ئارا تۈرۈك ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

ئارا تۈرۈك ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قۇمۇل ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. ئارا تۈرۈكنىڭ يەر مايدانى 19،511 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا ، ئۇنىڭ نۇپۇسى 20،000.

تارىخ[تەھرىرلەش]

خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۈگۈنكى قۇمۇل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى خەنزۇچە <يىۋۇ> (ئاراتۈرۈك) دەپ ئاتايتتى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) چىڭ ئوردىسى قۇمۇل كاتبېشى يۈسۈپنى ۋاڭ قىلىپ تەيىنلەپ، ھازىرقى ئارتۈرۈك ناھىيىسى تەۋەسىنى ئۇنىڭغا سۇيۇرغاللىق يېرى قېلىپ بەرگەن. مىنگونىڭ 19 - يىلى (1930 - يىلى) ئارتۈرۈك تەپتىش ئىدارىسى تەسىس قىلىنىپ، ۋاڭ ئوردىسىغا قاراشلىق جايلاردىكى ئاھالىلەرنى باشقۇرغان. مىنگونىڭ 24 - يىلى ( 1935 - يىلى) باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنىپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ فونكىسىيىسىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزگەن. مىنگونىڭ 32 - يىلى (1943 - يىلى) قۇمۇل ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئارتۈرۈك ناھىيىسى قىلىپ قۇرۇلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ، قۇمۇل ۋالىي مەھكىمىسى، قۇمۇل ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

ئارتۈرۈك ناھىيىسى شەرقىي تەڭرىتاغنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 243 كىلومېتىر). شەرقىي جەنۇب تەرىپى گەنسۇ ئۆلكىسى بىلەن، جەنۇبىي قۇمۇل شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 215 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 175 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 19 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، ئالتە يېزا، 26 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇمۇل دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نوم كۆلى دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئارتۈرۈك ھەربىي ئات فېرمىسى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 741 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 18 مىڭ 600، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 45.72% نى، خەنزۇلار 48.35% نى، باشقا مىللەتلەر 5.93% نى تەشكىل قىلىدۇ.  ناھىيىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي تەرىپى ئېگىز، شەرقىي تەرىپى پەس، تاغ يېرى 12.8% نى، ئېدىرلىق 27.3% نى، تۈزلەڭلىك، چۆل 59.9% نى ئىگىلەيدۇ. مۇزلۇقتىن 63ى، چوڭ - كىچىك دەريادىن 23ى بار. تاغ ئارىسىدا 26 يەردە بۇلاق بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 72 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۇ بايلىقى 542 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، ياۋا تۆگە، قۇلن، قاراتايغان بوغا، قوڭۇر ئېيىق، ياۋا چوشقا، ئارقار، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك ۋە باكتېرىيە بايلىقىدىن چاچ سەي، موگۇ، قارلەيلىسى، چاكاندا، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىردىن گىلائۇبىر تۇزى، كۆمۇر، تۇز، ئالتۇن، تۆمۈر، گرانت قاتارلىقلار بار. ئارتۈرۈك ناھىيىسى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 3.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپراتۇرىسى 32.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 31.9℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاران 1.3 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3248.5 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2059.4℃، قىروسىز مەزگىلى 154 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 89.0 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2317.8 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 12300 گېكتار (184 مىڭ 500 مو). ئورمان كۆلىمى 48 مىڭ 700 گېكتار (731 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 558 مىڭ 300 گېكتار ( 8 مىليون 375 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 22 مىڭ 700 گېكتار (340 مىڭ مو) قاقاس يەر، ئورمان بىنا قىلىشقا باب كېلىدىغان 3300 گېكتار ( 50 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، پاختا، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، تۆگە ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى، كۆكۆر، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. ئارتۈرۈك ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى ھەر تەرەپكە تۇتىشىدۇ. 1000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

  • ئارا تۈرۈك بازىرى (伊吾镇)
  • تۇزكۆل بازىرى (盐池镇)
  • نوم بازىرى (淖毛湖镇)
  • ئاداق يېزىسى (苇子峡乡)
  • باي يېزىسى (下马崖乡)
  • توخۇلۇ يېزىسى (吐葫芦乡)
  • نېرىنكىر قازاق ئاپتونوم يېزىسى (前山哈萨克族)(نارىنكىر قازاق اۋىلى‎)

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

ئارا تۈرۈك ناھىيىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
ئۇيغۇرلار
47.3%
خەنزۇلار
26.6%
قازاقلار
21.9%
خۇيزۇلار
3.9%
باشقا مىللەتلار
0.3%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [1]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن كارساڭ خارابىسى، بار قەدىمكى شەھىرى خارابىسى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن سارچوقا، غول (بەچىر)، توڭگۇز، كۆتەل، قارلىق چوققا قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى


  1. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.