مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. مورىنىڭ يەر مايدانى 13،510 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 90،000.

تارىخ[تەھرىرلەش]

مورى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كېيىنكى بارىكۆل دۆلىتىگە تەۋە ئىدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە بېشبالىق تۇتۇق مەھكىمىسى قارمىقىدىكى بارىكۆل ناھىيىسىگە، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دۋرلىرىدە ئىدىقۇتقا تەۋە ئىدى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي لىياۋغا قارىغان. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇللارنىڭ كۆچمە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يېرى ئىدى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مورى دەپ بېكىتىلىپ، غەربىي قۇرغان مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 6 - يىلى (1917) مورىغا ياردەمچى ئامبال مەھكىمىسى قويۇلغان. مىنگونىڭ 91 - يىلى (1930) مورى ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. 1954 - يىلى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان، 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقتە بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، غەربتە گۇچۇڭ ناھىيىسى، جەنۇبتا پىچان ناھىيىسى، قۇمۇل شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدا موڭغۇلىيە (چېگرا لىنىيىسى 74 كىلومېتىر) بىلەن چېگرىلىنىدۇ؛ جەنۇبتىن شىمالغىچە ئۇزۇنۇقى 168 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 128 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 12 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر، تەۋەسىدە 2 بازار، 8 يېزا، 44 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرى ئۈرۈمچىگىچە 280 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىردىكى ئومۇمىي نوپۇسى 87 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 22.63% نى، خەنزۇلار% 70.16 نى، باشقا مىللەتلەر% 7.21 نى ئىگىلەيدۇ.  يەر شەكلى: شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمالىي تۈزلەڭلىك بولۇپ، تاغلىق% 11 نى، ئېدىرلىق% 24، تۈزلەڭلىك، چۆللۈك% 50 نى قۇملۇق% 15 ئىگىلەيدۇ. ئالتە دەريا بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 288 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 134 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقلىرىدىن يىلىپىز، ياۋا ئېشەك، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، تاغ ئۆچكىسى، چوڭ دوغداق، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قار لەيلىسى، سۆسۈن گۈللۈك سوغىگۈل، توشقان زەردىگى، ئەڭلىك ئوت، چۈچۈكبۇيا، كاۋاۋىچىن دەرىخى، كېشەر، قان تېپەر، ئاكېبىيە دەرىخى، چاكاندا قاتارلىقلار بار، بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن ئالتۇن، كۆمۈر، تۇز، زىئولىت، كۋارتس تاش، مىس، ھاك تېشى، شور قاتارلىقلار بار. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 5.0، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃ 36.9، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -℃ 31.8، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 3080.6 سائەت،℃ 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى℃ 2526.5، قىروسىز مەزگىلى 143 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 292.6 مىللېمىتر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2181.4 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى. ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 31 مىڭ گېكتار، ( 470 مىڭ مو)، ئورمان 97 مىڭ 700 گېكتار (1 مىليون 465 مىڭ 500 مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 31 مىڭ 300 گېكتار بوز يەر (470 مىڭ مو)، ئورمان قىلغىلى بولىدىغان 43 مىڭ 500 گېكتار بوز يەر (650 مىڭ مو) بار، يايلاق 1 مىليون 485 مىڭ گېكتار (21 مىليون 127 مىڭ 500 مو). چارۋىلاردىن قوي، ئۆچكە، كالا، ئات، تۆگە، چوشقا قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن قوي يۇڭى، تېرە، تىۋىت، تۆگە يۇڭى قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، پۇرچاق، كۆممىقوناق، مايلىقدان، كۆكتات قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن تەڭرىتاغ ئاق پۇرچىقى، ياڭيۇ قاتارلىقلار بار. سانائەتتە چارۋا مەھسۇتلىرى ۋە تەڭرىتاغ ئاق پۇرچىقى خام ئەشيا قىلىنىدىغان پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى ئاساس قىلىنىدۇ. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدىرىجىي ياخشىلانماقتا. 303 ئۆلكە يولى ناھىيە چېگرىسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيولى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى. مەدەنىيەت يادىكارلىقىرىدىن سىداۋگو ئىپتىدائىي كەنت خارابىسى ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بېشبالىق قۇرۇل شەھىرى، قەدىمكى ھەربىي ئاخبارات يەتكۈزىدىغان تۇرا، بوستان قىيا تاش رەسىملىرى توپى قاتارلىقلار بار. مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ئىپتىدائىي توغراقلىق، تاشقا ئايلانغان ياغاچ توپى، مىڭشاشەن قاتارلىقلار بار.% 70.16 نى، باشقا مىللەتلەر% 7.21 نى ئىگىلەيدۇ. مورى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كېيىنكى بارىكۆل دۆلىتىگە تەۋە ئىدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە بېشبالىق تۇتۇق مەھكىمىسى قارمىقىدىكى بارىكۆل ناھىيىسىگە، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دۋرلىرىدە ئىدىقۇتقا تەۋە ئىدى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي لىياۋغا قارىغان. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇللارنىڭ كۆچمە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يېرى ئىدى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مورى دەپ بېكىتىلىپ، غەربىي قۇرغان مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 6 - يىلى (1917) مورىغا ياردەمچى ئامبال مەھكىمىسى قويۇلغان. مىنگونىڭ 91 - يىلى (1930) مورى ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. 1954 - يىلى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان، 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. يەر شەكلى: شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمالىي تۈزلەڭلىك بولۇپ، تاغلىق% 11 نى، ئېدىرلىق% 24، تۈزلەڭلىك، چۆللۈك% 50 نى قۇملۇق% 15 ئىگىلەيدۇ. ئالتە دەريا بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 288 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 134 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقلىرىدىن يىلىپىز، ياۋا ئېشەك، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، تاغ ئۆچكىسى، چوڭ دوغداق، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قار لەيلىسى، سۆسۈن گۈللۈك سوغىگۈل، توشقان زەردىگى، ئەڭلىك ئوت، چۈچۈكبۇيا، كاۋاۋىچىن دەرىخى، كېشەر، قان تېپەر، ئاكېبىيە دەرىخى، چاكاندا قاتارلىقلار بار، بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن ئالتۇن، كۆمۈر، تۇز، زىئولىت، كۋارتس تاش، مىس، ھاك تېشى، شور قاتارلىقلار بار. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 5.0، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃ 36.9، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -℃ 31.8، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 3080.6 سائەت،℃ 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى℃ 2526.5، قىروسىز مەزگىلى 143 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 292.6 مىللېمىتر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2181.4 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى. ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 31 مىڭ گېكتار، ( 470 مىڭ مو)، ئورمان 97 مىڭ 700 گېكتار (1 مىليون 465 مىڭ 500 مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 31 مىڭ 300 گېكتار بوز يەر (470 مىڭ مو)، ئورمان قىلغىلى بولىدىغان 43 مىڭ 500 گېكتار بوز يەر (650 مىڭ مو) بار، يايلاق 1 مىليون 485 مىڭ گېكتار (21 مىليون 127 مىڭ 500 مو). چارۋىلاردىن قوي، ئۆچكە، كالا، ئات، تۆگە، چوشقا قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن قوي يۇڭى، تېرە، تىۋىت، تۆگە يۇڭى قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، پۇرچاق، كۆممىقوناق، مايلىقدان، كۆكتات قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن تەڭرىتاغ ئاق پۇرچىقى، ياڭيۇ قاتارلىقلار بار. سانائەتتە چارۋا مەھسۇتلىرى ۋە تەڭرىتاغ ئاق پۇرچىقى خام ئەشيا قىلىنىدىغان پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى ئاساس قىلىنىدۇ. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدىرىجىي ياخشىلانماقتا. 303 ئۆلكە يولى ناھىيە چېگرىسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيولى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

مەدەنىيەت يادىكارلىقىرىدىن سىداۋگو ئىپتىدائىي كەنت خارابىسى ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بېشبالىق قۇرۇل شەھىرى، قەدىمكى ھەربىي ئاخبارات يەتكۈزىدىغان تۇرا، بوستان قىيا تاش رەسىملىرى توپى قاتارلىقلار بار. مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ئىپتىدائىي توغراقلىق، تاشقا ئايلانغان ياغاچ توپى، مىڭشاشەن قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى