قاراقاش ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
قاراقاش مىلىكاۋات خارابىلىكى

قاراقاش ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەمۇرى جەھەتتىن خوتەن ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. قاراقاشنىڭ يەر مايدانى 25،667 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ، جەنۇپ تەرىپى كوئىنلۇن تاغلىرىغا، شىمال تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتىشىدۇ. 2010-يىلدىكى ستاتىستىكىغا ئاساسلاڭاندا ، ھازىر قاراقاش ناچىيىسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 520،000بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ %98نى ئىگىلەيدۇ.

تارىخ[تەھرىر]

قاراقاش خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. مىنگو 8 - يىلى ( 1919 - يىلى) خوتەن ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ ناھىيە تەسىس قىلىنىپ نامى قاراقاش دەپ ئاتالغان ھەم قەشقەر دوتەي مەھكىمسىگە قارىغان. 2 - يىلى خوتەن دوتەي مەھكىمىسىگە قارايدىغان بولغان. كېيىن خوتەن 7 - مەمۇرىي رايونىغا قارىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. قاراقاش ناھىيىسى تارىختا قاراقاش دەپ ئاتالغان، يىپەك يۇلىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، چىيەن لۇڭ دەۋىرىنىڭ 27-يىللىرى (1762-يىلى) قەشقەردە جەنۇبى شىنجاڭدىكى 8 شەھەرگە ياردەمچى باش ۋەزىر تەسىس قىلىنغان، خۇتەن شۇ 8شەھەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، قاراقاش خۇتەننىڭ قارمىقىدا ئىدى، 1919يىلى قاراقاش رەسمى قاراقاش ناھىيىسى قىلىپ تەسىس قىلىندى. مىنگو دەۋىرىدە قاراقاش خۇتەننىڭ 7-مەمۇرى باشقۇرۇش مەھكىمىسىگە قارايتتى، جۇڭخۇا خەلق جومھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كىيىن خۇتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىگە قارايدىغان بۇلدى.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

قاراقاش ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە، شەرقىي تەرىپى خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى گۇما ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 319.5 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 45 ~ 5.112 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 23 مىڭ 100 كۋادىرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، 15 يېزا، 362 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1535 كىلومېتىر. قاراقاش ناھىيىسى خۇتەن قاراقاش لۇپ بۇستانلىقىنىڭ بىر قىسمى. شەرىقتىن قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خۇتەن ناھىيىسى بىلەن چىگىرلىنىدۇ، غەرىبى تەرىپى چۆل باياۋان بۇلۇپ، گوما ناھىيىسى بىلەن چىگىرلىنىدۇ، جەنۇبى تەرىپىنى قارقۇرۇم كوئىنلۇن تىغىنىڭ ئىتىكى ئۇراپ تۇرىدۇ، شىمالى تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقى ئارقىلىق ئاۋات ناھىيسى بىلەن قۇشنا كىلىدۇ، شەرىق غەرىپ كەڭلىكى 45- 112.5 كىلۇمىتىر، جەنۇپ شىمال ئۇزۇنلۇقى 319.5 كىلۇمىتىر، ئۇمۇمى كۈلۈمى 23098.5 كىۋادىرات كىلۇمىتىر، 1 بازار، 15 يىزىدىن تەركىپ تاپقان. يەر شارائىتى جەنۇپ تەرىپى ئىگىز شىمالى تەرىپى پەس بۇلۇپ ، يەر شەكلى ئۈچخىلغا ئايرىلغان ، جەنۇبى قىسمى ئىگىز – پەس تاغلىق رايۇن، ئۇتتۇرا قىسمى كەلكۈن تىنما تۈزلەڭلىكى بۇلۇپ ئاساسى يىزا ئىگىلىك تىرىقچىلىق رايۇنى، غەرىبى شىمال قىسمى قۇملۇق تۈزلەڭلىك بۇلۇپ چۇڭ كۈلەمدە تەبىئى تۇغراق ۋە يۇلغۇنلار يىتىشكەن. پۈتۈن ناھىيىدە 1مىلىيۇن 600مۇ تىرىلغۇيەر (ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش تۈۋەنى 47-تۈۋەننىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ)، 239مىڭمۇ يايلاق بار، ناھىيىمىز چىگىرسىدە ئۇلۇغئاتا، دۇۋا، كوئىنلۇن تاغلىرىنىڭ تارماق تاغ تىزمىلىرى، 2دەريا، 14 ئۆستەڭ، 5سۇ بۇلاق بۇلۇپ، يەر يۈزى سۇ بايلىقى 1مىلىيارىت 218مىلىيۇن كوپمىتىر، ھاۋارايى ئىسسىق قۇرغاق. يىللىق ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرسى 11.3سىلسىيەگىرادۇس، 1-ئاينىڭ ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرسى نۈلدىن تۈۋەن 6.5سىلسىيەگىرادۇس، 7-ئاينىڭ ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرسى 24.8سىلسىيەگىرادۇس، ئەڭ تۈۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۈۋەن 18.7سىلسىيەگىرادۇس، يىللىق ئۇتتۇرچە ھۆل يىغىن مىقدارى 36.2 مىللىمېتىر، قىرۇۋسىز مەزگىل 177كۈن، ئەتىياز ياز پەسلىدە بۇران، چاڭ تۇزان كۆپ بۇلۇپ، كۈپىنچە غەرىبى شىمال ۋە غەرىپ شامىلى كۆپ چىقىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبتىن شىمالغا پەسىيىپ بارىدۇ. جەنۇبىي تاغلىق رايون، ئوتتۇرا قىسمى يەلپۈگسىمان تىنما تۈزلەڭلىك. شىمالىي قۇملۇق، تاغلىق رايون 8.6% نى، تۈزلەڭلىك 4.7% نى، قۇملۇق 86.7% نى ئىگىلەيدۇ. قاراقاش دەرياسى خوتەن ناھىيىسى بىلەن ئورتاق پايدىلىنىدىغان دەريادۇر. يەر ئۈستى بايلىقى 21 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 372 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋ چوشقا، ياۋا توشقان، تازقارا قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توغراق، يولغۇن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، قاشتېشى، ئالماس قاتارلىقلار بار. قاراقاش ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 12.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9℃. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. قاراقاش ناھىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 33 مىڭ 500 گېكتار (503 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 84 مىڭ 300 گېكتار (بىر مىليون 265 مىڭ مو) ئورمانلىق، 2700 گېكتار (40 مىڭ 500 مو) يايلاق بار. يەنە 10 مىڭ 900 گېكتار ( 163 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 79 مىڭ 500 گېكتار (بىر مىليون 193 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. قەغەز ياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىق دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. پىلچىلىكمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، پاختا چىقىرىش، يىپەك تارتىش، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدىرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەممىسىگە قاراماي ياتقۇزۇلغان. پروگراممىلىق تېلېفون تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.

ھاۋا كىلىماتى[تەھرىر]

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى مۇتىدىل، قۇرغاق، چۆللۈك ئىقلىمىغا تەۋە بۇلۇپ، تۆت پەسىل ئىنىق ئايرىلغان، ياز پەسلىدە قاتتىق ئىسسىق، قۇرغاق ھۆل يىغىن كەمچىل بۇلىدۇ، ئەتىياز پەسلىدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى ، كۈز پەسلىدە تېمپېراتۇرىنىڭ تۈۋەنلىشى تىز بۇلىدۇ، ھۆل يىغىن مىقدارى ئاز قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، قىراۋ چۈشۈش ۋاقتى ئاز، كۈندۈز كىچىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرىقى چۇڭ. يىللىق ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرا 11.3سىلسىيەگىرادۇس، 1-ئاينىڭ ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرسى نۈلدىن تۈۋەن 6.5سىلسىيەگىرادۇس، 7-ئاينىڭ ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرسى 24.8سىلسىيەگىرادۇس، ئەڭ تۈۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۈۋەن 18.7سىلسىيەگىرادۇس، يىللىق ئۇتتۇرچە ھۆل يىغىن مىقدارى 36-37 مىللىمېتىرغىچە، ھورلىنىش مىقدارى 2239 مىللىمىتىر، پۈتۈن بىر يىلدا قىراۋ چۈشۈش ۋاقتى ئاساسەن يۇقدىيەرلىك بۇلۇپ، 210كۈن ئەتىراپىدا چاڭ تۇزانلىق ھاۋارايى كۈرىلىدۇ، يىلدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2655 سائەتكە يىتىدۇ.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

قاراقاش ناھىيىسىدە 1 بازارلىق، 16 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار قاراقاش بازىرى، ئاقساراي يېزىسى، زاۋا يېزىسى، قاراساي يېزىسى، كۇيا يېزىسى، پۇچاقچى يېزىسى، تۇخۇلا يېزىسى، تۈۋەت يېزىسى، ئۇرچى يېزىسى، كاۋاك يېزىسى، قوچى يېزىسى، ياۋا يېزىسى، سايۋاغ يېزىسى، جاھانباغ يېزىسى، ماڭلاي يېزىسى، يېڭىيەر يېزىسى ۋە تۇزلۇقۇتاغ يېزىسى قاتارلىقلار.

  • 1)قاراقاش بازىرى

قاراقاش بازارى قاراقاش ناھىيسىنىڭ ئوتتۇرا شەرىق قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، شەرقى قىسمى قاراقاش دەرياسى ۋە خوتەن ناھىيسى بىلەن چىگىرلىنىدۇ؛ شىمال تەرىپى تۈۋەت يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇپ تەرەپى جاھانباغ يېزىسى، توخۇلا يېزىسى بىلەن چىگىرداش بۇلۇپ، غەرىپ تەرىپى ماڭلاي يېزىسى، پۇچاقچى يېزىسى بىلەن چىگىرداش. شەرقى ′43°79 ~′45°79، شىمالى′18°37 ~′15°37، ئومومى كۈلۈمى 34 كودىرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ كۈلۈمى 20251مو، كېشى بېشى تېرىلغۇ كۆلۈمى 0.56مو.

  • 2)پۇچاقچى يېزىسى

پۇچاقچى يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدە بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎6 كىلىدۇ، شەرقى قاراساي يېزىسى بىلەن ، جەنۇبى ماڭلەي يېزىسى، قاراقاش بازىرى بىلەن، شىمالى قوچى يېزىسى بىلەن، غەربى كۇيا يېزىسى بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 64كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 35مىڭ 597مو، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 1.19مو،

  • 3)تۈۋەت يېزىسى

تۈۋەت يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎9 كىلىدۇ، شەرقى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيىسى بىلەن ، جەنۇبى قاراقاش بازىرى بىلەن، شىمالى يېڭىيەر يېزىسى بىلەن، غەربى پۇچاقچى،قوچى يېزىسى ۋە 47-تۈۋەننىڭ 1-،2-لىيەنى بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 47كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 31مىڭ 974مو، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 1.44مو.

  • 4)يېڭىيەر يېزىسى

يېڭىيەر يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎12 كىلىدۇ، شەرقى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيىسى بىلەن ، جەنۇبى تۈۋەت يېزىسى بىلەن، شىمالى كاۋاك يېزىسى بىلەن، غەربى قوچى يېزىسى ۋە 47-تۈۋەننىڭ 1-،2-لىيەنى بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 74كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 21مىڭ 217مو، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 1.95مو.

  • 5)قاراساي يېزىسى

قاراساي يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎33 كىلىدۇ، شىمالى تەكلىماكان قۇملىقى ئارقىلىق ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسى بىلەن، شەرقى 47-تۈەن بىلەن، شەرقى جەنۇبى كۇيا، پۇچاقچى يېزىلىرى بىلەن، غەربى ياۋا يېزىسى بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 3902كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 58مىڭ 913مو، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 1.63مو.

  • 6)قوچى يېزىسى

قوچى يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎11 كىلىدۇ، شەرقى تۈۋەت يېزىسى،47-تۈەننىڭ 1-،2-لىيەنى، يېڭىيەر يېزىسى،كاۋاك يېزىسى بىلەن، شىمالى تەكلىماكان قۇملىقى ئارقىلىق ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسى بىلەن، غەربى پۇچاقچى،قاراساي، 47-تۈەن بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 2669كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 28مىڭ 688مو، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 1.21مو.

  • 7)كاۋاك يېزىسى

كاۋاك يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎54 كىلىدۇ، شەرقى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيىسى بىلەن ، جەنۇبى يېڭىيەر يېزىسى، بىلەن، شىمالى تەكلىماكان قۇملىقى ئارقىلىق ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسى بىلەن ، غەربى قوچى يېزىسى بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 12مىڭ373كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 23مىڭ 225مو، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 2.37مو.

  • 8)كۇيا يېزىسى

كۇيا يېزىسى قاراقاش ناھىيسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، يېزىلق ھۆكۈمەت كۇيا بازىرىغا جايلاشقان، ناھىيە بىلەن بولغان ئارلىقى 10 كىلومتىر، شەرقى ماڭلاي يېزىسى، پۇچاقچى يېزىسى بىلەن چىگىرلىنىدۇ؛ جەنۇپ تەرىپى ئاقساراي يېزىسى، زاۋا يېزىسى بىلەن قوشنا؛ غەرپ تەرىپى قاراساي ئۆستىڭى، ئۇرچى يېزىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ؛ شىمال تەرەپى قاراساي يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقى ′35°79 ~′39°79، شىمالى ′13°37 ~′21°37، يەر شەكلى جەنۇپ تەرىپى ئېگىز، شىمال تەرىپى تۈۋەن، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1311~1340مىتىر، ئومومىي كۈلىمى 75كۇۋادىرات كىلومىتىر، تېرىلغۇ كۈلىمى 47مىڭ 265مو، كىشى-بېشى ئىگەللەيدىغان تېرىلغۇ كۈلىمى 1.19مو.

  • 9)ماڭلاي يېزىسى

ماڭلاي يېزىسى قاراقاش ناھىيسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ناھىيە بازىرىدىن 5كىلومىتىر يىراقلىقتا، شەرقى قاراقاش بازارى، غەربىي كۇيا يېزىسى بىلەن يېقىن؛ شىمالى پۇچاقچى يېزىسى تۇتىشىدۇ؛ جەنۇبى توخۇلا يېزىسى، ئاقساراي يېزىسى بىلەن چىگىرلىنىدۇ. شەرقى ′43°79 ~′39°79، شىمالى ′18°37 ~′5°37، ئومومىي كۈلىمى24 كۇۋادىرات كىلومىتىر. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومومىي تېرىلغۇ كۈلىمى 19مىڭ 322مو، كىشى-بېشى ئوتتۇرچە تېرىلغۇ كۈلىمى 0.95مونى ئىگەللەيدۇ.

  • 10)سايۋاغ يېزىسى

ياۋا يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎25 كىلىدۇ، شەرقى قاراساي يېزىسى بىلەن، غەربى گۇما ناھىيىسى بىلەن ، شىمالى تەكلىماكان قۇملىقى ئارقىلىق ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسى بىلەن، غەربى شىمالى قەشقەرنىڭ مارالۋېشى ناھىيىسى بىلەن،جەنۇبى ئۇرچى يېزىسى بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 3332كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 48547مو،كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 1.65مو.

  • 11)جاھانباغ يېزىسى

جاھانباغ يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎9 كىلىدۇ، بازارلىق، توخۇلا، ئاقساراي بىلەن چىگرالىنىدۇ. شەرقى تەرىپى قاراقاش دەرياسىغا، جەنۇبىي قاراقۇرۇم تېغىنىڭ چۆللىكىچە تۇتىشىدۇ، ئومۇمى كۆلىمى 45.3كۆۋادىرات كېلومېتىر.جاھانباغ يېزىسى ئازاتلىقتىن ئىلگىرى داراسكال ۋە شەيدۇللا يېزىلىرىنى كۆرسىتەتتى. يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن 1956- يىلغىچە دۆڭ داراسكال، داراسكال، ئىششىقلا، ئىشتاچى، ئېلىشبېشى قاتارلىق يېزىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  • 12)ئاقساراي يېزىسى
  • 13)توخۇلا يېزىسى
  • 14)زاۋا يېزىسى
  • 15)ئۇرچى يېزىسى
  • 16)ياۋا يېزىسى
  • 17)تۇزلۇقۇتاغ يېزىسى(يېڭى تەسسىقلانغان يېزا)

ئىقتىساد[تەھرىر]

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ 2000-يىلدىن بېرى ناھايىتىمۇ تىز بولدى، 2000-يىلى قاراقاشنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى 561مىليۇن، 2004-يىلى 830مىليۇن، 2010-يىلى 1مىليارد 130مىليۇن بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان يىللىق ئوتتىرىچە كىرىم 3100 يۈەنگە يەتتى.قاراقاش ناھىيىسىنىڭ 2008-يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى 1مىلىيارت 355مىلىيۇن يىۋەن بۇلۇپ ئىشىش نىسپىتى %10.6 . بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى كەسىپتىن قىلىنغان كىرىم 651 مىلىيۇن يىۋەن، ئۇخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4: ئىككىنچى كەسىپتىن 211 مىلىيۇن يىۋەن كىرىم قىلىنىپ، ئۇخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.6: ئۈچىنچى كەسىپتىن قىلىنغان كىرىم 493 مىلىيۇن يىۋەن، ئۇخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان: پۈتۈن ناھىيىنىڭ باغ ئورمانچىلىق ئۇمۇمى كۈلۈمى 346800مۇ قۇتان قالدۇق سانى 1مىلىيۇن 79100 تۇياق، ئاشلىق ئومۇمى مەھسۇلاتى 243100 تۇننا، يىزىلارنىڭ كىشى بىشى ئۇتتۇرچە ساپ كىرىمى 1994.44 يىۋەنگە يەتتى.

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

قاراشنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ناھىيە بازىرى ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ھەيۋەتلىك، كۆركەم قۇرۇلۇشلار بارلىققا كەلدى. قاراقاش مىللىي سودا كوچىسى بۇنىڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىمارەتلەرنىڭ بىرى، بۇ قۇرۇلۇش ئالدى ئۆزىنىڭ مىللىي تۈسى بىلەن، ئۇنىڭدىن قالسا قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن داڭلىق. ئۇندىن باشقا قاراقاش گۈللۈك ئوتۇراق رايونى، قاراقاش سارىيى، ئۈمىد سودا شەھەرچىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارمۇ قاراقاشنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىغا پاكىت بولالايدۇ.

نوپۇس ئەھۋالى[تەھرىر]

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ 2008-يىلى يىل ئاخىرغىچە بۇلغان ئۇمۇمى نۇپۇسى 484700 (بىڭتىۋەن نۇپۇسىنىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ). ئاھالىسى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 472100 بۇلۇپ ئۇمۇمى نۇپۇسنىڭ %97.4 تىنى خەنزۇلار 12400بۇلۇپ %2.56 تىنى، باشقا مىللەتلەر %0.04 تىنى ئىگەللەيدۇ. قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى ئومۇمى نوپۇسى 520مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ %98.1نى ئىگەللەيدۇ، باشقا مىللەتلەر %1.9نى ئىگىلەيدۇ.

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ساياھەتچىلىكى خوتەن ۋىلايىتىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل شىنجاڭدا داڭلىق، ھەر يىلى نەچچە مىڭلىغان رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر بۇ قەدىمى جايغا ساياھەت ۋە تەكشۈرۈشكە كىلىدۇ. 2011-يىلى 7-ئايدا خوتەن قاشتېشى بايرىمى قاراقاش ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىچكىرى ئۆلكىلىك ۋە چەتئەلللىك ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كىلىپ بۇ دىياردىكى خەلقنىڭ ئۈزىگە خاس ئۆرپ-ئادىتىگە ۋە تۇرمۇشىغا يۇقىرى باھالارنى بەردى. قاراقاشنىڭ قەدىمى يادىكارلىقلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مازار تاغ قەدىمى قەلئەسى بىلەن شاھلىق بەگلىك قورۇقى ئۆزىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت قىممىتى بىلەن مەشھۇردۇر. قاراقاشنىڭ ساياھەتچىلىك بايلىقى مول. ناھىيە بازىرىدىن 19 كىلۇمىتىر كىلىدىغان شاخلىق قۇرۇسى19-ئەسىرنىڭ ئۇتتۇرلىرىدا سىلىنغان، تۇغرىسىغا بىر ئىرىق بۇلۇپ، قۇيۇق باراقسان مۇداپىئە ئورمان بەلۋىغى ۋە كەڭ تارالغان دېھقان ھۇيلا ئاراملىرى، پۇمىچىكنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلىرى-- تارىختىن بۇيانقى ئۈزگۈرۈشلەرنى، گۈللىنىش ۋە چۈشكۈنلىشىشلەرنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ، كىشلەرنىڭ سەيلى- ساياھەت قىلىپ ھۇزۇر ئىلىشىغا ئەرزىيدۇ، مۇئەييەن تارىخى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. ناھىيە بازىرىدىن 18 كىلۇمىتىر كىلىدىغان مىڭ يىللىق چىنار دەرىخى بۇلۇپ ئۇ تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بايلىقى، بۇ دەرەخنىڭ ئىگەللىگەن يەر كۈلىمى 914كىۋادىراتمىتىر بۇلۇپ، 7 ئادەمنىڭ قۇچىقىغا ئاران پاتىدۇ. ھازىر چىنار دەرىخىنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش ئەھۋالى ناھايتى ياخشى. مىڭ يىللىق چىنار دەرىخىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەمدە ئارچا، قەلەمپۇر، ياۋروپا دۇب دەرىخى، گېنال ئىرەن دەرىخى قاتارلىق مەنزىرە دەرەخلەردىن 40خىلدىن ئارتۇق يىتىشتۈرلۈپ، مۇقەددەس چىنار دەرەخ پادىشاھى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇلدى، ھازىر ساياھەتچىلەرنىڭ ھىيىت بايرام دەم ئىلىش كۈنلىرىدە تاماشا قىلىشدىكى ناھايتى ياخشى ئۇرۇن. ناھىيە بازىرىدىن 200 كىلۇمىتىر كىلىدىغان تۇزلۇقتاغ، ئورنى تەكلىماكان قۇملۇقىغا جايلاشقان، قىزىل ئاق 2 تاغ رۇشەن كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ، تاغدا قەدىمكى بۇتخانىنىڭ قۇرۇلۇش پارچىلىرى كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ،نىفىت گازىنى ئىچىش ئۈچۈن يۇللارغا ماي ياتقۇزۇلۇپ بۇلدى، قۇملۇق ساياھىتى، ئېكسپېدىتسىيە قىلىدىغانلار ئۈچۈن قۇلايلىق قاتناش شارائىتى يارىتىلغان بۇلۇپ، ئارخېئولوگىيە قىممىتىگە ئىگە ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي.

مائارىپ[تەھرىر]

ھازىر قاراقاش ناھىيىسىدە جەمئىي 24ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، 186 دانە باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمى سانى 90مىڭدىن ئاشىدۇ. قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ بولساناھىيە ئىچىدىكى ئوقۇتۇش سۈپىتى ئەڭ ياخشى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئەڭ كۈچلۈك، ئوقۇغۇچى سانى ئەڭ كۆپ بلغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ھەر يىلى بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى ۋىلايەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى