىدۇ،يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 90 مىليارد 380 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ،كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر ئۈستى سۈيى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچەقىممىتىنىڭ 2.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 55مىليارد 410 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ، مۇزلۇق زاپىسى 2 ترىللىئون 130مىليارد بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇزلۇق زاپىسىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەيدۇ،«مۇزلۇق ئامبىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. شىنجاڭ ياۋروپا - ئاسىيا چوڭقۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولغاچقا، ھاۋاسى قۇرغاق، سۇ بايلىقىپەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ۋاقىت-بۇشلۇقتا تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، يەرئۈستى سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ، شۇڭا بەزى جايلاردا سۇ بايلىقىيېتىشمەيدۇ. يېزا ئىگىلىك يېرى كۆلىمى 63 مىليون 81 مىڭ گېكتار، بۇنىڭئىچىدە تېرىلغۇ يەر 4 مىليون 114 مىڭ 200 گېكتار بولۇپ، كىشى بېشىغا 2.95مودىن توغرا كېلىدۇ، بۇ مەملىكەت بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغانتېرىلغۇ يەرنىڭ 1 .2 ھەسسىسىگە تەڭ. ئورمان كۆلىمى 6 مىليون 765 مىڭگېكتار، يايلاق كۆلىمى 51 مىليون 120 مىڭ گېكتار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتيايلاق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ٪20نى ئىگىلەيدۇ، مەملىكەت بويىچە 5 چوڭچارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى، ئىچكى مولغۇلدىن قالسىلا، مەملىكەت بويىچە 2 -ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ قۇياش نۇرى ئېنېرگىيىسى، يەر ئىسسىقلىقى، شامالئېنېرگىيىسى بايلىقى مول، جۇڭگودىكى ئاپتاپنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن ئۆلكە -رايوننىڭ بىرى، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاپپتاپ چۈشۈش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساببىلەن 2600 سائەتتىن 3500 سائەتكىچە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇنداتۇرىدۇ.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

Tianchi Lake.jpg

شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقىنىڭ تۈرى تولۇق، زاپىسى مول، ئېچىش ئىستىقبالىكەڭ. ھازىر بايقالغان قېزىلما بايلىق 138 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 99خىلىنىڭ زاپىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، 10 خىلىنىڭ زاپىسى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ، 58 خىلىنىڭ زاپىسى ئالدىنقى 10 - ئورۇندا تۇرىدۇ.نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، خروم، نېكىل، ئازئۇچرايدىغان مېتال، تۇز تۈرىدىكى قېزىلما، بىناكارلىق ماتېرىيالىقىلىنىدىغان مېتاللوئىد قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى ئىنتايىن مول. مەملىكەتبويىچە 2 - قېتىملىق نېفىت- گاز بايلىقىنى باھالاشتا، شىنجاڭنىڭ نېفىتبايلىقى 20 مىليارد 920 مىليون توننا بولۇپ، ئېلىمىز قۇرۇقلۇق نېفىتبايلىقىنىڭ %30 ىنى ئىگىلىدى؛ تەبىئىي گاز بايلىقى 10 ترىليون 400 مىلياردكۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ %34ىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭنىڭ مۆلچەرىي كۆمۈر بايلىقى 2 ترىليون 190 مىلياردتوننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر زاپىسىنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدۇ.شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ساياھەت بايلىقى ۋە ئېتنوگراگىيىلىك ساياھەت بايلىقىمول، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل ھەم ئۆزگىچە ، ھەيۋەتلىك مۇز چوققىلار، كۆزيەتكۈسىز قۇملۇقلار، گۈزەل ئوت يۇرتى، قۇملۇقلارنى چۆرىدەپ تۇرىدىغانبوستانلىقلار بار. مەدەنىيەت كۆپ مۇجەسسەملەنگەن، مىللىي ئۆرپ - ئادىتىقويۇق، داڭلىق قەدىمىي يادىكارلىقلار كۆپ، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور.«جۇڭگونىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى» بويىچە تۈرگەئايرىغاندا، جۇڭگودىكى ساياھەت بايلىقىنىڭ 6 چوڭ تۈر بويىچە 68 خىلئاساسىي تۈرنىڭ ئاز دېگەندە 56 سى شىنجاڭدا بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ٪80نىئىگىلەيدۇ. 2007 - يىلنىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدا دۆلەت A دەرىجىلىك مەنزىرەرايونىدىن 165ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 3ى، 4Aدەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 15ى، 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 69ىبار؛ دۆلەت سانائەت، يېزا ئىگىلىك ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 34ىبار. مەشھۇر تەبىئىي مەنزىرە رايونلىرىدىن بۇغدا كۆلى، قاناس كۆلى، ناراتيايلىقى، باغراش كۆلى، سايرام كۆلى، بايىنبۇلاق يايلىقى قاتارلىقلار بار.شىنجاڭنىڭ ئانتوپورولوگىيىلىك ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، 5000كىلومېتىردىن ئاشىدىغان قەدىمكى يېپەك يولىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي ۋەئوتتۇرا غول لىنىيىلىرىدە يۈزلىگەن قەدىمكى شەھەر خارابىلىرى، قەدىمكىقەبرىستانلىق، مىڭ ئۆي، بوز يەر ئېچىش خارابىسى قاتارلىق قەدىمكى مەنزىرەئىزنالىرى قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە يارغول قەدىمكى خارابىسى، ئىدىقۇت قەدىمكىشەھەر خارابىسى، كروران قەدىمكى خارابىسى، قىزىل مىڭ ئۆيى، ئىپارخاننىڭقەبرىسى قاتارلىقلاردا جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئۇچرىشىش تارىخىخاتىرلىنىپ، قەدىمىي شىنجاڭنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى نامايەن قىلىنغان.شىنجاڭنىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ ۋە ئۆزگىچە،تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچى زور. شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋانات ۋەئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى 4000 دىن ئاشىدۇ. قار لەيلىسى، سوغىگۈل، چۈچۈكبۇيا،چاكاندا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان،سۈپىتى ياخشى، سورتى ۋە تەبىئىيتى ئۆزگىچە. شىنجاڭ يەنە كېلىپ كۆپ خىلمېۋىلەرنىڭ پەيدا بولۇش مەركىزى، ئىككىلەمچى مەركىزى، مېۋە بايلىقى مولبولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۈپەتلىك سورتى 300 خىلدىن ئاشىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ«مېۋە - چىۋە ماكانى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى 700گەيېقىن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياۋايى ھايۋانلار تۈرىنىڭ %11نىئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدا دۆلەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 116خىلى بار، بۇ مەملىكەت بويىچە قوغدىلىدىغان ھايۋاننىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرقىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغانھايۋاندىن 28 خىلى، 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 88 خىلى بار،ئۇلار موڭغۇلىيىنىڭ ياۋا ئېتى، تىبەت قۇلىنى، تىبەت بۆكىنى، يىلپىز، قوڭۇرئېيىق، ئاق يەلكە بۈركۈت، قارا بويۇن تۇرنا قاتارلىق خەلقئارادا ئازقالغان ياۋايى ھايۋانلار.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

شىنجاڭدا ھازىر 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 7 ۋىلايەت، 2 ۋىلايەتدەرىجىلىك شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 32چېگرا ناھىيە (شەھەر)، 6 مىللىي ئاپتونومىيە ناھىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان87 ناھىيە (شەھەر)، 43 مىللىي يېزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 853 يېزا - بازاربار. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شىنجاڭنىڭ مۇھىم تەركىبىيقىسىمى ، 14 شى، 175 دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تۈەن - مەيدان بار،ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 580 مىڭ. 2005-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن مىچۈەن، تۇمشۇق، ۋۇجىياچۈ قاتارلىق3شەھەر قۇرۇلغان

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئازاتلىقتىن بۇرۇن، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىئاساس قىلغان ناتورال ئىگىلىك بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى قالاق، سانائىتى يوقدىيەرلىك ئىدى. شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان 50 نەچچە يىلدىنبۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان،پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەتخەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىبىر نىيەت - بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ،ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلاردا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى،شەھەر - يېزا قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭتۇرمۇشى غايەت زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. خەلق ئىگىلىكى ئۇچقاندەك ئېشىپ،ئومۇمىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. 2007 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىشئومۇمىي قىممىتى 352 مىليارد 316 مىليون يۈەنگە يېتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن%2 .12، 2000 -يىلدىكىدىن بىر ھەسسە، 1978 - يىلدىكىدىن 7. 16 ھەسسەئاشتى. كەسپ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، 1 -، 2 -، 3 - كەسپلەرنىڭسالمىقى 1978 – يىلدىكى 35.7:47.0:17.3 ۋە 2000 - يىلىدىكى 21.1:39.4:39.5دىن 2007 - يىلىدىكى 17.8:46.8:35.4 گە تەڭشەلدى. ئومۇمىي مالىيە كىرىمى64 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %32.2، 2000 - يىلىدىكىدىن3.3 ھەسسە ئاشتى. يەرلىك مالىيىنىڭ ئادەتتىكى خام چوت كىرىمى 28 مىليارد586 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %30.3، 2000 - يىلىدىكىدىن2.6 ھەسسە، 1978 - يىلدىكىدىن 39 ھەسسە ئاشتى. ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشسەۋىيىسى پەيدىنپەي ئۆستى. 2007 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر -بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ 313 يۈەنگە يېتىپ،ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %16.3، 2000 - يىلىدىكىدىن %82.7، 1978 -يىلىدىكىدىن 31.3 ھەسسە ئاشتى؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى3183 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %16.3، 2000 - يىلىدىكىدىن%96.7، 1978 - يىلىدىكىدىن 25.7 ھەسسە ئاشتى؛ شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭئوتتۇرىچە تۇرالغۇ ئىشلىتىش كۆلىمى 1980 - يىلىدىكى 5.42 كۋادرات مېتىردىن2007 - يىلىدىكى 20.38 كۋادرات مېتىرغا، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچەتۇرالغۇ كۆلىمى 1980 - يىلىدىكى 7.8 كۋادرات مېتىردىن 2007 - يىلىدىكى22.45 كۋادرات مېتىرغا يەتتى. يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرشئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، يېزا ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى.2007 - يىلى، يېزا ئىگىلىك قوشۇلما قىممىتى 62 مىليارد 872 مىليون يۈەنگەيېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %7.1، 2000 - يىلدىكىدىن %48.8، 1978 -يىلدىكىدىن 7.5 ھەسسە ئاشتى. ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 8 مىليون 670 مىڭ400 توننىغا يېتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا «شىنجاڭ تەۋەسىدە تەڭپۇڭبولۇش، ئازراق ئېشىنچا بولۇش»تەك ئىستراتېگىيىلىك نىشانغا يەتتى. پاختامەھسۇلاتى 2 مىليون 900 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %8.4ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %38.2 ىنى ئىگىلىدى.زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەننىسبىتى %21.8كە يەتتى. ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇمىيكۆلىمى 13 مىليون مودىن ئاشتى، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتى 4 مىليون 119 مىڭ800 توننىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىئەتراپىدا 10 مىليون مو باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى شەكىللەندى.يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلدى، شىنجاڭدا دۆلەتدەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچىكارخانىدىن 16سى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنىكەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىدىن 186سى، ۋىلايەت، ئوبلاستدەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچىكارخانىدىن 245ى بار، كەسىپكارلار 348 مىڭ كىشىگەيەتتى ، يېزا ئىگىلىكىنىكەسىپلەشتۈرۈش تىجارىتى شىنجاڭدىكى %60تىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنىئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىتەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، قۇلماق، پەمىدۇر، زاراڭزا، ئالقات،قوغۇن، ئۈزۈم، نەشپۈت، ئالما، ئۈرۈك، ئانار، ياڭاق، چىلان قاتارلىقئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا داڭقى بار،بۇنىڭ ئىچىدە شوخلا قىيامىنىڭ ئېكىسپورت مىقدارى خەلقئارا سودا مىقدارىنىڭ4/1ىنى، قۇلماق مەھسۇلاتى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ%70 تىن كۆپرەكىنى، ئالقات %50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ مەملىكەتبويىچە ئاساسلىق تاۋار پاختا، قۇلماق ۋە پەمىدۇر قىيامى ئىشلەش بازىسى،مەملىكەت بويىچە مۇھىم چارۋىچىلىق ۋە قىزىلچا شېكىرى ئىشلەش بازىسى بولۇپقالدى. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭئېشىشى تېز بولدى. قىزىلما بايلىق ئېچىش ۋە يېزا ئىگىلىك، قوشۇمچەمەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش يېتەكچى كۈچ قىلىنغان، نېفىت - تەبئىيگاز ئېچىش، نېفىت خىمىيە سانائىتى، پولات - تۆمۈر، كۆمۈر، ئېلېكترئېنىرگىيىسى، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق ماتېرىيالى، خىمىيە سانائىتى،تىببىي دورىگەرلىك، يېنىك سانائەت، يېمەكلىك قاتارلىق تۈرلىرى نىسبەتەنتولۇق، مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بارلىققا كەلدى.جۇڭغار ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقى ۋە تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىقىدىكى 3چوڭ نېفىتلىك ھەمدە قاراماي، مايتاغ، ئۈرۈمچى، كورلا، پوسكام قاتارلىقنېفىت خىمىيە بازىسى قۇرۇلدى. باۋگاڭ، شېنخۇا، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى، دۆلەتمەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 20 نەچچە داڭلىق چوڭكارخانا، چوڭ گۇرۇھ شىنجاڭدىكى كارخانىلارنى قايتا تەشكىللەش ۋە بايلىقئېچىشقا ئاكتىپ قاتناشتى، بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلار جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ.2007 - يىلى سانائەت قوشۇلما قىممىتى 137 مىليارد 848 مىليون يۈەنگەيېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %15، 2000 – يىلدىكىدىن 1.2 ھەسسە ئاشتى.ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ مىقدارى پۇختا قەدەمدە ئاشتى. 2007 - يىلىسانائەت كارخانىلىرىنىڭ خام نېفىت مەھسۇلاتى 26 مىليون 43 مىڭ 100 توننىغايېتىپ، مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.8،2000 - يىلدىكدىن ٪33.9 ئاشتى؛ تەبئىي گاز مەھسۇلاتى 21 مىليارد 33 مىليونكۇب مېتىرغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪28.1، 2000 - يىلدىكىدىن 4.9ھەسسە ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى؛ خام نېفىت پىششىقلاشمىقدارى 17 مىليون 58 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪5.6،2000 - يىلدىكىدىن ٪70.4 ئاشتى؛ كۆمۈر مەھسۇلاتى 50 مىليون 186 مىڭ 400توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %11.1، 2000 - يىلدىكدىن ٪79.3 ئاشتى؛توك 41 مىليارد 687 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7.16، 2000 – يىلدىكدىن 1.3 ھەسسە ئاشتى. زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى تەدرىجىيئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىزكېڭىيىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 2007 - يىلنىڭئاخىرىغىچە شىنجاڭدا پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەت 30غا يېتىپ،غەربىي شىمالدىكى 5 ئۆلكە بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا، مەملىكەت بويىچە 16ئورۇنغا ئۆتتى، مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 102 مىليارد 390 مىليون يۈەنگە،ئومۇمىي بازار قىممىتى 317 مىليارد 431 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇ شىركەتلەرشىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رولئوينىدى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا خېلى زور مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى،مەبلەغ سېلىش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. 2007 - يىلى ئىىجتىمائىيتۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 185 مىليارد 84 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقىيىلدىكىدىن %1. 18 ئاشتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 30يىلدىن بۇيان، ئىىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى جەمئىي 1 تېرىللئون264 مىليارد 297 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %6. 18 تىن ئاشتى.زور بىر تۈركۈم سۇچىلىق، قاتناش، خەۋەرلىشىش، ئېنېرگىيە ۋە نېفىت خىمىيەسانائىتى قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈرلەردە ئىش باشلاندى ۋە پۈتتۈپ ئىشقاكىرشتۈرۈلدى. ھازىر شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 2925 كىلومېتىرغايېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئىقتىسادرايونلىرىغا تۆمۈريول تۇتاشتۇرۇلدى. تاشيول قاتناش مۇساپىسى 145 مىڭ 200كىلومېتىرغا يېتىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز، 7 دۆلەت يولىنى ئاساسىي رامكاقىلغان، شەرقتە گەنسۇ، چىڭخەيگە، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيائەللىرىگە، جەنۇبتا شىزاڭغا تۇتاشقان، شىنجاڭ ئىچىدە 68 ئۆلكە يولىغا ۋەۋىلايەت - شەھەرلەرگە، ناھىيە - يېزىلارغا تۇتاشقان تاشيول قاتنىشىترانسپورت تورى بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر پۇقرالارئايروپورتتىدىن 12 سى، ھاۋارايى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان زاپاسئايروپورتتىن 1ى، ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدىن 153 ى بولۇپ، جۇڭگودىكى 52 چوڭ،ئوتتۇراھال شەھەر ۋە چەت ئەلدىكى 43 شەھەرگە تۇتاشقان ھاۋا ترانسپورت تورىبارلىققا كەلدى، ئاۋىئاتسىيە مۇساپىسى 160 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، شىنجاڭمەملىكەت بويىچە ئايروپورت ئەڭ كۆپ، ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇنئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نېفىت - گاز تۇرۇبا يولى ئومۇمىي مۇساپىسى6793 كېلومتېرغا يېتىپ، «غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۇرۇبىسى،ئۈرۈمچى – لەنجۇ تاييار ماي تۇرۇبىسى، پىچان – لەنجۇ خام نېفىت تۇرۇبىسى،جۇڭگو – قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبىسى دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق ئېنېرگىيەبىخەتەرلىك چوڭ يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 2007 – يىلنىڭ ئاخىرىغاكەلگەندە، مۇقىم تېلېفون ئابونتى 6 مىليون 962 مىڭغا يېتىپ، ئومۇملىشىشنىسبىتى ھەر يۈز ئادەمگە 33.7دىن توغرا كەلدى؛ كۆچمە تېلېفون ئابونتى 8مىليون 83 مىڭغا يېتىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەر يۈز ئادەمگە 39.4دىن توغراكەلدى؛ ئالاقە تورى ئابۇنتلىرى 1 مىليون 578 مىڭغا يېتىپ، ئوپتىك كابېلنىئاساس قىلغان، رەقەملىك مېكرو دولقۇن ۋە سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىشىنىياردەمچى قىلغان زامانىۋى يەتكۈزۈش تورى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىيئېتىكىنى قاپلىدى. ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ،ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارى داۋاملىق ئۆستى. ئېكولوگىيىلىكمۇھىتنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتەچىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت تىرىشىپ ياخشىلاندى، تەبىئىي ئورماننىقوغداش، تۈزلەڭلىكنى كۆكەرتىش، چۆل يېپىنچىسىنى قوغداش ۋە تارىمئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى قۇملىشىشنى تۈزەش، «3 شىمالى»ئېھاتە ئورمىنىنى قوغداش 4 - قەرەللىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىقئېكولوگىيىلىك قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋەئولتۇراقلىشش مۇھىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىلتەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سېلىندى. 2007 - يىلنىڭئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن جەمئىي 28ىقۇرۇلۇپ، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 214 مىڭ 800 كۋادراتكىلومېتىرغا يەتتى، بۇ شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ ٪12.9نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن 9ى بار؛ تەستىقلانغاندۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيىلىك ئۈلگە رايوندىن 8ى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 127مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ ٪6.7نىئىگىلەيدۇ؛ دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيىلىك ئىقتىدار مۇھاپىزەت رايونىدىن2سى بار، كۆلىمى 180 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، جۇڭگونىڭ غەرپكەئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلاندى. چېگرا بويلىرى، كۆۋرۈك بويى(يارۋروپا - ئاسىيا 2 - چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى) ۋە قاتناش غول لىنىيىلىرىنىبويلاپ، خەلقئاراغا، مەملىكەت ئىچىگە كېڭەيگەن ھەر تەرەپلىمىلىك، كۆپقاتلاملىق، كەڭ دائىرىلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ھالىتى تەدرىجىي بارلىققاكەلدى. ھازىر 1 - دەرىجىلىك پورتتىن 17سى، 2 - دەرىجىلىك پورتتىن 12سىبولۇپ، مەملىكەت بويىچە پورت سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرىھېسابلىنىدۇ. دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونىدىن 3ى (ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسىپلەرتەرەققىيات رايونى، شىخەنزە ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى)، چېگرائىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىدىن 3 ى (غۇلجا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقرايونى، چۆچەك چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، بورتالا چېگرائىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى)، ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشرايونىدىن 1 ى ھەمدە جۇڭگو – قازاقىستان چېگرا ئىقتىساد - سودا ۋە مەبلەغھەمكارلىق رايونى (جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىقمەركىزى)، ئوچۇق شەھەر، ناھىيىدىن 75 ى بولۇپ، 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايونبىلەن ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى. 2007 - يىلى تاشقى سودائىمپورت - ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 13 مىليارد 716 مىليون دوللارغايېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %50.7، 2000 - يىلدىكىدىن 5.1 ھەسسە، 1978 -يىلدىكىدىن 583.7 ھەسسە ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىمپورت سودا سوممىسى 2مىليارد 213 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ ٪16.1ىنىئىگىلىدى؛ ئېكىسپورت سودا سوممىسى 11 مىليارد 503 مىليون دوللارغا يېتىپ،ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ ٪83.9ىنى ئىگىلىدى؛ چېگرا ئاز سوممىلىق سودائومۇمىي سوممىسى 9 مىليارد 417 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئومۇمىي سوداسوممىسىنىڭ ٪68.7ىنى ئىگىلىدى. چېگردىن ئۆتكەن مال مىقدارى 19 مىليون 490مىڭ توننىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاتاۋ پورتىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مالمىقدارى 17 مىليون 300 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئومۇمىي ئۆتكۈزۈلگەن مالمىقدارىنىڭ ٪87.4ىنى ئىگىلەپ، جۇڭگودىكى قۇرۇقلۇق پورتىدا مال ئۆتكۈزۈشمىقدارى جەھەتتە 2 - ئورۇندا تۇردى. تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش كۆلىمىئۈزلۈكسىز زورايدى، 1978 - يىلدىن تارتىپ چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتەسالغان مەبلەغ 812 مىليون دوللارغا يەتتى. 1992 - يىلدىن باشلاپ 16نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىكئۆتكۈزۈلدى. «ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسى» جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى ۋە قوشنادۆلەتلەر ئىچىدە تەسىرى خېلى زور ئىقتىساد- سودا كاتتا يەرمەنكىسى بولۇپقالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا يۇقىرىقاتلاملىق مۇنبىرى، تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى، ئۈرۈمچى كىيىم - كېچەك بايرىمى،قەشقەر جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسى قاتارلىقبىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق سرتقا ئېچىۋېتىشتىكىئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. يېڭىچە ئوبوروتچىلىقئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، زەنجىرسىمان تىجارەت تور نۇقتىسى 3 مىڭغا يەتتى،ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 84مىليارد 770 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪16.5 ئاشتى. ئۆي -يەر - مۈلۈك، قاتناش ترانسىپورت، ئامباردا ساقلاش ھەمدە پوچتا – تېلېگراف،خەۋەرلىشىش، توپ ۋە پارچە سېتىش، يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ كۆلىمى داۋاملىقكېڭەيدى. پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، ئۇچۇر ۋە قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىقزامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكتە يېڭى يۈكسىلىش بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئوبوروتچىلىقنىزامانىۋى ئوبوروتچىلىققا ئۆزگەرتىش قەدىمى تېزلەشتى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتەبولمىغان ئىگىلىك ئىسلاھات ، ئېچىۋېتش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقىئەڭ جانلىق، ئەڭ تېز تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويدى. 2007 - يىلىنىڭئاخىرى، خۇسۇسىي كارخانىلار 68 مىڭ 900غا، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 91مىليارد 360 مىليون يۈەنگە، كەسپكارلىرى 707 مىڭ 900غا يەتتى؛ يەككە سودا- سانائەتچىلەر 483 مىڭ 200گە، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 10 مىليارد 880مىليون يۈەنگە، كەسپكارلىرى 789 مىڭغا يەتتى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتەبولمىغان ئىگىلىك شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى مۇھىم تەركىبىي قىسىمغائايلاندى. ئىقتىساد تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭپەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، رادىئو - كىنو -تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلىرىمۇ ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدى. پەن -تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. رادىئونىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى %5. 93 كە، تېلېۋىزىيىنىڭئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى %5. 93 كە يەتتى. داۋالاش - ساقلىق ساقلاششارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ناھىيە، يېزا، كەنت دەرىجىلىك داۋالاش،ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش تورى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، 2007 - يىلنىڭئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە سەھىيە ئاپپاراتى 7465 كە، كارىۋات81 مىڭ 700گە، سەھىيە تېخنىك خادىمى 104 مىڭ 700گە يەتتى، ھەممە ناھىيە(شەھەر)دە دوختۇرخانا، سەھىيە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى ۋەئانا - بالىلار ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى بولۇش، يېزا (بازار)لارداشىپاخانا ، ھەممە كەنتتە داۋالاش ئورنى بولۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقائاشۇرۇلدى. دۆلەت شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش،ئۆستۈرۈش ۋە ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتمەمۇرلىرى 58 مىڭ 900گە يېتىپ، مەمۇرلار ئومۇمىي سانىنىڭ ٪4.01نىئىگىلىدى، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئىختىساسلىقباشقۇرغۇچىلار ۋە ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ھۆكۈمەتئاپپاراتلىرى ۋە ئىقتىساد، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ئىشلىرىساھەلىرىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل -يېزىقىغا ۋە ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى، ئاز سانلىقمىللەتلەرنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى.ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر خىل مائارىپتا كۆپ خىل ئازا سانلىق مىللەت يېزىقىبويىچە دەرس ئۆتۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساس مائارىپ باسقۇچىدا ئۇيغۇر،خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، مۇڭغۇل، شىبە، رۇستىن ئىبارەت 7 خىل تىلدا ئوقۇتۇشيولغا قويۇلىدۇ. شىنجاڭدىكى گېزىتلەر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە،قىرغىزچە، مۇڭغۇلچە، شىبەچىدىن ئىبارەت 6 خىل يېزىقتا نەشر قىلىنىپتارقىتىلىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى گېزىت 134 خىلغا، ژورنال 206خىلغا يېتىدۇ؛ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە،قىرغىزچە، مۇڭغۇلچىدىن ئىبارەت 5 خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ، شىنجاڭتېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق تىلىدا ئاڭلىتىشنى ئىشقائاشۇردى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن«قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭتارىخىي داستانى ‹‹جاڭغىر››، ‹‹ماناس›› قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭتارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى«جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى»نى «دۇنيا ئىنسانىيەت ئاغزاكى ۋەغەيرىي ماددىي مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزدى، 14 تۈرلۈك غەيرىي ماددىيمەدەنىيەت مىراسى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىيمەدەنىيەت مىراسلىرى كاتالوگىغا كىرگۈزۈلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىنكېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك رايون بولۇشتەكئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىرقاتار مىللەت، دىن سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقتى ھەمدە يولغا قويدى، ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مىللىي ئاپتونومىيەتۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيىنىڭ دىننىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىسىياسىتى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىننىي زاتلار، دىننىي سورۇنلار ۋەئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى. ھازىرئاپتونوم رايونىمىز بويىچە دىنىي پائالىيەت سورۇنى 24 مىڭدىن ئاشىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە مەسچىددىن 23 مىڭ 900ى، دىن خىزمەتچىلىرى 29 مىڭغا يېتىپ، بۇدىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. بىز مىللەتلەرئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەرئىتتىپاقلىقى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان ئىدىيىۋى تەربىيە پائالىيىتىنى زوركۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە «مىللىيتېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق ۋەئەمەلىيلەشتۇردۇق. 1983 - يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۇدا26 يىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتى قاناتيايدۇرۇلدى، ‹‹ 3 ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيىسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇرئورۇن ئېلىپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكىسوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى.ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ھەرقايسى دىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشى، جەمئىيەت مۇقىم، چېگرامۇداپئەسى مۇستەھكەم، ھەر مىللەت خەلقى خاتىرجەم تېرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ،ئاپتونوم رايونىمىز تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.

نوپۇس[تەھرىر]

شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپئولتۇراقلاشقان رايون ، جەمىئي 47 مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەزەلدىن بۇيەردە ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ،قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك، شىبە، مانجۇ، ئۆزبېك، رۇس ۋە تاتار قاتارلىق 13ىبار. 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 20 مىليون 951 مىڭ900گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى تەخمىنەن %7 .60 نىئىگىلەيدۇ.

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

3 - كەسىپنىڭ تەرەققىياتسەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك تېزتەرەققىي قىلدى. ساياھەتچىلىكنى ئېچىش، مەھەللە مۇلازىمىتىنى زور كۈچبىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، سودا ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم نۇقتاقىلىنىپ، 3 - كەسىپ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ 3 -كەسپىدىكى مۇھىم تايانچ بولۇپ قالدى. 2007 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزبويىچە كۈتۈۋېلىنغان ئىچكى ساياھەتچى 21 مىليون 260 مىڭ ئادەم - قېتىمغايېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪28 ئاشتى؛ ئىچكى ساياھەت كىرىمى 19 مىليارد292 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %4. 29 ئاشتى؛ خەلقئاراساياھەتچى 438 مىڭ 400 مىڭ ئادەم - قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن%9. 20 ئاشتى؛ ساياھەت تاشقى پېرېۋوت كىرىمى 162 مىليون دوللارغا يېتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪26.5 ئاشتى؛ ساياھەت كىرىمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى٪5.3كە يەتتى.

مائارىپ[تەھرىر]

ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر خىلكەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 462 مىڭ 600گە يەتتى، بۇنىڭئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 259 مىڭ 400 بولۇپ، ھەر خىل كەسپىي تېخنىكاخادىملىرى ئومۇمىي سانىنىڭ ٪56.08نى ئىگىلەيدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچەناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇستەقىل تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئاپپاراتىدىن116 سى بار؛ پوست دوكتور ھەرىكەتچان (خىزمەت) پونكىتىدىن 27سى قۇرۇلدى،قۇملۇقنى تىزگىنلەش تەتقىقاتى ۋە يات تەنىچىلىك ھايۋان كلونلاش تېخنىكىسىخەلقئارادىكى ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتتى. 10 - بەش يىلدا، ئاپتونومرايونىمىز بويىچە چوڭ - چوڭ پەن تېخنىكا نەتىجىسى تۈرلىرىدىن جەمئي 1167سىقولغا كەلتۈرۈلدى. 2007 - يىلى، 220 تۈردە پەن - تېخنىكا نەتىجىسى قولغاكەلتۈرۈلدى، 1534 تەتقىقاتقا پاتنېت ھوقۇقى بېرىلدى، پەن - تېخنىكا خەلقئىگىلىكى تەرەققىياتىدا ۋە جەمىئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىدە مۇھىم رولئوينىماقتا. مائارىپ ئىشلىرى پۇختا تەرەققىي قىلدى. 2007 – يىلىنىڭئاخىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەر 6670 گە،ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 4 مىليون 25 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىقمىللەت ئوقۇغۇچىلار %5 .58 نى ئىگىلەيدۇ؛ ھەر خىل مەكتەپلەردىكى مەخسۇسئوقۇتقۇچىلار 272 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتئوقۇتقۇچىلار 158 مىڭ. ئاپتونوم رايون بويىچە «9 يىللىق مەجبۇرىيەتمائارىپى>» تەربىيىسىدە بولغانلار ئاپتونوم رايون ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ%8 .99 ىنى ئىگىلىدى، ياشلار ۋە قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ساۋاتسىزلىقنىسبىتى % 2 تىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تەربىيەئېلىش مۇددىتى 8 يىل ئۆپچۆرىسىدە بولدى؛ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتىن 32 سىبار ، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرستا ئوقۇۋاتقانلار 216 مىڭ 400گە يېتىپ،1978 - يىلدىكىدىن 1. 14 ھەسسە ئاشتى. 2000 - يىلدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچكىجايلاردىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردەشىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىشنى قارار قىلدى. ھازىر ئوقۇتۇش كۆلىمىئىچكى جايلاردىكى 28 شەھەردىكى 50 ئوتتۇرا مەكتەپكە كېڭەيدى، يىلىغا 5 مىڭئوقوغۇچى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. 2004 - يىلدىن باشلاپ، ئىچكى جايلاردىكىشىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ شەكلىنى قوللىنىپ، شىنجاڭدىكى 8شەھەردە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئېچىلىپ،يىلىغا 5 مىڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ. مەدەنىيەت ئىشلىرىگۈللەنمەكتە،

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

ئۇلىنىشلار[تەھرىر]


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى