گۇما ناھىيىسى
گۇما ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن خوتەن ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. گۇمانىڭ يەر مايدانى 39،412 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا ، ئۇنىڭ نۇپۇسى 220،000.
مەزمۇنى |
تارىخ [تەھرىر]
گۇما خەن سۇلالىسى دەۋرىدە گۇما دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قوشۇۋېتىلگەن. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدەن پىشان دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قاراشلىق يەكەن مەھكىمسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو 9 - يىلى ( 1920 - يىلى) خوتەي دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىر - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.
جۇغراپىيە [تەھرىر]
گۇما ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، قاراقۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر). شىمال تەرىپى مەكتى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 423 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 5.67 ~ 5.144 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 41 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئىككى بازار، 13 يېزا، 197 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ.ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1596 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 202 مىڭ 400 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 97.69% نى، خەنزۇلار 1.44% نى، باشقا مىللەتلەر 0.87% نى تەشكىل قىلىدۇ.
يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي جەنۇبىي ئېگىز، شەرقىي شىمالىي پەس. جەنۇبىدا مۇزتاغ ۋە يىغىلىپ قالغان قار بار. ئوتتۇرا قىسمى تاغلىق ۋە جىلغىلىق، شىمالىي تۈزلەڭلىك ھەم قاقاس چۆللۈك، تاغلىق رايون 37.9% نى، تۈزلەڭلىك 22.6% نى، قۇملۇق 39.5% نى ئىگىلەيدۇ. بەش تاغ سۈيى دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 2 مىليارد 231 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 414 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن شىمال ئۆچكىسى، ياۋا چوشقا، كىرپە، تېبەت تۈلكىسى، ئۇلار، ئاق قوتان قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، كىرەش، قانتېپەر، چۈچۈكبۇيا، قارلەيلىسى، پاقا يوپۇرمىقى، ئىت ياڭىقى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، گۈڭگۈرت، قوغۇشۇن، سىنك، تۆمۈر، مەرمەرتاش، قاشتېشى، كاربورۇند، چىرىمتال، لىتىي، پېرىللىي، تانتال، سېزىي قاتارلىقلار بار.
گۇما ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.9℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.0℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 22.9℃. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 91 كۈن تېمپېراتۇرا 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2470.4 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4303.1℃. قىروسىز مەزگىلى 218 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 48.2 كۈن. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2450.0 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 30.4 كۈن. بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 21 مىڭ 900 گېكتار ( 328 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 509 مىڭ 300 گېكتار ( 7 مىليون 640 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە 29 مىڭ 200 گېكتار (438 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، ئۈژمە پىلىسى، قىزىل گۈل قاتارلىقلار بار. چارۋىسىدىن كالا، قوي قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى، پاختا توقۇمىچىلىقى، دېھقانچىلىق ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، پاختا چىقىرىش، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. گۇما ناھىيسىنىڭ ئاساسى مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى پۈتۈن ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.
يېزلەر (بەخشلەر) [تەھرىر]
- يىيالما يېزىسى
- پىشنا يېزىسى
- ﺳﺎﻧﺠﯘ يېزىسى
- مۇجى يېزىسى
- قوشتاغ يېزىسى
- كۆكتېرەك يېزىسى
- كىلياڭ يېزىسى
- مۇكۇيلا يېزىسى
- چودا يېزىسى
- باشلەنگەر يىزىسى
- قاراسۇ يىزىسى
- كەڭقىز قىرغىز مىللى يىزىسى
- نەۋئاباد تاجىك مىللى يىزىسى
- گۇما بازىرى
- دۇۋا بازىرى
- شەيدۇللا بازىرى
مەمۇرىي رايون [تەھرىر]
گۇما مەمۇرى جەھەتتىن ئۈچ بازار،13 يىزا ۋە بىر دىھقانچىلىق مەيدانىغا بۆلۈنگەن. ئۈچ بازار: گۇما بازىرى،دۇۋا بازىرى ۋە شەيدۇللا بازىرى. يىزىلار:پىشنا يىزىسى،قوشتاغ يىزىسى،قاراسۇ يىزىسى،كلىياڭ يىزىسى،باشلەنگەر يىزىسى،كۆكتىرەك يىزىسى،موكويلا يىزىسى،مۇجى يزىسى،سانجۇ يىزىسى،پىشنا يىزىسى،چودا يىزىسى،نەۋئاباد تاجىك مىللى يىزىسى ۋە كەڭقىر قىرغىز مىللى يىزىسى. بىر مەيدان:قارتاغىز دىھقانچىلىق مەيدان.
ئىقتىساد [تەھرىر]
ئاساسىي قۇرۇلۇش [تەھرىر]
نۇپوس ئىستاتىستىكا [تەھرىر]
تەربىيە [تەھرىر]
ساياھەتچىلىك [تەھرىر]
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن سانجۇ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە قىياتاش رەسىملىرى. ياغاچئۆيلۈك خەن سۇلالىسى دەۋرى قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار