كەلپىن ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
كەلپىن ناھىيىسى

柯坪县.Kelpin County

كەلپىن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ۋىلايەت ئاقسۇ ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 3 دانە
يېزا سانى 2 دانە
نوپۇس (2015-يىل) 55,425 [1]
يەر مەيدانى 8,977 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 997 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新N

كەلپىن ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Kelpin Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. كەلپىن ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە، تەڭرىتاغ تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى، ئاۋات ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقچى ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 151 كىومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 110 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى ئون مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر يېزا، ئۈچ يېزا، 24 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1154 كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيىسى قارمىقىدا 3 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 كەلپىن بازىرى Kelpin Baziri Kelpin Town 柯坪镇 6 6.5
2 گەزلىك بازىرى Gezlik Baziri Gezlik Town 盖孜力克镇 9 11.2 9.93
3 ئاچال بازىرى Achal Baziri Achal Town 阿恰勒镇 7 7.3 2,696.8

ئىزاھات:

  • ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيىسى قارمىقىدا 2 دانە يېزا بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 يۇرچى يېزىسى Yürchi Yézisi Yurchi Township 玉尔其乡 7 11 3,176.4
2 چىلان يېزىسى Chilan Yézisi Chilan Township 启浪乡 9 6.5 ?

ئىزاھات:

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قىيپاش بولۇپ، تاغلىق رايون، ئويمانلىق ۋە تىنما تۈزلەڭلىك ئۈچ قىسمدىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 72.4% نى، تۈزلەڭلىك 27.6% نى ئىگىلەيدۇ. كەلپىن دەرياسى بىلەن قىزىلقۇم دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى بۇلاق سۈيى دەرياسى بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى 83 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 143 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن بۆرە، تۈلكە، ياۋا توڭگۇز، ئارقار، سۇغۇر، ئاق بوغۇز بۆكەن، توشقان، بۈركۈت، ئۇلار، تاغ كەكلىكى قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن يۇلغۇن، ئاق سۆگەت، قوڭغۇراق تىكەن، ياپىلاق ئاچا، كۆك ئەمەن، لوپنۇر كەندىرى، قومۇش قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن گۈڭگۈرت، تۆمۈر، مىس، ئاليۇمىن، فوسفور، سىنك، ئۇران، كۆمۈر، سىڭىرتاش، كۋارتس، سۇ كىرىستالى، قاشتېشى، ھېقىق، ھاك تاش، ئىسلاندىيە شىپاتى، بازالىت قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 6500 گېكتار ( 97 مىڭ 500 مو)، ئەمەلىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5000 گېكتار (75 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان، 100 مىڭ گېكتار (1 مىليون 500 مىڭ مو)، چارۋىچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان، ئورمان بىنا قلىشقا كېلىدىغان بوزيەر كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم 66 مىڭ 700 گېكتار (1 مىليون مو)دىن توغرا كېلىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، پاختا، ياغلىق دان قاتارلىقلار بار. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، سۇ ئېلېكترى، سېمونت، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

كەلپىن ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.9℃، ھەريىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5.95 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇر 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2796.9 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4378.8℃. قىروسىز مەزگىلى 213 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 71.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2847.1 مىللىمېتىر.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

كەلپىن ناھىيەسىنىڭ مائارىپى بەك تەرەققىي قىلغان بولۇپ، تارىختا نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەر يېتىشىپ چىققان. بۇلار:

ئابدۇللا تالىپ

توختى سابىر

دولقۇن ئەيسا

غېنىزات غەيۇر

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-21.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى