ئۇچتۇرپان ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
ئۇچتۇرپان ناھىيىسى

乌什县.Uchturpan County

ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ۋىلايەت ئاقسۇ ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 3 دانە
يېزا سانى 6 دانە
نوپۇس (2015-يىل) 235,336 [1]
يەر مەيدانى 9,065 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 997 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新N

ئۇچتۇرپان ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Uchturpan Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. ئۇچتۇرپان ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە، تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى ۋە ئونسۇ ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقچى ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى كەلپىن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 116 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 139.5 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 124.5 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 8560.8 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، 8 يېزا، 108 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1111 كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايونلىرى[تەھرىرلەش]

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى قارمىقىدا 3 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 ئۇچتۇرپان بازىرى Uchturpan Baziri Uchturpan Town 乌什镇 8 24.5
2 ئىمام بازىرى Imam Baziri Imam Town 依麻木镇 16 22.6 ?
3 ئاقيار بازىرى Aqyar Baziri Aqyar Town 阿合雅镇 22 45 2,333

ئىزاھات:

  • 1. 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى ئىمام يېزىسى ئىمام بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان.
  • 2. 2012-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى ئاقيار يېزىسى ئاقيار بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان.

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى قارمىقىدا 6 دانە يېزا بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 ئاقتوقاي يېزىسى Aqtoqay Yézisi Aqtoqay Township 阿克托海乡 15 22.8 ?
2 ئوتبېشى يېزىسى Otbéshi Yézisi Otbeshi Township 奥特贝希乡 13 19 398
3 ياكۆۋرۈك يېزىسى Yaköwrük Yézisi Yakowruk Township 亚科瑞克乡 10 15 166.45
4 ئاچاتاغ يېزىسى Achatagh Yézisi Achatagh Township 阿恰塔格乡 11 15 743
5 يېڭىئاۋات يېزىسى Yéngiawat Yézisi Yengiawat Township 英阿瓦提乡 9 17.6 2,404
6 يامانسۇ قىرغىز يېزىسى Yamansu Qirghiz Yézisi Yamansu Kyrgyz Township 亚曼苏柯尔克孜族乡 7 8.6 239.2

ئىزاھات:

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

غەربىي شىمالى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبى پەس بولۇپ، ئىككى تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان. يەر مەيدانىنىڭ 59.5% نى تاغ يېرى، 28% نى، قۇملۇق ۋە چۆللۈك 12.5% نى دەريا ۋادىسىدىن پەيدا بولغان تۈزلەڭلىك تەشكىل قىلىدۇ. توشقان دەرياسى پۈتۈن ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى 516 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد 70 مىليون كۇب مېتىر، (ئېچىشقا بولىدىغان زاپاس سۇ مىقدارى 640 مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئاققۇ، ئۇلار، تۈلكە، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چەچۈكبۇيا، قارلەيلىسى، قانتېپەر، سېرىق يۆگەي قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، سىماب، فوسفور، ئاليۇمىن، كۆمۈر، مەرمەر تاش، قوغۇشۇن، سىنىك، بارىت، سىڭىرتاش، سۈرمە، ھاك تاش، ساپال ۋە فار - فۇر توپىسى قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 31 مىڭ گېكتار (465 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 18 مىڭ 500 گېكتار (277 مىڭ 500 مو) ئوتلاق كۆلىمى 18 مىڭ 300 گېكتار (275 مىڭ مو)، ئۆزلەشتۈرۈشكە بولىدىغان يەر 19 مىڭ 300 گېكتار ( 290 مىڭ مو). دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، دادۇر، كېۋەز، مايلىق دان قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوينى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، پاختا چىقىرىش، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 35.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 26.6℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 24.0℃ كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2871.3 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3484.9℃، قىروسىز مەزگىلى 185 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 92.0 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1981.9 مىللىمېتىر.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-21.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى