يەكەن ناھىيىسى
يەكەن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەسقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. يەكەننىڭ يەر مايدانى 8،969 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2008-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 760،000 بولۇپ ئۇيغۇرلار ئومومى نۇپوسنىڭ 96 پەرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. جىئامى 29 يىزا بازار بار بۇلۇئو ئۇلار:
يەكەن بازىرى،گۈلباغ ،خاڭدىي، ئىلىشقۇ،قوشئىرىق، تاغاچى، مىششا، پەكىچى، يىڭى ئۆستەڭ، توم ئۆستەڭ، ئودانلىق، كاچۇڭ، ياقا ئىرىق، قوشراپ، دامسى، قاراسۇ، بەشكەن، ئازاتباغ، چارىباغ، ئىشقول،بەشكەن،باغتىكەن،.،.،.،.،
مەزمۇنى |
تارىخ[تەھرىر]
يەكەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي دۆلەت. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ جەنۋۇ 5 - يىلى (29 - يىلى) خېشى بۈيۈك سانغۇنى دۇروڭ يەكەن خانلىقىنىڭ تەيىنلىنىپ خىزمەت كۆرسەتكەن، پەزىلەتلىك خان بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قارىخانىيلار خاندانلىقىغا قارىغان. كېيىن غەربىي لياۋ سۇلالىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي خانلىقىغا قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى ( 1883 - يىلى) يەكەن بىۋاستىە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ يەكەن مەھكىمىسى قىلىنىپ، سارىقول، مارالبېشى ئايمىقى ۋە قاغىلىق، گۇما ناھىيىلىرىنى باشقۇرغان. مىنگو 2 - يىلى ( 1913 - يىلى) يەكەن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگو 18 - يىلى (1929 - يىلى) يەكەن، زەرەپشان دەپ ئىككى ناھىيىگە ئايرىلغان. مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) يەنە قوشۇۋېلىپ، بىر ناھىيە قىلىنغان. يەكەندە 10 - مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىنىپ، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام، مەكىت 4 ناھىيىنى باشقۇرغان. 1949 - يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. 1956 - يىلى يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندى كېيىن، يەكەن ناھىيىسى قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان. يەكەن دىيارى ئۆزنىڭ قەدىمى، مىللىي پۇرىقىنىڭ كۈچلۇكىلىكى، يات مەدەنيەتتەسىرىدە بۇلغانمىغانلىقى،مۇھىمى تارىختىا بىر قانچە قېىمى ئاستانە بولغانقىدەك تارىخى رىياللىقى بىلەن باشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن پەرىقلىنىپ تۇرۇدۇ.ئەزىم دەريا يەكەن دەرياسى بۇ مۇنبەت يۇرتنى سۇغىرىش ۋەزىپىسىنىى ئۈسىتگە ئالغان . 2005.يىلى مۇقام خەلقئارا مەدنىيەت مىراسى تىزىىملىكگە كىرگۇزۇلدى ، مۇقامنىڭ ئەسلى يۇرتى بولغانيەكەن تۇنجى قىتىمىلىق مۇقام بايرىمىدا مۇتەخىەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئاماننىساخاننىڭ يەكەن قارا سۇدىكى تۇرالغىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلدى، ھەم پاكىتلارغا ئاساسەن ئاماننىساخاننىڭ يەركەن قارسۇ يىزا شاپتۇل كەنىتىدە تۇغۇلغانلىقى جاركارلانىدى، 1500-يىللاردايەكەننىڭ تارىختىكى«ساكرائول» دېگەن نامى «ياركەنىت»(دەيا بويىدىكى شەھەردېگەن مەنىدە) دەپ ئۆزگەرتىلگەن، بۇندىن 2000يىل بۇرۇن يەركەن بىر شەھەر دۆلىتى-ساكرائولنىڭ پايتەختى ئىدى، بۇ ۋاقىتتا يەركەن ئەتراپىدا تېخى باشقا يۇرىتلار شەكىللەنمىگنلىكى تارىخى تەزكىرلەردە يىزىلغان،
بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 78 مىڭ 300 گېكتار ( 1 مىليون 174 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 48 مىڭ 600 گېكتار (728 مىڭ 900 مو) سۇ يۈزى، 16 مىڭ 600 گېكتار (249 مىڭ 300 مو) ئورما، 48 مىڭ 700 گېكتار (730 مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مايلىقدان قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە يىللىق پاختا مەھسۇلاتى 50 مىڭ توننا ( 1 مىليون دەن) دىن ئاشىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئاشلىق، پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى قاتارلىقلار بار. يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 315 - لىنىيىسى ۋە ئۆلكە تاشيولى 215 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. 4000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى. كۆچمە خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
مائارىپ[تەھرىر]
يەكەن قەدىمدىنلا ئۇيغۇر مائارىپنىڭ بۆشۇكى ئىدى بۇگۈنكى يەكەننىڭ مائارىپ ئاساسىي خېللا مۇستەھكەم .ھازىر تەۋەلكىدە: يەكەن كەسپى تېخنكا تەربىيلەش مەكتىپى(ئوتتۇرا تېخنىكومى)، يەكەن تىببى مەكىتىپى، كەسپى تىخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى،ئۇقۇتقۇچىلاربىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى قاتارلىق ئوتتۇرا ئالىي تېخنىكوم بىلىم ئېلىش سورۇنلىرى بار.شەھەر رايۇنىدا ،8ئوتتۇرا مەكتەپ بولغاندىن سىرىت قالغان 29يىزا-بازارلار دا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرى بار بولغان مۇكەممەل مائارىپ تەربىيە ئورۇنلىرى بىلەن قاپلانغان.
تەنھەرىكەت[تەھرىر]
يەكەن خەلقى بۇرۇندىن تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قىزىىقىدىغان بولۇپ توپ تۈرلىرىدىن پۇتبول، ۋاسكىتبول، ۋالىبوللار بىر قەدەر ئوموملاشقان باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنھەركەت پائالىيەتلىرىگە بولۇپمۇ توپ تۈرلىرىگە بولغان قىزغىنلىقى ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىدۇ. يزىىلاردا بولسا قەدىمدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە چىلىشىش ، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئات بەيگىلىرى پەسلگە قاراپ ئۆتكۈزىلىپ تۇرىدۇ.