چەرچەن ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
‎Uyghur Latin Yéziqi.
چەرچەن ناھىيىسى
Alluvial fan, Taklimakan Desert, XinJiang Province, China, NASA, ASTER.jpg

چەرچەن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. چەرچەننىڭ يەر مايدانى 138،645 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 60،000.

تارىخ[تەھرىر]

چەرچەن ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چەرچەن ئەنرىرە بەگلىكىنىڭ زېمىنى بولۇپ، <يىپەك يولى> نىڭ غەربىي بۆلىكى مۇھىم ئۆتەڭ ئىدى. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە چەرچەن بەگىلىكى تەسىس قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بوشەن قورغىنى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 10 - يىلى (1884 - يىلى) شىنجاڭدا ئۆلكە قۇۇرلغاندىن كېيىن كاچۇڭ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەسىس قىلىپ، كىرىيە ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 3 - يىلى ( 1914 - يىلى) ناھىيىگە كۆتۈرۈلۈپ چەرچەن دەپ ئاتىلىپ، ئاقۇس دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغا. كېيىن ئۆزگەرتىلىپ قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسى، كورلا ۋالىي مەھكىمسىگە قارىغان. 1960 - يىلى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئايرىپ بېرىلگەن.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

چەرچەن ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغى، ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي چېتىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى چاقىلىق ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپ نىيە ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، شىمالىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 320 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 460 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 138 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر.ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 1264 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 48 مىڭ 300، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 80.75% نى، خەنزۇلار 19.1% نى، باشقا مىللەتلەر 0.15% نى تەشكىل قىلىدۇ. يىېرىنىڭ جەنۇب تەرىپى ئېگىز، شىمال تەرىپى پەس، جەنۇب قىسمى تاغلىق، غەربىي شىمال قىسمى چۆللۈك، قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر 44.5% نى، تۈزلەڭلىك 15.9% نى، قۇملۇق، چۆللۈك 39.6% نى تەشكىل قىلىدۇ. چەرچەن دەرياسى، جاڭگالساي دەرياسى، تاشساي دەرياسى، مولچى دەرياسى قاتارلىق دەريا، ئېقىنلار بار. يەر ئۈستى سۈيى بايلىقى 176 مىڭ كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 63 مىڭ كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن ياۋا ئېشەك، ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، ئارقار، قارا ئېيىق، ئۇلار، بۆكەن، بۇغا، تورۇق تىكە، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۈلەيسۈن قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكلەردىن توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا، تۆگە قۇلاق، چاكاندا، ئاكچېيە دەرىخى، پەربۇت قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، قاشتېشى، چىرىمتال، تاشپاختا، خرۇستال، تازىلانغان شور، چۆيۈن، سىنك، نىكېل، گەج قاتارلىقلار بار. چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ ئەڭ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.1℃، ئەڭ ئىسسىق بولغاندا 41.3℃ قا چىقىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 85.4 كۈن 30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 907.3 سائەت. 10℃ يىغىلما تېمپېراتۇرىسى 3853.1℃ . قىروسىز مەزگىلى 207 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 18.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2506.9 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 8400 گېكتار ( 126 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 578 مىڭ 300 گېكتار (8 مىليون 674 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر. 83 مىڭ 300 گېكتار (1 مىليون 250 مىڭ مو) ئورمانلىق، 2 مىليون 266 مىڭ 700 گېكتار (34 مىليون مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كېۋەز، كۆممىقوناق، ئاق قوناق، ئۈزۈم، قوغۇن - تاۋۇز، يەل - يېمىش، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىدىن كالا، قوي، ئېشەك، چوشقا قاتارلىقلار بار. سانائەت جەھەتتە ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، سېمونت، كەشتىچىلىك، قاشتېشى قېزىش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسپلەر بار. چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. 315 - دۆلەت تاشيولى ناھىيە تەۋەسىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1360 كىلومېتىر. كورلا ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بار. 1000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

چەرچەن ناھىيىسىگە 1 رايون، 1 بازار، 11 يېزا، 51 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تارماق ئەترىتى بار.

چەرچەن نامى ھەققىدە[تەھرىر]

 

چەرچەن ناھىيىسى ش ئۇ ئا ر دىكى تارىخى ئۇزۇن، قەدىمىي يۇرتلىرىمىزدىن بىرى . ئۇنىڭ تارىخىي نامى چەرچەن 2100 يىلدىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن قوللىنىلىپ كەلمەكتە . بۇ تارىخىي نامنىڭ ئېتىمولوگىيىسى تېخى سىر بولۇپ تۇرماقتا .[1]

1. چەرچەن نامى تارىخىي خاتىرىلەردە بەن گۇ ( مىلادىيە 32-يىلىدىن مىلادىيە 92- يىلىغىچە)نىڭ ‹‹ خەننامە›› ناملىق كىتابىدا مۇنداق بايانلار بار : ‹‹ ياڭگۇەن قوۋۇقىدىن چىقىپ ئالدى بىلەن بارىدىغان، يېقىن جاي چاقىلىق (婼羌) ... بۇ يەردىن ياڭگۇەن قوۋۇقىغا 1800 چاقىرىم ، چاڭئەنگە 6300 چاقىرىم كېلىدۇ . چاقىلىق يولنىڭ ئۈستىدە بولماستىن ، چەتتە غەربىي جەنۇبقا توغرا كېلىدۇ . ئۇنىڭ ئاھالىسى 450 تۈتۈن ، 1750 كىشى ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 500 نەپەر . چاقىلىقنىڭ غەرب تەرىپى سارمادان (且末) غا تۇتاش ... ئاشلىقنى چەرچەن (鄯善) ۋە سارمادان (且末)دىن ئالىدۇ ... غەربىي شىمالدا چەرچەن بىلەن تۇتىشىدۇ . چەرچەن چوڭ يولنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان ... چەرچەن بەگلىكىنىڭ ئەسلىي نامى كروران بولۇپ ، بېگى 扜泥 شەھىرىدە تۇراتتى . بۇ يەردىن ياڭگۇەنگە 1600 چاقىرىم ، چاڭئەنگە 6100 چاقىرىم كېلىدۇ . ئاھالىسى 1570 تۈتۈن ، 14100 كىشى ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 2912 نەپەر . ... غەربىي شىمالىدىن قۇس بەگلىكىگە 1890 چاقىرىم كېلىدۇ ... چەرچەن دەل خەن سۇلالىسى يولىنىڭ ئۈستىدە ، ئۇنىڭ غەربىدىن سارمادانغا 720 چاقىرىم كېلىدۇ ...سارمادان بەگلىكىنىڭ مەركىزى سارمادان شەھىرى . بۇ يەردىن چاڭئەنگە 6820 چاقىرىم كېلىدۇ ، ئاھالىسى 230 تۈتۈن 1610 كىشى ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 320 نەپەر ... جەنۇبى تەرىپىدىن ئەندىر (小宛国)گە ئۈچ كۈنلۈك يول . .. غەربىدىن نىياغا 2000 چاقىرىم كېلىدۇ... ›› [2]دېيىلگەن. مىلادىيە 400 – يىلى چەرچەنگە كەلگەن ۋە چەرچەندە بىر ئاي تۇرغان راھىب فاشەننىڭ تەرجىمىھالىدا ‹‹ ( دۇنخۇاڭدىن چىقىپ ) 17 كۈندە 1500 چاقىرىم يول يۈرۈپ چەرچەن ئېلىگە كەلدۇق ... بۇ ئەلنىڭ پادىشاھى بۇددىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن ، 4000دىن ئوشۇق كىچىك كۆلۈڭۈ راھىبى بار ئىكەن .... بۇ يەردە بىر ئاي تۇردۇم ، ئۇندىن كېيىن غەربىي شىمالغا قاراپ 15 كۈن يۈرۈپ ئاگنى (قاراشەھەر) گە باردىم›› [3]دېيىلگەن. ‹‹ لوياڭلىق راھىب كالاننىڭ خاتىرىسى›› (مىلادىيە 5 – ئەسىر)دە ‹‹تۇيغۇندىن 3500 چاقىرىم غەربكە يۈرسە چەرچەن (鄯善) شەھىرىگە بارىدۇ ... چەرچەندىن غەربكە 1640 چاقىرىم يۈرسە سارمادان( 左末 ) شەھىرىگە بارىدۇ...›› [4]دېيىلگەن. راھىب شۇەنزاڭ (600- 664) مىلادىيە 644 – يىلى ئەتراپىدا چەرچەندىن ئۆتكەن . ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشى بىلەن يېزىلغان ‹‹ بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى››دە ‹‹ ... ئۇ يەردىن شەرققە 600 چاقىرىم يۈرۈپ چالمادانا (折摩驮那故国) قەدىمكى ئېلىگە كەلدۇق ، بۇ سارمادان (沮末) دۇر ... بۇ يەردىن شەرقىي شىمالغا 1000 چاقىرىمدىن ئارتۇق يۈرۈپ نوب قەدىمكى ئېلىگە كەلدۇق ، بۇ كروران ئېلىدۇر ...›› [5]دېيىلگەن. 10 – ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ‹‹ شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى››نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان، مۇشۇ تەرجىمىدە 折摩驮那故国 ئاتالغۇسىنى سارمادان بالىق [6]دەپ تەرجىمە قىلغان . ‹‹ جەنۇبىي يول بىلەن غەربكە قاراپ ماڭسا جەزمەن بەگلىگى ، ئەندىر بەگلىگى ، نىيا بەگلىگى ، كروران بەگلىگىنىڭ ھەممىسى چەرچەن بەگلىكىگە تەۋە ئىكەن ... (مىلادىيە 442 – يىلى) 4 – ئايدا ، جۇرچى ئۇرغۇ 10 مىڭدىن ئارتۇق تۈتۈننى باشلاپ دۇنخۇاڭنى تاشلاپ كۈنپېتىشقا يۈرۈش قىلىپ جۇرچى ئارگۇننىڭ قېشىغا كەتمەكچى بولدى . ئۇلار چەرچەنگە (鄯善) يېتىپ بارغۇچە ، چەرچەن بېگى بەگروڭ 4000دىن ئارتۇق تۈتۈننى باشلاپ قېچىپ كەتتى›› [7]. ئىلاۋە : جەزمەن بەگلىكى خەنزۇچە تېكىستتە 且志国 دەپ يېزىلغان ، ياپونىيىلىك ئالىم ماتسۇدا ھېساۋ قاتارلىقلار 志 خېتىنى 末 خېتىنىڭ خاتا يېزىلىشى دەپ قارىغان . ‹‹ ۋېينامە››[8]نىڭ 99 – جىلدىدا، چەرچەن خانى بەگرونىڭ غەربتىكى 且末غا قاراپ قاچقانلىقى يېزىلغان. ‹‹ ۋېينامە›› 102 – جىلىد ‹‹ غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››دە ‹‹ چەرچەن بەگلىكى ، مىرەن قەلئەسىنى پايتەخت قىلىۋالغان ، ئۇ قەدىمكى كروران خانلىقى ئىدى ... پايتەختىنىڭ تۆت ئەتراپى بىر چاقىرىمدىن كېلىدىكەن. ... ئۇنىڭ شىمال تەرىپىدە قۇمتاغ يولى بار. ... سارمادان (且末) بەگلىكى سارمادان قەلئەسىنى پايتەخت قىلىپ ، چەرچەن(鄯善)نىڭ غەربىگە جايلاشقان ... چەرچەن بېگى بەگروڭ جۇرچى ئارگۇنىڭ پاراكەندىچىلىگىدىن قورقۇپ ، ئەلنىڭ يېرىمىنى باشلاپ ، سارمادانغا قېچىپ كەلگەن ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سارمادان چەرچەننىڭ قارمىقىدا بولغان... ›› [9]فەن يى ، سىما بىياۋلار ( 4- ، 5 – ئەسىرلەر) ‹‹ كېيىنكى خەننامە›› 88 – جىلىد ‹‹ غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››دىمۇ تېمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بار . شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنىستۇتى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ نەشىرگە تەييارلانغان ئۇيغۇرچە نۇسخىنىڭ ئىزاھات قىسمىدا، 小宛国 چەرچەن ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاتچان ۋە قۇراملىق ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن . 且末国 ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسىگە توغرا كېلىدۇ . 鄯善国 چاقىلىق ناھىيىسىدە، دەپ ئىزاھلانغان . يۇقىرىقى ئىزاھاتلار ئېلىمىزنىڭ نوپۇزلۇق قامۇسى ‹‹سىيۈەن››نىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىدىن ئېلىنغان. تارىخشۇناس ، ئارخېئولوگ ، قەدىمكى يېزىقلار تەتقىقاتچىسى، ئەينى تارىخىي دەۋردە قوللىنىلغان قارۇشتى يېزىقىنى چۈشىنىدىغان بىردىنبىر ئۇيغۇر قۇربان ۋەلى كروران ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: ‹‹ جالمادانا (ترانسكرىپسىيىسى calmadana ياكى chammadana) دېگەن نام ‹‹ خەننامە››دە 且末 ( قەدىمكى تەلەپپۇزى chamma ) دەپ خاتىرىلەنگەن. شۇەنزاڭنىڭ خاتىرىسىدە 折摩驮那 ( قەدىمكى تەلەپپۇزى chammadana ) دەپ يېزىلغان . بۇ تىل ماتېرىياللىرىنى سېلىشتۇرۇپ رەتلەپ چىققاندا مۇنداق بىر شەكىل ھاسىل بولىدۇ : Calmadana › chamma › chammadana ، دېمەك خەنزۇچىدىكى 且末 دېگەن سۆز قارۇشتى تىلىدىكى ئاتاشنىڭ ترانسكرىپسىيىسى بولۇپ، شۇەنزاڭ سانسىكىرىت ئىملا قائىدىسى بويىچە يېزىپ چىققان . بۇ ئاتالغۇنىڭ تىل مەنىسىنى يېشىش ئۈچۈن ‹ پالى سۆزلۈگى › دىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ . ئۇنىڭدا ‹ chamma ( مەنىسى زىرائەت ئۈنىدىغان توپا ، تېرىم ) دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ .بۇ سۆز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەرچەن شېۋىسىدە ‹ چالما › دەپ ساقلىنىپ قالغان ( مەنىسىمۇ ئوخشاش ) . dana دېگەن سۆز stana ( يۇرت ، ماكان ، ئەل) دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش. دېمەك ، بۇ ئاتالغۇ ”تېرىقچىلىق قىلىنىدىغان يۇرت“ ، دېمەكتۇر. بۇ قەدىمكى يۇرت ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا چەرچەن دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ سۆزنىڭ chammadana بىلەن تىل باغلىنىشى يوق ، بەلكى كروران خانلىقىنىڭ بىر شەھىرى shamshan (鄯善)نىڭ تەلەپپۇزىغا يېقىن كېلىدۇ . بۇ ناملار كېيىنكى دەۋرلەردە قانداق قىلىپ ئالماشتۇرۇپ قويۇلغانلىقى بىزگە نامەلۇم . بۇ تىل ماتېرىياللىرى بىلەن تارىخىي جۇغراپىيە مەلۇماتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ پەرەز قىلغاندا ، ‹جالمادانا› ھازىرقى چەرچەندە ، ‹شامشان› ھازىرقى چەرچەننىڭ شىمال تەرىپىدە ، يەنى چەرچەن دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا – تۆۋەن ئېقىمىدا بولىشى مۇمكىن ››[10]. زاڭزۇشۇناس ئالىم ياڭ مىڭنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، مىلادىيە 8 – ئەسىرنىڭ باشلىرى چەرچەن رايونىنى تۈبۈتلەر كونترول قىلغان . شۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولغان تۈبۈتچە تارشا پۈتۈكلەر، چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ تەۋەسىدىكى مىرەن كونا شەھىرى خارابىسىدىن خېلى كۆپ تېپىلدى. يەنە شۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولغان ‹‹ شاجۇنىڭ خەرىتىلىك تەپسىراتى››دە 大鄯善 ۋە 小鄯善 شەھەرلىرىنىڭ بارلىقى يېزىلغان . مىرەندىن تېپىلغان تۈبۈتچە پۈتۈكلەردە يەنە Carcan دېيىلىدىغان بىر شەھەرمۇ ئۇچرايدۇ . ئەنگلىيىلىك تۈبۈتشۇناس توماس بۇ نامنى Cercen دەپ ترانسكرىپسىيە قىلغان. 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ‹‹ qurqan چەرچەن . چىن يولىدىكى مۇسۇلمانلار چېگرىسىنىڭ بىرى ›› [11]دەپ يازغان. ‹‹ يۈەن سۇلالىسى تارىخى ›› 14 – جىلدتا ‹‹ ( 1286 – يىلى ) لوپ ، كىتىك ، 阇廛 قاتارلىق جايلاردا رابات تەسىس قىلىندى›› دېيىلگەن. ياپونىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ، دوكتور ئابىتاكىئو ئەپەندى 廛 阇 نامىنى [ţşəţş́ ân] دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئۇ يەنە 11 - ، 12 – ئەسىرلەردىكى خەنزۇچە مەنبەلەردە كۆرۈلىدىغان 约昌 [ iakt́īang ياكى t´sang–üe دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ]، 昌 灼 [tŝiaçťsiang ياكى ang′ş ţ ŝuo دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ] ،廛阇 [ţşəţş́ ân دەپ ئوقۇلىدۇ] قاتارلىقلارنى چەرچەن نامىنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى شۇنداقلا ھازىرقى چەرچەن دەپ قارىغان [12]. مىلادىيە 1276 – يىلى چەرچەندىن ئۆتكەن ماركوپولو ‹‹ چەرچەن ئۆلكىسى (CHARCHAN) ... پېيىن ئۆلكىسى بىلەن چەرچەن ئۆلكىسىنىڭ ئارىلىقىغا چوڭ بىر چۆللۈك جايلاشقان ... (چەرچەندىن) چىقىپ بەشىنچى كۈنلۈك يولنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن چۆللۈكنىڭ چېتىدىكى رابات – لوپقا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ ›› [13]دېگەن. ئىلاۋە : ‹‹ ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى ››نىڭ ئۇيغۇرچىسى فۇجەن پەن – تېخنىكا نەشرىياتىنىڭ 1981 – يىلىدىكى خەنزۇچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان. فېڭ چېڭجۈننىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى 2005 – يىلى ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان ، بۇ نۇسخىدا چەرچەن نامى Ciarcian ، Tchertchen دەپ ترانسكرىپسىيە قىلىنغان ۋە خەنزۇچىغا 车尔成 دەپ تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلىنغان، مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى خاتىرىسىنىڭ تىلدىن تىلغا تەرجىمە قىلىنىش داۋامىدا، جاي نامى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. 16 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر ئالىمى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانى ‹‹ تارىخى رەشىدىي ››دە چەرچەن نامىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان . رۇسنىڭ تەرجىمە قىلىشى بىلەن ئەنگلىيەدە نەشىر قىلىنغان ئىنگلىزچە نەشرىدە Jorjan دەپ ئېلىنغان [14]. Jorjan ئەمەلىيەتتە ئەسلىي مەتىننى ئوقۇشتا كېلىپ چىققان سەۋەنلىك ، توغرىسى جورجان ئەمەس بەلكى چورچان بولىشى كېرەك، بەزى كىشىلەر مۇشۇ خاتالىق ئارقىلىق چەرچەن نامىنى ئەسلىدە جورجانلارنىڭ نامىدىن كەلگەن دەپ قارىغان . مېنىڭ بۇ خاتىرىنى چورچان دەپ قارىشىم ، ‹‹ تارىخى رەشىدىي››نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىلىرى ۋە مۇشۇ كىتابتىن پايدىلانغان ئەسەرلەر - ‹‹ كاشغەر تارىخى ( چىڭگىزنامە)›› ، ‹‹ تارىخى ھەمىدىي›› - قاتارلىقلاردا – چەرچەن دەپ ئېلىنغان . مەسىلەن : ‹‹ كاشغەر تارىخى ( چىڭگىزنامە)›› دە ‹‹ قەمىرىددىندىن قورقۇپ چۇرچەن ، سارىخ ئۇيغۇر ، لوپ ۋە كىتىك سارى ئالىپ قاچتى›› [15]دېيىلگەن. دوكتور سىتەيىن ‹‹ تارىخى رەشىدىي››دىكى بۇ جاي نامىنىڭ Chārchān ۋە Jurjān شەكلىدە ئىككى خىل خاتىرىلىگەنلىكىنى ھەمدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبى ياكى شەرقىي جەنۇبىدىكى رايوننى كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان [16]. چەرچەن نامى 18 - ، 19 – ئەسىرلەردىكى خەنزۇچە يازمىلاردا تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلىنىپ 卡墙،车尔成 ، 车尔臣 دەپ يېزىلغان . گومىنداڭ 1914 – يىلى ناھىيە تەسىس قىلىنغاندا، ‹‹ خەننامە››دىكى 且末 نامى تېپىلىپ، يۇقىرىقى تەلەپپۇز تەرجىمىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن .

چەرچەن (鄯善) خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ھەققىدە ‹‹ خەننامە››دە يېزىلىشىچە، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى خەن سۇلالىسى خەنجەرۋازى فۇ جېزى باشچىلىقىدىكى بىر بۆلۈك ئەسكەرنى ئىبەرتىپ، كروران پادىشاھى ئامگوكانى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن . خەن سۇلالىسى ئۆزىدە تۇرغاق بولۇپ تۇرىۋاتقان ئۇتۇشنى خان قىلىپ تىكلەپ ئوردا ئايىملىرىدىن بىرنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلغان . بۇرۇنقى كروران خانىنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېقىنلىرى كروران شەھىرىدە ياشاۋاتقان بولغاچقا، ئۇتۇش كروران شەھىرىدە تۇرالماي ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسىدىكى مىرەن كونا شەھىرى ۋە چاقىلىق ناھىيە بازىرى ئەتراپلىرىنى مەركەز قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن . شۇ دەۋردە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ نامى چەرچەن (鄯善) دەپ ئاتالغان. بۇ خانلىق مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىن مىلادىيە 5 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بەش ئەسىردىن ئارتۇق داۋام قىلغان.

چەرچەن نامى ئەڭ دەسلەپ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى ئوتتۇرىغا چىققان ، شۇندىن ھېسابلىغاندا ئاز كەم 2100 يىللىق تارىخقا ئىگە نام ھېسابلىنىدۇ . بۇ نام ئەسلىدە ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسىنى مەركەز قىلغان بىر يەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ نامى ئىدى . چاقىلىقنى مەركەز قىلغان بۇ يەرلىك ھاكىمىيەت مىلادىيە 2 – ئەسىردىن باشلاپ كۈچۈيۈپ ھازىرقى چاقىلىق ، چەرچەن ، نىيا ناھىيىلىرىنىڭ دائىرىسىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالغان . مىلادىيە 445 – يىلى دۇخاندىن چىققان جۇرچى ئۇرغۇنىڭ تۈمەن كىشىلىك ئېچىرقىغان ئادەملىرىنىڭ پاراكەندىچىلىگىدىن قورققان خان بەگروڭ 4000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالىنى باشلاپ سارمادان ( ھازىرقى چەرچەن)غا كۆچكەن، ناۋادا بىز ھەر بىر ئائىلىدە بەشتىن ئادەم بار دەپ قارىساقمۇ تەخمىنەن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە كۆچكەن بولىدۇ . مىلادىيە 445 – يىلى سارماداننىڭ يەرلىك ئاھالىسى 10 مىڭغىمۇ يەتمەيتتى . يازما ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مىلادىيەنىڭ بېشىدا چاقىلىق دائىرىسىدە چوڭ چەرچەن ۋە كىچىك چەرچەن دېگەن شەھەرلەرمۇ بولغان . تەخمىنەن 20 مىڭدەك چەرچەنلىك ئاھالىنىڭ سارمادانغا كۆچۈشى جاي نامىنىڭ كۆچۈشىگە سەۋەب بولغان ، بۇ خۇددى تۇرپانلىقلارنىڭ ئۇچقا بېرىپ ئولتۇراقلىشىشى بىلەن ئۇچتۇرپان نامى بارلىققا كەلگىنىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ . مەسىلەن : ئىلى رايونىدا تۇرپان يۈزى ، قۇمۇلدا لاپچۇق ... ناملىرى بار. چەرچەن نامى سارمادان نامى بىلەن پاراللېل قوللىنىلىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ، تەدرىجىي چەرچەن نامى ئومۇملاشقان . 8 – ئەسىرگە مەنسۇپ تۈبۈت يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە سارمادان نامى بىلەن ئەمەس چەرچەن دەپ خاتىرىلىنىشى بۇنىڭ دەلىلىدۇر . شۇ دەۋرلەردىن باشلاپ چەرچەن نامى سارماداننىڭ بىردىنبىر نامىغا ئايلاندى . مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ماركوپولو ، مىرزا ھەيدەر كۆرەگانلارنىڭ يازمىلىرى ، ئۇندىن كېيىنكى خەنزۇچە ۋە باشقا يازما ئەسەرلەردە تاكى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك چەرچەن نامىنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلىنىشى ، ئۇيغۇرلارنىڭ تاكى بۈگۈنگىچە بۇ نامنى قوللىنىپ كېلىشى سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر. چەرچەن نامىنىڭ 2100 يىلدىن بۇيان ئىزچىل قوللىنىلىشى ، تېخىمۇ كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كەم دېگەندىمۇ 2100 يىلدىن بۇيان مۇشۇ زېمىندا ئىزچىل ياشاپ كەلگەنلىكىنىڭ بىر دەلىلىدۇر. ئەلۋەتتە ، بۇ نام ھەققىدە ئەجەبلىنەرلىك سىر يوشۇرۇنغان ، جۈملىدىن 鄯善 نامى خەنزۇچە يازما مەنبەلەردە كۆرۈلىدۇ ، لېكىن خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمەت يېزىقى بولغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە كۆرۈلمەيدۇ . بۇ داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. بىز يۇقىرىدا كۆرگەن تارىخىي مەنبەلەردىكى چەرچەنگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن مىسال كەلتۈرگەندە ، جاي ناملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ ئالدىم ، چۈنكى ‹‹ خەننامە›› قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندا ، جاي ناملىرى كۆپۈنچە ھازىرقى جاي ناملىرى بىلەن ئېلىنغان . بۇ مۇھاكىمىمىز جاي نامى ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ، جاي ناملىرى ئەسلىي يازما شەكلى بويىچە ئەسلىگە قايتۇرۇلدى ھەمدە خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەلەپپۇزى بېرىلدى . چەرچەن ناھىيىسىنىڭ سارمادان (چالمادانا ، 折摩驮那،且末) ۋە چەرچەن (鄯善 ، Carcan، CHARCHAN، چۇرچان) ناملىرىنىڭ بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق . سارمادان ياكى چالمادانا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىن باشلاپ تەخمىنەن مىلادىيە 6 – ئەسىرگىچە قوللىنىلغان ، لېكىن بۇ نام ماقالىمىزنىڭ مۇھاكىمە دائىرىسىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە توختالمايمىز. ئەمدىكى مۇھاكىمىمىزنىڭ ئۆزىگە قايتساق، چەرچەن نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىلىك قانداق ؟ چەرچەن نامىنىڭ ئېكولوگىيىسىنى تۆۋەندىكىدەك شەكىللەردىن ئىزدەشكە بولىدۇ . 1. چارچان ~ چەرچەن (بۇنىڭ يازما ئاساسى خەنزۇچە يازمىدىكى 鄯善 ، تۈبۈتچە يازمىدىكى Carcan، ماركوپونىڭ يازمىسىدىكى CHARCHAN ۋە مىرزا ھەيدەر كۆرەگان يازمىسىدىكى Chārchān ). 2. چۇرچان ( مەھمۇد كاشغەرىي يازمىسىدىكى qurqan ۋە مىرزا ھەيدەر كۆرەگان يازمىسىدىكى Jurjān ، 18 – ئەسىردىكى ‹‹ كاشغەر تارىخى ـ چىڭگىزنامە ››دىكى چۇرچەن ). بەن گۇ ‹‹ خە ننامە››نىڭ 96 – جىلىد ‹‹ غەربىي يۇرت ( قۇرىقار ) تەزكىرىسى››دە، بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئېنىق يازما ئۇچۇر قالدۇرغان . ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى خەن سۇلالىسى ئۆزىدە تۇرغاق بولۇپ تۇرىۋاتقان كروران خان ئىنىسى - ئۇتۇشنى خانلىققا كۆتۈرگەن ، ئۇنىڭغا شۇ قېتىمدا 鄯善 دېگەن نامدا تامغا ئويدۇرۇپ بەرگەن . كروراندا كونا خاننىڭ تەرەپدارلىرى ۋە خەن سۇلالىسىغا قارشى ئاھالىلەر بولغانلىقتىن، ئۇتۇش كروراندا تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي ھازىرقى چاقىلىق ناھىيە بازىرى ۋە مىرەن كونا شەھىرى خارابىسىنى مەركەز قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ، خەن سۇلالىسى مىرەن كونا شەھىرىدە قورۇقچى ئەسكەر تۇرغۇزۇپ قوغدىغان . ‹‹ خەت – يېزىقلار شەرھىي لۇغىتى(说文)››دىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا ، تامغىدىكى نام 鄯 بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن . مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ، بۇ نامنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى ۋۇجۇدقا كەلگەن دەپ قارايمەن. دەسلەپتە نامى鄯 شەھىرى نامىدىن كەلگەن ، كېيىنكى چاغلاردا ئاندىن鄯善 بولۇپ مۇقىملاشقان . بەزى ئۇچۇرلاردا ئۇتۇش قوللانغان خانلىق نامى چەرچەن شۇ يەردىكى شەھەرنىڭ نامىدىن كەلگەن دېيىلىدۇ ، لېكىن يازمىلاردا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىن بۇرۇن مۇشۇ نامدىكى شەھەر بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق ، خەنزۇچە مەنبەلەردىن بۇ نامنىڭ ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان دېيىشكە بولىدۇ. بىز يۇقىرىقى تارىخىي خاتىرىلەردىن مۇنداق يەكۈنگە كېلەلەيمىز: بىرىنچى : چەرچەن نامى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى بارلىققا كەلگەن . ئىككىنچى : بۇ نام بارلىققا كەلگەن ئاشۇ دەۋردە بىر يەرلىك خاندانلىقنىڭ نامى بولغان . ئۈچىنچى : 鄯善 دېگەن بۇ نام خەنزۇچە نام ئەمەس ، بەلكى تەلەپپۇز تەرجىمىسىدىن كەلگەن . شۇنداق بولغاچقا ھېچ بىر كىشى بۇ نامنىڭ يازما شەكلى鄯善 نىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى ، ئېتمولوگىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى . ‹‹ خەت – يېزىقلار شەرھىي لۇغىتى ›› ناملىق ئەسەردە ‹‹鄯善 ، غەربىي غۇرلارنىڭ ئېلىدۇر ، بۇ نام 鄯 شەھىرىنىڭ نامىدىن كەلگەن ›› دېگەن بايانلار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. مۇشۇ ئەسەردە يەنە ‹‹鄯 خېتى ئەنە شۇ ۋاقىتتا كەشىپ قىلىندى ›› [17]دېيىلگەن . تارىخشۇناس خۇاڭ شېڭجاڭ بۇ نامنىcherchen نامىنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى ، خەنزۇچىدا cher تاۋۇشىنى ئىپادىلەيدىغان خەت بولمىغانلىقتىن 鄯 خېتى كەشىپ قىلىنغان›› [18]دەپ يازغان. مۇشۇ پاكىتلارغا ئاساسەن ، بۇ نامنىڭ خەنزۇ تىلىدىن كەلگەن دېگەن قاراشنى ئىنكار قىلىمەن. تۆرتىنچى: بۇ نام ئەينى ۋاقىتتا كروران ھاكىمىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت يېزىقى بولغان قارۇشتى يېزىقىدا خاتىرىلەنگەن تىل ( ھىندى – ئەنەتكەك )دىن كەلمىگەن ، چۈنكى قارۇشتى يېزىقىدىكى يادىكارلىقنىڭ ھېچ بىرىدە بۇ نامنىڭ خاتىرىلىگەنلىكىنى ئۇچراتمىدۇق ، بۇ نام پەقەت شۇ دەۋردىكى خەنزۇچە يادىكارلىقلاردىلا خاتىرىلەنگەن . بەشىنچى : يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا ، 鄯善 نامىنى خەنزۇ ۋە ھىندى - ياۋروپا تىللىرىدىن كەلمىگەن دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ . بۇ نامنى غەربىي غۇرلارنىڭ تىلىدىن جۈملىدىن ‹‹ خەت – يېزىقلار شەرھىي لۇغىتى›› (مىلادىيە 58 – يىلىدىن مىلادىيە 147 – يىلىغىچە ياشىغان شۈشېن تەرىپىدىن مىلادىيە 100 – يىلىدىن مىلادىيە 121 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈزۈلگەن ۋە خەن سۇلالىسى پادىشاھى خەن ئەمدىگە تەقدىم قىلىنغان ) دا خاتىرىلەنگەن غەربىي غۇر (西胡)لارنىڭ تىلىدىن ئىزلىشىمىز كېرەك . ئەمدى بىز يۇقىرىدا كۆرگەن ئۇچۇرلاردىن چەرچەن نامىنىڭ قەدىمكى شەكلىنى يەنى ئەڭ توغرا خاتىرىسىنى ئىزلىشىمىز لازىم. بۇلارنىڭ ئىچىدىن مەھمۇد كاشغەرىي نىڭ يازمىسىنى ئەڭ توغرا خاتىرە دەپ قاراشقا بولىدۇ . چۈنكى بۇ ئاتالغۇنى 2100 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر خەلقى قوللىنىپ كەلگەن ، باشقا تىللاردىكى خاتىرىسى تىلدىن تىلغا تەرجىمە قىلىشتىن ئۆتكەن خاتىرە . گەرچە خەنزۇ يېزىقىدىكى خاتىرىنى ئەڭ بۇرۇنقى يازما دەپ قارىساقمۇ ، خەنزۇ يېزىقىدا بىر تىل تاۋۇشىنى بىر ھەرب بىلەن ئىپادىلىمەستىن بىر بوغۇم بىر خەت - ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . دېمەكچى بولغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، خەتلەرنىڭ ئەنە شۇ دەۋرلەردىكى ئوقۇلىشى تۈرلۈك تەتقىقاتلار ۋە ئىلمىي پەرەزلەر ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ، پايدىلىنىشقا بولىدۇكى مۇتلەق ئاساس قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ . يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى چەرچەن نامىنى خەنزۇ يېزىقى بىلەن ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنسىمۇ ئۆز ئەينى ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس، مۇندىن 2100 يىل بۇرۇن تېخىمۇ شۇنداق . دۇنيادا ھەر قانداق تىلنىڭ ئۆزىگە خاس تاۋۇشلىرى بولىدۇ ۋە يېزىقتىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ئىپادىلەيدىغان ھەرپ – بەلگە ئىجاد قىلىنىدۇ . ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، مەيلى قەدىمدە بولسۇن ، ھازىر بولسۇن ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ تىل تاۋۇشلىرى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ تاۋۇشلىرى ئارىسىدا خېلى كۆپ پەرقلەر بولغان . تارىخنىڭ ئوبيېكتىپ ئەھۋاللىرىدىن قارىغاندا ، خەنزۇ يېزىقى بىلەن خاتىرىلەنگەن 鄯善 ئەينى ۋاقىتتىكى يەرلىك خەلق قوللانغان جاي نامى بىلەن تەلەپپۇز جەھەتتىن يېقىنلاشسىمۇ، ئۆز ئەينى تەلەپپۇز خاتىرىسى دەپ ئېيتالمايمىز.گەرچە 8 – ئەسىردىكى تۈبۈت يېزىقىدا Carcan ( بەزى پۈتۈكلەردىكىسى نام Cercen دەپ تراسىكفىكسىيە قىلىنىدۇ) دەپ يېزىلىپ تەلەپپۇز جەھەتتىن يېقىن كەلگەن بولسىمۇ، ئۆز ئەينى تەلەپپۇز خاتىرىسى دېيەلمەيمىز . چۈنكى ئالىملار تۈبۈت يېزىقىدىكى بۇ جاي نامىنىمۇ بىر قانچە خىل ترانسكرىپسىيە قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جاي نامىنىڭ ئەڭ توغرا تەلەپپۇزىنى ، مۇشۇ نام قوللىنىشقا باشلاپ، 11 ئەسىردىن كېيىنكى خاتىرىسى يەنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى››دىكى خاتىرىسى دېيىشكە بولىدۇ . مەھمۇد كاشغەرىي خاقانىيە سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىگە تەۋە كىشى بولغانلىقى ۋە ئۇزۇن يىل ئىلىم ئالغان ئىلىم نوپۇزى بولغانلىقى ئۈچۈن ، خاقانىيە چېگرىسىدىكى بۇ يۇرتنىڭ نامىدىن خەۋەردار بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس . يەنە ئوتتۇرا ئاسىيانى يەنى تۈركىي خەلقلەر ياشىغان يەرلەرنى ئوننەچچە يىل تەكشۈرگەن ، قاتتىق ئىلمىي قائىدە بىلەن تىل قامۇسى تۈزگەن بىر بۈيۈك ئالىمنىڭ، بۇ يەر نامىنى خاتا يېزىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مەھمۇد كاشغەرىي تارىم ۋادىسىدا كەم دېگەندىمۇ 30 يىل ئەتراپىدا ھايات كەچۈرگەن ھەم مۇشۇ زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ تىلى بىلەن پىششىق تونۇش ئەللامە ئىدى . مەن يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا ئاساسەن مەھمۇد كاشغەرىي نىڭ خاتىرىسىنى ئەڭ توغرا تەلەپپۇز خاتىرىسى دەپ قارايمەن . مەھمۇد كاشغەرىي ” جرجان qurqan “ دەپ خاتىرىلىگەن ، مەھمۇد كاشغەرىي نىڭ يۇقىرىقى خاتىرىسى بىلەن ئۇنىڭدىن ئالتە ئەسىر كېيىن ياشىغان ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانىنىڭ ‹‹ تارىخى رەشىدىي››دىكى Jurjān ( ئەسلىي مەنبەدىكى ھەربنى خاتا ترانسكرىپسىيە قىلىنغان ، توغرىسى qurqān بولىشى كېرەك، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بۇ كىتاب تەرجىمە قىلىنغاندا چۇرچەن ياكى چارچان دەپ ئېلىنىشى بۇنىڭ دەلىلىدۇر) لار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ . مەن يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ، بىز ھازىر تىلىمىزدا ئىستېمال قىلىۋاتقان چەرچەن نامىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلىنى ”چۇرچان“ دەپ قارايمەن . شۇنداق بولغاندا ، تىل بوغۇملىرى بويىچە تەتقىق قىلساق ، ”چۇرچان“ نامى ”چۇر + چان“ دىن كېلىپ چىققان بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە تارىم ۋادىسىدا ”چان“ قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان جاي ناملىرى خېلى بار ، بۇنىڭغا تۆۋەندىكىلەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن : پىچان ، تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ناھىيە نامى . ياپچان بازىرى، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە . ياپچان بازىرى كەنتى ، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە. ياپچان مەھەللىسى ، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە. ياپچان سۇ ئامبىرى ، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيىسىدە . ياپچانلىق تاغ ئېغىزى ، بايىنغولىن ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيىسىدە. پىچان بازىرى، تۇرپان ۋىلايىتى تۇرپان شەھىرىدە. ئاچچان كەنتى ، بايىنغولىن ئوبلاستى چەرچەن ناھىيىسىدە. ئاچچان ساي ، بايىنغولىن ئوبلاستى چەرچەن ناھىيىسىدە. ئاچچان يېزىسى ، خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىسى ۋە چەرچەن ناھىيىسىدە بىردىن. ئاشىچان ( axïqan) چىنغا بارىدىغان يول ئۈستىدە قونۇپ ئۆتىدىغان بىر شەھەر [19]. بارچان ( barqan) ، بىر جاينىڭ نامى]19] . چۇرچان (qurqan) ، چەرچەن . چىن يولىدىكى مۇسۇلمانلار چېگرىسىنىڭ بىرى [20]. تاپچان ( tapqan) ئۈچئاياق ، ئۈستەلگە ئوخشايدىغان بىر سايمان . قول يەتمەيدىغان يەردە ئۈزۈمنى شۇنىڭغا چىقىپ تۇرۇپ ئۈزىدۇ [21]. ياپچان ( yapqan) جۇۋسان، شىۋاق . بۇ سۆزنىڭ yavqan دەپ ئېيتىلىدىغان شەكلىمۇ بار . بۇ خۇددى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن p نىڭ f غا ئالمىشىشى توغرىسىدىكى قائىدىگە ئوخشاش [22]. چانبالىق : ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى››تىكى جاي نامى ، ھازىرقى سانجى شەھىرى تەۋەسى. يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ”چان“ قوشۇمچىسى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە بولغان. مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، شەكسىزكى ”چۇرچان“ نامى ”چۇر“ + ”چان“ دىن ياسالغان بولىدۇ. رۇسىيە تۈركولوگ كونونوۋ ‹‹ 7 ~ 9 – ئەسىرلەردىكى تۈرك رونىك يېزىقىدىكى يادىكارلىقلار تىلىنىڭ گرامماتىكىسى›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە čaη-، čäη- › čan ، čän بىلەن پېئىل سۆز تومۇرىغا ئۇلىنىدۇ ، ئىسىم خاراكتېرلىك سۆز يىلتىزلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئۇلىنىدۇ ... سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە čaη- › čan ... كىچىكلىتىش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ ››[23]دەپ يازغان. تۈركولوگ كلاۋسوننىڭ بايانىدىن قارىغاندا چان ، چەن قوشۇمچىلىرى ئىپتىدائىي قوشۇمچىلار چاڭ ، چەڭدىن كەلگەن ، بۇ قوشۇمچىلار تۈركولوگ ناسىلوۋنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچىلاردۇر. مانا بۇنىڭغا قارىغاندا ، چان ، چەن قوشۇمچىلىرى تۈرك رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر دەۋرىدىن بۇرۇنلا بار قوشۇمچىلار ھېسابلىنىدۇ . ئۇنداقتا ”چۇر“ قانداق ئاتالغۇ ؟ ئۇ قانداق مەنىگە ئىگە؟ بىز مىلادىيە 7– ئەسىرلەردىن باشلانغان يازما يادىكارلىقلاردا ”چور“ ياكى ”چۇر“ دېيىلىدىغان مەنسەپ نامىنى كۆرۈمىز . بۇ نام خەنزۇچە يادىكارلىق ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرىدە啜 دەپ يېزىلغان . تۈرك رونىك يېزىقىدىمۇ خاتىرىلەنگەن بۇ نام، تەتقىقات ئەسەرلىرىدە كۆپۈنچە čor ، ئاز بىر قىسمىدا čur دەپ ترانسكرىپسىيە قىلىنغان . رۇس تۈركلىرى كىلياشتۇرنىي ‹‹ قەدىمكى تۈرك رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر ›› ناملىق كىتابىدا، تۈبۈتچە يازمىدا بايانچۇر قاغاننىڭ bugchor دەپ يېزىلغانلىقىنى ، تۈرك رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەردە Bägčur دەپ يېزىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان . تەيۋەنلىك ئۇيغۇرشۇناس لىۇ يىتاڭ ‹‹ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ›› ناملىق كىتابىدا čor ياكى čur مەنسەپ نامى دەپ يازغان. فرانسىيىلىك تۈركولوگ رېنى گرائود ‹‹ شەرقىي تۈرك خانلىقى ئابىدىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ ... Tchor ياكى Tchour، ھازىرچە بىزدە شەرقىي تۈركلەرنىڭ بۇ ھۆرمەت نامىنى قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلىمىز يوق ، شۇنداقلا بۇ نامنىڭ قانداق مەمۇرىي ۋەزىپىگە تەڭ كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز ›› [24]دەپ يازغان. چور مەنسىبى ئەينى ۋاقىتتا مەنسەپدارلارنىڭ ئىسمىغا ئۇلىنىپ كەلگەن . م: بايانچور (مويونچور) - تەڭرىدە بولمىش ئەل تۇتمىش بىلگە قاغان ( 747-759) ئايچور (阿啜) – قۇتلۇق بىلگە قاغان ( 790- ~ 795 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) كۈلچۇر : رۇس تۈركلىرى بېرنىشتام ‹‹ ئورخۇن يېنسەي تۈركلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ›› دېگەن كىتابىدا küliČur دەپ ترانسكرىپسىيە قىلغان. گېرمانىيىلىك تۈركولوگ گابائىن خانىم ‹‹ قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ گرامماتىكىسى ›› دا küülčur دەپ ترانسكرىپسىيە قىلغان. يازما مەنبەلەردە ئاپىرىنچۇر ، تادىقچور ... قاتارلىق كۆپلىگەن نام ئەمەللەردە ئىسىم بىلەن ئۇلىنىپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ”چور“ دېگەن بۇ مەنسەپ ھەققىدە تارىخشۇناس لىن گەن ‹‹ تۈرك تارىخى ›› ناملىق كىتابىدا، ‹‹ تۈركلەر شەرقىي ۋە غەربىي دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن ، غەربىي تۈركلەرنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون قەبىلىسى يەنە ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى . بىر قىسمى بەش تۇغلۇقلار ، يەنە بىر قىسمى بەش ساداقلىقلار دەپ ئاتىلىپ ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئون قەبىلە دەپ ئاتالغانىدى . بەش تۇغلۇقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئەمەلدار چور .. دەپ ئاتىلاتتى›› . تارىخشۇناس لىن گەن ‹‹ تۈرك تارىخى ›› دېگەن كىتابىدا ئوڭ شادقا تەۋە بەش ساداقلىقلارنىڭ بەش قەبىلىسىنىڭ ئىچىدە ‹‹ ئاسكىل چور قەبىلىسى، قوشۇچور قەبىلىسى بار›› [25] دېيىلگەن. مۇشۇ كىتابتا يېزىلىشىچە، بەش تۇغلۇق قەبىلىسىگە بەش چور تەسىس قىلىنىپ بىر چور بىر قەبىلىنى باشقۇرغان ، بۇ بەش قەبىلە چۇمۇكۇن لۇچور ، قۇيلاۋ كۆلچور ، ئېستى تۇنچور ، تۈرگەش قۇۋلاس چور ، چۇنىس چۇبەن چورلاردىن ئىبارەت . ياڭ شېڭمېي يازغان ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلار ›› دېگەن كىتابتا ‹‹ چور ، بۇ ۋەزىپىنى خاقان جەمەتىدىكىلەر ئۈستىگە ئالاتتى . مەسىلەن ، بايان خاقان بىر چاغلاردا مويۇنچور ئىدى . ئومۇمەن تارىخىي كىتابلاردا ‹چور› خاتىرىلەنگەن جايلا بولىدىكەن ، بۇ كۆپ ھاللاردا قوشۇن باشلاپ جەڭگە ئاتلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولاتتى . شۇڭا چور بىر قاراشقىلا لەشكەر باشقۇرالايدىغان ئەمەلىي ھوقۇق ئىدى . ... چورلارنى خاقانلىقنىڭ قارارگاھى ئەتراپىدا ئەسكەر باشقۇرىدىغان بەگ دېيىشكىمۇ بولاتتى ... چورنىڭ خاقانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى رولى چوڭ ئىدى ..›› [26]دەپ يېزىلغان. ئابلىمىد ئەھەد ، دىلدار مەمتىمىنلەر تۈزگەن ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى››دە ‹‹ چۇر ( تۇرپاندىن تېپىلغان ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي ھۆججەتلەردە) مەرتىۋە ، دەرىجە ، ئەمەل نامى ›› ، ‹‹ چور ( قۇجۇدىن تېپىلغان قەدىمكى تۈركچە مانىي دىنى يادىكارلىقلىرىدا ) مەرتىۋە ، دەرىجە ›› [27] دەپ شەرھىيلىگەن. فرانسىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس جامېس خامېلتوننىڭ يېزىشىغا قارىغاندا، تۈركولوگ گابائىن خانىم ‹‹ čor بىر ئالىي نام ›› [28] دەپ يازغان. ئەنگلىيەلىك تۈركولوگ كلاۋسون 1972 – يىلى لوندوندا نەشىر قىلىنغان ‹‹تۈركىي تىللارنىڭ ئېتىئولوگىيە لۇغىتى››دە ‹‹ čur ~ čor سۆزى بىر خىل ھۆرمەت نامى سۈپۈتىدە قەدىمكى تۈركىي تىلدىكى ئەسلىي مەنبەلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ ...تۈرك رونىك يادىكارلىقلىرىدىكى čur ~ čor ~ čura ~ čora ( ئەنەتكەك تىلىدىكى ئەسكەر ، قەھرىمان مەنىسىدىكى سۆزدىن قەدىمكى پارس تىلىغا كىرگەن ، ياكى خەنزۇچە تىلىدىكى سۆز ) سۆزى ئىشلىتىلىپ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي – مەمۇرىي ئەمەلدارنى ( خاقان بىلەن بەگ ئارىلىقىدا ) كۆرسىتىدىغان ھۆرمەت نامى بولغان ›› [29] دەپ قارىغان . گېرمانىيىلىك تۈركولوگ گابائىن خانىم ‹‹ نۇرغۇنلىغان ئاتالغۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تەبىئىي ئۆزگەرگەن . تۈركلەرنىڭ بوز – قىر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە čor بىلەن šad – بەلكىم مەركىزىي ئاسىيادا كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن - قاغاننىڭ ئەڭ يۇقىرى كۆرۈنەرلىك ۋەزىپىسىدۇر. ئۇيغۇر بوز قىر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە čor نى يەنىلا ‹ مانىيغا مەدھىيە › دېگەن شېئىردا كۆرۈمىز ... ئاپىرىنچور تېگىن – ئاپا- يېنسەي ئابىدىلىرى بىلەن ئورخۇن ئابىدىلىرى دەۋرىگە كەلگەندە بىر ئالىي نامغا ئايلىنىدۇ ، ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە پەقەت ئىسىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ...›› [30] دەپ يازغان . تۈركولوگ كلاۋسوننىڭ يۇقىرىقى قارىشى بىر پەرەزدىنلا ئىبارەت خالاس ، شۇڭا چور نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى ئەنەتكەك ، پارس ۋە خەنزۇ تىللىرىنىڭ بىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ، تۈركلوگلارنىڭ ئۇنىڭ čorنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدىكى قارىشىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ ئىشەنمىگەنلىكى ، باشقا تۈركلوگلارنىڭ بۇ ئېتمولوگىيىگە گۇمان بىلەن قارىغانلىقىدىن بولسا كېرەك . تىلشۇناسلىق تەھلىلى : پروفېسسور لى زېڭشىئاڭ ، پەنلەر كاندىداتى مەترېھىم سايىت ، دوكتور جاڭ تېشەنلەر بىرلىكتە يازغان ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى تىلىنىڭ تەزكىرىسى›› [31] دە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتى بويىچە a تاۋۇشىنىڭ a ، ï ۋە u لار بىلەن ، o تاۋۇشىنىڭ a ، ï ۋە u لار بىلەن ، u تاۋۇشىنىڭ a ، ï ۋە u لار بىلەن ماسلىشىدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتكەن . مۇشۇنىڭغا قارىغاندا بۇ نامنىڭ چورچان ياكى چۇرچان بولىشى مۇمكىن . گېرمانىيىلىك تۈركولوگ گابائىن خانىم ‹‹ قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ گرامماتىكىسى ››دا ‹‹ براھمان يېزىقىدىن باشقا يېزىقلاردا o، ö بىلەن u ، ü نى پەرقلەندۈرىدىغان يېزىق يوق ... بارلىق تۈركىي تىللارغا ئوخشاش قەدىمكى تۈرك تىلىمۇ تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ . بۇ خىل ئاھاڭداشلىق سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن بىلەن بىر قىسىم ئۈزۈك تاۋۇشلاردا مەۋجۇت››[32] دەپ يازغان. مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا تۈرك رونىك يېزىقى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازمىلاردا ئۇچرايدىغان بۇ نامنى چورچان دەپمۇ ، چۇرچان دەپمۇ ترانسكرىپسىيە قىلىش تامامەن مۇمكىن ، شۇڭا بۇ نامنى بەزى ئالىملار čur ، بەزى ئالىملار čor دەپ ترانسكرىپسىيە قىلغان. بىز يۇقىرىقى تىل ئاساسلىرى بىلەن يازما ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق ، مەھمۇد كاشغەرىي بىزگە يەتكۈزگەن ئۇچۇرنىڭ ”چۇرچان“ ۋە ”چورچان“ دېگەن ئىككى خىل شەكىلدە بولىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋردىكى يېزىق ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا ، ئەينى دەۋرلەردە ”چور“ ياكى ”چۇر“ دېگەن شەكىللەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى تاۋۇش جەھەتتىن بەك چوڭ پەرق قىلىپ كەتمەيدۇ . بۇ خىل ئېھتىماللىق ، ھەر بىر ئالىمنىڭ ئەينى دەۋر يېزىق خاتىرىسىنى ترانسكرىپسىيە قىلىشتىكى ئاساسلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىدىن كېلىپ چىققان. ”چورچان“ دېگەن نامنىڭ تۈركىي تىلدىكى مەنسەپ ، مەرتىۋە نامى بولغان ”چور“ ياكى ”چۇر“ دىن كېلىپ چىققانلىقىنى تۆۋەندىكىدەك ئاساس بىلەن كۆرسىتىمىز. بىرىنچى : خانلىق نامى ئۇتۇش خانلىققا ئولتۇرغاندا ئاندىن بارلىققا كەلگەن . ”چور“ ياكى ”چۇر“ كېيىنكى دەۋرلەردىكى يازما ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا ، بىرەر قەبىلىنىڭ ياكى يەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئەمەلدارىنىڭ نامى بولغان . ئىككىنچى : 鄯 دەستلەپ بىر شەھەرنىڭ نامى ئىدى ، شۇنىڭدىن كەلگەن دېيىلگەن ، بۇ ئېھتىماللىق چوڭ ئەمەس ، ئەۋۋەل ھۆكۈمدار – چور ئوتتۇرىغا چىققان ، چورچان نامى ئۇنىڭدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن . بۇ ئۇچۇرنى باشقىچە چۈشەنسەك ، خەن سۇلالىسى ئۇتۇشقا بەرگەن تامغىغا 鄯 دەپ يېزىلغان ، بۇ ئەينى دەۋردە ”چور“ ياكى ”چۇر“ نىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى ئىدى دەپ قارايمەن . چۈنكى ، ئۇ شۇ يەرلىك خەلققە شۇلار چۈشىنىدىغان نام بىلەن ئاتىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بولىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن . شۇنداق ئېھتىماللىقنى ئوتتۇرىغا قويىمەنكى ، ئۇتۇش خانلىققا ئولتۇرغاندا ”چور“ ياكى ”چۇر“ دېگەن نامدا ئاتالغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىن كېيىنكى تارىخىي جەرياندا ”چور“ ياكى ”چۇر“ تۇرغان شەھەر ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە ”چان“ قوشۇلۇپ ”چورنىڭ تۇرىدىغان يېرى “ دېگەن مەنىدىكى جاي نامى ”چورچان“ بولۇپ ئومۇملاشقان. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا بۇ خىلدىكى ناملار بولغان ، مەسىلەن : خاقانىيە ، خانبالىق ، قاتۇنسىنى ، ئىدىقۇت شەھىرى ، ئوردۇكەنت ، خانئۆي .... چەرچەن نامى ئەسلىدە چورچان نامىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن ، ئۇنداقتا چاقىلىق ناھىيىسىنى مەركەز قىلغان بۇ خانلىقنىڭ نامى قانداقچە ھازىرقى چەرچەنگە نام بولۇپ قالغان؟ خەنزۇچە كلاسسىك تارىخ كىتابلىرىغا قارىغاندا ، ھازىرقى چەرچەن مىلادىيەنىڭ بېشىدا چالمادانا (سارمادان) دەپ ئاتالغان ۋە خەنزۇچە 且末 دەپ يېزىلغان . ‹‹خەننامە››دىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا ، ‹‹ ياڭگۇەن قوۋۇقىدىن چىقىپ ئالدى بىلەن بارىدىغان يېقىن جاي 婼羌 ( ھازىرقى چاقىلىق بازىرى) بولۇپ چاڭئەنگىچە 6300 چاقىرىم ، 鄯善 (چاقىلىق ناھىيە مىرەن كونا شەھىرى) چاڭئەنگە 6100 چاقىرىم ، 且末 ( ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسى) چاڭئەنگە 6820 چاقىرىم ، 小宛 ( نىيا ناھىيە ئەندىر كونا شەھەر خارابىسى ) چاڭئەنگە 7210 چاقىرىم ، 精绝 (نىيا ناھىيىسى تەۋەسى) چاڭئەنگە 8820 چاقىرىم دەپ خاتىرىلەنگەن . مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ( ئەينى ۋاقىتتىكى بىر چاقىرىم 445 مېتىرغا تەڭ ) ، مىرەن كونا شەھىرىدىن چاقىلىق بازىرى ( 200 چاقىرىم = 89 كىلومېتىر) ، 鄯善 دىن 且末 گىچە ( 720 چاقىرىم = 320 كىلومېتىر ) ، 且末دىن 小宛 گىچە (390 چاقىرىم = 173 كىلومېتىر) كېلىپ چىقىدۇ، مانا مۇشۇ مۇساپە مەنزىللەر ھازىرقى ئارىلىقلار بىلەن يېقىن كېلىدۇ ، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. شۇڭا ، مىلادىيەنىڭ بېشىدىكى چەرچەن ( بىز يۇقىرىدا دەۋاتقان چورچان ) ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە ئىكەنلىكىنى ، مىلادىيە 445 – يىلى بەگروڭ باشلىغان 4000 ئائىلىلىك ( 20 مىڭدىن ئارتۇق) تىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئەينى چاغدىكى چالماداناغا كۆچۈشى بىلەن جاي نامىنىڭ كۆچكەنلىكىنى ، ئەسلىدىكى جاي نامى چالمادانانىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ھالدا چەرچەن نامىنىڭ ئالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. بۇ يەردە يەر ناملىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان نىۇ رۇچىن ۋە نىۇ رۇجىلارنىڭ ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›› تىكى جاي ناملىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىدىن، چەرچەن نامىغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى كۆرسەك ‹‹ qurqan (丘尔羌) - qərqən ، ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ناھىيە بازىرى ، يەنە بىر قاراشتا ھازىرقى ناھىيە بازىرى بىلەن تاتراڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا . 且末 يەنە چەرچەن دېيىلىدۇ . بۇ يەر ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە چەرچەن (鄯善) تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان ، 鄯善 ، 车尔臣 لەر ئېھتىمال qurqan (丘尔羌) نىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشى بولىشى مۇمكىن . خەن دەۋرىدىكى鄯善 ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە ، بۇ ھازىرقى پىچان ناھىيىسى (鄯善县) بىلەن ئوخشاشمايدۇ ›› [33]دەپ خۇلاسە قىلىنغان. بىز يۇقىرىدىكى بايانلىرىمىز ئارقىلىق 鄯善 نامىنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىن باشلاپ قوللىنىلغانلىقىنى ، بۇ نامنىڭ دەستىلەپ چاقىلىق ناھىيىسىنى مەركەز قىلغان يەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ نامى بولغانلىقىنى ، مىلادىيە 5 – ئەسىردىن باشلاپ تەدرىجىي چالمادانا (سارمادان) نامىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ھازىرقى چەرچەننىڭ نامىغا ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم . ھازىرغىچە قۇربان ۋەلى كروران ، خۇاڭ شېڭجاڭ ، خۇدابەردى سېلىم ... قاتارلىق ئالىملار 鄯善 نامى بىلەن چورچان نامىنىڭ بىر نامنىڭ باشقا – باشقا تىل يېزىقلاردىكى خاتىرىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن . ھازىرقى كۈندە 鄯善 تۇرپان ۋىلايىتىدىكى پىچان ناھىيىسىنىڭ خەنزۇچە نامىغا ئايلانغان ، ئۇنداقتا بۇ قانداق ئىش ؟ چىڭ سۇلالىسى 1902 – يىلى پىچان ناھىيىسىدە ناھىيە تەسىس قىلغان ، 1902 – يىلىدىن بۇرۇن خەنزۇچە كىتابلاردا پىچان ناھىيىسى 蒲昌 ۋە 辟展 دەپ خاتىرىلىنىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى پىچاندا ناھىيە تەسىس قىلغاندا ، ‹‹خەننامە›› دىكى 鄯善 نى خاتا ھالدا ھازىرقى پىچان دەپ قارىغانلىقتىن، ناھىيە نامىنى 鄯善 دەپ بېكىتكەن . چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن ‹‹ پىچان ناھىيىسىنىڭ يۇرت تەزكىرىسى››دە ‹‹鄯善 ناھىيىسى گۇاڭشۈنىڭ 29 – يىلى تەسىس قىلىنغان ... خەن دەۋرىدىكى كروران ئېلىدۇر. ... جاۋدى سەلتەنەتى يۈەنفېڭنىڭ 4 – يىلى ئەلنامىنى鄯善 گە ئۆزگەرتكەن . ... گۇاڭشۈنىڭ 2 – يىلى 辟展巡检 لىكى تەسىس قىلىنغان ۋە تۇرپاننىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان . 鄯善 ناھىيىسى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن ناھىيە مەركىزىنىڭ نامى 辟展 دىن 鄯善 گە ئۆزگەرتىلگەن ۋە تۇرپان ۋازارىتىگە تەۋە بولغان ›› [34]دېيىلگەن . ‹‹光绪朝东华录 ›› نىڭ 175 – جىلىدىدا ‹‹...辟展巡检 ... ناھىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى . بۇ جاي قەدىمكى 鄯善 ئېلى بولغاچقا 鄯善 ناھىيىسى دەپ ئاتالدى... ›› [35]دېيىلگەن. بىز بۇ ھەقتىكى قاراشلارغا يەر ناملىرى ۋە مەمۇرىيەت ئۆزگىرىشى تەتقىقاتى بىلەن كۆپ شۇغۇللانغان يۈ ۋېيچىڭنىڭ ‹‹ بۈگۈنكى پىچان ناھىيىسى ئەسلىدە غەربىي دىياردىكى 36 ئەلنىڭ ئىچىدىكى قۇتقۇ ئېلى ئىدى . 鄯善 غەربىي دىياردىكى 36 ئەلنىڭ ئىچىدىكى 鄯善 ئېلى بولۇپ ، ھازىرقى پىچاندا بولماستىن ، چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە ئىدى ›› [36]دېگەن بايانىنى خۇلاسە بايان قىلىشقا بولىدۇ . ئەمدى چەرچەن نامى جورجان سۆزىدىن كېلىپ چىققان دېگەن قارتاش توغرىسىدا توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە ياخشى ئىزلەنگەن بولسىمۇ چىقىرىلغان ھۆكۈم تازا مۇۋاپىق بولمىغان دېيىشكە بولىدۇ . مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ” جرجان“ دەپ يازغان . ئەلۋەتتە ئەرەب يېزىقىدا ج بىلەن چ تاۋۇشلىرى بىرلا ھەرب بىلەن يېزىلغانلىقتىن ، بۇنى خۇددى ئالىملار ترانسكرىپسىيە قىلغاندەك qurqan دېيىش كېرەكمۇ ياكى ‹‹ جورجان›› دەپ ئوقۇش كېرەكمۇ ؟ بۇنىڭغا يەنىلا پاكىت جاۋاب بېرىدۇ . مەھمۇد كاشغەرىيدىن بىر ئەسىر كېيىنگە مەنسۇپ ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە CHARCHAN دەپ ، شۇ مەزگىلدىكى خەنزۇچە يازمىدا 廛阇 ( [ţşəţş́ ân] دەپ ئوقۇلىدۇ) دەپ يېزىلغان. مەھمۇد كاشغەرىيدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى دەۋردە يەنى تۈبۈتلەر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى تۈبۈتچە يازمىدا Carcan دەپ يېزىلغان . مەن مانا مۇشۇ پاكىتلارغا ئاساسەن ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يېزىشىدىكى ‹‹ جورجان›› نى چۇرچان دەپ ئوقۇش تامامەن توغرا بولغان . ھېچ بىر مەنبەدە چەرچەننىڭ جورجان دېيىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان پاكىت يوق ( ‹‹ تارىخى رەشىدىي››دىكى جاي نامىنى Jurjān دەپ ئوقۇش پەقەت ئوقۇشتىكى سەۋەنلىكتىن ئىبارەت . ئۇيغۇر كلاسسىك يازمىلىرىدا ۋە خەنزۇچە يازمىلاردا چەرچەن ھېچقاچان جورجان دېيىلمىگەن ، ئەكسىچە ئۇيغۇرچە چەرچەن ، خەنزۇچىدا 廛阇، 车尔成 ، 卡墙 سەپ يېزىلغان. ئەمدى جورجان دېگەن قەبىلە مەسىلىسىگە كەلسەك ، ھازىر كىشىلەر جورجان دەپ ئاتىغان قەبىلە ئالتاي تىل سىستېمىسى توڭغۇس تىللىرى گۇرۇپپىسىدىكى خەلق بولۇپ خەنزۇچە كلاسسىك تارىخلاردا رورانلار دەپ يېزىلغان . خەنزۇچە تارىخ كىتابلىرىدىكى 柔然 )ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقىغا ئوخشاش ئۇقۇلغان)، 蠕蠕 ، 芮芮، 茹茹 دەپ يېزىلغان . بۇ خەتلەرنىڭ ئەينى دەۋرلەردىكى تەلەپپۇزى ‹‹روران››غا يېقىن كېلىدۇ . بۇ قەبىلە غەربكە كۆچۈپ ، ياۋروپادا ياشىغاندىن كېيىن ياۋروپالىقلار بىلەن ئالاقە قىلغان ، مىلادىيە 6- ، 7 – ئەسىرلەردىكى غەرب مەنبەلىرىدە ئابار ـ ئاۋار دېگەن نامدا خاتىرىلەنگەن . ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاۋارلار بىلەن رورانلارنىڭ بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ ، ھازىر ئاساسەن قوبۇل قىلىنغان قاراشتۇر. ئۇنداقتا رورانلارنى جورجان دېيىش قانداق كېلىپ چىققان؟ بۇ ئەمەلىيەتتە ، 柔然 دېگەن نامنىju-jen دەپ ئوقۇش ۋە بۇنى موڭغۇل تىلىدىكى سۆزىگە ju‵sun تەڭلەشتۈرۈشتىن كېلىپ چىققان ، ئەمما ھازىر بۇ خخل يەشمىسى قوبۇل قىلىدىغانلار ئاز. ئالىملار تەتقىقاتلار ئارقىلىق رورانلار دېگەن بۇ نامنىڭ ھاكىمىيەت نامى ئىكەنلىكىنى ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى رورانلار دەپ ئاتىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ‹‹ جۇرجان بىلەن چەرچەننىڭ مۇناسىۋىتى›› دېگەن ماقالىدە كۆرسىتىلگەندەك ، رورانلارنىڭ تارىم ۋادىسىغا قەدەم بېسىشى مىلادىيە 450 – يىلىدىن كېيىنكى ئىش .

بىز يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك ، چەرچەن نامى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1 – ئەسىردە قوللىنىشقا باشلىغان. مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئالغاندا چەرچەن نامىنى رورانلارغا باغلاش ( روران نامىنى جورجان دەپ تونۇش ئارقىلىق ) تازا مۇۋاپىق بولمىغان بولىشى مۇمكىن . رورانلار ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى ، كېلىپ چىقىشى ھەققىدە جو ۋېيجونىڭ ‹‹ چىلى ۋە روران ›› ، ياپون ئالىملىرى تۈزگەن ‹‹ شىمالدىكى مىللەتلەر تارىخى ۋە موڭغۇل تارىخىغا ئائىت تەرجىمىلەردىن توپلام ›› دېگەن كىتابلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلارغا مۇراجەت قىلىش مۇمكىن ، ئەلۋەتتە مۇندىن باشقا خېلى كۆپ ماتېرىياللارمۇ بار. مەن يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ، چەرچەن نامىنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى بارلىققا كەلگەن . ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمران بولغان ئۇتۇش چور ياكى چۇر دېگەن مەنسەپ نامىدا ئاتالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تۇرىدىغان يۇرت چورچان ( چورنىڭ تۇرىدىغان يېرى ) دەپ ئاتالغان. بۇ نام ئەينى ۋاقىتتا ئۇتۇشنى خانلىققا يۆلەپ چىقارغان خەن سۇلالىسىنىڭ يازمىلىرىدا خاتىرىلەنگەن . ئەجەبلىنەرلىكى مۇشۇ خانلىقنىڭ ھاكىمىيەت يېزىقى بولغان قارۇشتى يېزىقىدىكى يازمىلاردا كۆرۈلمەيدۇ. بىز گەرچە چور مەردىۋىنىڭ ( ياكى ئالىي ھۆرمەت نامىنىڭ ) دەسلەپكى خاتىرىلىرىنى مىلادىيە 7 – ئەسىرلەردىن باشلاپ كۆرسەكمۇ ، ئۇنى قەدىمدىن كەلگەن تارىخىي ئاتالغۇ دېيىشكە بولىدۇ . بۇ نام مىلادىيە 445 – يىلىدىن باشلاپ ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ كۆچۈشى سەۋەبلىك تەدرىجىي ھالدا ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسىگە نام بولغان ۋە تۈرلۈك يېزىقلاردا ئاشۇ نامغا تەلەپپۇزى يېقىن كېلىدىغان ھەرپلەر بىلەن ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىپ خاتىرىلەنگەن . مۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان ئۇيغۇر ئەللامىسى مەھمۇد كاشغەرىي نىڭ خاتىرىسى ئەڭ توغرا خاتىرە شۇنداقلا بۇ سىرنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ ، بىزگە ئۈنۈملۈك ئۇچۇر قالدۇرغان . بۇ نام 2100 يىلدىن بۇيان مۇشۇ يەرلىك خەلق تەرىپىدىن قوللىنىلىپ كەلمەكتە. مۇشۇ ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا بەزى تاۋۇشلاردا ئۆزگىرىش بولۇپ ھازىرقى نام چەرچەنگە ئايلانغان.

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرىدىن قۇرۇق تاغ قىيا تاش رەسىملىرى، زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبىلىلەر قەبرىستانلىقى، چالمىدان قەدىمكى شەھىرى قاتارلىقلار بار. ئالتۇنتاغ تەبىئىي قوغداش رايونىدا چەرچەن ئوۋچىلىق مەيدانى تەسىس قىلىندى، ئۇ ئىكسپېدىتسىيە، ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي.

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

مەنبەلەر[تەھرىر]

  1. چەرچەن نامى ھەققىدە ئىزدىنىش،غالىب بارات ئەرك
  2. بەن گۇ ‹‹ خەننامە›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 852- ، 853 –، 859 - بەتلەر
  3. ‹‹ قەدىمكى دەۋردىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىلىرى ( تاللانما ۋە شەرھ )›› نىڭشا خەلق نەشرىياتى 1987 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 32 – بەت
  4. چىۇ لىڭ تۈزگەن ‹‹ لوپنۇرغا ئائىت ماتېرىياللاردىن ئۈزۈندە توپلام ›› ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ›› ژۇرنىلى 1992 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 13 - بەت
  5. ‹‹ بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى›› 1999 – يىلى يېلۇ نەشرىياتى خەنزۇچە نەشرى 702- بەت
  6. ئىبراھىم مۇتئى ‹‹ تەكلىماكان ئەتراپىدىكى شەھەرلەر ›› ‹‹ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى›› 1997 – يىللىق ئۇيغۇرچە 3 – سان 65 – بەت
  7. ‹‹ ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى جىننامە سۇڭنامە ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى ، 147 - ، 712- بەتلەر
  8. ‹‹ غەربىي يۇرت تارىخىي ماتېرىياللىرى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 357 –، 415-، 416 – بەتلەر
  9. ‹‹ غەربىي يۇرت تارىخىي ماتېرىياللىرى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 357 –، 415-، 416 – بەتلەر
  10. قۇربان ۋەلى ‹‹ بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز ›› شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1986 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 227- ، 228 – بەتلەر
  11. مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1- توم 567 –186 –بەتلەر
  12. ئابىتاكىئو ‹‹ غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتى تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 349 – بەت
  13. ‹‹ ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 88- ، 89 – بەتلەرگە قاراڭ
  14. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانى ‹‹ تارىخى رەشىدىي – ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇللىرىنىڭ تارىخى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 155 – بەت
  15. ‹‹ تارىخىي كاشغەر- چىڭگىزنامە›› قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 76 – بەت
  16. سىتەيىن ‹‹ نىيا خارابىسىنى قېزىش ›› گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى نەشرىياتى 2000 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 240 – بەت
  17. سېن جوڭمىيەن ‹‹خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسىدىكى جۇغراپىيىلىك بايانلارنى شەرھىيلەش ›› جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 1981 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 11 – بەت
  18. خۇاڭ شېڭجاڭ ‹‹ كروران ئېلىنىڭ دەسلەپكى پايتەختى كروران شەھىرى بىلەن LE شەھىرى مەسىلىسى ›› ‹‹ مەدەنىيەت يادىكارلىقى ›› ژۇرنىلى 1996 – يىللىق 8 – سان 66 – بەت
  19. مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1- توم 567 –186 –بەتلەر
  20. مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1- توم 567 –186 –بەتلەر
  21. مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1- توم 567 –186 –بەتلەر
  22. مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 3 – توم 48 – بەت
  23. كونونوۋ ‹‹ 7 ~ 9 – ئەسىرلەر تۈرك رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر تىلىنىڭ گرامماتىكىسى›› ‹‹ تۈركىي تىللار تەتقىقات خەۋىرى ›› 1987 – يىللىق 1~2 سان ، خەنزۇچە، 41 – بەت
  24. رېنى گرائود ‹‹ شەرقىي تۈرك خانلىقى ئابىدىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ›› ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئىنۇستۇتى 1984 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 106 – بەت
  25. لىن گەن ‹‹ تۈرك تارىخى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 105 –، 257 – بەتلەر
  26. ياڭ شېڭمېي ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلار ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 170 – بەت
  27. ]ئابلىمىت ئەھەد ، دىلدار مەمتىمىنلەر تۈزگەن ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى›› شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1989 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 212- ، 214 – بەتلەر
  28. جامېس خامېلتون ‹‹ بەش دەۋر ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986- يىلى خەنزۇچە نەشرى 105 – بەت
  29. كلاۋسون ‹‹ تۈركىي تىللارنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتى ›› 1972 – يىلى لوندون نەشرى ، كونونوۋ ‹‹ 7 ~ 9 – ئەسىرلەر تۈرك رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر تىلىنىڭ گرامماتىكىسى››دىكى نەقىلدىن ئېلىندى. ‹‹ تۈركىي تىللار تەتقىقات خەۋىرى ›› 1985 – يىللىق 3~4 سان ، خەنزۇچە 29 – بەت
  30. گابائىن ‹‹ قوجۇ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرمۇش ›› تۇرپان شەھەرلىك تەزكىرە تەھرىر ئىشخانىسى 1989 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 47 - بەت
  31. لى زېڭشىئاڭ ، مەترېھىم سايىت ، جاڭ تېشەنلەر ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى تىلىنىڭ تەزكىرىسى›› شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى 1999 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 80 – بەت
  32. گابائىن ‹‹ قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ گرامماتىكىسى ›› ئىچكى موڭغۇل مائارىپ نەشرىياتى 2004 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 42 –، 49- بەتلەر
  33. ‹‹ ‹ تۈركىي تىللار دىۋانى› تەتقىقاتىغا ئائىت ماقالىلەردىن توپلام ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 191 – بەت
  34. ‹‹ شىنجاڭ يۇرت تەزكىرىلىرىدىن 29 خىلىنىڭ توپلامى ››غا قاراڭ
  35. ‹‹ شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللاردىن تاللانمىلار ›› خەلق نەشرىياتى 1987 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 537 – بەت
  36. يۈ ۋېيچىڭ ‹‹ شىنجاڭ مەمۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 31 – بەت



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى