قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى

قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى خىنجىئاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تارباغاتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. قوبۇقسارنىڭ يەر مايدانى 28،799 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 50،000.

تارىخ[تەھرىر]

قوبۇقسار ئەزەلدىنلا چارۋا باقىدىغان يەر بولۇپ، كەلگەن. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇسۇنلار، ھونلارغا قارىغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇ 16 - يىلى (1890 - يىلى) چۆچەك بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتىگە قارىغان. مىنگونىڭ 4 - يىلى (1915 - يىلى) بۇ يەردە ساۋەنگە قاراشلىق قوشتولجاي يەرلىك ھاكىم بەگ قويۇلغان، مىنگونىڭ 18 - يىلى (1929 - يىلى) قوبۇقسار مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلگەن ۋە چۆچەك دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلگەن ۋە چۆچەك دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 31 - يىلى (2194 - يىلى) ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنغان ۋە قوبۇقسار دەپو ئاتالغان. 1954 - يىلى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى قىلىپ قۇرۇلۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبى تەرىپى سانجى شەھىرى، ماناس ناھىيىسى، قۇتۇبىي ناھىيىسى، ساۋەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇب تەرىپى دۆربىلجىن ناھىيىسى، تولى ناھىيىسى، قاراماي شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى جىمىنەي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 46 كىلومېتىر كېلىدۇ). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 207 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 210 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 30 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 2 بازار، 5 يېزا، 65 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ، ئۇنىڭ تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 10 شىسىنىڭ 1 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 500 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 55 مىڭ 400، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 29.78% نى، خەنزۇلار 43.5% نى، قازاقلار 23.47% نى، باشقا مىللەتلەر 3.25% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس، شىمالىي قىسمى تاغلىق، ئېدىرلىق ئاساس قىلىنىدۇ، جەنۇبىي قىسمى تۈزلەڭلىك، قاسالىق ئاساس قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 19.1% نى، تۈزلەڭلىك 50.9% نى، قۇملۇق 30% نى ئىگىلەيدۇ. نامنىقۇل دەرياسى، قوبۇق دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 207 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 157 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن سۈلەيسۈن، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سۇغىگۈل، چۆچۈكبۇيا، يەرمەدىكى، كەتىرا، چاكاندا، مەرزنجوش، توشقان زەردىكى، رەۋەن، يۈەنبەي، چوغلۇق، بۇۋانە، بۇتاكۆز، قاسەي قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، تۇز، نېفىت، ھاك تاش، بىنتونىت، كۋارتس قۇم، گىلائۇبېر تۇزى، چىرىمتال، سېنرىپېنتىن، گرانىت، گاۋلىن توپىسى، مەرمەر، پىروخىللىت، خروم، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، ئۇران، گېزىنگېرىت قاتارلىقلار بار. قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 3.0℃ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى34.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى- 33.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3006.4 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2066.8، قىروسىز مەزگىلى 133 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 142.3 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1831.4 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ھازىر 6700 گېكتار (1000 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 13 مىڭ 100 گېكتار (197 مىڭ مو) ئورمالىقى، 1 مىليون 583 مىڭ 300 گېكتار (23 مىليون 750 مىڭ مو) ئوتلىقى بار. يەنە 193 مىڭ 300 گېكتار (2 مىليون 900 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى بار. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئات، تۆگە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، ئارپا، ياڭيۇ، كۆك پۇرچاق، قىچاك، كۆك تاماكا، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن تۇز - خىمىيە سانائىتى ۋە كۆمۈرچىلىك، بېنىتونىت قېزىش قاتارلىقلار بار. قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 217 - لىنىيىسى ناھىيە ئىچىدىن ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى ھەممە تەرەپكە تۇتۇشۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان. پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قونچىنىڭ ئوۋبېل قىياتاش سىزمىلىرى، تاشتىن ياسالغان قەدىمكى قەبرىلەر، ۋاڭ ئوردىسى خارابىسى، دۆربۆن ئۆلتىيىن ئورمانلىقى قەدىمكى شەھىرى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن قارغاي جىلغىسى، ئالۋاستى شەھىرى، ئارغالىت ھور ئارشىڭى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى