چاقىلىق ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
چاقىلىق ناھىيىسى

چاقىلىق ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. چاقىلىقنىڭ يەر مايدانى 198،318 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 30،000.

تارىخ[تەھرىر]

چاقىلىق ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە پىشامشان، كرورەن خانلىقىنىڭ يېرى ئىدى. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە پىشامشان ۋىلايىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە شىچېڭ (تاش قەلئە) قورغىنى قۇرۇلغان. چاقىلىق قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ ئىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 24 - يىلى ( 1898 - يىلى) تايىپ ھاكىم قويۇلغان. ئۇ شىنېڭ ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان (بۈگۈنكى لوپنۇر ناھىيىسى)، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 29 - يىلى ( 1903 - يىلى) ناھىيىگە كۆتۈرۈلۈپ، نامى پىشامشان دەپ بېكىتىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 9 - يىلى (1920 - يىلى) قاراشەھەر ۋىلايىتىگە ئايرىپ بېرىلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن كورلا ۋالىي مەھكىمىسىگە ئايرىلىپ بېرىلگەن. 1959 - يىلى پىشامشان دېگەن نامى چاقىلىق دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1960 - يىلى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىلدى.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

چاقىلىق ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربىي تەرىپى چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى ۋە تۇرپان ۋىلايىتى، قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 600 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 580 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 202 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. چاقىلىق ناھىيىسىگە 1 رايون، 2 بازار، 5 يېزا، 16 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىنىڭ 36 - تۇەنى مەيدانى ۋە ئالتۇن تاغ تەبىئىي قوغداش باشقارمىسى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 913 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 27 مىڭ 900 يۈز، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 38.38% نى، خەنزۇلار 56.07% نى، باشقا مىللەتلەر 5.55% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر كىلومېتىر يەرگە 0.13 ئادەم توغرا كېلىدۇ. مەملىكەت بويىچە نوپۇسىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى ئەڭ ناھىيىدۇر. يېرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپى ئېگىز، شىمالىي تەرىپى پەس، ئالتاي تېغى ناھىيە تەۋەسىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر 29.39% نى، چۆللۈك، قۇملۇق 57.6% نى، تۈزلەڭلىك، بوستانلىق 13.1% نى تەشكىل قىلىدۇ. 14 ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا - ئېقىنى بار. يەر ئۈستىدىكى سۇ بايلىقى 370 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن ياۋا قوتاز، ياۋا ئېشەك، قاڭشارلىق بۆكەن، قارا بويۇن، قارا بويۇن تۇرنا، تىبەت بۆكىنى، يىلپىز، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكلەردىن قارلەيلىسى، ياۋا ئەپيۈن گۈلى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلاردىن مىس، تۆمۈر، ئالتۇن، كالىي تۇز، تاشپاختا قاتارلىقلار بار. ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ چۆل قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.5℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 43.6℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 27.2℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 118.7 كۈن 30℃دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 3082.2 سائەت. 10℃ يىغىلما تېمپېراتۇرىسى 4353.9℃، قىروسىز مەزگىل 235 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 17.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2902.2 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىدىن يېزا ئىگىلىك ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 2200 گېكتار ( 33 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 11 مىڭ 300 گېكتار ( 169 مىڭ 500 مو) تەبىئىي توغراقلىق، 1 مىليون 133 مىڭ 300 گېكتار (17 مىليون مو) ئوتلاق. 20 مىڭ گېكتار ( 300 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاشلىق، مايلىقدان، كېۋەز ئاساس قىلىنىدۇ. چارۋا كالا، قوي، ئاساس قىلىنىدۇ. سانائەت جەھەتتە ئېلېكتر قۇۋۋىتى، تاش پاختا، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە تاش پاختا تۈۋرۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. 315، 218 - دۆلەت تاشيولى ناھىي تەۋەسىدىن ئۆتۈپ، شىمالدىن كورلىغىچە، شەرقتىن چىڭخەي ئۆلكىسىگە، غەربتىن چەرچەنچىگە بولغان قاتناش ترانسپورت تورى شەكىللەندۈردى. سانلىق پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

كرۇرەن قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، مىرەن قەدىمكى قەلئە خارابىسى، قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرى بار، داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت راونى بار.

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى