پوسكام ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
پوسكام ناھىيىسى

پوسكام ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەسقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. پوسكامنىڭ يەر مايدانى 985 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 180،000.

تارىخ[تەھرىر]

پوسكام خەن سۇلالىسى دەۋرىدە قەدىمىي يەكەن دۆلىتىنىڭ بىر كەنتى ئىدى. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە سۇلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جوجوف دۆلىتىگە، كېيىن ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يەكەننىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 30 - يىلى (1904 - يىلى) قاغىلىق ناھىيىسىگە ئايرىپ بېرىلگەن. مىنگو 10 - يىلى ( 1921 - يىلى) قاغىلىق ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ پوسكام ناھىيىسى قىلىپ تەسىس قىلىنغان ھەم قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو 32 - يىلى ( 1943 - يىلى) 10 - مەمۇرىي رايون ۋە يەكەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەكەن ۋالىي مەھكىمىسىگە، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە، قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

پوسكام ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە، زەرەپشان دەرياسىنىڭ يەلپۈگۈچسىمان تىنىمىسىغا جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى، شىمال تەرىپى يەكەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 61 كىلومېتىر. غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقىچە بولغان كەڭلىكى 14 - 23 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 1096.2 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر رايون، 2 بازار، 10 يېزا، 133 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1447 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 153 مىڭ 900 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 74.73% نى، خەنزۇلار 22.68% نى، باشقا مىللەتلەر 2.59% نى تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا پەسىيىپ بارىدۇ. تۈزلەڭلىك يېرى 67.5% نى، چۆللۈك 22.5% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە زەرەپشان دەرياسى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 550 مىليون كۇب مېتىر ئەتراپىدا، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەرئاستى سۇ زاپىسى 633 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتتىن ساي تۈلكىسى، ئىپپار چاشقىنى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقى بىرقەدەر مول، بۇنىڭ ئىچىدە چۈچۈكبۇيا كەڭ تارقالغان. قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت ۋە كۆمۈر بار. پوسكام ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 38.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 23.0℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2659.7 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 49.0 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2228.2 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 24 مىڭ 200 گېكتار (362 مىڭ 400 مو) تېرىلغۇ يەر، 6200 گېكتار (93 مىڭ مو) ئورما، 5300 (75 مىڭ 700 مو) ئوتلاق، 8600 گېكتار (128 مىڭ 900 مو) سۇ يۈزى، 3300 گېكتار (50 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 1200 گېكتار (17 مىڭ 500 مو) ئورمانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، ئالما، ئامۇت، ياڭاق، بادام، چىلان ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن پاختا توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، سۇلياۋ بۇيۇملىرى ئىشلەش قاتارلىقلار بار. پوسكام ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت يولى 315 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاسفالىت يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. نۇر كابىللىق خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى، پروگراممىلىق تېلېفون ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

يېزلەر (بەخشلەر) ۋە بازارلىرى[تەھرىر]

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

پوسكام ناھىيىسىدە ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك AAAAA دەرىجىسىدە ئالتۇن توغراق تەبئىي توغراقلىق ساياھەت ئورنى.(泽普金胡杨国家森林公园 ) ، چىنار باغچىسى (法桐公园 ) ، خەلق باغچىسى، خەلىق مەيدانىدىن ئىبارەت بىر قانچە سايھەتئورۇنلىرى بار.

ئالتۇن توغراق[تەھرىر]

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى


پوسكام ناھىيىسى [ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ] دائىرسدى ئىچىدىكى بىر ناھىيە