غۇلجا ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
غۇلجا ناھىيىسى

غۇلجا ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. غۇلجانىڭ يەر مايدانى 4،580 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2004-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 400،000.

مەزمۇنى

[تەھرىر] تارىخ

غۇلجا ناھىيىسى غەربىي ۋە شەرقىي خەن دەۋرىدە جىن دەۋرىگىچە ئۇيسۇن دۆلىتىگە، سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولغان، يۈەتن دەۋرىدە چاغاتايخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ سيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭنىڭ 27 - يىلى (1762 - يىلى) نىڭيۈەن قەلئەسى سېلىنغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 14 - يىلى (1888 - يىلى) نىڭيۈەن ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان ۋە ئىلى مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 3 - يىلى (1914 - يىلى) ناھىيىنىڭ نامى غۇلجىغا ئۆزگەرتىلگە. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىلى ۋىلايىتىگە قارىغان.

[تەھرىر] جۇغراپىيە

غۇلجا ناھىيىسى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى نىلقا ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى غۇلجا شەھىرى ۋە قورغاس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە توققۇزتارا ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شىمال تەرىپى جىڭ ناھىيىسى ۋە بورتالا شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 116 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 95 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4587 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە ئىككى بازار، 18 يېزا، 159 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 715 كىلومېتىر، 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 355 مىڭ 700 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 48.78% نى، خەنزۇلار 19.35%نى، قازاقلار 10.71% نى، باشقا مىللەتلەر 21.16% نى تەشكىل قىلىدۇ. يەر شەكلى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، شىمالدىن غەربكە قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. تاغلىق چايلار 64.15% نى، ئېدىرلىق 11.9% نى، تۈزلەڭلىك 23.95% نى ئىگىلەيدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە قاش دەرياسى، بوربوسۇن دەرياسى، جىرغىلاڭ دەرياسى ۋە پىلىچى دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 470 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 1 مىليارد 142 مىليون كۇب مېتىر. تاغ ئۆچكىسى، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، قىزىل تۈلكە، ياۋا چوشقا، سۇغۇر قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە ئۇششاق يوپۇرماقلىق ئاق موم، ھىڭ، سۇغىگۈل، قىرىق بوغۇم، چۈچۈك بۇيا، قانتېپەر قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ھاك تېشى، كۋارتس، چىرىمتال، بارىت، گاۋلىڭ توپىسى، پار - پۇر قاچا ۋە ساپال بۇيۇملارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان توپ قاتارلىقلار بار. غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل قۇرغاق كىلمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 40.4℃. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2802.4 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 3310.6℃، قىروسىز مەزگىلى 154 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 257.5 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1613.6 مىللىمېتىر.  بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىك بىلەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 67 مىڭ 600 گېكتار (1 مىليون 13 مىڭ 900 مو) تېرىلغۇ يەر، 31 مىڭ 600 گېكتار (474 مىڭ مو) ئورمانلىق، 322 مىڭ 300 گېكتار (4 مىليون 834 مىڭ مو) يايلاق بار. بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، زىغىر، قىچا، كۆك تاماكا، قىزىلچا، ئۇزۇن تالالىق زىغىر، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. ئاساسلىقى كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. ھاراق ئېچىتىش، يېمەكلىك، يېنىك سانائەت، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قان ئېچىش، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار. غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت يولىنىڭ 218 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزىلارنىڭ يوللىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. 4000 توچكا پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن. سىمسىز چاقىرغۇمۇ ئىشلىتىلمەكتە.

[تەھرىر] مەمۇرىي رايون

[تەھرىر] ئىقتىساد

[تەھرىر] ئاساسىي قۇرۇلۇش

[تەھرىر] نۇپوس ئىستاتىستىكا

[تەھرىر] تەربىيە

[تەھرىر] ساياھەتچىلىك

ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن كۈنەس قەلئەسى، توغلۇق تۆمۈر مازىرى بار. ئاقئۆزەن ئورمانلىقى باغچىسى، ئۇششاق يوپۇرماقلىق ئاق موم قوغداش رايونى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.

[تەھرىر] مائارىپ

[تەھرىر] تەنھەرىكەت يىغىنى

[تەھرىر] سىرتقى ئۇلاش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بۆرتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى

شەخسىي قوراللار

ۋارىيانتلار
ئات بوشلۇقى
مەشغۇلات
يولباشچى
قورال ستونى
باشقا تىلاردا