شايار ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
Question book-4.svg مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.



شايار ناھىيىسى

شايار ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. شايارنىڭ يەر مايدانى 31،868 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2004-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا ، ئۇنىڭ نۇپۇسى 210،000.

مەزمۇنى

تارىخ[تەھرىر]

شايار ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 23 - يىلى (1758 - يىلى) كۇچاغا قويۇلغان خان ئامبال شايارنى قوشۇمچە باشقۇرغان ھەمدە شاياردا 3 - دەرىجىلىك ھاكىمبەگ قويۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) كۇچا ئەمىنىيە نازارىتىگە قارىغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) شايار ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسى، 4 - مەمۇرىي رايون ۋە ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

شايار ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى كىرىيە ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، شىمال تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى، كۇچا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 180 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 220 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 32 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئۈچ بازار، يەتتە يېزا، 143 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 835 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 173 مىڭ 500. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 85.19%نى، خەنزۇلار 14.1% نى، باشقا مىللەتلەر 0.80% نى تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، ئۈگەن دەرياسى تىنمىسى، تارىم دەرياسى ۋادىسى تۈزلەڭلىكى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭلىك، بوستانلىق 19.5% نى، قۇملۇق 80.5% نى ئىگىلەيدۇ. ئۈگەن دەرياسى ۋە تارىم دەرياسىدىن ئىبارەت چېگرا ھالقىغان ئىككى دەرياسى بار، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئالتە مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد 120 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن قارالەيلەك، كوكۇلىلىق تۇرنا، قارا تايغان بۇغا، تارىم توشقىنى، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن لوپنۇر كەندىرى، توغراق (زاپاس مىقدارى 540 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ)، چۈچۈكبۇيا، ئالىقات، توشقان زەدىكى، چىغان قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز، گىلائۇبېر تۇزى، شۇلتا قاتارلىقلار بار. شايار ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.8℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 87.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3036.3 سائەت 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4109.6℃. قىروسىز مەزگىلى 216 كۈن. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 42.8 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2006.7 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 42 مىڭ 600 گېكتار (639 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 107 مىڭ 300 گېكتار (1 مىليون 610 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 48 مىڭ گېكتار (720 مىڭ مو)، ئورمان بىنا قىلىشقا ۋە چارۋىچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 213 مىڭ 300 گېكتار (3 مىليون 200 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، قولماق قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە كېۋەز ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ناھىيە 1994 - يىلى مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان كۈچلۈك 100 ناھىيە ئىچىدە 10 - قاتارغا ئۆتتى. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك، ئات قاتارلىقلار بار. ھەسەل ھەرىسى بېقىش ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۆستۈرۈش ۋە سۇ ئۆسۈملۈكلىرى باقمىچىلىقىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن توقۇمىچىلىق، قەغەز ياساش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماي خىمىيە سانائىتى، ماشىنا رېمونتچىلىقى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. شايار ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 210 - ۋە 211 - لىنىيىسى دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى بىلەن ناھىيە تەۋەسىدە تۇتىشىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. ئوپتىكلىق كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 3000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى. ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن توڭگۇز باش قەدىمىي شەھىرى، بوساتانتوغراق قەدىمىي شەھىرى، ھەجە ئانام قەدىمى قەبرىستانلىقى، تاشدۆڭ قەدىمىي شەھىرى ۋە ئەگمە يانتاق قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بۆرتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى