بۈگۈر ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
بۈگۈر ناھىيىسى

بۈگۈر ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. بۈگۈرنىڭ يەر مايدانى 14،189 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 90،000.

تارىخ[تەھرىرلەش]

بۈگۈر خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە قۇرۇلغان ئۇرمتاي دۆلىتىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۈسەن قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى قارمىقىدىكى ئوڭېرى ئايمىقىغا قارىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە <بۈگۈر> دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 12 - يىلى (1886 - يىلى) بۈگۈر مۇپەتتىشى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) بۈگۈر ناھىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو دەۋرىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قاراشەھەر باش ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1954 - يىلى كورلا ۋىلايىتىگە قارىغان. 1960 - يىلى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدىغان بولغان.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

بۈگۈر ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى كورلا شەھىرى بىلەن، غەربىي تەرىپى كۇچا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغ ئارقىلىق خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 136 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 110 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 13 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. بۈگۈر ناھىيىسىگە 2 بازار، 10 يېزا، 65 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىنىڭ 2 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 641 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 81 مىڭ 600، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 89.58% نى، خەنزۇلار 9.93% نى، باشقا مىللەتلەر 0.49% نى تەشكىل قىلىدۇ. يېرىنىڭ شىمال تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس، شىمال قسىمى تاغلىق، ئوتتۇرا قىسمى تۈزلەڭ بوستانلىق، جەنۇبىي قىسمى تىنما تارىم تۈزلەڭلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر 31.4% نى، تۈزلەڭلىك 38.6% نى تەشكىل قىلىدۇ. تارىم دەرياسى، دىنا دەرياسى، ياڭشا دەرياسى قاتارلىق دەريا ئېقىنلىرى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 64 مىليون 700 مىڭ كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 29 مىليون 200 مىڭ كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتلاrدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۇغۇر، ئارقار، قاراتايغان بۇغا، قۇملۇق توشقىنى، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن چۈچۈكبۇيا، كىرەش، قانتېپەر، چاكاندا، قارلەيلىسى قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، نېفىت، تۇ، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، گەج، چىرىمتال، خرۇستال، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بايقالدى. بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق ؟خاراكتېردىكى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.5℃. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 40.1℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 25.5℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 82.9 كۈن 30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2778.0 سائەت. 10℃ نىڭ يىغىلما تېمپېراتۇرىسى 4039.4℃؛ قىروسىز مەزگىلى 211 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 47.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2082.0 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىدە يېزا ئىگىلىك ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 11 مىڭ 800 گېكتار (177 مىڭ 300 مو) تېرىلغۇ يەر، 359 مىڭ 300 گېكتار (5 مىليون 390 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر، 99 مىڭ 100 گېكتار (1 مىليون 487 مىڭ مو) ئورمانلىق، 1 مىليون 100 گېكتار ( 15 مىليون 90 مىڭ مو) ئوتلاق بار. چارۋىدىن قوي، كالا، ئات، بۇغا ئاساس قىلىنىدۇ سانائەت جەھەتتە كۆمۈر، نېفىت، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپلىرى بار. بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. 314 - دۆلەت تاشيولى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى (ساۋخو يېزىسىدىن باشقا) ئاسفالىتلىشىپ بولدى. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. 

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

  • بۈگۈر بازىرى (轮台镇)
  • جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى (轮南镇)
  • چۇمباق بازىرى (群巴克镇)
  • يېڭىسار بازىرى (阳霞镇)
  • ئاقساراي يىزىسى (阿克萨来乡)
  • ئەشمە يېزىسى (野云沟乡)
  • تارلاق يىزىسى (塔尔拉克乡)
  • تېرەكبازار يېزىسى (铁热克巴扎乡)
  • سوخۇ يېزىسى (草湖乡)
  • قاراباغ يېزىسى (哈尔巴克乡)

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

بۈگۈر ناھىيىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
ئۇيغۇرلار
82.5%
خەنزۇلار
17.0%
خۇيزۇلار
0.3%
باشقا مىللەتلار
0.2%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [1]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن كۆيۈك شەھەر خارابىسى، زوكۈت قەدىمكى شەھەر، قارا دۆڭ قەلئەسى، كونا شەھەر قەلئەسى، ئاغىلىق قەلئەسى، لايسىز تۇراسى، قارايار تۇراسى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن تارىم دەرياسى كۆۋرۈكى، توغراقلىق باغچىسى، بۈگۈرنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى نېفىتلىك كىچىك رايونى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى


  1. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.