توققۇزتارا ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
توققۇزتارا ناھىيىسى

巩留县.Toqquztara County

توققۇزتارا ناھىيىسى خەرىتىدىكى ئورنى
ئومۇمىي ئەھۋال
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئوبلاست ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
مىللەتلەر ئۇيغۇرقازاق
تىللار ئۇيغۇرچەقازاقچە
كوچا باشقارمىسى سانى 0 دانە
بازارلىق سانى 6 دانە
يېزا سانى 2 دانە
نوپۇس (2015-يىل) 203,492 [1]
يەر مەيدانى 4,123.85 كۋادرات كىلومېتىر
باشقىلار
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 999 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新F

توققۇزتارا ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Toqquztara Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تىگە قارايدۇ. توققۇز تارا ناھىيىسى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى تېكەس ناھىيىسىگە، شەرقىي جەنۇب تەرىپى خېجىىڭ ناھىيىسىگە، غەربىي چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىگە تۇتۇشىدۇ، شەرقىي شىمال تەرىپى كۈنەس ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى نىلقا ناھىيىسى ۋە غۇلجا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 162 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 42 ~ 6 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4515.3 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 52 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بىلەن غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ بىر كارخانىسى بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 790 كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

توققۇزتارا ناھىيىسى قارمىقىدا 6 دانەبازارلىق بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 توققۇزتارا بازىرى Toqquztara Baziri Toqquztara Town 巩留镇 7 24.7 29
2 دۆڭمەھەللە بازىرى Döngmehelle Baziri Dongmehelle Town 东买里镇 8 27 317
3 ئاغارسىن بازىرى Agharsin Baziri Agharsin Town 阿尕尔森镇 9 21.5 714
4 تىكئېرىق بازىرى Tikériq Baziri Tikeriq Town 提克阿热克镇 8 13.7 426.7
5 ئاقتۆبەك بازىرى Aqtöbek Baziri Aqtobek Town 阿克图别克镇 6 9.7 613.3
6 كۆلدەنەڭ بازىرى Köldeneng Baziri Kongdeneng Town 库尔德宁镇 7 9.8 568

ئىزاھات:

  • 1. 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى دۆڭمەھەللە يېزىسى دۆڭمەھەللە بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.[2]
  • 2. 2013-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى ئاغارسىن يېزىسى ئاغارسىن بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
  • 3. 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى تىكئېرىق يېزىسى تىكئېرىق بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.[3]
  • 4. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى مۇخۇر يېزىسى كۆلدەنەڭ بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

توققۇزتارا ناھىيىسى قارمىقىدا 2 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 تاشتۆپە يېزىسى Tashtöpe Yézisi Tashtope Township 塔斯托别乡 8 23.3 414
2 جىرغالاڭ يېزىسى Jirghilang Yézisi Jirghilang Township 吉尔格郎乡 6 6.6 420

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمالىي پەس بولۇپ، تاغلىق جايلار 67.1%نى، ئېدىرلىق 9.5% نى، تۈزلەڭلىك 21.4% نى ئىگىلەيدۇ. جىرغىلاڭ دەرياسى، تېكەس دەرياسى، ئىلى دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىق مىقدارى 824 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش مىقدارى 583 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش مىقدارى 583 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قارا تايغان بۇغا، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق، ئۇلار، ياۋا چوشقا قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە يەر ياڭىقى، ئالما، ياۋا ئۆرۈك، قومۇش، مېھرىگىيا، چۈچۈك بۇيا، سۇغىگۈل، قانتېپەر، قارلەيلسى قاتارلىق ياۋ ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، تاش پاختا، ئۇران، ھاك تېشى، بېرىل، بارىت قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 25 مىڭ گېكتار (375 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 84 مڭ 200 گېكتار (1 مىليون263 مىڭ مو) ئورمانلىق، 271 مىڭ 700 گېكتار (4 مىليون 75 مىڭ 100 مو) يايلاق بار. بۇغداي، كۆممىقۇناق، شال، كۆتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. ئاساسلىق قوي، كالا، ئات قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. ئېلېكتر - ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ھاراق ئېچىتىش، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قورغاق كېلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37.4℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 37.6℃، قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2731.9 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 3055.4℃. قىروسىز مەزگىلى 150 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 256.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1422.5 مىللىمېتىر.

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

ناھىيىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قەدىمىي قەبرىستانلىق بولۇپ، داڭلىق مەنزىرىلەردىن كوردىنېن تەبىئىي قوغداش رايونى ۋە ياۋا ياڭاق جىلغىسى تەبىئىي قوغداش رايونى قاتارلىقلار بار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-06-05.
  2. "ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقنامىسى(دۆڭمەھەللە بازىرى)". Archived from the original on 2017-09-21. Retrieved 2018-06-05.
  3. "ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقنامىسى(ئاغارسىن بازىرى)". Archived from the original on 2017-09-21. Retrieved 2018-06-05.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى