جىمىسار ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
جىمىسار ناھىيىسى

جىمىسار ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. جىمىسارنىڭ يەر مايدانى 8،149 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 130،000.

تارىخ[تەھرىر]

جىمىسار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئارقا قانقىلىغا تەۋە ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىقنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. كېيىنكى چاغلاردا بېشبالىق ئۇلۇغ قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىدىقۇت دۆلىتىگە تەۋە بولغان. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ئايغاقچى مەھكىمىسىگە تەۋە بولغان. چيەنلوڭنىڭ 24 - يىلى (9175) ياردەمچى ئامبال مەھكىمىسى قويۇلغان. نامى جىمىسارغا ئۆزگەرتىلىپ فۇكاڭ ناھىيىسىگە قارىغان. گۇاڭشۈنىڭ 28 - يىلى (1902) قۇيۇەن ناھىيىسى قۇرۇلغان. مىنگو يىللىرى ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان. 1954 - يىلى جىمىسار ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئۈرۈچى ۋىلايىتىگگ قارىغان. 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

جىمىسار ناھىيىسى تەڭرىتاغ تىزملىرىنىڭ شەرقىي بۆلەك، شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقتە گۇچۇڭ ناھىيىسى بىلەن، غەربتە فۇكاڭ شەھىرى، جەنۇبتا تۇرپان شەھىرى، ئۈرۈمچى ناھىيىسى بىلەن، شىمالدا كۆكتوقاي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 60 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 214 كىومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 9756 كۋادرات كىلومېتىر، تەۋەسىدە ئۈچ بازار، 6 يېزا، 45 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 6 - شىسىنىڭ 2 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرى ئۈرۈمچىگە 165 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 128 مىڭ 500، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار 13.36%، خەنزۇلار% 72.21 ئۇيغۇرلار % 4.81 باشقا مىللەتلەر % 9.62 نى ئىگەللەيدۇ. يەر شەكلى: شىمالىي ئېگىز جەنۇبىي پەس. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 15.5%، تۈزلەڭلىك% 16.4، قۇملۇق% 68.1 ن ئىگىلەيدۇ. شەرقىي، غەربىي دالوڭكو دەرياسى، ئەرگۇڭ دەرياسى، بەيياڭخې دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار، يىللىق سۇ مىقدارى 346 مىليون كۇب مېتىر. يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 149 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن ياۋا ئات (سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلىدۇ)، يىلپىز، قۇڭۇر ئېيىق، ياۋا ئېشەك، ئاق بۇغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگوز، قىزىل لاچىن، ئۇلاي قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن شەمشاد، بال قارىغاي، قېيىن، قامچا ئوت، سوغىگۈل، ئالىقات، قار لەيلىسى، قان تېپەر، چاكاندا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، ئالتۇن، نېفىت، تەبىئىي گاز، تۆمۈر، زېئولىت، ھاك تېشى، كۋارتس تاش، مەرۋايىت تاش، ئاق سېغىز توپىسى، توپىلىك سېغىز توپىسى قاتارلىقلار بار. جىمىسار ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرسى℃ 6.5، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃40.8، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -℃ 36.6، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60.8 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃ 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. يىللىق دەرىجە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 2988.2 سائەت،℃ 10 يىغىندا تېمېپراتۇرىسى 3420.2، قىروسىز مەزگىلى 171 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 168.2 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2309.7 مىللىمېتىر. جىمىسار ناھىيىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 32 مىڭ 800 گېكتار (492 مىڭ مو)، ئورمان 35 مىڭ 800 گېكتار (537 مىڭ مو)، يايلاق 685 مىڭ 300 گېكتار (12 مىليون 795 مىڭ مو) يەنە ئورمان قىلغىلى بولىدىغان 60 مىڭ 700 گېكتار بوز يەر (910 مىڭ مو) بار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، مايلىقدان، پۇرچاق تۈرلىدى، زاراڭزا، سامساق، بۆلجۈرگەن، قىزلچا، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئاق پوستلىق سامساق، زاراڭزا، بۆلدۈرگەن شۇ جاينىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى. چارۋىلاردىن قوي، كالا، چوشقا قاتارلىقلار بار. سانائەت تۈرلىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، ياغاچ ماتېرىياللىرى، ھااق، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. جىمىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. 303 ئۆلكە تاشيولى بۇ ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزا يولى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. پروگراممىلىق تېلفون سىغىمچانلىقى 8300 گە يەتتى ھەمدە سىمسىز چاقىرىش ۋە خەلقئارا فوتو تېلېگىرامما يولغا قويۇلدى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تاڭ دەۋرىدىكى بەش بالىق قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنىڭ خارابىسى، بەش بالىق ئۇيغۇر مەسچىتى خارابىسى، مىڭ ئۆي قاتارلىقلار بار. مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ۋۇسەيۋەن دىنازاۋۇر جىلغىسى، كۆيۈكتاغ، پۇشى ياۋا ئات بېقىش - كۆپەيتىش مەركىزى قاتارلىقلار بار.℃ 10 يىغىندا تېمېپراتۇرىسى 3420.2، قىروسىز مەزگىلى 171 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 168.2 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2309.7 مىللىمېتىر. جىمىسار ناھىيىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 32 مىڭ 800 گېكتار (492 مىڭ مو)، ئورمان 35 مىڭ 800 گېكتار (537 مىڭ مو)، يايلاق 685 مىڭ 300 گېكتار (12 مىليون 795 مىڭ مو) يەنە ئورمان قىلغىلى بولىدىغان 60 مىڭ 700 گېكتار بوز يەر (910 مىڭ مو) بار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، مايلىقدان، پۇرچاق تۈرلىدى، زاراڭزا، سامساق، بۆلجۈرگەن، قىزلچا، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئاق پوستلىق سامساق، زاراڭزا، بۆلدۈرگەن شۇ جاينىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى. چارۋىلاردىن قوي، كالا، چوشقا قاتارلىقلار بار. سانائەت تۈرلىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، ياغاچ ماتېرىياللىرى، ھااق، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. جىمىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. 303 ئۆلكە تاشيولى بۇ ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزا يولى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. پروگراممىلىق تېلفون سىغىمچانلىقى 8300 گە يەتتى ھەمدە سىمسىز چاقىرىش ۋە خەلقئارا فوتو تېلېگىرامما يولغا قويۇلدى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تاڭ دەۋرىدىكى بەش بالىق قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنىڭ خارابىسى، بەش بالىق ئۇيغۇر مەسچىتى خارابىسى، مىڭ ئۆي قاتارلىقلار بار. مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ۋۇسەيۋەن دىنازاۋۇر جىلغىسى، كۆيۈكتاغ، پۇشى ياۋا ئات بېقىش - كۆپەيتىش مەركىزى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى