بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى

بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئالتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. بۇرۇلتوقاينىڭ يەر مايدانى 33،273 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 70،000.

تارىخ[تەھرىر]

بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارنىڭ زېمىنى بولغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 28 - يىلى (3176 - يىلى) قوبرۇخان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ توڭجى 6 - يىلى (1867 - يىلى) بۇرۇلتوقاي خان ئامبىلىغا قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 32 - يىلى (1906 - يىلى) ئالتاي خان ئامىبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 3 - يىلى (4191 - يىلى) بۇرۇلتوقاي باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 11 - يىلى (9221 - يىلى) دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ ناھىيە قىلىنغان. مىنگونىڭ 31 - يىلى (1942 - يىلى) بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىنىڭ خەنزۇچە (布伦托海) نامى <福海> دەپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە، ئېرتىش دەرياسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى كۆكتوقاي ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى قۇبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى، جىمىنەي ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى سانجى شەھىرى، مىچۈەن ناھىيىسى، فۇكاڭ شەھىرى بىلەن، شىمالىي تەرىپى ئالتاي شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىي شىمال تەرىپى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى 50 كىلومېتىر). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 350 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 25 ~ 50 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 31 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر. بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىگە 1 بازار، 5 يېزا، 64 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10 - شىسىنىڭ 5 تۇەن - مەيدانى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 602 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 78 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلاچ 29.24% نى خەنزۇلار 67.0% نى، باشقا مىللەتلەر 3.76% نى تەشكىل قىلىدۇ. يەر تۈزلۈشى پەلەمپەيسىمان بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا قىيپاش كەتكەن تاغلىق، تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 10.8% نى، تۈزلەڭلىك 71.1% نى، قۇملۇق 1.19% نى تەشكىل قىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە 10 چوڭ تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ بىرى بولغان ئۈلۈڭگۈر كۆلى (بۇرۇلتۇقاي كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە ئېرتىش دەرياسى، ئۈلەڭگۈر دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككىى چوڭ سۇ سىستېمىسى بار. باقمىچىلىق سۇ يۈزى كۆلىمى 1 مىليون 500 مىڭ مو. سازان بېلىق، پامپۇس بېلىقى، سۈمۇل بېلىقى، شەرق فوگۇ بېلىقى، ئالا ئىتبېلىق قاتارلىق 19 خىل بېلىق چىقىدۇ. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 722 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 515 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانلاردىن قۇندۇز، موڭغول ياۋا ئېشىكى، يىلپىز، سۆسۈن بۇلغۇن، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، بۇغا، قۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈكتىن مامۇرانچىن، توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا، قۇرۇتئوت قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، چىرىمتال، ئالتۇن، تۇز، ياقۇت، بېرىللىي، ئۇران، كۋارتىس تاش، نېفىت قاتارلىقلار بار. بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 3.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 39.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 42.7℃. كۈن نۇرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2889.9 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2890.7. قىروسىز مەزگىلى 144 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 112.7 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1844.4 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلىرى بىرقەدەر تەرەققىي تاپقان. ھازىر 25 مىڭ 900 گېكتار (383 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 42 مىڭ 090 گېكتار (643 مىڭ مو) ئورمانلىق، 1 مىليون 577 مىڭ 700 گېكتار (23 مىليون 665 مىڭ مو) ئوتلاق بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى كۆپ چىقىدۇ، چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى ئولتۇراقلىشىپ بولدى. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، قىزىلچا قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن شېكەرچىلىك، ئالتۇنچىلىق، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

دۆلەت بويىچە 2 - دەرىجىلىك ئېچىۋېتىلگەن ئېغىز - قىزىلتاغ ئېغىزى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا قىلىشىدىغان مۇھىم يولدۇر. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن ئارشاڭ جىلغىسى مەنزىرلىك رايونى بار. بۇ رايوننىڭ تەبىئىي مۇھىتى گۈزەل، ئۆزگىچە، جىلغا ئىچىدىكى ئىسسىق ئارشاڭ، سۈت ئاشاڭ، ئاشقازان ئارشىڭى قاتارلىق ئارشاڭلار كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ، ئۇ كەم ئۇچرايدىغان سەگىدەيدىغان، سەيلە قىلىدىغان، داۋالىنىدىغان ياخشى جاي.

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى