ماناس ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
ماناس ناھىيىسى

ماناس ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ماناسنىڭ يەر مايدانى 9،174 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 170،000.

تارىخ[تەھرىرلەش]

ماناس تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قەدىمكى <يىپەك يولى>دىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان. غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيسۇن، ئۆتتەنزىل دۆلەتلىرىگە، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە ئۇيسۇنلارغا، سۈي دەۋرىدە غەربىي تۈرك تۇران قەبىلىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدەبېشبالىقنىڭ بالقاش كۆلى ناھىيىسى بولغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيراتلارغا قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە جۇڭغار خولاما قەبىلىسىنىڭ كۆچمە چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. چيەنلۇڭنىڭ 28 - يىلى (1763 - يىلى) سۈيلەي قورغىنى قۇرۇلغان. چيەنلوڭنىڭ 33 - يىلى (1768 - يىلى) ياردەمچى ئامبال قۇرىقى قۇرۇلۇپ سانجى ناھىيىسىگە قارىغان. چيەنلۇڭنىڭ 43 - يىلى (1778 - يىلى) رەسمىي ناھىيە تەسىس قىلىنىپ سۈيلەي دەپ ئاتالغان. ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان. 1954 - يىلى ماناس ناھىيىسى دەپ ئۆزگەتىلگەن. 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1976 - يىلى شىخەنزە ۋىلايىتىگە قارىغان. 1979 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

ماناس ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە قۇتۇبى ناھىيىسى، غەربتە شىخەنزە شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى، جەنۇبتا خېجىڭ ناھىيىسى، شىمالدا قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 275 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 88 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 11 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر، تەۋەسىدە 6 بازار، 6 يېزا، 137 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، يېزا ئىگىلىك 6 - شىسى، 8 - شىسىنىڭ 5 تۇەن - مەيدانى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېلېكتېر قۇۋىتى ئىدارىسى ماناس ئېلېكتر ئىستانسىسى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 136 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 246 مىڭ 900، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار %2.39نى، ئۇيغۇرلار % 1.70 نى، خەنزۇلار% 89.02 نى، باشقا مىللەتلەر% 6.89 نى ئىگىلەيدۇ. يەر شەكلى: جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تار ھەم ئۇزۇن سوزۇلغان، جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس، جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىقلار 26.7% ئوتتۇرا قىسمىدىكى تۈزلەڭلىك% 19.1، شىمالىي قىسمىدىكى قۇملۇق، چۆللۈك% 54.2 نى ئىگىلەيدۇ. ماناس دەرياسى ۋە ناسىرقاي دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 706 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 370 مىليون كۇب مېتىر، ياۋا ھايۋانات بايلىقلىرىدىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن سوغىگۈل، قېرىقىز، چاكاندا، يۈەفو، دۇڭخۇا، يەرمەدىكى، قارلەيلىسى، چوڭ يوپۇرماقلىق چىنتىيانا، قان تېپەر، قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇل، كەتىرا، بۇۋانە قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، قىزىل توپا، زۇمرەت، ئالتۇن، مىس، كۈمۈش، ئارسىن، ئىسلاندىيە تېشى، ھاك تېشى، كۋارتس، تۈز قاتارلىقلار بار. ماناس ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق، يېرى قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 6.8، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇراىسى℃ 42.0، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -℃ 38.0، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 2866.3 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 172 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 173.7 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقتارى 1946.9 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاشلىق ۋە پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدىن بىرى. ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 41 مىڭ 600 گېكتار (624 مىڭ مو)، ئورمان 24 مىڭ 300 گېكتار (364 مىڭ 500 مو)، دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 26 مىڭ 700 گېكتار بوز يەر (400 مىڭ مو)، ئورمانلىق قىلغىلى بولىدىغان 430 مىڭ گېكتار بوز يەر (64 مىڭ 500 مو) بار، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، مايلىقدان، قىزىلچا قاتارلىقلار بار. پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا 1994 - يىلى مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان 100 كۈچلۈك ناھىيە ئىچىدە 57 - ئورۇندا تۇرغان. چارۋىلاردىن كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. دېھقانچىلىق رايونى بورداقچىلىقى خېلى كۆلەمگە ئىگە، سانائەت تۈرلىرىدىن كۆمۈر، ماشىنسازلىق، ياغاچ ماتېرىياللىرى، كۆن - خۇرۇم، فار - فۇر، پاختا توقۇمىچىلىق، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. ماناس ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى، 312 - دۆلەت يولى، 201 - ئۆلكە يولى، ياسىلىۋاتقان ئۈرۈمچى - كۈيتۈن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى ناھىيە چېگرىسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا ئاسفالىت يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. 8000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى، سىمسىز چاقىرىش ۋە خەلقئارا فوتوتېلېگرامما ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تاسىرقاي قەدىمكى قەلئە خارابىسى، تۇرا، بۇددا ئىبادەتخانىسى، شەنشى سارىيى قاتارلىقلار بار. مەنزىرلىك جايلىرىدىن تاسىرقاي دەرياسى شارقىراتمىسى، چىڭشۈيخې، بەيياڭگو مەنزىرىلىك جايى، قاراغايلىق قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى