ئۈرۈمچى ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia

ئۈرۈمقى ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئۈرۈمقى شەھىرىتىگە قارايدۇ. ئۈرۈمقىنىڭ يەر مايدانى 4،601 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 80،000.

تارىخ[تەھرىر]

ئۈرۈمچى ناھىيىسى گۇاڭشۇنىڭ 12 - يىلى (8618 - يىلى) قۇرۇلۇپ ئۈرۈمچى دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو دەۋرىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1 - مەمۇرىي رايون ۋە ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قۇرۇلغان. 1954 - يىلى نامى ئۈرۈمچى ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارىغان. 1959 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

ئۈرۈمچى ناھىيىسى تىيانشان تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنى ئوراپ تۇرىدۇ. شەرقتە تۇرپان شەھىرى بىلەن، غەربتە سانجى شەھىرى بىلەن، شىمالدا مىچۈەن شەھىرى بىلەن، جەنۇبتا توخسۇن ناھىيىسى، خۇشۇت ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ. شەرقىي شىمالدا بۇغدا تېغىدىن ئۆتۈپ جىمسار ناھىيىسى، فۇكاڭ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 11 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭدا بىر بازار، 19 يېزا، ئىككى مەمۇرىي رايون، 105 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 157 مىڭ 700 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 6.61%نى، خەنزۇلار 45.99%نى، باشقا مىللەتلەر 47.40نى ئىگىلەيدۇ. ئۈرۈمچى ناھىيىسىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئېگىزلەپ بارىدۇ. تىيانشان باغ تىزمىسىدىن ئۈرۈمچى ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەبنۇبىي تەرىپىدە سوزۇلۇپ ياتىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 5445 مېتىر ئېگىز بولغان تىيانشان تېغىنىڭ ئاساسلىق چوققىسى - بۇغدا چوققىسى بۇ ناھىيىدىكى ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي تەرەپتىكى تاغلىق رايون پۈتۈن ناھىيە ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 05%ىنى، تاغلىقتىكى ئۇششاق شېغىلدىن تەركىب تاپقان تۈزلەڭلىك ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 16.6%ىنى، شىمالكىي تەرەپتىكى ئېدىرلىق ۋە توپا تۈزلەڭلىك ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 33.4%ىنى ئىگىلەيدۇ. تۇدۇڭخابا دەرياسى، ئۈرۈمچى دەرياسى، سەيۋوپۇ كۆلى، بەيياڭخېي دەرياسى، ئالغۇيدىن ئىبارەت بەش چوڭ سۇ سىستېمىسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ مىقدارى 800 مىليون كۇب مېتىر. پايدىلىنىدىغان تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 556 مىليون كۇب مېتىر. ئۇلانباي - سەيۋوپۇ - داۋانچىڭ ئارىلىقى مەشھۇر شاماللىق رايون ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايلارنىڭ شامال كۈچى بايلىقى ناھايىتى مول بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 2.6 مېتىر / سېكۇنت، ئۈنۈملۈك شامال قۇۋۋىتى 2000 - 3000 كىلوۋات. سائەت / كۋادرات مېتىر. يىل. ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىدىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قارا تايغان بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكلەر بايلىقدىن ھىڭ، قار لەيلىسى، سوغىگۈل، قانېپەر، كىرەش، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، گەج، ھاك تېشى، مىس، فوسفور، ئالتۇن، تۆمۈر، سېغىز توپا، شور، تۇز قاتارلىقلار بار. ئۈرۈمچى ناھىيىسى شەھەر ئەتراپى يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ناھىيە. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 72 مىڭ 800 گېكتار (417 مىڭ 600 مو)، ئورمان كۆلىمى 92 مىڭ گېكتار (1 مىليون 380 مىڭ مو)، يايلاق كۆلىمى 500 مىڭ گېكتار (7 مىليون 500 مىڭ مو). دېھقانچىلىق قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان قاقاس يەردىن يەنە 13 مىڭ 300 گېكتار (200 مىڭ مو) بار. دېھقانچىلىقتا كۆكتات تېرىش ئاساس قىلىنىدۇ. چارۋىچىلىق شەھەر ئەتراپى چارۋىچىلىقى ۋە يايلاق چارۋىچىلىقى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. شەھەر ئەتراپ چارۋىچىلىقىدا كالا، ئۆي قۇشلىرى بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. يايلاق چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي، ئات، تۆگە بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. سۇ مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى لاتقا بېلىق، تاپان بېلىق، ئوتخور بېلىق، كارىپ بېلىقى، يېسسى بېلىق، سالمۇ بېلىقى قاتارلىقلار بار. يەرلىك سانائەت بىلەن يېزا - بازار سانائىتىدە قەدەم بىر قەدەر بۇرۇن تاشلانغان بولۇپ، تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولدى. ھازىرغىچە يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك، قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمچىلىق، باسمىچىلىق، قەغەزچىلىك، سۇلياۋ بۇيۇملىرى، خىمىيە سانائىتى، ماشىنسازلىق، پولات پروكاتلاش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈر سانائىتى قاتارلىق زامانىۋى سانائەت بەرپا قىلىنغان.

بۇ ناھىيىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى بىر قەدەر ياخشى، ئەتراپتىكى تۆت يېزىسى ئۈرۈمچى شەھەر رايونى بىلەن تۇتىشىپ بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن. تاشيول ھەر تەرەپكە تۇتاشماق بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى دىۋوپۇ يېزىسىغا جايلاشقان. قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق. خەۋەرلىشىشتە تېلېفون ئاپپاراتىنى پروگراممىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پوچتا تور - نۇقتىلىرى شەھەر، يېزىدىن تارتىپ چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغىچە ئومۇملاشتى. تۈرلۈك ئىلغار خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى كەڭ - كۆلەمدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

ئۈرۈمچى ناھىيىسىنىڭ قەدىمىى ئاسارە - ئەتىقىلىرى ۋە ساياھەت نۇقتىلىرىدىن شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى تۇرا، ئۇلانبايدىكى قەدىمىي شەھەر خارابىسى، داۋانچىڭدىكى قەدىمىيى شەھەر خارابىسى، جۇخۇاتەي، بەيياڭگو، نەنتەيزى، جاۋبىشەن، مياۋئارگۇ، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى جۇغراپىيە مەركىزى، چۈەنگۇ قاتارلىقلار بار. نەنسەن ساياھەت رايونىدا يەنە ئېگىز تاغدىن چاڭغا تېيىلىش، مۇز تېيىلىش قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاسىيادىكى مۆتىدىل، قۇرغاق كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرسسى 5.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرسسى 40.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرسسى -41.5℃، يىلىغ ائوتتۇرا ھېساب بىلەن 36.7 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرسى 30℃تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2733.6 سائەت،10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرا 3063.3℃، قىروسىز مەزگىلى 156 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 277.6 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1914.1 مىللىمېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى